וַיֵּ֥שֶׁב יִשְׂרָאֵ֖ל בַּשִּׁטִּ֑ים וַיָּ֣חֶל הָעָ֔ם לִזְנ֖וֹת אֶל־בְּנ֥וֹת מוֹאָֽב׃ | 1 |
ئىسرائىللار شىتتىمدا تۇرغان مەزگىلدە، خەلق موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىشقا بېرىلىپ كەتتى. |
וַתִּקְרֶ֣אןָ לָעָ֔ם לְזִבְחֵ֖י אֱלֹהֵיהֶ֑ן וַיֹּ֣אכַל הָעָ֔ם וַיִּֽשְׁתַּחֲוּ֖וּ לֵֽאלֹהֵיהֶֽן׃ | 2 |
ئۇ قىزلار ئىسرائىللارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىقلارغا قاتنىشىشقا چاقىردى؛ [ئىسرائىللارمۇ] قۇربانلىقلاردىن يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىرلىكتە چوقۇنىدىغان بولدى. |
וַיִּצָּ֥מֶד יִשְׂרָאֵ֖ל לְבַ֣עַל פְּע֑וֹר וַיִּֽחַר־אַ֥ף יְהוָ֖ה בְּיִשְׂרָאֵֽל׃ | 3 |
ئىسرائىللار بائال-پېئور بىلەن ئەنە شۇ تەرىقىدە باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاچچىقى قوزغالدى. |
וַיֹּ֨אמֶר יְהוָ֜ה אֶל־מֹשֶׁ֗ה קַ֚ח אֶת־כָּל־רָאשֵׁ֣י הָעָ֔ם וְהוֹקַ֥ע אוֹתָ֛ם לַיהוָ֖ה נֶ֣גֶד הַשָּׁ֑מֶשׁ וְיָשֹׁ֛ב חֲר֥וֹן אַף־יְהוָ֖ה מִיִּשְׂרָאֵֽל׃ | 4 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ئىسرائىللارغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى مېنىڭ ئالدىمدا ئاپتاپتا ئېسىپ قويغىن، — دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר מֹשֶׁ֔ה אֶל־שֹׁפְטֵ֖י יִשְׂרָאֵ֑ל הִרְגוּ֙ אִ֣ישׁ אֲנָשָׁ֔יו הַנִּצְמָדִ֖ים לְבַ֥עַל פְּעֽוֹר׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىلنىڭ سوراقچىلىرىغا: — سىلەر بېرىپ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بائال-پېئور بىلەن باغلىنىپ كەتكەن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، — دېدى. |
וְהִנֵּ֡ה אִישׁ֩ מִבְּנֵ֨י יִשְׂרָאֵ֜ל בָּ֗א וַיַּקְרֵ֤ב אֶל־אֶחָיו֙ אֶת־הַמִּדְיָנִ֔ית לְעֵינֵ֣י מֹשֶׁ֔ה וּלְעֵינֵ֖י כָּל־עֲדַ֣ת בְּנֵי־יִשְׂרָאֵ֑ל וְהֵ֣מָּה בֹכִ֔ים פֶּ֖תַח אֹ֥הֶל מוֹעֵֽד׃ | 6 |
ۋە مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زار قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا، مانا ئىسرائىللاردىن بىرەيلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا مىدىيانىي بىر قىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى. |
וַיַּ֗רְא פִּֽינְחָס֙ בֶּן־אֶלְעָזָ֔ר בֶּֽן־אַהֲרֹ֖ן הַכֹּהֵ֑ן וַיָּ֙קָם֙ מִתּ֣וֹךְ הָֽעֵדָ֔ה וַיִּקַּ֥ח רֹ֖מַח בְּיָדֽוֹ׃ | 7 |
كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ، |
וַ֠יָּבֹא אַחַ֨ר אִֽישׁ־יִשְׂרָאֵ֜ל אֶל־הַקֻּבָּ֗ה וַיִּדְקֹר֙ אֶת־שְׁנֵיהֶ֔ם אֵ֚ת אִ֣ישׁ יִשְׂרָאֵ֔ל וְאֶת־הָאִשָּׁ֖ה אֶל־קֳבָתָ֑הּ וַתֵּֽעָצַר֙ הַמַּגֵּפָ֔ה מֵעַ֖ל בְּנֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 8 |
ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى. |
וַיִּהְי֕וּ הַמֵּתִ֖ים בַּמַּגֵּפָ֑ה אַרְבָּעָ֥ה וְעֶשְׂרִ֖ים אָֽלֶף׃ פ | 9 |
شۇ چاغدا ۋابا تېگىپ ئۆلگەنلەر جەمئىي يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەنىدى. |
וַיְדַבֵּ֥ר יְהוָ֖ה אֶל־מֹשֶׁ֥ה לֵּאמֹֽר׃ | 10 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — |
פִּֽינְחָ֨ס בֶּן־אֶלְעָזָ֜ר בֶּן־אַהֲרֹ֣ן הַכֹּהֵ֗ן הֵשִׁ֤יב אֶת־חֲמָתִי֙ מֵעַ֣ל בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵ֔ל בְּקַנְא֥וֹ אֶת־קִנְאָתִ֖י בְּתוֹכָ֑ם וְלֹא־כִלִּ֥יתִי אֶת־בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵ֖ל בְּקִנְאָתִֽי׃ | 11 |
— «كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس مېنى دەپ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمنى ئۆز ھەسىتى بىلىپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى ياندۇردى. شۇڭا گەرچە مەن ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ، ئىسرائىللارنى يوقىتىۋەتمىدىم. |
לָכֵ֖ן אֱמֹ֑ר הִנְנִ֨י נֹתֵ֥ן ל֛וֹ אֶת־בְּרִיתִ֖י שָׁלֽוֹם׃ | 12 |
شۇڭا سەن: — «مانا، مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئامان-خاتىرجەملىك ئەھدەمنى تەقدىم قىلىمەن! |
וְהָ֤יְתָה לּוֹ֙ וּלְזַרְע֣וֹ אַחֲרָ֔יו בְּרִ֖ית כְּהֻנַּ֣ת עוֹלָ֑ם תַּ֗חַת אֲשֶׁ֤ר קִנֵּא֙ לֵֽאלֹהָ֔יו וַיְכַפֵּ֖ר עַל־בְּנֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 13 |
بۇ [ئەھدە] ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن». |
וְשֵׁם֩ אִ֨ישׁ יִשְׂרָאֵ֜ל הַמֻּכֶּ֗ה אֲשֶׁ֤ר הֻכָּה֙ אֶת־הַמִּדְיָנִ֔ית זִמְרִ֖י בֶּן־סָל֑וּא נְשִׂ֥יא בֵֽית־אָ֖ב לַשִּׁמְעֹנִֽי׃ | 14 |
ئۆلتۈرۈلگەن يەنى ھېلىقى مىدىيانىي قىز بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى، شىمېئون قەبىلىسىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئەمىرى ئىدى. |
וְשֵׁ֨ם הָֽאִשָּׁ֧ה הַמֻּכָּ֛ה הַמִּדְיָנִ֖ית כָּזְבִּ֣י בַת־צ֑וּר רֹ֣אשׁ אֻמּ֥וֹת בֵּֽית־אָ֛ב בְּמִדְיָ֖ן הֽוּא׃ פ | 15 |
ئۆلتۈرۈلگەن مىدىيانىي قىزنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، زۇرنىڭ قىزى ئىدى؛ زۇر بولسا مىدىيانىي بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى. |
וַיְדַבֵּ֥ר יְהוָ֖ה אֶל־מֹשֶׁ֥ה לֵּאמֹֽר׃ | 16 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: — |
צָר֖וֹר אֶת־הַמִּדְיָנִ֑ים וְהִכִּיתֶ֖ם אוֹתָֽם׃ | 17 |
سەن مىدىيانىيلارغا ئارام بەرمەي زەربە بەرگىن؛ |
כִּ֣י צֹרְרִ֥ים הֵם֙ לָכֶ֔ם בְּנִכְלֵיהֶ֛ם אֲשֶׁר־נִכְּל֥וּ לָכֶ֖ם עַל־דְּבַר־פְּע֑וֹר וְעַל־דְּבַ֞ר כָּזְבִּ֨י בַת־נְשִׂ֤יא מִדְיָן֙ אֲחֹתָ֔ם הַמֻּכָּ֥ה בְיוֹם־הַמַּגֵּפָ֖ה עַל־דְּבַר־פְּעֽוֹר׃ | 18 |
چۈنكى ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرگە ئارام بەرمىگەن؛ پېئوردىكى ئىشتا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىڭلىسى بولغان مىدىياننىڭ بىر ئەمىرىنىڭ قىزى كوزبىنىڭ ئىشىدىمۇ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرنى ئازدۇرغان، — دېدى. كوزبى ۋابا تارقالغان كۈنىدە پېئوردىكى ئىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى. |