וַיֹּ֤אמֶר יְהוָה֙ אֵלַ֔י אִם־יַעֲמֹ֨ד מֹשֶׁ֤ה וּשְׁמוּאֵל֙ לְפָנַ֔י אֵ֥ין נַפְשִׁ֖י אֶל־הָעָ֣ם הַזֶּ֑ה שַׁלַּ֥ח מֵֽעַל־פָּנַ֖י וְיֵצֵֽאוּ׃ | 1 |
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل [پەيغەمبەرلەر] ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن! |
וְהָיָ֛ה כִּֽי־יֹאמְר֥וּ אֵלֶ֖יךָ אָ֣נָה נֵצֵ֑א וְאָמַרְתָּ֨ אֲלֵיהֶ֜ם כֹּֽה־אָמַ֣ר יְהוָ֗ה אֲשֶׁ֨ר לַמָּ֤וֶת לַמָּ֙וֶת֙ וַאֲשֶׁ֤ר לַחֶ֙רֶב֙ לַחֶ֔רֶב וַאֲשֶׁ֤ר לָֽרָעָב֙ לָֽרָעָ֔ב וַאֲשֶׁ֥ר לַשְּׁבִ֖י לַשֶּֽׁבִי׃ | 2 |
ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن. |
וּפָקַדְתִּ֨י עֲלֵיהֶ֜ם אַרְבַּ֤ע מִשְׁפָּחוֹת֙ נְאֻם־יְהוָ֔ה אֶת־הַחֶ֣רֶב לַֽהֲרֹ֔ג וְאֶת־הַכְּלָבִ֖ים לִסְחֹ֑ב וְאֶת־ע֧וֹף הַשָּׁמַ֛יִם וְאֶת־בֶּהֱמַ֥ת הָאָ֖רֶץ לֶאֱכֹ֥ל וּלְהַשְׁחִֽית׃ | 3 |
چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛ |
וּנְתַתִּ֣ים לְזַֽעֲוָ֔ה לְכֹ֖ל מַמְלְכ֣וֹת הָאָ֑רֶץ בִּ֠גְלַל מְנַשֶּׁ֤ה בֶן־יְחִזְקִיָּ֙הוּ֙ מֶ֣לֶךְ יְהוּדָ֔ה עַ֥ל אֲשֶׁר־עָשָׂ֖ה בִּירוּשָׁלִָֽם׃ | 4 |
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن. |
כִּ֠י מִֽי־יַחְמֹ֤ל עָלַ֙יִךְ֙ יְר֣וּשָׁלִַ֔ם וּמִ֖י יָנ֣וּד לָ֑ךְ וּמִ֣י יָס֔וּר לִשְׁאֹ֥ל לְשָׁלֹ֖ם לָֽךְ׃ | 5 |
چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟ |
אַ֣תְּ נָטַ֥שְׁתְּ אֹתִ֛י נְאֻם־יְהוָ֖ה אָח֣וֹר תֵּלֵ֑כִי וָאַ֨ט אֶת־יָדִ֤י עָלַ֙יִךְ֙ וָֽאַשְׁחִיתֵ֔ךְ נִלְאֵ֖יתִי הִנָּחֵֽם׃ | 6 |
سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن [ساڭا] ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم. |
וָאֶזְרֵ֥ם בְּמִזְרֶ֖ה בְּשַׁעֲרֵ֣י הָאָ֑רֶץ שִׁכַּ֤לְתִּי אִבַּ֙דְתִּי֙ אֶת־עַמִּ֔י מִדַּרְכֵיהֶ֖ם לוֹא־שָֽׁבוּ׃ | 7 |
شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى. |
עָֽצְמוּ־לִ֤י אַלְמְנֹתָיו֙ מֵח֣וֹל יַמִּ֔ים הֵבֵ֨אתִי לָהֶ֥ם עַל־אֵ֛ם בָּח֖וּר שֹׁדֵ֣ד בַּֽצָּהֳרָ֑יִם הִפַּ֤לְתִּי עָלֶ֙יהָ֙ פִּתְאֹ֔ם עִ֖יר וּבֶהָלֽוֹת׃ | 8 |
كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن. |
אֻמְלְלָ֞ה יֹלֶ֣דֶת הַשִּׁבְעָ֗ה נָפְחָ֥ה נַפְשָׁ֛הּ בָּ֥א שִׁמְשָׁ֛הּ בְּעֹ֥ד יוֹמָ֖ם בּ֣וֹשָׁה וְחָפֵ֑רָה וּשְׁאֵֽרִיתָ֗ם לַחֶ֧רֶב אֶתֵּ֛ן לִפְנֵ֥י אֹיְבֵיהֶ֖ם נְאֻם־יְהוָֽה׃ ס | 9 |
يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز [مەغرىپكە] پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
אֽוֹי־לִ֣י אִמִּ֔י כִּ֣י יְלִדְתִּ֗נִי אִ֥ישׁ רִ֛יב וְאִ֥ישׁ מָד֖וֹן לְכָל־הָאָ֑רֶץ לֹֽא־נָשִׁ֥יתִי וְלֹא־נָֽשׁוּ־בִ֖י כֻּלֹּ֥ה מְקַלְלַֽונִי׃ ס | 10 |
ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ! |
אָמַ֣ר יְהוָ֔ה אִם־לֹ֥א שֵֽׁרִיתִ֖יךָ לְט֑וֹב אִם־ל֣וֹא ׀ הִפְגַּ֣עְתִּֽי בְךָ֗ בְּעֵ֥ת־רָעָ֛ה וּבְעֵ֥ת צָרָ֖ה אֶת־הָאֹיֵֽב׃ | 11 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن. |
הֲיָרֹ֨עַ בַּרְזֶ֧ל ׀ בַּרְזֶ֛ל מִצָּפ֖וֹן וּנְחֹֽשֶׁת׃ | 12 |
تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟ |
חֵילְךָ֧ וְאוֹצְרוֹתֶ֛יךָ לָבַ֥ז אֶתֵּ֖ן לֹ֣א בִמְחִ֑יר וּבְכָל־חַטֹּאותֶ֖יךָ וּבְכָל־גְּבוּלֶֽיךָ׃ | 13 |
بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛ |
וְהַֽעֲבַרְתִּי֙ אֶת־אֹ֣יְבֶ֔יךָ בְּאֶ֖רֶץ לֹ֣א יָדָ֑עְתָּ כִּֽי־אֵ֛שׁ קָדְחָ֥ה בְאַפִּ֖י עֲלֵיכֶ֥ם תּוּקָֽד׃ ס | 14 |
مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ. |
אַתָּ֧ה יָדַ֣עְתָּ יְהוָ֗ה זָכְרֵ֤נִי וּפָקְדֵ֙נִי֙ וְהִנָּ֤קֶם לִי֙ מֵרֹ֣דְפַ֔י אַל־לְאֶ֥רֶךְ אַפְּךָ֖ תִּקָּחֵ֑נִי דַּ֕ע שְׂאֵתִ֥י עָלֶ֖יךָ חֶרְפָּֽה׃ | 15 |
ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن. |
נִמְצְא֤וּ דְבָרֶ֙יךָ֙ וָאֹ֣כְלֵ֔ם וַיְהִ֤י דְבָֽרְךָ֙ לִ֔י לְשָׂשׂ֖וֹן וּלְשִׂמְחַ֣ת לְבָבִ֑י כִּֽי־נִקְרָ֤א שִׁמְךָ֙ עָלַ֔י יְהוָ֖ה אֱלֹהֵ֥י צְבָאֽוֹת׃ ס | 16 |
سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا! |
לֹֽא־יָשַׁ֥בְתִּי בְסוֹד־מְשַׂחֲקִ֖ים וָֽאֶעְלֹ֑ז מִפְּנֵ֤י יָֽדְךָ֙ בָּדָ֣ד יָשַׁ֔בְתִּי כִּֽי־זַ֖עַם מִלֵּאתָֽנִי׃ ס | 17 |
مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى [ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن] قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ. |
לָ֣מָּה הָיָ֤ה כְאֵבִי֙ נֶ֔צַח וּמַכָּתִ֖י אֲנוּשָׁ֑ה֙ מֵֽאֲנָה֙ הֵֽרָפֵ֔א הָי֨וֹ תִֽהְיֶ֥ה לִי֙ כְּמ֣וֹ אַכְזָ֔ב מַ֖יִם לֹ֥א נֶאֱמָֽנוּ׃ ס | 18 |
مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟ |
לָכֵ֞ן כֹּֽה־אָמַ֣ר יְהוָ֗ה אִם־תָּשׁ֤וּב וַאֲשִֽׁיבְךָ֙ לְפָנַ֣י תַּֽעֲמֹ֔ד וְאִם־תּוֹצִ֥יא יָקָ֛ר מִזּוֹלֵ֖ל כְּפִ֣י תִֽהְיֶ֑ה יָשֻׁ֤בוּ הֵ֙מָּה֙ אֵלֶ֔יךָ וְאַתָּ֖ה לֹֽא־תָשׁ֥וּב אֲלֵיהֶֽם׃ | 19 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك [سۆزلەر] بىلەن ئەرزىمەس [سۆزلەرنى] پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛ |
וּנְתַתִּ֜יךָ לָעָ֣ם הַזֶּ֗ה לְחוֹמַ֤ת נְחֹ֙שֶׁת֙ בְּצוּרָ֔ה וְנִלְחֲמ֥וּ אֵלֶ֖יךָ וְלֹא־י֣וּכְלוּ לָ֑ךְ כִּֽי־אִתְּךָ֥ אֲנִ֛י לְהוֹשִֽׁיעֲךָ֥ וּלְהַצִּילֶ֖ךָ נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 20 |
ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
וְהִצַּלְתִּ֖יךָ מִיַּ֣ד רָעִ֑ים וּפְדִתִ֖יךָ מִכַּ֥ף עָרִצִֽים׃ פ | 21 |
ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن. |