וַיִּקְח֣וּ בְנֵֽי־אַ֠הֲרֹן נָדָ֨ב וַאֲבִיה֜וּא אִ֣ישׁ מַחְתָּת֗וֹ וַיִּתְּנ֤וּ בָהֵן֙ אֵ֔שׁ וַיָּשִׂ֥ימוּ עָלֶ֖יהָ קְטֹ֑רֶת וַיַּקְרִ֜בוּ לִפְנֵ֤י יְהוָה֙ אֵ֣שׁ זָרָ֔ה אֲשֶׁ֧ר לֹ֦א צִוָּ֖ה אֹתָֽם׃ | 1 |
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىھۇ ئىككىسى ئۆز خۇشبۇيدېنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇپ باقمىغان غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ |
וַתֵּ֥צֵא אֵ֛שׁ מִלִּפְנֵ֥י יְהוָ֖ה וַתֹּ֣אכַל אוֹתָ֑ם וַיָּמֻ֖תוּ לִפְנֵ֥י יְהוָֽה׃ | 2 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ ئۇلارنى يەۋەتتى؛ شۇئان ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. |
וַיֹּ֨אמֶר מֹשֶׁ֜ה אֶֽל־אַהֲרֹ֗ן הוּא֩ אֲשֶׁר־דִּבֶּ֨ר יְהוָ֤ה ׀ לֵאמֹר֙ בִּקְרֹבַ֣י אֶקָּדֵ֔שׁ וְעַל־פְּנֵ֥י כָל־הָעָ֖ם אֶכָּבֵ֑ד וַיִּדֹּ֖ם אַהֲרֹֽן׃ | 3 |
مۇسا ھارۇنغا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «مەن ماڭا يېقىن كەلگەن ئادەملەردە ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن ۋە بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغلىنىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىدۇر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ھارۇن جىم تۇرۇپ قالدى. |
וַיִּקְרָ֣א מֹשֶׁ֗ה אֶל־מִֽישָׁאֵל֙ וְאֶ֣ל אֶלְצָפָ֔ן בְּנֵ֥י עֻזִּיאֵ֖ל דֹּ֣ד אַהֲרֹ֑ן וַיֹּ֣אמֶר אֲלֵהֶ֗ם קִ֠רְב֞וּ שְׂא֤וּ אֶת־אֲחֵיכֶם֙ מֵאֵ֣ת פְּנֵי־הַקֹּ֔דֶשׁ אֶל־מִח֖וּץ לַֽמַּחֲנֶֽה׃ | 4 |
مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان مىشائەل بىلەن ئەلزافاننى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر يېقىن كېلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن كۆتۈرۈپ، چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار» ــ دېدى. |
וַֽיִּקְרְב֗וּ וַיִּשָּׂאֻם֙ בְּכֻתֳּנֹתָ֔ם אֶל־מִח֖וּץ לַֽמַּחֲנֶ֑ה כַּאֲשֶׁ֖ר דִּבֶּ֥ר מֹשֶֽׁה׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن كېلىپ، ئۇلارنى كىيىكلىك كۆڭلەكلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقتى. |
וַיֹּ֣אמֶר מֹשֶׁ֣ה אֶֽל־אַהֲרֹ֡ן וּלְאֶלְעָזָר֩ וּלְאִֽיתָמָ֨ר ׀ בָּנָ֜יו רָֽאשֵׁיכֶ֥ם אַל־תִּפְרָ֣עוּ ׀ וּבִגְדֵיכֶ֤ם לֹֽא־תִפְרֹ֙מוּ֙ וְלֹ֣א תָמֻ֔תוּ וְעַ֥ל כָּל־הָעֵדָ֖ה יִקְצֹ֑ף וַאֲחֵיכֶם֙ כָּל־בֵּ֣ית יִשְׂרָאֵ֔ל יִבְכּוּ֙ אֶת־הַשְּׂרֵפָ֔ה אֲשֶׁ֖ר שָׂרַ֥ף יְהוָֽה׃ | 6 |
مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا: ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن. |
וּמִפֶּתַח֩ אֹ֨הֶל מוֹעֵ֜ד לֹ֤א תֵֽצְאוּ֙ פֶּן־תָּמֻ֔תוּ כִּי־שֶׁ֛מֶן מִשְׁחַ֥ת יְהוָ֖ה עֲלֵיכֶ֑ם וַֽיַּעֲשׂ֖וּ כִּדְבַ֥ר מֹשֶֽׁה׃ פ | 7 |
ئەمما سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش مېيى ئۈستۈڭلارغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، جامائەت چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار؛ بولمىسا ئۆلىسىلەر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. |
וַיְדַבֵּ֣ר יְהוָ֔ה אֶֽל־אַהֲרֹ֖ן לֵאמֹֽר׃ | 8 |
پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
יַ֣יִן וְשֵׁכָ֞ר אַל־תֵּ֣שְׁתְּ ׀ אַתָּ֣ה ׀ וּבָנֶ֣יךָ אִתָּ֗ךְ בְּבֹאֲכֶ֛ם אֶל־אֹ֥הֶל מוֹעֵ֖ד וְלֹ֣א תָמֻ֑תוּ חֻקַּ֥ת עוֹלָ֖ם לְדֹרֹתֵיכֶֽם׃ | 9 |
«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. |
וּֽלֲהַבְדִּ֔יל בֵּ֥ין הַקֹּ֖דֶשׁ וּבֵ֣ין הַחֹ֑ל וּבֵ֥ין הַטָּמֵ֖א וּבֵ֥ין הַטָּהֽוֹר׃ | 10 |
شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛ |
וּלְהוֹרֹ֖ת אֶת־בְּנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֑ל אֵ֚ת כָּל־הַ֣חֻקִּ֔ים אֲשֶׁ֨ר דִּבֶּ֧ר יְהוָ֛ה אֲלֵיהֶ֖ם בְּיַד־מֹשֶֽׁה׃ פ | 11 |
شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر». |
וַיְדַבֵּ֨ר מֹשֶׁ֜ה אֶֽל־אַהֲרֹ֗ן וְאֶ֣ל אֶ֠לְעָזָר וְאֶל־אִ֨יתָמָ֥ר ׀ בָּנָיו֮ הַנּֽוֹתָרִים֒ קְח֣וּ אֶת־הַמִּנְחָ֗ה הַנּוֹתֶ֙רֶת֙ מֵאִשֵּׁ֣י יְהוָ֔ה וְאִכְל֥וּהָ מַצּ֖וֹת אֵ֣צֶל הַמִּזְבֵּ֑חַ כִּ֛י קֹ֥דֶשׁ קָֽדָשִׁ֖ים הִֽוא׃ | 12 |
مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. |
וַאֲכַלְתֶּ֤ם אֹתָהּ֙ בְּמָק֣וֹם קָדֹ֔שׁ כִּ֣י חָקְךָ֤ וְחָק־בָּנֶ֙יךָ֙ הִ֔וא מֵאִשֵּׁ֖י יְהוָ֑ה כִּי־כֵ֖ן צֻוֵּֽיתִי׃ | 13 |
بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر. |
וְאֵת֩ חֲזֵ֨ה הַתְּנוּפָ֜ה וְאֵ֣ת ׀ שׁ֣וֹק הַתְּרוּמָ֗ה תֹּֽאכְלוּ֙ בְּמָק֣וֹם טָה֔וֹר אַתָּ֕ה וּבָנֶ֥יךָ וּבְנֹתֶ֖יךָ אִתָּ֑ךְ כִּֽי־חָקְךָ֤ וְחָק־בָּנֶ֙יךָ֙ נִתְּנ֔וּ מִזִּבְחֵ֥י שַׁלְמֵ֖י בְּנֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 14 |
ئۇنىڭدىن باشقا پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇتنى سەن ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىللە پاك بىر جايدا يەڭلار؛ چۈنكى بۇلار سېنىڭ نېسىۋەڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن. |
שׁ֣וֹק הַתְּרוּמָ֞ה וַחֲזֵ֣ה הַתְּנוּפָ֗ה עַ֣ל אִשֵּׁ֤י הַחֲלָבִים֙ יָבִ֔יאוּ לְהָנִ֥יף תְּנוּפָ֖ה לִפְנֵ֣י יְהוָ֑ה וְהָיָ֨ה לְךָ֜ וּלְבָנֶ֤יךָ אִתְּךָ֙ לְחָק־עוֹלָ֔ם כַּאֲשֶׁ֖ר צִוָּ֥ה יְהוָֽה׃ | 15 |
ئۇلار كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇت بىلەن پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆشنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان مايلىرى بىلەن قوشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىش ئۈچۈن كەلتۈرسۇن؛ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇلار سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ». |
וְאֵ֣ת ׀ שְׂעִ֣יר הַֽחַטָּ֗את דָּרֹ֥שׁ דָּרַ֛שׁ מֹשֶׁ֖ה וְהִנֵּ֣ה שֹׂרָ֑ף וַ֠יִּקְצֹף עַל־אֶלְעָזָ֤ר וְעַל־אִֽיתָמָר֙ בְּנֵ֣י אַהֲרֹ֔ן הַנּוֹתָרִ֖ם לֵאמֹֽר׃ | 16 |
ئاندىن مۇسا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىدىغان تېكىنى ئىزدىۋىدى، مانا ئۇ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلۈپ بولغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھارۇننىڭ تىرىك قالغان ئىككى ئوغلى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ: |
מַדּ֗וּעַ לֹֽא־אֲכַלְתֶּ֤ם אֶת־הַֽחַטָּאת֙ בִּמְק֣וֹם הַקֹּ֔דֶשׁ כִּ֛י קֹ֥דֶשׁ קָֽדָשִׁ֖ים הִ֑וא וְאֹתָ֣הּ ׀ נָתַ֣ן לָכֶ֗ם לָשֵׂאת֙ אֶת־עֲוֹ֣ן הָעֵדָ֔ה לְכַפֵּ֥ר עֲלֵיהֶ֖ם לִפְנֵ֥י יְהוָֽה׃ | 17 |
ــ نېمىشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا يېمىدىڭلار؟ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىناتتى، پەرۋەردىگار سىلەرنى جامائەتنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ، شۇنى سىلەرگە تەقسىم قىلغانىدى. |
הֵ֚ן לֹא־הוּבָ֣א אֶת־דָּמָ֔הּ אֶל־הַקֹּ֖דֶשׁ פְּנִ֑ימָה אָכ֨וֹל תֹּאכְל֥וּ אֹתָ֛הּ בַּקֹּ֖דֶשׁ כַּאֲשֶׁ֥ר צִוֵּֽיתִי׃ | 18 |
مانا، ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى؛ سىلەر ئەسلىدە مەن بۇيرۇغاندەك ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك ئىدى، ــ دېدى. |
וַיְדַבֵּ֨ר אַהֲרֹ֜ן אֶל־מֹשֶׁ֗ה הֵ֣ן הַ֠יּוֹם הִקְרִ֨יבוּ אֶת־חַטָּאתָ֤ם וְאֶת־עֹֽלָתָם֙ לִפְנֵ֣י יְהוָ֔ה וַתִּקְרֶ֥אנָה אֹתִ֖י כָּאֵ֑לֶּה וְאָכַ֤לְתִּי חַטָּאת֙ הַיּ֔וֹם הַיִּיטַ֖ב בְּעֵינֵ֥י יְהוָֽה׃ | 19 |
لېكىن ھارۇن مۇساغا: ــ مانا، بۇلار بۈگۈن [توغرا ئىش قىلىپ] ئۆزلىرىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇندى؛ مېنىڭ بېشىمغا شۇ ئىشلار كەلدى؛ ئەگەر مەن بۈگۈن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ [گۆشىنى] يېگەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئوبدان بولاتتىمۇ؟ ــ دېدى. |
וַיִּשְׁמַ֣ע מֹשֶׁ֔ה וַיִּיטַ֖ב בְּעֵינָֽיו׃ פ | 20 |
مۇسا بۇنى ئاڭلاپ جاۋابىدىن رازى بولدى. |