< יְשַׁעְיָהוּ 59 >

הֵ֛ן לֹֽא־קָצְרָ֥ה יַד־יְהוָ֖ה מֵֽהוֹשִׁ֑יעַ וְלֹא־כָבְדָ֥ה אָזְנ֖וֹ מִשְּׁמֽוֹעַ׃ 1
ــ قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس؛ ياكى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغۇدەك ئېغىر بولۇپ قالغان ئەمەس؛
כִּ֤י אִם־עֲוֹנֹֽתֵיכֶם֙ הָי֣וּ מַבְדִּלִ֔ים בֵּינֵכֶ֕ם לְבֵ֖ין אֱלֹֽהֵיכֶ֑ם וְחַטֹּֽאותֵיכֶ֗ם הִסְתִּ֧ירוּ פָנִ֛ים מִכֶּ֖ם מִשְּׁמֽוֹעַ׃ 2
بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى.
כִּ֤י כַפֵּיכֶם֙ נְגֹאֲל֣וּ בַדָּ֔ם וְאֶצְבְּעוֹתֵיכֶ֖ם בֶּֽעָוֹ֑ן שִׂפְתֽוֹתֵיכֶם֙ דִּבְּרוּ־שֶׁ֔קֶר לְשׁוֹנְכֶ֖ם עַוְלָ֥ה תֶהְגֶּֽה׃ 3
چۈنكى قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار قەبىھلىك بىلەن مىلەنگەن، لەۋلىرىڭلار يالغان گەپ ئېيتقان، تىلىڭلار كالدىرلاپ قېرىشىپ سۆزلىگەن؛
אֵין־קֹרֵ֣א בְצֶ֔דֶק וְאֵ֥ין נִשְׁפָּ֖ט בֶּאֱמוּנָ֑ה בָּט֤וֹחַ עַל־תֹּ֙הוּ֙ וְדַבֶּר־שָׁ֔וְא הָר֥וֹ עָמָ֖ל וְהוֹלֵ֥יד אָֽוֶן׃ 4
ھەققانىيلىق تەرەپتە سۆزلىگۈچى يوقتۇر، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىدىغان ھۆكۈم سورىغۇچى يوقتۇر؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىگە تايىنىپ، ئالدامچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكىسى زىيانداش، ئۇلارنىڭ تۇغۇۋاتقىنى قەبىھلىك؛
בֵּיצֵ֤י צִפְעוֹנִי֙ בִּקֵּ֔עוּ וְקוּרֵ֥י עַכָּבִ֖ישׁ יֶאֱרֹ֑גוּ הָאֹכֵ֤ל מִבֵּֽיצֵיהֶם֙ יָמ֔וּת וְהַזּוּרֶ֖ה תִּבָּקַ֥ע אֶפְעֶֽה׃ 5
ئۇلار چار يىلاننىڭ تۇخۇملىرىنى تۆرەلدۈرىدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى تورلايدۇ، كىم ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى يېسە ئۆلىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى چېقىلسا زەھەرلىك يىلان چىقىدۇ.
קֽוּרֵיהֶם֙ לֹא־יִהְי֣וּ לְבֶ֔גֶד וְלֹ֥א יִתְכַּסּ֖וּ בְּמַֽעֲשֵׂיהֶ֑ם מַֽעֲשֵׂיהֶם֙ מַֽעֲשֵׂי־אָ֔וֶן וּפֹ֥עַל חָמָ֖ס בְּכַפֵּיהֶֽם׃ 6
ئۇلارنىڭ تورلىرى كىيىم بولالمايدۇ؛ ئۆزلىرى ئىشلىگەنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ياپالمايدۇ؛ ئىشلىگەنلىرى بولسا قەبىھ ئىشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قولىدا زوراۋانلىق تۇرىدۇ؛
רַגְלֵיהֶם֙ לָרַ֣ע יָרֻ֔צוּ וִֽימַהֲר֔וּ לִשְׁפֹּ֖ךְ דָּ֣ם נָקִ֑י מַחְשְׁבֽוֹתֵיהֶם֙ מַחְשְׁב֣וֹת אָ֔וֶן שֹׁ֥ד וָשֶׁ֖בֶר בִּמְסִלּוֹתָֽם׃ 7
قەدەملىرى يامانلىق تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، گۇناھسىز قاننى تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىرى قەبىھلىك توغرىسىدىكى ئويلاردۇر؛ بارغانلا يەردە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت تېپىلىدۇ.
דֶּ֤רֶךְ שָׁלוֹם֙ לֹ֣א יָדָ֔עוּ וְאֵ֥ין מִשְׁפָּ֖ט בְּמַעְגְּלוֹתָ֑ם נְתִיבֽוֹתֵיהֶם֙ עִקְּשׁ֣וּ לָהֶ֔ם כֹּ֚ל דֹּרֵ֣ךְ בָּ֔הּ לֹ֥א יָדַ֖ע שָׁלֽוֹם׃ 8
تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇمايدۇ؛ يۈرۈشلىرىدە ھېچ ھەقىقەت-ئادالەت يوقتۇر؛ ئۇلار يوللىرىنى ئەگرى-توقاي قىلىۋالدى؛ كىم بۇلاردا ماڭغان بولسا تىنچ-ئاراملىقنى كۆرمەيدۇ.
עַל־כֵּ֗ן רָחַ֤ק מִשְׁפָּט֙ מִמֶּ֔נּוּ וְלֹ֥א תַשִּׂיגֵ֖נוּ צְדָקָ֑ה נְקַוֶּ֤ה לָאוֹר֙ וְהִנֵּה־חֹ֔שֶׁךְ לִנְגֹה֖וֹת בָּאֲפֵל֥וֹת נְהַלֵּֽךְ׃ 9
ــ شۇڭا ھەقىقەت-ئادالەت بىزدىن يىراق تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق يېتىپ بىزنى چۈمكىگەن ئەمەس؛ نۇرنى كۈتىمىز، بىراق يەنىلا قاراڭغۇلۇق! بىرلا غىل-پال پارلىغان يورۇقلۇقنىمۇ كۈتىمىز، يەنىلا زۇلمەتتە ماڭىمىز.
נְגַֽשְׁשָׁ֤ה כַֽעִוְרִים֙ קִ֔יר וּכְאֵ֥ין עֵינַ֖יִם נְגַשֵּׁ֑שָׁה כָּשַׁ֤לְנוּ בַֽצָּהֳרַ֙יִם֙ כַּנֶּ֔שֶׁף בָּאַשְׁמַנִּ֖ים כַּמֵּתִֽים׃ 10
قارىغۇلاردەك بىز تامنى سىلاشتۇرۇپ ئىزدەيمىز، كۆزسىز بولغاندەك سىلاشتۇرىمىز؛ گۇگۇمدا تۇرغاندەك چۈشتىمۇ پۇتلىشىپ كېتىمىز، چەت ياقىلاردا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز.
נֶהֱמֶ֤ה כַדֻּבִּים֙ כֻּלָּ֔נוּ וְכַיּוֹנִ֖ים הָגֹ֣ה נֶהְגֶּ֑ה נְקַוֶּ֤ה לַמִּשְׁפָּט֙ וָאַ֔יִן לִֽישׁוּעָ֖ה רָחֲקָ֥ה מִמֶּֽנּוּ׃ 11
ئېيىقلاردەك نەرە تارتىمىز، پاختەكلەردەك قاتتىق ئاھ ئۇرىمىز؛ بىز ھۆكۈم-ھەقىقەتنى كۈتۈپ قارايمىز، بىراق ئۇ يوق؛ نىجات-قۇتۇلۇشنى كۈتىمىز، بىراق ئۇ بىزدىن يىراقتۇر؛
כִּֽי־רַבּ֤וּ פְשָׁעֵ֙ינוּ֙ נֶגְדֶּ֔ךָ וְחַטֹּאותֵ֖ינוּ עָ֣נְתָה בָּ֑נוּ כִּֽי־פְשָׁעֵ֣ינוּ אִתָּ֔נוּ וַעֲוֹנֹתֵ֖ינוּ יְדַֽעֲנֽוּם׃ 12
چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئالدىڭدا كۆپىيىپ كەتتى، گۇناھلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ھەردائىم بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قەبىھلىكلىرىمىز بولسا، بىزگە روشەندۇر: ــ
פָּשֹׁ֤עַ וְכַחֵשׁ֙ בַּֽיהוָ֔ה וְנָס֖וֹג מֵאַחַ֣ר אֱלֹהֵ֑ינוּ דַּבֶּר־עֹ֣שֶׁק וְסָרָ֔ה הֹר֧וֹ וְהֹג֛וֹ מִלֵּ֖ב דִּבְרֵי־שָֽׁקֶר׃ 13
چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلماقتىمىز، ۋاپاسىزلىق قىلماقتىمىز، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەكتىمىز، زۇلۇمنى ھەم ئاسىيلىقنى تەرغىپ قىلماقتىمىز، يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، ئىچ-ئىچىمىزدىن سۆزلىمەكتىمىز؛
וְהֻסַּ֤ג אָחוֹר֙ מִשְׁפָּ֔ט וּצְדָקָ֖ה מֵרָח֣וֹק תַּעֲמֹ֑ד כִּֽי־כָשְׁלָ֤ה בָֽרְחוֹב֙ אֱמֶ֔ת וּנְכֹחָ֖ה לֹא־תוּכַ֥ל לָבֽוֹא׃ 14
ئادالەت-خالىسلىق بولسا يولدىن يېنىپ كەتتى؛ ھەققانىيلىق يىراقتا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەقىقەت كوچىدا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ دۇرۇس-دىيانەتنىڭمۇ كىرگۈدەك يېرى يوقتۇر.
וַתְּהִ֤י הָֽאֱמֶת֙ נֶעְדֶּ֔רֶת וְסָ֥ר מֵרָ֖ע מִשְׁתּוֹלֵ֑ל וַיַּ֧רְא יְהוָ֛ה וַיֵּ֥רַע בְּעֵינָ֖יו כִּֽי־אֵ֥ין מִשְׁפָּֽט׃ 15
شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت يوقاي دەپ قالدى؛ ئۆزۈمنى يامانلىقتىن نېرى قىلاي دېگەن ئادەم خەقنىڭ ئولجا نىشانى بولۇپ قالدى!
וַיַּרְא֙ כִּֽי־אֵ֣ין אִ֔ישׁ וַיִּשְׁתּוֹמֵ֖ם כִּ֣י אֵ֣ין מַפְגִּ֑יעַ וַתּ֤וֹשַֽׁע לוֹ֙ זְרֹע֔וֹ וְצִדְקָת֖וֹ הִ֥יא סְמָכָֽתְהוּ׃ 16
ھەم پەرۋەردىگار كۆردى؛ ھۆكۈم-ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يامان بىلىندى. ۋە ئۇ [ئامال قىلغۇدەك] بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى؛ [گۇناھكارلارغا] ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلغۇچى ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ كۆڭلى پاراكەندە بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز بىلىكى ئۆزىگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۇنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى ئۆزىنى قوللاپ چىداملىق قىلدى؛
וַיִּלְבַּ֤שׁ צְדָקָה֙ כַּשִּׁרְיָ֔ן וְכ֥וֹבַע יְשׁוּעָ֖ה בְּרֹאשׁ֑וֹ וַיִּלְבַּ֞שׁ בִּגְדֵ֤י נָקָם֙ תִּלְבֹּ֔שֶׁת וַיַּ֥עַט כַּמְעִ֖יל קִנְאָֽה׃ 17
ئۇ ھەققانىيلىقنى قالقان-ساۋۇت قىلدى، بېشىغا نىجاتلىق دۇبۇلغىسىنى كىيدى؛ قىساس لىباسىنى كىيىم قىلدى، مۇھەببەتلىك قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيدى.
כְּעַ֤ל גְּמֻלוֹת֙ כְּעַ֣ל יְשַׁלֵּ֔ם חֵמָ֣ה לְצָרָ֔יו גְּמ֖וּל לְאֹֽיְבָ֑יו לָאִיִּ֖ים גְּמ֥וּל יְשַׁלֵּֽם׃ 18
ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرى بويىچە، ئۇ ئۇلارغا قايتۇرىدۇ؛ رەقىبلىرىگە قەھر چۈشۈرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ، چەت ئاراللاردىكىلەرگىمۇ ئۇ ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ.
וְיִֽירְא֤וּ מִֽמַּעֲרָב֙ אֶת־שֵׁ֣ם יְהוָ֔ה וּמִמִּזְרַח־שֶׁ֖מֶשׁ אֶת־כְּבוֹד֑וֹ כִּֽי־יָב֤וֹא כַנָּהָר֙ צָ֔ר ר֥וּחַ יְהוָ֖ה נֹ֥סְסָה בֽוֹ׃ 19
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛
וּבָ֤א לְצִיּוֹן֙ גּוֹאֵ֔ל וּלְשָׁבֵ֥י פֶ֖שַׁע בְּיַֽעֲקֹ֑ב נְאֻ֖ם יְהוָֽה׃ 20
شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
וַאֲנִ֗י זֹ֣את בְּרִיתִ֤י אוֹתָם֙ אָמַ֣ר יְהוָ֔ה רוּחִי֙ אֲשֶׁ֣ר עָלֶ֔יךָ וּדְבָרַ֖י אֲשֶׁר־שַׂ֣מְתִּי בְּפִ֑יךָ לֹֽא־יָמ֡וּשׁוּ מִפִּיךָ֩ וּמִפִּ֨י זַרְעֲךָ֜ וּמִפִּ֨י זֶ֤רַע זַרְעֲךָ֙ אָמַ֣ר יְהוָ֔ה מֵעַתָּ֖ה וְעַד־עוֹלָֽם׃ ס 21
مەن بولسام، مانا، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئەھدەم شۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم، شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا قۇيغان سۆز-كالامىم بولسا، بۇنىڭدىن باشلاپ ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆز ئاغزىڭدىن، نەسلىڭنىڭ ئاغزىدىن ياكى نەسلىڭنىڭ نەسلىنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< יְשַׁעְיָהוּ 59 >