< אִיּוֹב 32 >

וַֽיִּשְׁבְּת֡וּ שְׁלֹ֤שֶׁת הָאֲנָשִׁ֣ים הָ֭אֵלֶּה מֵעֲנ֣וֹת אֶת־אִיּ֑וֹב כִּ֤י ה֖וּא צַדִּ֣יק בְּעֵינָֽיו׃ פ 1
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئايۇپقا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ قارىشىدا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدى.
וַיִּ֤חַר אַ֨ף ׀ אֱלִיה֣וּא בֶן־בַּרַכְאֵ֣ל הַבּוּזִי֮ מִמִּשְׁפַּ֪חַ֫ת רָ֥ם בְּ֭אִיּוֹב חָרָ֣ה אַפּ֑וֹ עַֽל־צַדְּק֥וֹ נַ֝פְשׁ֗וֹ מֵאֱלֹהִֽים׃ 2
ئاندىن بۇزىلىق رامنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئىسىملىك يىگىتنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپقا قارىتا قوزغالدى، چۈنكى ئۇ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى توغرا ھېسابلىغانىدى؛
וּבִשְׁלֹ֣שֶׁת רֵעָיו֮ חָרָ֪ה אַ֫פּ֥וֹ עַ֤ל אֲשֶׁ֣ר לֹא־מָצְא֣וּ מַעֲנֶ֑ה וַ֝יַּרְשִׁ֗יעוּ אֶת־אִיּֽוֹב׃ 3
ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىرىغىمۇ قارىتىلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بەرگۈدەك سۆز تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەنىدى.
וֶֽאֱלִיה֗וּ חִכָּ֣ה אֶת־אִ֭יּוֹב בִּדְבָרִ֑ים כִּ֤י זְֽקֵנִים־הֵ֖מָּה מִמֶּ֣נּוּ לְיָמִֽים׃ 4
بىراق ئېلىخۇ بولسا ئايۇپقا جاۋاب بېرىشنى كۈتكەنىدى، چۈنكى بۇ تۆتەيلەننىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئۆزىدىن كۆپ ئىدى.
וַיַּ֤רְא אֱלִיה֗וּא כִּ֘י אֵ֤ין מַעֲנֶ֗ה בְּ֭פִי שְׁלֹ֥שֶׁת הָאֲנָשִׁ֗ים וַיִּ֥חַר אַפּֽוֹ׃ פ 5
ئېلىخۇ بۇ ئۈچ دوستنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق جاۋابى يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى.
וַיַּ֤עַן ׀ אֱלִיה֖וּא בֶן־בַּֽרַכְאֵ֥ל הַבּוּזִ֗י וַיֹּ֫אמַ֥ר צָ֘עִ֤יר אֲנִ֣י לְ֭יָמִים וְאַתֶּ֣ם יְשִׁישִׁ֑ים עַל־כֵּ֖ן זָחַ֥לְתִּי וָֽאִירָ֓א ׀ מֵחַוֹּ֖ת דֵּעִ֣י אֶתְכֶֽם׃ 6
شۇنىڭ بىلەن بۇزىلىق باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئېغىز ئېچىپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ياش، سىلەر بولساڭلار ياشانغانسىلەر؛ شۇنداق بولغاچقا مەن تارتىنىپ، بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە ئايان قىلىشتىن قورقۇپ كەلدىم.
אָ֭מַרְתִּי יָמִ֣ים יְדַבֵּ֑רוּ וְרֹ֥ב שָׁ֝נִ֗ים יֹדִ֥יעוּ חָכְמָֽה׃ 7
مەن: «يېشى چوڭ بولغانلار [ئاۋۋال] سۆزلىشى كېرەك؛ يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قارايتتىم؛
אָ֭כֵן רֽוּחַ־הִ֣יא בֶאֱנ֑וֹשׁ וְנִשְׁמַ֖ת שַׁדַּ֣י תְּבִינֵֽם׃ 8
بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ.
לֹֽא־רַבִּ֥ים יֶחְכָּ֑מוּ וּ֝זְקֵנִ֗ים יָבִ֥ינוּ מִשְׁפָּֽט׃ 9
لېكىن چوڭلارنىڭ دانا بولۇشى ناتايىن؛ قېرىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقارالىشىمۇ ناتايىن.
לָכֵ֣ן אָ֭מַרְתִּי שִׁמְעָה־לִּ֑י אֲחַוֶּ֖ה דֵּעִ֣י אַף־אָֽנִי׃ 10
شۇڭا مەن: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» دەيمەن، مەنمۇ ئۆز بىلگىنىمنى بايان ئەيلەي.
הֵ֤ן הוֹחַ֨לְתִּי לְֽדִבְרֵיכֶ֗ם אָ֭זִין עַד־תְּב֥וּנֹֽתֵיכֶ֑ם עַֽד־תַּחְקְר֥וּן מִלִּֽין׃ 11
مانا، سىلەر توغرا سۆزلەرنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭلاردا، مەن سۆزلىرىڭلارنى كۈتكەنمەن؛ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارغا قۇلاق سالاتتىم؛
וְעָֽדֵיכֶ֗ם אֶתְבּ֫וֹנָ֥ן וְהִנֵּ֤ה אֵ֣ין לְאִיּ֣וֹב מוֹכִ֑יחַ עוֹנֶ֖ה אֲמָרָ֣יו מִכֶּֽם׃ 12
شۇنداق، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن قۇلاق سالدىم؛ بىراق سىلەردىن ھېچقايسىڭلار ئايۇپقا رەددىيە بەرمىدىڭلار، ھېچقايسىڭلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلاركى،
פֶּן־תֹּ֣֭אמְרוּ מָצָ֣אנוּ חָכְמָ֑ה אֵ֖ל יִדְּפֶ֣נּוּ לֹא־אִֽישׁ׃ 13
سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر؛ ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ.
וְלֹא־עָרַ֣ךְ אֵלַ֣י מִלִּ֑ין וּ֝בְאִמְרֵיכֶ֗ם לֹ֣א אֲשִׁיבֶֽנּוּ׃ 14
ئۇنىڭ جەڭگە تىزىلغان ھۇجۇم سۆزلىرى ماڭا قارىتىلغان ئەمەس؛ ھەم مەن بولسام سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن
חַ֭תּוּ לֹא־עָ֣נוּ ע֑וֹד הֶעְתִּ֖יקוּ מֵהֶ֣ם מִלִּֽים׃ 15
(بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، قايتا جاۋاب بېرىشمىدى؛ ھەممە سۆز ئۇلاردىن ئۇچۇپ كەتتى.
וְ֭הוֹחַלְתִּי כִּי־לֹ֣א יְדַבֵּ֑רוּ כִּ֥י עָ֝מְד֗וּ לֹא־עָ֥נוּ עֽוֹד׃ 16
مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلمىدى، بەلكى جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى)؛
אַעֲנֶ֣ה אַף־אֲנִ֣י חֶלְקִ֑י אֲחַוֶּ֖ה דֵעִ֣י אַף־אָֽנִי׃ 17
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىدە مەن جاۋاب بېرەي، مەنمۇ بىلگىنىمنى كۆرسىتىپ بېرەي.
כִּ֭י מָלֵ֣תִי מִלִּ֑ים הֱ֝צִיקַ֗תְנִי ר֣וּחַ בִּטְנִֽי׃ 18
چۈنكى دەيدىغان سۆزلىرىم لىق تولدى؛ ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى؛
הִנֵּֽה־בִטְנִ֗י כְּיַ֥יִן לֹא־יִפָּתֵ֑חַ כְּאֹב֥וֹת חֲ֝דָשִׁ֗ים יִבָּקֵֽעַ׃ 19
مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشايدۇ؛ يېڭى شاراب تۇلۇملىرى پارتلاپ كېتىدىغاندەك پارتلايدىغان بولدى.
אֲדַבְּרָ֥ה וְיִֽרְוַֽח־לִ֑י אֶפְתַּ֖ח שְׂפָתַ֣י וְאֶֽעֱנֶֽה׃ 20
شۇڭا مەن سۆز قىلىپ ئىچىمنى بوشىتاي؛ مەن لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي.
אַל־נָ֭א אֶשָּׂ֣א פְנֵי־אִ֑ישׁ וְאֶל־אָ֝דָ֗ם לֹ֣א אֲכַנֶּֽה׃ 21
مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن؛ ۋە ياكى ھېچ ئادەمگە خۇشامەت قىلمايمەن.
כִּ֤י לֹ֣א יָדַ֣עְתִּי אֲכַנֶּ֑ה כִּ֝מְעַ֗ט יִשָּׂאֵ֥נִי עֹשֵֽׂנִי׃ 22
مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ».

< אִיּוֹב 32 >