שִׁמְע֣וּ אֶת־הַדָּבָ֗ר אֲשֶׁ֨ר דִּבֶּ֧ר יְהוָ֛ה עֲלֵיכֶ֖ם בֵּ֥ית יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ |
כֹּ֣ה ׀ אָמַ֣ר יְהוָ֗ה אֶל־דֶּ֤רֶךְ הַגּוֹיִם֙ אַל־תִּלְמָ֔דוּ וּמֵאֹת֥וֹת הַשָּׁמַ֖יִם אַל־תֵּחָ֑תּוּ כִּֽי־יֵחַ֥תּוּ הַגּוֹיִ֖ם מֵהֵֽמָּה׃ | 2 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار. |
כִּֽי־חֻקּ֥וֹת הָֽעַמִּ֖ים הֶ֣בֶל ה֑וּא כִּֽי־עֵץ֙ מִיַּ֣עַר כְּרָת֔וֹ מַעֲשֵׂ֥ה יְדֵ֥י־חָרָ֖שׁ בַּֽמַּעֲצָֽד׃ | 3 |
چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر. |
בְּכֶ֥סֶף וּבְזָהָ֖ב יְיַפֵּ֑הוּ בְּמַסְמְר֧וֹת וּבְמַקָּב֛וֹת יְחַזְּק֖וּם וְל֥וֹא יָפִֽיק׃ | 4 |
ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. |
כְּתֹ֨מֶר מִקְשָׁ֥ה הֵ֙מָּה֙ וְלֹ֣א יְדַבֵּ֔רוּ נָשׂ֥וֹא יִנָּשׂ֖וּא כִּ֣י לֹ֣א יִצְעָ֑דוּ אַל־תִּֽירְא֤וּ מֵהֶם֙ כִּי־לֹ֣א יָרֵ֔עוּ וְגַם־הֵיטֵ֖יב אֵ֥ין אוֹתָֽם׃ ס | 5 |
بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ. |
מֵאֵ֥ין כָּמ֖וֹךָ יְהוָ֑ה גָּד֥וֹל אַתָּ֛ה וְגָד֥וֹל שִׁמְךָ֖ בִּגְבוּרָֽה׃ | 6 |
ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر. |
מִ֣י לֹ֤א יִֽרָאֲךָ֙ מֶ֣לֶךְ הַגּוֹיִ֔ם כִּ֥י לְךָ֖ יָאָ֑תָה כִּ֣י בְכָל־חַכְמֵ֧י הַגּוֹיִ֛ם וּבְכָל־מַלְכוּתָ֖ם מֵאֵ֥ין כָּמֽוֹךָ׃ | 7 |
كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر. |
וּבְאַחַ֖ת יִבְעֲר֣וּ וְיִכְסָ֑לוּ מוּסַ֥ר הֲבָלִ֖ים עֵ֥ץ הֽוּא׃ | 8 |
[ئەللەرنىڭ] ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ |
כֶּ֣סֶף מְרֻקָּ֞ע מִתַּרְשִׁ֣ישׁ יוּבָ֗א וְזָהָב֙ מֵֽאוּפָ֔ז מַעֲשֵׂ֥ה חָרָ֖שׁ וִידֵ֣י צוֹרֵ֑ף תְּכֵ֤לֶת וְאַרְגָּמָן֙ לְבוּשָׁ֔ם מַעֲשֵׂ֥ה חֲכָמִ֖ים כֻּלָּֽם׃ | 9 |
سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر! |
וַֽיהוָ֤ה אֱלֹהִים֙ אֱמֶ֔ת הֽוּא־אֱלֹהִ֥ים חַיִּ֖ים וּמֶ֣לֶךְ עוֹלָ֑ם מִקִּצְפּוֹ֙ תִּרְעַ֣שׁ הָאָ֔רֶץ וְלֹֽא־יָכִ֥לוּ גוֹיִ֖ם זַעְמֽוֹ׃ ס | 10 |
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. |
כִּדְנָה֙ תֵּאמְר֣וּן לְה֔וֹם אֱלָ֣הַיָּ֔א דִּֽי־שְׁמַיָּ֥א וְאַרְקָ֖א לָ֣א עֲבַ֑דוּ יֵאבַ֧דוּ מֵֽאַרְעָ֛א וּמִן־תְּח֥וֹת שְׁמַיָּ֖א אֵֽלֶּה׃ ס | 11 |
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!». |
עֹשֵׂ֥ה אֶ֙רֶץ֙ בְּכֹח֔וֹ מֵכִ֥ין תֵּבֵ֖ל בְּחָכְמָת֑וֹ וּבִתְבוּנָת֖וֹ נָטָ֥ה שָׁמָֽיִם׃ | 12 |
[پەرۋەردىگار بولسا] يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر. |
לְק֨וֹל תִּתּ֜וֹ הֲמ֥וֹן מַ֙יִם֙ בַּשָּׁמַ֔יִם וַיַּעֲלֶ֥ה נְשִׂאִ֖ים מִקְצֵ֣ה הָאָ֑רֶץ בְּרָקִ֤ים לַמָּטָר֙ עָשָׂ֔ה וַיּ֥וֹצֵא ר֖וּחַ מֵאֹצְרֹתָֽיו׃ | 13 |
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، ۋە شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. |
נִבְעַ֤ר כָּל־אָדָם֙ מִדַּ֔עַת הֹבִ֥ישׁ כָּל־צוֹרֵ֖ף מִפָּ֑סֶל כִּ֛י שֶׁ֥קֶר נִסְכּ֖וֹ וְלֹא־ר֥וּחַ בָּֽם׃ | 14 |
مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. |
הֶ֣בֶל הֵ֔מָּה מַעֲשֵׂ֖ה תַּעְתֻּעִ֑ים בְּעֵ֥ת פְּקֻדָּתָ֖ם יֹאבֵֽדוּ׃ | 15 |
ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. |
לֹֽא־כְאֵ֜לֶּה חֵ֣לֶק יַעֲקֹ֗ב כִּֽי־יוֹצֵ֤ר הַכֹּל֙ ה֔וּא וְיִ֨שְׂרָאֵ֔ל שֵׁ֖בֶט נַֽחֲלָת֑וֹ יְהוָ֥ה צְבָא֖וֹת שְׁמֽוֹ׃ ס | 16 |
ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر، چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ئىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. |
אִסְפִּ֥י מֵאֶ֖רֶץ כִּנְעָתֵ֑ךְ יֹשֶׁ֖בֶת בַּמָּצֽוֹר׃ ס | 17 |
زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛ |
כִּֽי־כֹה֙ אָמַ֣ר יְהוָ֔ה הִנְנִ֥י קוֹלֵ֛עַ אֶת־יוֹשְׁבֵ֥י הָאָ֖רֶץ בַּפַּ֣עַם הַזֹּ֑את וַהֲצֵר֥וֹתִי לָהֶ֖ם לְמַ֥עַן יִמְצָֽאוּ׃ ס | 18 |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!». |
א֥וֹי לִי֙ עַל־שִׁבְרִ֔י נַחְלָ֖ה מַכָּתִ֑י וַאֲנִ֣י אָמַ֔רְתִּי אַ֛ךְ זֶ֥ה חֳלִ֖י וְאֶשָּׂאֶֽנּוּ׃ | 19 |
جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن. |
אָהֳלִ֣י שֻׁדָּ֔ד וְכָל־מֵיתָרַ֖י נִתָּ֑קוּ בָּנַ֤י יְצָאֻ֙נִי֙ וְאֵינָ֔ם אֵין־נֹטֶ֥ה עוֹד֙ אָהֳלִ֔י וּמֵקִ֖ים יְרִיעוֹתָֽי׃ | 20 |
مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى. |
כִּ֤י נִבְעֲרוּ֙ הָֽרֹעִ֔ים וְאֶת־יְהוָ֖ה לֹ֣א דָרָ֑שׁוּ עַל־כֵּן֙ לֹ֣א הִשְׂכִּ֔ילוּ וְכָל־מַרְעִיתָ֖ם נָפֽוֹצָה׃ ס | 21 |
چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى. |
ק֤וֹל שְׁמוּעָה֙ הִנֵּ֣ה בָאָ֔ה וְרַ֥עַשׁ גָּד֖וֹל מֵאֶ֣רֶץ צָפ֑וֹן לָשׂ֞וּם אֶת־עָרֵ֧י יְהוּדָ֛ה שְׁמָמָ֖ה מְע֥וֹן תַּנִּֽים׃ ס | 22 |
ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! |
יָדַ֣עְתִּי יְהוָ֔ה כִּ֛י לֹ֥א לָאָדָ֖ם דַּרְכּ֑וֹ לֹֽא־לְאִ֣ישׁ הֹלֵ֔ךְ וְהָכִ֖ין אֶֽת־צַעֲדֽוֹ׃ | 23 |
بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛ |
יַסְּרֵ֥נִי יְהוָ֖ה אַךְ־בְּמִשְׁפָּ֑ט אַל־בְּאַפְּךָ֖ פֶּן־תַּמְעִטֵֽנִי׃ | 24 |
پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن. |
שְׁפֹ֣ךְ חֲמָתְךָ֗ עַל־הַגּוֹיִם֙ אֲשֶׁ֣ר לֹֽא־יְדָע֔וּךָ וְעַל֙ מִשְׁפָּח֔וֹת אֲשֶׁ֥ר בְּשִׁמְךָ֖ לֹ֣א קָרָ֑אוּ כִּֽי־אָכְל֣וּ אֶֽת־יַעֲקֹ֗ב וַאֲכָלֻ֙הוּ֙ וַיְכַלֻּ֔הוּ וְאֶת־נָוֵ֖הוּ הֵשַֽׁמּוּ׃ פ | 25 |
قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان. |