וַיּוֹצִאֵ֗נִי אֶל־הֶֽחָצֵר֙ הַחִ֣יצוֹנָ֔ה הַדֶּ֖רֶךְ דֶּ֣רֶךְ הַצָּפ֑וֹן וַיְבִאֵ֣נִי אֶל־הַלִּשְׁכָּ֗ה אֲשֶׁ֨ר נֶ֧גֶד הַגִּזְרָ֛ה וַאֲשֶֽׁר־נֶ֥גֶד הַבִּנְיָ֖ן אֶל־הַצָּפֽוֹן׃ | 1 |
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا، شىمال تەرىپىگە ئاپاردى؛ ئۇ مېنى يەنە «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي ئۇدۇلىغا جايلاشقان كىچىك خانىلارغا ئاپاردى. |
אֶל־פְּנֵי־אֹ֙רֶךְ֙ אַמּ֣וֹת הַמֵּאָ֔ה פֶּ֖תַח הַצָּפ֑וֹן וְהָרֹ֖חַב חֲמִשִּׁ֥ים אַמּֽוֹת׃ | 2 |
خانىلارنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كىرىش يولى شىمالغا قارايتتى؛ [خانىلارنىڭ] جەمئىي كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى. |
נֶ֣גֶד הָֽעֶשְׂרִ֗ים אֲשֶׁר֙ לֶחָצֵ֣ר הַפְּנִימִ֔י וְנֶ֣גֶד רִֽצְפָ֔ה אֲשֶׁ֖ר לֶחָצֵ֣ר הַחִֽיצוֹנָ֑ה אַתִּ֥יק אֶל־פְּנֵֽי־אַתִּ֖יק בַּשְּׁלִשִֽׁים׃ | 3 |
خانىلار ئىچكى ھويلىغا تەۋە يىگىرمە گەز كەڭلىكتىكى «بوش يەر»گە قارايتتى، شۇنداقلا سىرتقى ھويلىغا تەۋە «تاش تاختايلىق سۇپا»نىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. ئۈچ قەۋەتلىك خانىلارنىڭ كارىدورىنىڭ بىر تەرىپىدىكى خانىلار يەنە بىر تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. |
וְלִפְנֵ֨י הַלְּשָׁכ֜וֹת מַהֲלַךְ֩ עֶ֨שֶׂר אַמּ֥וֹת רֹ֙חַב֙ אֶל־הַפְּנִימִ֔ית דֶּ֖רֶךְ אַמָּ֣ה אֶחָ֑ת וּפִתְחֵיהֶ֖ם לַצָּפֽוֹן׃ | 4 |
خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى؛ |
וְהַלְּשָׁכ֥וֹת הָעֶלְיוֹנֹ֖ת קְצֻר֑וֹת כִּֽי־יוֹכְל֨וּ אַתִּיקִ֜ים מֵהֵ֗נָה מֵֽהַתַּחְתֹּנ֛וֹת וּמֵהַתִּֽכֹנ֖וֹת בִּנְיָֽן׃ | 5 |
يۇقىرىدىكى خانىلار تۆۋەندىكى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيلەردىن تار ئىدى؛ چۈنكى كارىدورلار كۆپ ئورۇننى ئىگىلىۋالغانىدى. |
כִּ֤י מְשֻׁלָּשׁוֹת֙ הֵ֔נָּה וְאֵ֤ין לָהֶן֙ עַמּוּדִ֔ים כְּעַמּוּדֵ֖י הַחֲצֵר֑וֹת עַל־כֵּ֣ן נֶאֱצַ֗ל מֵהַתַּחְתּוֹנ֛וֹת וּמֵהַתִּֽיכֹנ֖וֹת מֵהָאָֽרֶץ׃ | 6 |
خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى؛ بىراق ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى. |
וְגָדֵ֤ר אֲשֶׁר־לַחוּץ֙ לְעֻמַּ֣ת הַלְּשָׁכ֔וֹת דֶּ֛רֶךְ הֶחָצֵ֥ר הַחִֽצוֹנָ֖ה אֶל־פְּנֵ֣י הַלְּשָׁכ֑וֹת אָרְכּ֖וֹ חֲמִשִּׁ֥ים אַמָּֽה׃ | 7 |
سىرتتىكى خانىلارنىڭ يېنىدىكى، يەنى ھويلىنى خانىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان سىرتقى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى. |
כִּֽי־אֹ֣רֶךְ הַלְּשָׁכ֗וֹת אֲשֶׁ֛ר לֶחָצֵ֥ר הַחִֽצוֹנָ֖ה חֲמִשִּׁ֣ים אַמָּ֑ה וְהִנֵּ֛ה עַל־פְּנֵ֥י הַהֵיכָ֖ל מֵאָ֥ה אַמָּֽה׃ | 8 |
سىرتقى ھويلىغا تۇتاشقان خانىلارنىڭ بولسا، جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى؛ مانا، مۇقەددەسخانىغا قارايدىغان تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. |
וּמִתַּ֖חַת הַלְּשָׁכ֣וֹת הָאֵ֑לֶּה הַמֵּבִיא֙ מֵֽהַקָּדִ֔ים בְּבֹא֣וֹ לָהֵ֔נָּה מֵֽהֶחָצֵ֖ר הַחִצֹנָֽה׃ | 9 |
بۇ خانىلار ئاستىدا، سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى. |
בְּרֹ֣חַב ׀ גֶּ֣דֶר הֶחָצֵ֗ר דֶּ֧רֶךְ הַקָּדִ֛ים אֶל־פְּנֵ֧י הַגִּזְרָ֛ה וְאֶל־פְּנֵ֥י הַבִּנְיָ֖ן לְשָׁכֽוֹת׃ | 10 |
ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، شەرقىي تەرىپىگە قارايدىغان ئىچكى ھويلىدىكى تامنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولغان، «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان خانىلار بار ئىدى؛ |
וְדֶ֙רֶךְ֙ לִפְנֵיהֶ֔ם כְּמַרְאֵ֣ה הַלְּשָׁכ֗וֹת אֲשֶׁר֙ דֶּ֣רֶךְ הַצָּפ֔וֹן כְּאָרְכָּ֖ן כֵּ֣ן רָחְבָּ֑ן וְכֹל֙ מוֹצָ֣אֵיהֶ֔ן וּכְמִשְׁפְּטֵיהֶ֖ן וּכְפִתְחֵיהֶֽן׃ | 11 |
ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كارىدور بار ئىدى؛ ئۇلار شىمالغا قارايدىغان خانىلارغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى، بارلىق چىقىش يوللىرى، شەكلى ۋە ئىشىكلىرى ئوخشاش ئىدى. |
וּכְפִתְחֵ֣י הַלְּשָׁכ֗וֹת אֲשֶׁר֙ דֶּ֣רֶךְ הַדָּר֔וֹם פֶּ֖תַח בְּרֹ֣אשׁ דָּ֑רֶךְ דֶּ֗רֶךְ בִּפְנֵי֙ הַגְּדֶ֣רֶת הֲגִינָ֔ה דֶּ֥רֶךְ הַקָּדִ֖ים בְּבוֹאָֽן׃ | 12 |
جەنۇبقا قارايدىغان بىر يۈرۈش خانىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدورنىڭ بېشىدا بىر كىرىش يولى بار ئىدى؛ بۇ كىرىش يولىمۇ شەرققە قارايدىغان تامنىڭ يېنىدا ئىدى. |
וַיֹּ֣אמֶר אֵלַ֗י לִֽשְׁכ֨וֹת הַצָּפ֜וֹן לִֽשְׁכ֣וֹת הַדָּרוֹם֮ אֲשֶׁ֣ר אֶל־פְּנֵ֣י הַגִּזְרָה֒ הֵ֣נָּה ׀ לִֽשְׁכ֣וֹת הַקֹּ֗דֶשׁ אֲשֶׁ֨ר יֹאכְלוּ־שָׁ֧ם הַכֹּהֲנִ֛ים אֲשֶׁר־קְרוֹבִ֥ים לַֽיהוָ֖ה קָדְשֵׁ֣י הַקֳּדָשִׁ֑ים שָׁ֞ם יַנִּ֣יחוּ ׀ קָדְשֵׁ֣י הַקֳּדָשִׁ֗ים וְהַמִּנְחָה֙ וְהַחַטָּ֣את וְהָאָשָׁ֔ם כִּ֥י הַמָּק֖וֹם קָדֹֽשׁ׃ | 13 |
ۋە ئۇ ماڭا: «[ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىدىكى] «بوش يەر»گە تۇتاشلىق بۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي يۈرۈش خانىلار بولسا، مۇقەددەس خانىلاردۇر؛ پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشالايدىغان كاھىنلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى يەيدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلەرنى، گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى قويىدۇ؛ چۈنكى شۇ يەرلەر مۇقەددەستۇر. |
בְּבֹאָ֣ם הַכֹּהֲנִ֗ים וְלֹֽא־יֵצְא֤וּ מֵהַקֹּ֙דֶשׁ֙ אֶל־הֶחָצֵ֣ר הַחִיצוֹנָ֔ה וְשָׁ֞ם יַנִּ֧יחוּ בִגְדֵיהֶ֛ם אֲשֶׁר־יְשָׁרְת֥וּ בָהֶ֖ן כִּֽי־קֹ֣דֶשׁ הֵ֑נָּה וְלָבְשׁוּ֙ בְּגָדִ֣ים אֲחֵרִ֔ים וְקָרְב֖וּ אֶל־אֲשֶׁ֥ר לָעָֽם׃ | 14 |
كاھىنلار خۇدا ئالدىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار «مۇقەددەس جاي»دىن بىۋاسىتە سىرتقى ھويلىغا چىقمايدۇ، بەلكى شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەر مۇقەددەستۇر. ئۇلار پەقەت باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، ئاندىن جامائەت تۇرغان يەرگە چىقىدۇ» ــ دېدى. |
וְכִלָּ֗ה אֶת־מִדּוֹת֙ הַבַּ֣יִת הַפְּנִימִ֔י וְהוֹצִיאַ֙נִי֙ דֶּ֣רֶךְ הַשַּׁ֔עַר אֲשֶׁ֥ר פָּנָ֖יו דֶּ֣רֶךְ הַקָּדִ֑ים וּמְדָד֖וֹ סָבִ֥יב ׀ סָבִֽיב׃ | 15 |
ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى كۆلىمىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئۇ مېنى شەرققە قارايدىغان دەرۋزىدىن چىقاردى ۋە ئەتراپىدىكى تامنى ئۆلچىدى. |
מָדַ֛ד ר֥וּחַ הַקָּדִ֖ים בִּקְנֵ֣ה הַמִּדָּ֑ה חֲמֵשׁ־מֵא֥וֹת קָנִ֛ים בִּקְנֵ֥ה הַמִּדָּ֖ה סָבִֽיב׃ | 16 |
ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. |
מָדַ֖ד ר֣וּחַ הַצָּפ֑וֹן חֲמֵשׁ־מֵא֥וֹת קָנִ֛ים בִּקְנֵ֥ה הַמִּדָּ֖ה סָבִֽיב׃ | 17 |
ئۇ شىمالىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. |
אֵ֛ת ר֥וּחַ הַדָּר֖וֹם מָדָ֑ד חֲמֵשׁ־מֵא֥וֹת קָנִ֖ים בִּקְנֵ֥ה הַמִּדָּֽה׃ | 18 |
ئۇ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. |
סָבַ֖ב אֶל־ר֣וּחַ הַיָּ֑ם מָדַ֛ד חֲמֵשׁ־מֵא֥וֹת קָנִ֖ים בִּקְנֵ֥ה הַמִּדָּֽה׃ | 19 |
ئۇ غەربىي تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. |
לְאַרְבַּ֨ע רוּח֜וֹת מְדָד֗וֹ ח֤וֹמָה לוֹ֙ סָבִ֣יב ׀ סָבִ֔יב אֹ֚רֶךְ חֲמֵ֣שׁ מֵא֔וֹת וְרֹ֖חַב חֲמֵ֣שׁ מֵא֑וֹת לְהַבְדִּ֕יל בֵּ֥ין הַקֹּ֖דֶשׁ לְחֹֽל׃ | 20 |
ئۇ تۆت تەرىپىنى ئۆلچىدى؛ ئەتراپىدا ئاۋام بىلەن پاك-مۇقەددەس بولغان جايلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان، ئۇزۇنلۇقى بەش يۈز [خادا]، كەڭلىكى بەش يۈز [خادا] تام بار ئىدى. |