שִׁמְע֥וּ אֵלַ֛י רֹ֥דְפֵי צֶ֖דֶק מְבַקְשֵׁ֣י יְהוָ֑ה הַבִּ֙יטוּ֙ אֶל־צ֣וּר חֻצַּבְתֶּ֔ם וְאֶל־מַקֶּ֥בֶת בּ֖וֹר נֻקַּרְתֶּֽם׃ | 1 |
«ئى ھەققانىيلىققا ئىنتىلگۈچىلەر، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ سىلەرنى يونۇپ چىقارغان تاشقا، سىلەرنى كولاپ چىقارغان ئورەككە نەزەر سېلىڭلار؛ |
הַבִּ֙יטוּ֙ אֶל־אַבְרָהָ֣ם אֲבִיכֶ֔ם וְאֶל־שָׂרָ֖ה תְּחוֹלֶלְכֶ֑ם כִּי־אֶחָ֣ד קְרָאתִ֔יו וַאֲבָרְכֵ֖הוּ וְאַרְבֵּֽהוּ׃ ס | 2 |
ئاتاڭلار ئىبراھىمغا، سىلەرنى تۇغۇپ بەرگەن ساراھقا نەزەر سېلىڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇنى يالغۇز چېغىدا چاقىردىم، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدىم، ھەم ئۇنى ئاۋۇندۇردۇم. |
כִּֽי־נִחַ֨ם יְהוָ֜ה צִיּ֗וֹן נִחַם֙ כָּל־חָרְבֹתֶ֔יהָ וַיָּ֤שֶׂם מִדְבָּרָהּ֙ כְּעֵ֔דֶן וְעַרְבָתָ֖הּ כְּגַן־יְהוָ֑ה שָׂשׂ֤וֹן וְשִׂמְחָה֙ יִמָּ֣צֵא בָ֔הּ תּוֹדָ֖ה וְק֥וֹל זִמְרָֽה׃ ס | 3 |
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئونغا تەسەللى بەرمەي قويمايدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق خارابە يەرلىرىگە چوقۇم تەسەللى بېرىدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ جاڭگاللىرىنى ئېرەن باغچىسىدەك، ئۇنىڭ چۆل-باياۋانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ بېغىدەك قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەم شاد-خۇراملىق، رەھمەتلەر ھەم ناخشا ئاۋازلىرى تېپىلىدۇ. |
הַקְשִׁ֤יבוּ אֵלַי֙ עַמִּ֔י וּלְאוּמִּ֖י אֵלַ֣י הַאֲזִ֑ינוּ כִּ֤י תוֹרָה֙ מֵאִתִּ֣י תֵצֵ֔א וּמִשְׁפָּטִ֔י לְא֥וֹר עַמִּ֖ים אַרְגִּֽיעַ׃ | 4 |
مېنىڭ خەلقىم، گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئۆز ئېلىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى مەندىن بىر قانۇن-تەلىم كېلىدۇ، ۋە مەن ھۆكۈم-ھەقىقىتىمنى ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن بىر نۇر قىلىپ تىكلەيمەن. |
קָר֤וֹב צִדְקִי֙ יָצָ֣א יִשְׁעִ֔י וּזְרֹעַ֖י עַמִּ֣ים יִשְׁפֹּ֑טוּ אֵלַי֙ אִיִּ֣ים יְקַוּ֔וּ וְאֶל־זְרֹעִ֖י יְיַחֵלֽוּן׃ | 5 |
مېنىڭ ھەققانىيلىقىم سىلەرگە يېقىن، مېنىڭ نىجاتىم يولغا چىقتى؛ مېنىڭ بىلەكلىرىم ئەل-يۇرتلارغا ھۆكۈم-ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئاراللار مېنى كۈتۈپ ئۇمىد باغلايدۇ، ئۇلار مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىدۇ. |
שְׂאוּ֩ לַשָּׁמַ֨יִם עֵֽינֵיכֶ֜ם וְֽהַבִּ֧יטוּ אֶל־הָאָ֣רֶץ מִתַּ֗חַת כִּֽי־שָׁמַ֜יִם כֶּעָשָׁ֤ן נִמְלָ֙חוּ֙ וְהָאָ֙רֶץ֙ כַּבֶּ֣גֶד תִּבְלֶ֔ה וְיֹשְׁבֶ֖יהָ כְּמוֹ־כֵ֣ן יְמוּת֑וּן וִישֽׁוּעָתִי֙ לְעוֹלָ֣ם תִּֽהְיֶ֔ה וְצִדְקָתִ֖י לֹ֥א תֵחָֽת׃ ס | 6 |
بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا، ئاستىڭلاردا تۇرغان يەر-زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار؛ چۈنكى ئاسمانلار ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولىدۇ، يەر-زېمىن بولسا بىر تال كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ؛ بىراق نىجاتىم بولسا ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ ھەققانىيلىقىم ھەرگىز يانجىلمايدۇ. |
שִׁמְע֤וּ אֵלַי֙ יֹ֣דְעֵי צֶ֔דֶק עַ֖ם תּוֹרָתִ֣י בְלִבָּ֑ם אַל־תִּֽירְאוּ֙ חֶרְפַּ֣ת אֱנ֔וֹשׁ וּמִגִּדֻּפֹתָ֖ם אַל־תֵּחָֽתּוּ׃ | 7 |
ئى ھەققانىيلىقىمنى بىلگەنلەر، كۆڭلىگە قانۇن-تەلىمىمنى پۈككەن خەلق، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ ئىنسانلارنىڭ ھاقارەتلىرىدىن قورقماڭلار، ئۇلاردىكى كۇپۇرلۇق ۋە غالجىرلاشلاردىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمەڭلار؛ |
כִּ֤י כַבֶּ֙גֶד֙ יֹאכְלֵ֣ם עָ֔שׁ וְכַצֶּ֖מֶר יֹאכְלֵ֣ם סָ֑ס וְצִדְקָתִי֙ לְעוֹלָ֣ם תִּֽהְיֶ֔ה וִישׁוּעָתִ֖י לְד֥וֹר דּוֹרִֽים׃ ס | 8 |
چۈنكى كۈيە ئۇلارنى كىيىمنى يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ، قۇرت يۇڭ يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ؛ بىراق ھەققانىيلىقىم ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ نىجاتىم دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. |
עוּרִ֨י עוּרִ֤י לִבְשִׁי־עֹז֙ זְר֣וֹעַ יְהוָ֔ה ע֚וּרִי כִּ֣ימֵי קֶ֔דֶם דֹּר֖וֹת עוֹלָמִ֑ים הֲל֥וֹא אַתְּ־הִ֛יא הַמַּחְצֶ֥בֶת רַ֖הַב מְחוֹלֶ֥לֶת תַּנִּֽין׃ | 9 |
ئويغان، ئويغان، كۈچنى ئۆزۈڭگە كىيىم قىلىپ كىيگەيسەن، ئى پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى! قەدىمكى ۋاقىتلاردا، ئۆتكەن زامانلاردىكى دەۋرلەردە ئويغانغىنىڭدەك ئويغان! راھابنى قىيما-چىيما قىلىپ چېپىۋەتكەن، ئەجدىھانى سانجىپ زەخىملەندۈرگەن ئەسلى سەن ئەمەسمۇ؟ |
הֲל֤וֹא אַתְּ־הִיא֙ הַמַּחֲרֶ֣בֶת יָ֔ם מֵ֖י תְּה֣וֹם רַבָּ֑ה הַשָּׂ֙מָה֙ מַֽעֲמַקֵּי־יָ֔ם דֶּ֖רֶךְ לַעֲבֹ֥ר גְּאוּלִֽים׃ | 10 |
دېڭىزنى، دەھشەتلىك ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتىۋېتىپ، دېڭىزنىڭ تېگىلىرىنى سەن ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ ئۆتۈش يولى قىلغان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟ |
וּפְדוּיֵ֨י יְהוָ֜ה יְשׁוּב֗וּן וּבָ֤אוּ צִיּוֹן֙ בְּרִנָּ֔ה וְשִׂמְחַ֥ת עוֹלָ֖ם עַל־רֹאשָׁ֑ם שָׂשׂ֤וֹן וְשִׂמְחָה֙ יַשִּׂיג֔וּן נָ֖סוּ יָג֥וֹן וַאֲנָחָֽה׃ ס | 11 |
شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. |
אָנֹכִ֧י אָנֹכִ֛י ה֖וּא מְנַחֶמְכֶ֑ם מִֽי־אַ֤תְּ וַתִּֽירְאִי֙ מֵאֱנ֣וֹשׁ יָמ֔וּת וּמִבֶּן־אָדָ֖ם חָצִ֥יר יִנָּתֵֽן׃ | 12 |
سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم، ئۆزۈمدۇرمەن؛ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنساندىن، تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟ |
וַתִּשְׁכַּ֞ח יְהוָ֣ה עֹשֶׂ֗ךָ נוֹטֶ֣ה שָׁמַיִם֮ וְיֹסֵ֣ד אָרֶץ֒ וַתְּפַחֵ֨ד תָּמִ֜יד כָּל־הַיּ֗וֹם מִפְּנֵי֙ חֲמַ֣ת הַמֵּצִ֔יק כַּאֲשֶׁ֥ר כּוֹנֵ֖ן לְהַשְׁחִ֑ית וְאַיֵּ֖ה חֲמַ֥ת הַמֵּצִֽיק׃ | 13 |
ئاسمانلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن، شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن؛ ئەمدى زالىمنىڭ قەھرى قېنى؟ |
מִהַ֥ר צֹעֶ֖ה לְהִפָּתֵ֑חַ וְלֹא־יָמ֣וּת לַשַּׁ֔חַת וְלֹ֥א יֶחְסַ֖ר לַחְמֽוֹ׃ | 14 |
باش ئەگكەن ئەسىر بولسا تېزدىن بوشىتىلىدۇ؛ ئۇ ھاڭغا چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ رىسقىمۇ تۈگەپ قالمايدۇ. |
וְאָֽנֹכִי֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֔יךָ רֹגַ֣ע הַיָּ֔ם וַיֶּהֱמ֖וּ גַּלָּ֑יו יְהוָ֥ה צְבָא֖וֹת שְׁמֽוֹ׃ | 15 |
مەن بولسام دېڭىزنى قوزغاپ، دولقۇنلارنى ھۆركىرەتكۈچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» مېنىڭ نامىمدۇر؛ |
וָאָשִׂ֤ים דְּבָרַי֙ בְּפִ֔יךָ וּבְצֵ֥ל יָדִ֖י כִּסִּיתִ֑יךָ לִנְטֹ֤עַ שָׁמַ֙יִם֙ וְלִיסֹ֣ד אָ֔רֶץ וְלֵאמֹ֥ר לְצִיּ֖וֹן עַמִּי־אָֽתָּה׃ ס | 16 |
ۋە ئاسمانلارنى تىكلەشكە، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سېلىشقا، ۋە زىئونغا: «سەن مېنىڭ خەلقىمدۇر» دېيىشكە، مەن سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيغانمەن، سەن [قۇلۇمنى] قولۇمنىڭ سايىسى بىلەن ياپقانمەن. |
הִתְעוֹרְרִ֣י הִֽתְעוֹרְרִ֗י ק֚וּמִי יְר֣וּשָׁלִַ֔ם אֲשֶׁ֥ר שָׁתִ֛ית מִיַּ֥ד יְהוָ֖ה אֶת־כּ֣וֹס חֲמָת֑וֹ אֶת־קֻבַּ֜עַת כּ֧וֹס הַתַּרְעֵלָ֛ה שָׁתִ֖ית מָצִֽית׃ | 17 |
ئى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرلىك قەدەھنى ئىچىۋەتكەن يېرۇسالېم، ئويغان، ئويغان، ئورنۇڭدىن تۇر؛ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالغۇچى جام-قەدەھنى سەن ئىچتىڭ، بىراقلا كۆتۈرىۋەتتىڭ؛ |
אֵין־מְנַהֵ֣ל לָ֔הּ מִכָּל־בָּנִ֖ים יָלָ֑דָה וְאֵ֤ין מַחֲזִיק֙ בְּיָדָ֔הּ מִכָּל־בָּנִ֖ים גִּדֵּֽלָה׃ | 18 |
ئۇنىڭ تۇغۇپ بەرگەن بارلىق بالىلىرى ئارىسىدا ئۇنى يېتەكلىگۈدەك ھېچكىم يوق، ئۇنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان بارلىق بالىلىرىدىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلىگۈدەك ھېچبىرىمۇ يوق. |
שְׁתַּ֤יִם הֵ֙נָּה֙ קֹֽרְאֹתַ֔יִךְ מִ֖י יָנ֣וּד לָ֑ךְ הַשֹּׁ֧ד וְהַשֶּׁ֛בֶר וְהָרָעָ֥ב וְהַחֶ֖רֶב מִ֥י אֲנַחֲמֵֽךְ׃ | 19 |
بۇ ئىككى ئىش بېشىڭغا چۈشتى ــ (كىم سەن ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىپ يىغلار؟!) ــ بۇلاڭچىلىق ھەم ۋەيرانچىلىق، ئاچارچىلىق ھەم قىلىچ؛ مەنمۇ ساڭا تەسەللى بېرەلەيمەنمىكىن؟ |
בָּנַ֜יִךְ עֻלְּפ֥וּ שָׁכְב֛וּ בְּרֹ֥אשׁ כָּל־חוּצ֖וֹת כְּת֣וֹא מִכְמָ֑ר הַֽמְלֵאִ֥ים חֲמַת־יְהוָ֖ה גַּעֲרַ֥ת אֱלֹהָֽיִךְ׃ | 20 |
سېنىڭ بالىلىرىڭ ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتتى، تورغا چۈشكەن جەرەندەك ھەربىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ياتىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى بىلەن، خۇدايىڭنىڭ تەنبىھى بىلەن تولدۇرۇلدى؛ |
לָכֵ֛ן שִׁמְעִי־נָ֥א זֹ֖את עֲנִיָּ֑ה וּשְׁכֻרַ֖ת וְלֹ֥א מִיָּֽיִן׃ ס | 21 |
شۇڭا ھازىر بۇنى ئاڭلاپ قوي، ئى خار بولغان، ــ مەست بولغان، بىراق شاراب بىلەن ئەمەس: ــ |
כֹּֽה־אָמַ֞ר אֲדֹנַ֣יִךְ יְהוָ֗ה וֵאלֹהַ֙יִךְ֙ יָרִ֣יב עַמּ֔וֹ הִנֵּ֥ה לָקַ֛חְתִּי מִיָּדֵ֖ךְ אֶת־כּ֣וֹס הַתַּרְעֵלָ֑ה אֶת־קֻבַּ֙עַת֙ כּ֣וֹס חֲמָתִ֔י לֹא־תוֹסִ֥יפִי לִשְׁתּוֹתָ֖הּ עֽוֹד׃ | 22 |
ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى يۈرگۈزگۈچى رەببىڭ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن قولۇڭدىن ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان جام-قەدەھنى، يەنى قەھرىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىۋالدىم؛ سەن ئىككىنچى ئۇنىڭدىن ھېچ ئىچمەيسەن؛ |
וְשַׂמְתִּ֙יהָ֙ בְּיַד־מוֹגַ֔יִךְ אֲשֶׁר־אָמְר֥וּ לְנַפְשֵׁ֖ךְ שְׁחִ֣י וְנַעֲבֹ֑רָה וַתָּשִׂ֤ימִי כָאָ֙רֶץ֙ גֵּוֵ֔ךְ וְכַח֖וּץ לַעֹבְרִֽים׃ ס | 23 |
مەن ئۇنى سېنى خارلىۋاتقانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ ئۇلار ساڭا: «بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز، ئېگىلىپ تۇر» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن تېنىڭنى يەر بىلەن تەڭ قىلىپ، ئۈستۈڭدىن ئۆتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۆزۈڭنى كوچىدىكى يول قىلدىڭ». |