וַיְשִׁבֵנִי֮ אֶל־פֶּ֣תַח הַבַּיִת֒ וְהִנֵּה־מַ֣יִם יֹצְאִ֗ים מִתַּ֨חַת מִפְתַּ֤ן הַבַּ֙יִת֙ קָדִ֔ימָה כִּֽי־פְנֵ֥י הַבַּ֖יִת קָדִ֑ים וְהַמַּ֣יִם יֹרְדִ֗ים מִתַּ֜חַת מִכֶּ֤תֶף הַבַּ֙יִת֙ הַיְמָנִ֔ית מִנֶּ֖גֶב לַמִּזְבֵּֽחַ׃ | 1 |
[ھېلىقى كىشى] مېنى ئۆينىڭ دەرۋازىسىغا قايتا ئاپاردى. مانا، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن سۇلار شەرققە قاراپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. سۇلار ئۆينىڭ ئاستىدىن، ئوڭ تەرىپىدىن، قۇربانگاھنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئېقىپ چۈشەتتى. |
וַיּוֹצִאֵנִי֮ דֶּֽרֶךְ־שַׁ֣עַר צָפוֹנָה֒ וַיְסִבֵּ֙נִי֙ דֶּ֣רֶךְ ח֔וּץ אֶל־שַׁ֣עַר הַח֔וּץ דֶּ֖רֶךְ הַפּוֹנֶ֣ה קָדִ֑ים וְהִנֵּה־מַ֣יִם מְפַכִּ֔ים מִן־הַכָּתֵ֖ף הַיְמָנִֽית׃ | 2 |
ئۇ مېنى شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىسىدىن چىقاردى؛ ئۇ مېنى ئايلاندۇرۇپ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئاپاردى؛ مانا، سۇلار ئوڭ تەرىپىدىن ئېقىپ تۇراتتى. |
בְּצֵאת־הָאִ֥ישׁ קָדִ֖ים וְקָ֣ו בְּיָד֑וֹ וַיָּ֤מָד אֶ֙לֶף֙ בָּֽאַמָּ֔ה וַיַּעֲבִרֵ֥נִי בַמַּ֖יִם מֵ֥י אָפְסָֽיִם׃ | 3 |
ھېلىقى كىشى قولىدا ئۆلچىگۈچ تانىنى تۇتۇپ، شەرققە قاراپ ماڭدى؛ ئۇ مىڭ گەز ئۆلچىدى، ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ ئوشۇقىغا چىقاتتى. |
וַיָּ֣מָד אֶ֔לֶף וַיַּעֲבִרֵ֥נִי בַמַּ֖יִם מַ֣יִם בִּרְכָּ֑יִם וַיָּ֣מָד אֶ֔לֶף וַיַּעֲבִרֵ֖נִי מֵ֥י מָתְנָֽיִם׃ | 4 |
ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ تىزلىرىغا يەتتى. ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ بېلىگە چىقاتتى. |
וַיָּ֣מָד אֶ֔לֶף נַ֕חַל אֲשֶׁ֥ר לֹֽא־אוּכַ֖ל לַעֲבֹ֑ר כִּֽי־גָא֤וּ הַמַּ֙יִם֙ מֵ֣י שָׂ֔חוּ נַ֖חַל אֲשֶׁ֥ר לֹֽא־יֵעָבֵֽר׃ | 5 |
ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئۇ مەن ئۆتەلمەيدىغان دەريا بولۇپ چىقتى؛ چۈنكى سۇلار ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇنىڭدا سۇ ئۈزگىلى بولاتتى، ئۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا بولۇپ چىقتى. |
וַיֹּ֥אמֶר אֵלַ֖י הֲרָאִ֣יתָ בֶן־אָדָ֑ם וַיּוֹלִכֵ֥נִי וַיְשִׁבֵ֖נִי שְׂפַ֥ת הַנָּֽחַל׃ | 6 |
ئۇ مەندىن: «ئىنسان ئوغلى، بۇنى كۆرگەنسەن؟» دەپ سورىدى؛ ئاندىن مېنى دەريانىڭ قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. |
בְּשׁוּבֵ֕נִי וְהִנֵּה֙ אֶל־שְׂפַ֣ת הַנַּ֔חַל עֵ֖ץ רַ֣ב מְאֹ֑ד מִזֶּ֖ה וּמִזֶּֽה׃ | 7 |
قىرغاققا قايتتىم، مانا، دەريانىڭ قىرغىقىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئىنتايىن كۆپ دەرەخلەر بار ئىدى. |
וַיֹּ֣אמֶר אֵלַ֗י הַמַּ֤יִם הָאֵ֙לֶּה֙ יוֹצְאִ֗ים אֶל־הַגְּלִילָה֙ הַקַּדְמוֹנָ֔ה וְיָרְד֖וּ עַל־הָֽעֲרָבָ֑ה וּבָ֣אוּ הַיָּ֔מָּה אֶל־הַיָּ֥מָּה הַמּֽוּצָאִ֖ים וְנִרְפּ֥וּ הַמָּֽיִם׃ | 8 |
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ سۇلار يۇرتنىڭ شەرقىگە چىقىدۇ؛ شۇ يەردىن ئۇلار ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشۈپ، ئاندىن دېڭىزغا كىرىدۇ. ئۇلار دېڭىزغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن، دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ. |
וְהָיָ֣ה כָל־נֶ֣פֶשׁ חַיָּ֣ה ׀ אֲֽשֶׁר־יִשְׁרֹ֡ץ אֶ֣ל כָּל־אֲשֶׁר֩ יָב֨וֹא שָׁ֤ם נַחֲלַ֙יִם֙ יִֽחְיֶ֔ה וְהָיָ֥ה הַדָּגָ֖ה רַבָּ֣ה מְאֹ֑ד כִּי֩ בָ֨אוּ שָׁ֜מָּה הַמַּ֣יִם הָאֵ֗לֶּה וְיֵרָֽפְאוּ֙ וָחָ֔י כֹּ֛ל אֲשֶׁר־יָ֥בוֹא שָׁ֖מָּה הַנָּֽחַל׃ | 9 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ «جۈپ دەريا» قايسى يەرگە ئېقىپ كەلسە، شۇ يەردىكى بارلىق سۇ ئۈزىدىغان جانىۋارلار ياشايدۇ؛ دېڭىزدا نۇرغۇن بېلىقلار بولىدۇ؛ چۈنكى سۇلار شۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدۇ، ۋە دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ؛ دەريا نەگە ئاقسا، شۇ يەرنىڭ ھەممىسى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. |
וְהָיָה֩ עָמְד֨וּ עָלָ֜יו דַּוָּגִ֗ים מֵעֵ֥ין גֶּ֙דִי֙ וְעַד־עֵ֣ין עֶגְלַ֔יִם מִשְׁט֥וֹחַ לַֽחֲרָמִ֖ים יִהְי֑וּ לְמִינָה֙ תִּהְיֶ֣ה דְגָתָ֔ם כִּדְגַ֛ת הַיָּ֥ם הַגָּד֖וֹל רַבָּ֥ה מְאֹֽד׃ | 10 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بېلىقچىلار دېڭىز بويىدا تۇرىدۇ؛ ئەن-گەدىدىن ئەن-ئەگلائىمگىچە ئۇلارنىڭ تورلىرى يېيىلىدىغان جايلىرى بولىدۇ؛ دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ «ئوتتۇرا دېڭىز»دىكىدەك بەك كۆپ سورتلىرى بولىدۇ؛ |
בִּצֹּאתָ֧יו וּגְבָאָ֛יו וְלֹ֥א יֵרָפְא֖וּ לְמֶ֥לַח נִתָּֽנוּ׃ | 11 |
بىراق ئۇنىڭ زەي-سازلىقلىرى ساقايتىلمايدۇ؛ ئۇلار شورلۇق بولۇشقا تاپشۇرۇلىدۇ. |
וְעַל־הַנַּ֣חַל יַעֲלֶ֣ה עַל־שְׂפָת֣וֹ מִזֶּ֣ה ׀ וּמִזֶּ֣ה ׀ כָּל־עֵֽץ־מַ֠אֲכָל לֹא־יִבּ֨וֹל עָלֵ֜הוּ וְלֹֽא־יִתֹּ֣ם פִּרְי֗וֹ לָֽחֳדָשָׁיו֙ יְבַכֵּ֔ר כִּ֣י מֵימָ֔יו מִן־הַמִּקְדָּ֖שׁ הֵ֣מָּה יֽוֹצְאִ֑ים וְהָיָ֤ה פִרְיוֹ֙ לְמַֽאֲכָ֔ל וְעָלֵ֖הוּ לִתְרוּפָֽה׃ ס | 12 |
دەريا بويىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئوزۇق بولىدىغان ھەرخىل دەرەخلەر ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سولاشمايدۇ، ئۇلار مېۋىسىز قالمايدۇ؛ ئۇلار ھەر ئايدا يېڭىدىن مېۋىلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سۇغىرىدىغان سۇلار مۇقەددەس جايدىن چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېۋىسى ئوزۇق، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دورا-دەرمانلار بولىدۇ. |
כֹּ֤ה אָמַר֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה גֵּ֤ה גְבוּל֙ אֲשֶׁ֣ר תִּתְנַחֲל֣וּ אֶת־הָאָ֔רֶץ לִשְׁנֵ֥י עָשָׂ֖ר שִׁבְטֵ֣י יִשְׂרָאֵ֑ל יוֹסֵ֖ף חֲבָלִֽים׃ | 13 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ تۆۋەندە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە زېمىن مىراس سۈپىتىدە بۆلۈنۈپ تەقسىم قىلىنىپ چېگرالار ئايرىلىدۇ؛ يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ. |
וּנְחַלְתֶּ֤ם אוֹתָהּ֙ אִ֣ישׁ כְּאָחִ֔יו אֲשֶׁ֤ר נָשָׂ֙אתִי֙ אֶת־יָדִ֔י לְתִתָּ֖הּ לַאֲבֹֽתֵיכֶ֑ם וְנָ֨פְלָ֜ה הָאָ֧רֶץ הַזֹּ֛את לָכֶ֖ם בְּנַחֲלָֽה׃ | 14 |
مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم ئىچكەندەك، سىلەر بىر-بىرىڭلارغا باراۋەرلىك بىلەن زېمىننى مىراس بولۇشقا بۆلىسىلەر؛ ئۇ سىلەرگە مىراس بولىدۇ. |
וְזֶ֖ה גְּב֣וּל הָאָ֑רֶץ לִפְאַ֨ת צָפ֜וֹנָה מִן־הַיָּ֧ם הַגָּד֛וֹל הַדֶּ֥רֶךְ חֶתְלֹ֖ן לְב֥וֹא צְדָֽדָה׃ | 15 |
زېمىننىڭ [تۆت] تەرىپىنىڭ چېگراسى مۇنداق: شىمالىي تەرىپى، «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلىنىپ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، زەداد شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ |
חֲמָ֤ת ׀ בֵּר֙וֹתָה֙ סִבְרַ֔יִם אֲשֶׁר֙ בֵּין־גְּב֣וּל דַּמֶּ֔שֶׂק וּבֵ֖ין גְּב֣וּל חֲמָ֑ת חָצֵר֙ הַתִּיכ֔וֹן אֲשֶׁ֖ר אֶל־גְּב֥וּל חַוְרָֽן׃ | 16 |
ئۇ خامات، بېروتاھ، سىبرائىم (دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)، ھاۋراننىڭ چېگرىسىدا بولغان خازار-ھاتتىكون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ |
וְהָיָ֨ה גְב֜וּל מִן־הַיָּ֗ם חֲצַ֤ר עֵינוֹן֙ גְּב֣וּל דַּמֶּ֔שֶׂק וְצָפ֥וֹן ׀ צָפ֖וֹנָה וּגְב֣וּל חֲמָ֑ת וְאֵ֖ת פְּאַ֥ת צָפֽוֹן׃ | 17 |
شۇنىڭدەك «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلانغان چېگرا ھازار-ئېنانغىچە سوزۇلىدۇ؛ ئۇ دەمەشقنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ، خاماتنىڭ شىمالىي رايونىنىڭ چېگراسىغا تۇتىشىدۇ؛ بۇ بولسا شىمالىي تەرىپى بولىدۇ. |
וּפְאַ֣ת קָדִ֡ים מִבֵּ֣ין חַוְרָ֣ן וּמִבֵּין־דַּמֶּשֶׂק֩ וּמִבֵּ֨ין הַגִּלְעָ֜ד וּמִבֵּ֨ין אֶ֤רֶץ יִשְׂרָאֵל֙ הַיַּרְדֵּ֔ן מִגְּב֛וּל עַל־הַיָּ֥ם הַקַּדְמוֹנִ֖י תָּמֹ֑דּוּ וְאֵ֖ת פְּאַ֥ת קָדִֽימָה׃ | 18 |
شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر. بۇ بولسا شەرق تەرىپى بولىدۇ. |
וּפְאַת֙ נֶ֣גֶב תֵּימָ֔נָה מִתָּמָ֗ר עַד־מֵי֙ מְרִיב֣וֹת קָדֵ֔שׁ נַחֲלָ֖ה אֶל־הַיָּ֣ם הַגָּד֑וֹל וְאֵ֥ת פְּאַת־תֵּימָ֖נָה נֶֽגְבָּה׃ | 19 |
جەنۇبىي تەرىپى بولسا، تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن مىسىر ۋادىسىدىن «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. بۇ جەنۇبىي چېگرا بولىدۇ. |
וּפְאַת־יָם֙ הַיָּ֣ם הַגָּד֔וֹל מִגְּב֕וּל עַד־נֹ֖כַח לְב֣וֹא חֲמָ֑ת זֹ֖את פְּאַת־יָֽם׃ | 20 |
غەربىي تەرىپى بولسا «ئوتتۇرا دېڭىز»نىڭ ئۆزى، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ بۇ غەربىي چېگرىسى بولىدۇ. |
וְחִלַּקְתֶּ֞ם אֶת־הָאָ֧רֶץ הַזֹּ֛את לָכֶ֖ם לְשִׁבְטֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 21 |
سىلەر بۇ زېمىننى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىسى بويىچە ئۆز-ئاراڭلاردا ئۈلۈشۈشۈڭلار كېرەك. |
וְהָיָ֗ה תַּפִּ֣לוּ אוֹתָהּ֮ בְּנַחֲלָה֒ לָכֶ֗ם וּלְהַגֵּרִים֙ הַגָּרִ֣ים בְּתוֹכְכֶ֔ם אֲשֶׁר־הוֹלִ֥דוּ בָנִ֖ים בְּתֽוֹכְכֶ֑ם וְהָי֣וּ לָכֶ֗ם כְּאֶזְרָח֙ בִּבְנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֔ל אִתְּכֶם֙ יִפְּל֣וּ בְנַחֲלָ֔ה בְּת֖וֹךְ שִׁבְטֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 22 |
شۇنداق بولۇش كېرەككى، سىلەر ئۆز-ئاراڭلار ۋە ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئاراڭلاردا بالىلىق بولغان مۇساپىرلارغا ئۇنى مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ۋەتىنىدە تۇغۇلغان ئىسرائىللارغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئۇلار سىلەر بىلەن تەڭ چەك تاشلاپ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن مىراس ئالسۇن. |
וְהָיָ֣ה בַשֵּׁ֔בֶט אֲשֶׁר־גָּ֥ר הַגֵּ֖ר אִתּ֑וֹ שָׁ֚ם תִּתְּנ֣וּ נַחֲלָת֔וֹ נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ ס | 23 |
مۇساپىر قايسى قەبىلە ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولسا، سىلەر شۇ يەردىن ئۇنىڭغا مىراس تەقسىم قىلىسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |