וַיִּקָּ֨הֲל֜וּ כָּל־עֲדַ֤ת בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל֙ שִׁלֹ֔ה וַיַּשְׁכִּ֥ינוּ שָׁ֖ם אֶת־אֹ֣הֶל מוֹעֵ֑ד וְהָאָ֥רֶץ נִכְבְּשָׁ֖ה לִפְנֵיהֶֽם׃ | 1 |
پۈتكۈل ئىسرائىللار جامائىتى شىلوھقا يىغىلىپ، ئۇ يەردە ئىبادەت چېدىرى تىكتى. گەرچە زېمىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، |
וַיִּוָּֽתְרוּ֙ בִּבְנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֔ל אֲשֶׁ֥ר לֹֽא־חָלְק֖וּ אֶת־נַֽחֲלָתָ֑ם שִׁבְעָ֖ה שְׁבָטִֽים׃ | 2 |
لېكىن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۆز مىراس ئۈلۈشى تېخى تەقسىم قىلىنمىغان يەتتە قەبىلە قالغانىدى. |
וַיֹּ֥אמֶר יְהוֹשֻׁ֖עַ אֶל־בְּנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֑ל עַד־אָ֙נָה֙ אַתֶּ֣ם מִתְרַפִּ֔ים לָבוֹא֙ לָרֶ֣שֶׁת אֶת־הָאָ֔רֶץ אֲשֶׁר֙ נָתַ֣ן לָכֶ֔ם יְהוָ֖ה אֱלֹהֵ֥י אֲבֽוֹתֵיכֶֽם׃ | 3 |
شۇڭا يەشۇئا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا ئېلىشقا سۇسلۇق قىلىپ قاچانغىچە كەينىگە سۈرىسىلەر؟ |
הָב֥וּ לָכֶ֛ם שְׁלֹשָׁ֥ה אֲנָשִׁ֖ים לַשָּׁ֑בֶט וְאֶשְׁלָחֵ֗ם וְיָקֻ֜מוּ וְיִֽתְהַלְּכ֥וּ בָאָ֛רֶץ וְיִכְתְּב֥וּ אוֹתָ֛הּ לְפִ֥י נַֽחֲלָתָ֖ם וְיָבֹ֥אוּ אֵלָֽי׃ | 4 |
سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەمنى تاللاڭلار؛ مەن ئۇلارنى قوزغىلىپ بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇنى ھەربىر قەبىلە ئۆز مىراس ئۈلۈشىگە مۇۋاپىق سىزىپ-خاتىرىلەشكە، ئاندىن قېشىمغا يېنىپ كېلىشكە ئەۋەتىمەن. |
וְהִֽתְחַלְּק֥וּ אֹתָ֖הּ לְשִׁבְעָ֣ה חֲלָקִ֑ים יְהוּדָ֞ה יַעֲמֹ֤ד עַל־גְּבוּלוֹ֙ מִנֶּ֔גֶב וּבֵ֥ית יוֹסֵ֛ף יַעַמְד֥וּ עַל־גְּבוּלָ֖ם מִצָּפֽוֹן׃ | 5 |
ئۇلار زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلسۇن؛ لېكىن يەھۇدا قەبىلىسى بولسا جەنۇبتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىمۇ شىمال تەرەپتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن. |
וְאַתֶּ֞ם תִּכְתְּב֤וּ אֶת־הָאָ֙רֶץ֙ שִׁבְעָ֣ה חֲלָקִ֔ים וַֽהֲבֵאתֶ֥ם אֵלַ֖י הֵ֑נָּה וְיָרִ֨יתִי לָכֶ֤ם גּוֹרָל֙ פֹּ֔ה לִפְנֵ֖י יְהוָ֥ה אֱלֹהֵֽינוּ׃ | 6 |
سىلەر زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، پاسىلىنى خاتىرىلەپ سىزىپ يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن. |
כִּ֠י אֵֽין־חֵ֤לֶק לַלְוִיִּם֙ בְּקִרְבְּכֶ֔ם כִּֽי־כְהֻנַּ֥ת יְהוָ֖ה נַחֲלָת֑וֹ וְגָ֡ד וּרְאוּבֵ֡ן וַחֲצִי֩ שֵׁ֨בֶט הַֽמְנַשֶּׁ֜ה לָקְח֣וּ נַחֲלָתָ֗ם מֵעֵ֤בֶר לַיַּרְדֵּן֙ מִזְרָ֔חָה אֲשֶׁר֙ נָתַ֣ן לָהֶ֔ם מֹשֶׁ֖ה עֶ֥בֶד יְהוָֽה׃ | 7 |
ئەمما لاۋىيلارنىڭ بولسا، ئاراڭلاردا ئۈلۈشى بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. گاد بىلەن رۇبەن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، شەرق تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى ئاللىقاچان ئالغاندۇر». |
וַיָּקֻ֥מוּ הָאֲנָשִׁ֖ים וַיֵּלֵ֑כוּ וַיְצַ֣ו יְהוֹשֻׁ֡עַ אֶת־הַהֹלְכִים֩ לִכְתֹּ֨ב אֶת־הָאָ֜רֶץ לֵאמֹ֗ר לְ֠כוּ וְהִתְהַלְּכ֨וּ בָאָ֜רֶץ וְכִתְב֤וּ אוֹתָהּ֙ וְשׁ֣וּבוּ אֵלַ֔י וּ֠פֹה אַשְׁלִ֨יךְ לָכֶ֥ם גּוֹרָ֛ל לִפְנֵ֥י יְהוָ֖ה בְּשִׁלֹֽה׃ | 8 |
[زېمىننى خاتىرىلەشكە بېكىتكەن] كىشىلەر قوزغىلىپ يولغا چىققاندا، يەشۇئا ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ مېنىڭ قېشىمغا يېنىپ كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن مۇشۇ يەردە، شىلوھنىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن، دېدى. |
וַיֵּלְכ֤וּ הָֽאֲנָשִׁים֙ וַיַּעַבְר֣וּ בָאָ֔רֶץ וַיִּכְתְּב֧וּהָ לֶֽעָרִ֛ים לְשִׁבְעָ֥ה חֲלָקִ֖ים עַל־סֵ֑פֶר וַיָּבֹ֧אוּ אֶל־יְהוֹשֻׁ֛עַ אֶל־הַֽמַּחֲנֶ֖ה שִׁלֹֽה׃ | 9 |
شۇنداق دېۋىدى، بۇ ئادەملەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ، شەھەرلەر بويىچە يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، خاتىرىگە سىزىپ، شىلوھدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى. |
וַיַּשְׁלֵךְ֩ לָהֶ֨ם יְהוֹשֻׁ֧עַ גּוֹרָ֛ל בְּשִׁלֹ֖ה לִפְנֵ֣י יְהוָ֑ה וַיְחַלֶּק־שָׁ֨ם יְהוֹשֻׁ֧עַ אֶת־הָאָ֛רֶץ לִבְנֵ֥י יִשְׂרָאֵ֖ל כְּמַחְלְקֹתָֽם׃ פ | 10 |
ئاندىن يەشۇئا شىلوھدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلىدى ۋە شۇ يەردە قەبىلە-جەمەتى بويىچە زېمىننى ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. |
וַיַּ֗עַל גּוֹרַ֛ל מַטֵּ֥ה בְנֵֽי־בִנְיָמִ֖ן לְמִשְׁפְּחֹתָ֑ם וַיֵּצֵא֙ גְּב֣וּל גּֽוֹרָלָ֔ם בֵּ֚ין בְּנֵ֣י יְהוּדָ֔ה וּבֵ֖ין בְּנֵ֥י יוֹסֵֽף׃ | 11 |
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تارتىلدى؛ ئۇلار چەك ئارقىلىق ئېرىشكەن زېمىن يەھۇدالار بىلەن يۈسۈپلەرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىكى يۇرت بولدى. |
וַיְהִ֨י לָהֶ֧ם הַגְּב֛וּל לִפְאַ֥ת צָפ֖וֹנָה מִן־הַיַּרְדֵּ֑ן וְעָלָ֣ה הַגְּבוּל֩ אֶל־כֶּ֨תֶף יְרִיח֜וֹ מִצָּפ֗וֹן וְעָלָ֤ה בָהָר֙ יָ֔מָּה וְהָיוּ֙ תֹּֽצְאֹתָ֔יו מִדְבַּ֖רָה בֵּ֥ית אָֽוֶן׃ | 12 |
ئۇلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلاپ، يېرىخونىڭ شىمال تەرىپىدىكى داۋاننى يانداپ، غەرب تەرىپىگە قاراپ تاغلىق يۇرتقا چىقىپ ۋە بەيت-ئاۋەننىڭ چۆلىگە تۇتىشاتتى؛ |
וְעָבַר֩ מִשָּׁ֨ם הַגְּב֜וּל ל֗וּזָה אֶל־כֶּ֤תֶף ל֙וּזָה֙ נֶ֔גְבָּה הִ֖יא בֵּֽית־אֵ֑ל וְיָרַ֤ד הַגְּבוּל֙ עַטְר֣וֹת אַדָּ֔ר עַל־הָהָ֕ר אֲשֶׁ֛ר מִנֶּ֥גֶב לְבֵית־חֹר֖וֹן תַּחְתּֽוֹן׃ | 13 |
ئاندىن لۇزغا چىقىپ، لۇز، يەنى بەيت-ئەلنىڭ جەنۇب تەرىپىنى يانداپ ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىدىكى تاغقا يېقىن ئاتاروت-ئاددارغا چۈشتى؛ |
וְתָאַ֣ר הַגְּבוּל֩ וְנָסַ֨ב לִפְאַת־יָ֜ם נֶ֗גְבָּה מִן־הָהָר֙ אֲשֶׁ֨ר עַל־פְּנֵ֥י בֵית־חֹרוֹן֮ נֶגְבָּה֒ וְהָי֣וּ תֹֽצְאֹתָ֗יו אֶל־קִרְיַת־בַּ֙עַל֙ הִ֚יא קִרְיַ֣ת יְעָרִ֔ים עִ֖יר בְּנֵ֣י יְהוּדָ֑ה זֹ֖את פְּאַת־יָֽם׃ | 14 |
چېگرا شۇ يەردىن ئۆتۈپ غەربتىن جەنۇبقا قايرىلىپ، بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغدىن يەھۇدالارنىڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا تۇتاشتى. بۇ غەرب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. |
וּפְאַת־נֶ֕גְבָּה מִקְצֵ֖ה קִרְיַ֣ת יְעָרִ֑ים וְיָצָ֤א הַגְּבוּל֙ יָ֔מָּה וְיָצָ֕א אֶל־מַעְיַ֖ן מֵ֥י נֶפְתּֽוֹחַ׃ | 15 |
جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى كىرىئات-يېئارىمنىڭ چېتىدىن باشلاپ غەرب تەرىپىگە مېڭىپ، نەفتوئاھتىكى سۇ مەنبەسىگە تۇتاشتى؛ |
וְיָרַ֨ד הַגְּב֜וּל אֶל־קְצֵ֣ה הָהָ֗ר אֲשֶׁר֙ עַל־פְּנֵי֙ גֵּ֣י בֶן־הִנֹּ֔ם אֲשֶׁ֛ר בְּעֵ֥מֶק רְפָאִ֖ים צָפ֑וֹנָה וְיָרַד֩ גֵּ֨י הִנֹּ֜ם אֶל־כֶּ֤תֶף הַיְבוּסִי֙ נֶ֔גְבָּה וְיָרַ֖ד עֵ֥ין רֹגֵֽל׃ | 16 |
چېگرا ئاندىن رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئاندىن ھىننومنىڭ جىلغىسى بىلەن يەنە چۈشۈپ، يەبۇسىيلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن مېڭىپ، ئاندىن ئەن-روگەل بۇلىقىغا يەتتى؛ |
וְתָאַ֣ר מִצָּפ֗וֹן וְיָצָא֙ עֵ֣ין שֶׁ֔מֶשׁ וְיָצָא֙ אֶל־גְּלִיל֔וֹת אֲשֶׁר־נֹ֖כַח מַעֲלֵ֣ה אֲדֻמִּ֑ים וְיָרַ֕ד אֶ֥בֶן בֹּ֖הַן בֶּן־רְאוּבֵֽן׃ | 17 |
ئاندىن شىمال تەرىپىگە قايرىلىپ ئەن-شەمەش بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، ئادۇللام داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گەلىلوتقا بېرىپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چۈشۈپ، |
וְעָבַ֛ר אֶל־כֶּ֥תֶף מוּל־הָֽעֲרָבָ֖ה צָפ֑וֹנָה וְיָרַ֖ד הָעֲרָבָֽתָה׃ | 18 |
ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشتى. |
וְעָבַ֨ר הַגְּב֜וּל אֶל־כֶּ֣תֶף בֵּית־חָגְלָה֮ צָפוֹנָה֒ וְהָי֣וּ תֹּצְא֣וֹת הַגְּב֗וּל אֶל־לְשׁ֤וֹן יָם־הַמֶּ֙לַח֙ צָפ֔וֹנָה אֶל־קְצֵ֥ה הַיַּרְדֵּ֖ן נֶ֑גְבָּה זֶ֖ה גְּב֥וּל נֶֽגֶב׃ | 19 |
ئاندىن چېگرا شىمال تەرىپىگە چىقىپ بەيت-ھوگلاھنىڭ داۋىنىغا تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدا، يەنى شور دېڭىزىنىڭ شىمالىي قولتۇقىدا ئاخىرلاشتى. بۇ جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. |
וְהַיַּרְדֵּ֥ן יִגְבֹּל־אֹת֖וֹ לִפְאַת־קֵ֑דְמָה זֹ֡את נַחֲלַת֩ בְּנֵ֨י בִנְיָמִ֧ן לִגְבֽוּלֹתֶ֛יהָ סָבִ֖יב לְמִשְׁפְּחֹתָֽם׃ | 20 |
شەرق چېگرىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ بىنيامىنلارنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، ئۇلارغا جەمەت-ئائىلىرى بويىچە توختىتىلغان مىراس زېمىنىنىڭ چېگرىسى شۇ ئىدى. |
וְהָי֣וּ הֶֽעָרִ֗ים לְמַטֵּ֛ה בְּנֵ֥י בִנְיָמִ֖ן לְמִשְׁפְּחֽוֹתֵיהֶ֑ם יְרִיח֥וֹ וּבֵית־חָגְלָ֖ה וְעֵ֥מֶק קְצִֽיץ׃ | 21 |
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن شەھەرلەر بولسا تۆۋەندىكىلەردۇر: ــ يېرىخو، بەيت-ھوگلاھ، ئېمەك-كەزىز، |
וּבֵ֧ית הָֽעֲרָבָ֛ה וּצְמָרַ֖יִם וּבֵֽית־אֵֽל׃ | 22 |
بەيت-ئاراباھ، زەمارايىم، بەيت-ئەل، |
וְהָעַוִּ֥ים וְהַפָּרָ֖ה וְעָפְרָֽה׃ | 23 |
ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ، |
וּכְפַ֧ר הָֽעַמֹּנָ֛ה וְהָֽעָפְנִ֖י וָגָ֑בַע עָרִ֥ים שְׁתֵּים־עֶשְׂרֵ֖ה וְחַצְרֵיהֶֽן׃ | 24 |
كەفار-ھائاموناي، ئوفنى ۋە گېبا بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى؛ |
גִּבְע֥וֹן וְהָֽרָמָ֖ה וּבְאֵרֽוֹת׃ | 25 |
بۇنىڭدىن باشقا گىبېئون، راماھ، بەئەروت، |
וְהַמִּצְפֶּ֥ה וְהַכְּפִירָ֖ה וְהַמֹּצָֽה׃ | 26 |
مىزپاھ، كەفىراھ، موزاھ، |
וְרֶ֥קֶם וְיִרְפְּאֵ֖ל וְתַרְאֲלָֽה׃ | 27 |
رەكەم، ئىرپەئەل، تارالاھ، |
וְצֵלַ֡ע הָאֶ֜לֶף וְהַיְבוּסִ֨י הִ֤יא יְרֽוּשָׁלִַ֙ם֙ גִּבְעַ֣ת קִרְיַ֔ת עָרִ֥ים אַרְבַּֽע־עֶשְׂרֵ֖ה וְחַצְרֵיהֶ֑ן זֹ֛את נַֽחֲלַ֥ת בְּנֵֽי־בִנְיָמִ֖ן לְמִשְׁפְּחֹתָֽם׃ פ | 28 |
زەلاھ، ھا-ئەلەف، يەبۇسى (يەنى يېرۇسالېم)، گىبېئاھ ۋە كىرىئات بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇ بولسا بىنيامىنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. |