וַיְהִ֣י אַבְרָ֔ם בֶּן־תִּשְׁעִ֥ים שָׁנָ֖ה וְתֵ֣שַׁע שָׁנִ֑ים וַיֵּרָ֨א יְהוָ֜ה אֶל־אַבְרָ֗ם וַיֹּ֤אמֶר אֵלָיו֙ אֲנִי־אֵ֣ל שַׁדַּ֔י הִתְהַלֵּ֥ךְ לְפָנַ֖י וֶהְיֵ֥ה תָמִֽים׃ | 1 |
ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن. |
וְאֶתְּנָ֥ה בְרִיתִ֖י בֵּינִ֣י וּבֵינֶ֑ךָ וְאַרְבֶּ֥ה אוֹתְךָ֖ בִּמְאֹ֥ד מְאֹֽד׃ | 2 |
مەن ئۆزۈم بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئەھدەمنى بېكىتىپ، سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن، ــ دېدى. |
וַיִּפֹּ֥ל אַבְרָ֖ם עַל־פָּנָ֑יו וַיְדַבֵּ֥ר אִתּ֛וֹ אֱלֹהִ֖ים לֵאמֹֽר׃ | 3 |
ئابرام ئۆزىنى تاشلاپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ ياتتى؛ خۇدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىپ مۇنداق دېدى: ــ |
אֲנִ֕י הִנֵּ֥ה בְרִיתִ֖י אִתָּ֑ךְ וְהָיִ֕יתָ לְאַ֖ב הֲמ֥וֹן גּוֹיִֽם׃ | 4 |
ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. |
וְלֹא־יִקָּרֵ֥א ע֛וֹד אֶת־שִׁמְךָ֖ אַבְרָ֑ם וְהָיָ֤ה שִׁמְךָ֙ אַבְרָהָ֔ם כִּ֛י אַב־הֲמ֥וֹן גּוֹיִ֖ם נְתַתִּֽיךָ׃ | 5 |
شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئىسمىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئابرام ئاتالمايدۇ، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم. |
וְהִפְרֵתִ֤י אֹֽתְךָ֙ בִּמְאֹ֣ד מְאֹ֔ד וּנְתַתִּ֖יךָ לְגוֹיִ֑ם וּמְלָכִ֖ים מִמְּךָ֥ יֵצֵֽאוּ׃ | 6 |
مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ. |
וַהֲקִמֹתִ֨י אֶת־בְּרִיתִ֜י בֵּינִ֣י וּבֵינֶ֗ךָ וּבֵ֨ין זַרְעֲךָ֧ אַחֲרֶ֛יךָ לְדֹרֹתָ֖ם לִבְרִ֣ית עוֹלָ֑ם לִהְי֤וֹת לְךָ֙ לֵֽאלֹהִ֔ים וּֽלְזַרְעֲךָ֖ אַחֲרֶֽיךָ׃ | 7 |
مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە بۇ ئەھدەمنى تىكلەيمەن؛ |
וְנָתַתִּ֣י לְ֠ךָ וּלְזַרְעֲךָ֨ אַחֲרֶ֜יךָ אֵ֣ת ׀ אֶ֣רֶץ מְגֻרֶ֗יךָ אֵ֚ת כָּל־אֶ֣רֶץ כְּנַ֔עַן לַאֲחֻזַּ֖ת עוֹלָ֑ם וְהָיִ֥יתִי לָהֶ֖ם לֵאלֹהִֽים׃ | 8 |
مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى. |
וַיֹּ֤אמֶר אֱלֹהִים֙ אֶל־אַבְרָהָ֔ם וְאַתָּ֖ה אֶת־בְּרִיתִ֣י תִשְׁמֹ֑ר אַתָּ֛ה וְזַרְעֲךָ֥ אַֽחֲרֶ֖יךָ לְדֹרֹתָֽם׃ | 9 |
ئاندىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ ئەھدەمنى تۇتقىن، ئۆزۈڭ ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇنى تۇتۇشى كېرەك. |
זֹ֣את בְּרִיתִ֞י אֲשֶׁ֣ר תִּשְׁמְר֗וּ בֵּינִי֙ וּבֵ֣ינֵיכֶ֔ם וּבֵ֥ין זַרְעֲךָ֖ אַחֲרֶ֑יךָ הִמּ֥וֹל לָכֶ֖ם כָּל־זָכָֽר׃ | 10 |
مەن سەن بىلەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭ بىلەن تۈزگەن، سىلەرنىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان ئەھدەم شۇكى، ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەركەك خەتنە قىلىنسۇن. |
וּנְמַלְתֶּ֕ם אֵ֖ת בְּשַׂ֣ר עָרְלַתְכֶ֑ם וְהָיָה֙ לְא֣וֹת בְּרִ֔ית בֵּינִ֖י וּבֵינֵיכֶֽם׃ | 11 |
شۇنىڭ بىلەن سىلەر خەتنىلىكىڭلارنى كېسىۋېتىشىڭلار كېرەك؛ بۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. |
וּבֶן־שְׁמֹנַ֣ת יָמִ֗ים יִמּ֥וֹל לָכֶ֛ם כָּל־זָכָ֖ר לְדֹרֹתֵיכֶ֑ם יְלִ֣יד בָּ֔יִת וּמִקְנַת־כֶּ֙סֶף֙ מִכֹּ֣ל בֶּן־נֵכָ֔ר אֲשֶׁ֛ר לֹ֥א מִֽזַּרְעֲךָ֖ הֽוּא׃ | 12 |
بارلىق ئەۋلادلىرىڭلار، نەسىلدىن-نەسىلگە ئاراڭلاردا، مەيلى ئۆيدە تۇغۇلغانلار بولسۇن، ياكى ئەۋلادىڭلاردىن بولماي ياتلاردىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممە ئەركەك سەككىز كۈنلۈك بولغاندا خەتنە قىلىنسۇن. |
הִמּ֧וֹל ׀ יִמּ֛וֹל יְלִ֥יד בֵּֽיתְךָ֖ וּמִקְנַ֣ת כַּסְפֶּ֑ךָ וְהָיְתָ֧ה בְרִיתִ֛י בִּבְשַׂרְכֶ֖ם לִבְרִ֥ית עוֹלָֽם׃ | 13 |
ئۆيۈڭدە تۇغۇلغانلار بىلەن پۇلۇڭغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مېنىڭ ئەھدەم تەنلىرىڭلاردا ئورناپ، ئەبەدىي بىر ئەھدە بولىدۇ. |
וְעָרֵ֣ל ׀ זָכָ֗ר אֲשֶׁ֤ר לֹֽא־יִמּוֹל֙ אֶת־בְּשַׂ֣ר עָרְלָת֔וֹ וְנִכְרְתָ֛ה הַנֶּ֥פֶשׁ הַהִ֖וא מֵעַמֶּ֑יהָ אֶת־בְּרִיתִ֖י הֵפַֽר׃ ס | 14 |
لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى. |
וַיֹּ֤אמֶר אֱלֹהִים֙ אֶל־אַבְרָהָ֔ם שָׂרַ֣י אִשְׁתְּךָ֔ לֹא־תִקְרָ֥א אֶת־שְׁמָ֖הּ שָׂרָ֑י כִּ֥י שָׂרָ֖ה שְׁמָֽהּ׃ | 15 |
خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن. |
וּבֵרַכְתִּ֣י אֹתָ֔הּ וְגַ֨ם נָתַ֧תִּי מִמֶּ֛נָּה לְךָ֖ בֵּ֑ן וּבֵֽרַכְתִּ֙יהָ֙ וְהָֽיְתָ֣ה לְגוֹיִ֔ם מַלְכֵ֥י עַמִּ֖ים מִמֶּ֥נָּה יִהְיֽוּ׃ | 16 |
مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، ــ دېدى. |
וַיִּפֹּ֧ל אַבְרָהָ֛ם עַל־פָּנָ֖יו וַיִּצְחָ֑ק וַיֹּ֣אמֶר בְּלִבּ֗וֹ הַלְּבֶ֤ן מֵאָֽה־שָׁנָה֙ יִוָּלֵ֔ד וְאִ֨ם־שָׂרָ֔ה הֲבַת־תִּשְׁעִ֥ים שָׁנָ֖ה תֵּלֵֽד׃ | 17 |
ئىبراھىم [يەنە] ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى. |
וַיֹּ֥אמֶר אַבְרָהָ֖ם אֶל־הָֽאֱלֹהִ֑ים ל֥וּ יִשְׁמָעֵ֖אל יִחְיֶ֥ה לְפָנֶֽיךָ׃ | 18 |
ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר אֱלֹהִ֗ים אֲבָל֙ שָׂרָ֣ה אִשְׁתְּךָ֗ יֹלֶ֤דֶת לְךָ֙ בֵּ֔ן וְקָרָ֥אתָ אֶת־שְׁמ֖וֹ יִצְחָ֑ק וַהֲקִמֹתִ֨י אֶת־בְּרִיתִ֥י אִתּ֛וֹ לִבְרִ֥ית עוֹלָ֖ם לְזַרְע֥וֹ אַחֲרָֽיו׃ | 19 |
خۇدا ئۇنىڭغا: ــ ياق، ئايالىڭ ساراھ جەزمەن ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن ئۇنىڭغا «ئىسھاق» دەپ ئات قويغىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن؛ بۇ ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسلى بىلەن باغلىغان ئەبەدىي بىر ئەھدە سۈپىتىدە بولىدۇ. |
וּֽלְיִשְׁמָעֵ֘אל שְׁמַעְתִּיךָ֒ הִנֵּ֣ה ׀ בֵּרַ֣כְתִּי אֹת֗וֹ וְהִפְרֵיתִ֥י אֹת֛וֹ וְהִרְבֵּיתִ֥י אֹת֖וֹ בִּמְאֹ֣ד מְאֹ֑ד שְׁנֵים־עָשָׂ֤ר נְשִׂיאִם֙ יוֹלִ֔יד וּנְתַתִּ֖יו לְג֥וֹי גָּדֽוֹל׃ | 20 |
ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. |
וְאֶת־בְּרִיתִ֖י אָקִ֣ים אֶת־יִצְחָ֑ק אֲשֶׁר֩ תֵּלֵ֨ד לְךָ֤ שָׂרָה֙ לַמּוֹעֵ֣ד הַזֶּ֔ה בַּשָּׁנָ֖ה הָאַחֶֽרֶת׃ | 21 |
بىراق ئەھدەمنى بولسا مەن كېلەر يىلى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساراھ ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل ــ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن، ــ دېدى. |
וַיְכַ֖ל לְדַבֵּ֣ר אִתּ֑וֹ וַיַּ֣עַל אֱלֹהִ֔ים מֵעַ֖ל אַבְרָהָֽם׃ | 22 |
خۇدا ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. |
וַיִּקַּ֨ח אַבְרָהָ֜ם אֶת־יִשְׁמָעֵ֣אל בְּנ֗וֹ וְאֵ֨ת כָּל־יְלִידֵ֤י בֵיתוֹ֙ וְאֵת֙ כָּל־מִקְנַ֣ת כַּסְפּ֔וֹ כָּל־זָכָ֕ר בְּאַנְשֵׁ֖י בֵּ֣ית אַבְרָהָ֑ם וַיָּ֜מָל אֶת־בְּשַׂ֣ר עָרְלָתָ֗ם בְּעֶ֙צֶם֙ הַיּ֣וֹם הַזֶּ֔ה כַּאֲשֶׁ֛ר דִּבֶּ֥ר אִתּ֖וֹ אֱלֹהִֽים׃ | 23 |
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنىلا ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسمائىلنى، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغانلار ۋە پۇلغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى ئېلىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ خەتنە قىلدى. |
וְאַ֨בְרָהָ֔ם בֶּן־תִּשְׁעִ֥ים וָתֵ֖שַׁע שָׁנָ֑ה בְּהִמֹּל֖וֹ בְּשַׂ֥ר עָרְלָתֽוֹ׃ | 24 |
ئىبراھىمنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشقا كىرگەنىدى. |
וְיִשְׁמָעֵ֣אל בְּנ֔וֹ בֶּן־שְׁלֹ֥שׁ עֶשְׂרֵ֖ה שָׁנָ֑ה בְּהִ֨מֹּל֔וֹ אֵ֖ת בְּשַׂ֥ר עָרְלָתֽוֹ׃ | 25 |
ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. |
בְּעֶ֙צֶם֙ הַיּ֣וֹם הַזֶּ֔ה נִמּ֖וֹל אַבְרָהָ֑ם וְיִשְׁמָעֵ֖אל בְּנֽוֹ׃ | 26 |
ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل دەل شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خەتنە قىلىندى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئەر كىشىلەر، مەيلى ئۆيىدە تۇغۇلغان بولسۇن ياكى ياتتىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەتنە قىلىندى. |
וְכָל־אַנְשֵׁ֤י בֵיתוֹ֙ יְלִ֣יד בָּ֔יִת וּמִקְנַת־כֶּ֖סֶף מֵאֵ֣ת בֶּן־נֵכָ֑ר נִמֹּ֖לוּ אִתּֽוֹ׃ פ | 27 |