וַיְהִ֥י דְבַר־יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ | 1 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
בֶּן־אָדָ֕ם הוֹדַ֥ע אֶת־יְרוּשָׁלִַ֖ם אֶת־תּוֹעֲבֹתֶֽיהָ׃ | 2 |
ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېرۇسالېمنىڭ يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ |
וְאָמַרְתָּ֞ כֹּה־אָמַ֨ר אֲדֹנָ֤י יְהוִה֙ לִיר֣וּשָׁלִַ֔ם מְכֹרֹתַ֙יִךְ֙ וּמֹ֣לְדֹתַ֔יִךְ מֵאֶ֖רֶץ הַֽכְּנַעֲנִ֑י אָבִ֥יךְ הָאֱמֹרִ֖י וְאִמֵּ֥ךְ חִתִּֽית׃ | 3 |
رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئەسلىي زاتىڭ ۋە تۇغۇلۇشۇڭ قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا بولغان؛ سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى. |
וּמוֹלְדוֹתַ֗יִךְ בְּי֨וֹם הוּלֶּ֤דֶת אֹתָךְ֙ לֹֽא־כָרַּ֣ת שָׁרֵּ֔ךְ וּבְמַ֥יִם לֹֽא־רֻחַ֖צְתְּ לְמִשְׁעִ֑י וְהָמְלֵ֙חַ֙ לֹ֣א הֻמְלַ֔חַתְּ וְהָחְתֵּ֖ל לֹ֥א חֻתָּֽלְתְּ׃ | 4 |
سېنىڭ تۇغۇلۇشۇغا كەلسەك، سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كىندىكىڭ كېسىلمىگەن، سەن سۇدا يۇيۇلۇپ پاكىز قىلىنمىغان؛ ھېچكىم ساڭا تۇز سۈركمىگەن ياكى سېنى زاكىلىمىغان. |
לֹא־חָ֨סָה עָלַ֜יִךְ עַ֗יִן לַעֲשׂ֥וֹת לָ֛ךְ אַחַ֥ת מֵאֵ֖לֶּה לְחֻמְלָ֣ה עָלָ֑יִךְ וַֽתֻּשְׁלְכִ֞י אֶל־פְּנֵ֤י הַשָּׂדֶה֙ בְּגֹ֣עַל נַפְשֵׁ֔ךְ בְּי֖וֹם הֻלֶּ֥דֶת אֹתָֽךְ׃ | 5 |
ھېچكىمنىڭ كۆزى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ساڭا رەھىم قىلمىغان ياكى ئىچىنى ساڭا ئاغرىتمىغان؛ ئەكسىچە سەن دالاغا تاشلىۋېتىلگەنسەن، چۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كەمسىتىلگەنسەن. |
וָאֶעֱבֹ֤ר עָלַ֙יִךְ֙ וָֽאֶרְאֵ֔ךְ מִתְבּוֹסֶ֖סֶת בְּדָמָ֑יִךְ וָאֹ֤מַר לָךְ֙ בְּדָמַ֣יִךְ חֲיִ֔י וָאֹ֥מַר לָ֖ךְ בְּדָמַ֥יִךְ חֲיִֽי׃ | 6 |
شۇ چاغدا مەن يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنى ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقىنىڭنى كۆرگەن؛ ۋە مەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. بەرھەق، سەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە مەن ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. |
רְבָבָ֗ה כְּצֶ֤מַח הַשָּׂדֶה֙ נְתַתִּ֔יךְ וַתִּרְבִּי֙ וַֽתִּגְדְּלִ֔י וַתָּבֹ֖אִי בַּעֲדִ֣י עֲדָיִ֑ים שָׁדַ֤יִם נָכֹ֙נוּ֙ וּשְׂעָרֵ֣ךְ צִמֵּ֔חַ וְאַ֖תְּ עֵרֹ֥ם וְעֶרְיָֽה׃ | 7 |
مەن سېنى دالادىكى ئوت-چۆپلەردەك ئاينىتتىم؛ سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ؛ كۆكسىلىرىڭ شەكىللەندى، چاچلىرىڭ ئۈزۈن ئۆستى؛ بىراق سەن تېخى تۇغما-يالىڭاچ ئىدىڭ. |
וָאֶעֱבֹ֨ר עָלַ֜יִךְ וָאֶרְאֵ֗ךְ וְהִנֵּ֤ה עִתֵּךְ֙ עֵ֣ת דֹּדִ֔ים וָאֶפְרֹ֤שׂ כְּנָפִי֙ עָלַ֔יִךְ וָאֲכַסֶּ֖ה עֶרְוָתֵ֑ךְ וָאֶשָּׁ֣בַֽע לָ֠ךְ וָאָב֨וֹא בִבְרִ֜ית אֹתָ֗ךְ נְאֻ֛ם אֲדֹנָ֥י יְהוִ֖ה וַתִּ֥הְיִי לִֽי׃ | 8 |
مەن يەنە يېنىڭدىن ئۆتۈۋېتىپ ساڭا قارىدىم؛ مانا، ئىشق-مۇھەببەت مەزگىلىڭ يېتىپ كەلدى؛ مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم؛ مەن ساڭا قەسەم ئىچىپ، سەن بىلەن بىر ئەھدە تۈزدۇم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ۋە سەن مېنىڭكى بولدۇڭ. |
וָאֶרְחָצֵ֣ךְ בַּמַּ֔יִם וָאֶשְׁטֹ֥ף דָּמַ֖יִךְ מֵֽעָלָ֑יִךְ וָאֲסֻכֵ֖ךְ בַּשָּֽׁמֶן׃ | 9 |
مەن سېنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، قېنىڭنى تېنىڭدىن يۇيۇۋېتىپ، ساڭا پۇراقلىق ماينى سۈرتتۈم. |
וָאַלְבִּישֵׁ֣ךְ רִקְמָ֔ה וָאֶנְעֲלֵ֖ךְ תָּ֑חַשׁ וָאֶחְבְּשֵׁ֣ךְ בַּשֵּׁ֔שׁ וַאֲכַסֵּ֖ךְ מֶֽשִׁי׃ | 10 |
مەن ساڭا كەشتىلىك كۆڭلەكنى كىيگۈزۈپ، ئايىغىڭغا دەلفىن تېرىسىدىن تىككەن كەشلەرنى ساپتىم؛ سېنى نېپىس كاناپ بىلەن ئوراپ، يىپەك بىلەن يېپىپ قويدۇم. |
וָאֶעְדֵּ֖ךְ עֶ֑דִי וָאֶתְּנָ֤ה צְמִידִים֙ עַל־יָדַ֔יִךְ וְרָבִ֖יד עַל־גְּרוֹנֵֽךְ׃ | 11 |
سېنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىم، قوللىرىڭغا بىلەزۈكلەرنى، بوينۇڭغا مارجاننى تاقاپ قويدۇم؛ |
וָאֶתֵּ֥ן נֶ֙זֶם֙ עַל־אַפֵּ֔ךְ וַעֲגִילִ֖ים עַל־אָזְנָ֑יִךְ וַעֲטֶ֥רֶת תִּפְאֶ֖רֶת בְּרֹאשֵֽׁךְ׃ | 12 |
بۇرنۇڭغا ھالقىنى، قۇلاقلىرىڭغا زىرىلەرنى، بېشىڭغا گۈزەل تاجنى كىيگۈزدۇم. |
וַתַּעְדִּ֞י זָהָ֣ב וָכֶ֗סֶף וּמַלְבּוּשֵׁךְ֙ שֵׁ֤שׁ וָמֶ֙שִׁי֙ וְרִקְמָ֔ה סֹ֧לֶת וּדְבַ֛שׁ וָשֶׁ֖מֶן אָכָ֑לְתְּ וַתִּ֙יפִי֙ בִּמְאֹ֣ד מְאֹ֔ד וַֽתִּצְלְחִ֖י לִמְלוּכָֽה׃ | 13 |
شۇنداق قىلىپ سەن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن پەردازلاندىڭ؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭ نېپىس كاپاپ، يىپەك ۋە كەشتىلىك رەختتىن ئىدى. يېگىنىڭ ئاق ئۇن، بال ھەم زەيتۇن مېيى ئىدى؛ سەن ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، خانىش مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدۇڭ. |
וַיֵּ֨צֵא לָ֥ךְ שֵׁ֛ם בַּגּוֹיִ֖ם בְּיָפְיֵ֑ךְ כִּ֣י ׀ כָּלִ֣יל ה֗וּא בַּֽהֲדָרִי֙ אֲשֶׁר־שַׂ֣מְתִּי עָלַ֔יִךְ נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ | 14 |
گۈزەللىكىڭ تۈپەيلىدىن ئەللەردە داڭقىڭ چىقتى؛ چۈنكى مەن ساڭا كۆركەملىكىمنى بېغىشلىشىم بىلەن گۈزەللىكىڭ كامالەتكە يەتتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
וַתִּבְטְחִ֣י בְיָפְיֵ֔ךְ וַתִּזְנִ֖י עַל־שְׁמֵ֑ךְ וַתִּשְׁפְּכִ֧י אֶת־תַּזְנוּתַ֛יִךְ עַל־כָּל־עוֹבֵ֖ר לוֹ־יֶֽהִי׃ | 15 |
بىراق سەن گۈزەللىكىڭگە تايىنىپ، داڭقىڭدىن پايدىلىنىپ پاھىشە بولدۇڭ؛ سەن ھەربىر ئۆتكۈچى كىشىگە پاھىشە مۇھەببەتلىرىڭنى تۆكتۈڭ؛ گۈزەللىكىڭ ئۇنىڭ بولدى! |
וַתִּקְחִ֣י מִבְּגָדַ֗יִךְ וַתַּֽעֲשִׂי־לָךְ֙ בָּמ֣וֹת טְלֻא֔וֹת וַתִּזְנִ֖י עֲלֵיהֶ֑ם לֹ֥א בָא֖וֹת וְלֹ֥א יִהְיֶֽה׃ | 16 |
سەن كىيىم-كېچەكلىرىڭدىن ئېلىپ ئۆزۈڭ ئۈچۈن رەڭگارەڭ بېزەلگەن «يۇقىرى جايلار»نى ياساپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ باقمىغان، ۋە ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ! |
וַתִּקְחִ֞י כְּלֵ֣י תִפְאַרְתֵּ֗ךְ מִזְּהָבִ֤י וּמִכַּסְפִּי֙ אֲשֶׁ֣ר נָתַ֣תִּי לָ֔ךְ וַתַּעֲשִׂי־לָ֖ךְ צַלְמֵ֣י זָכָ֑ר וַתִּזְנִי־בָֽם׃ | 17 |
سەن مەن ساڭا بېغىشلىغان گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىم ۋە ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. |
וַתִּקְחִ֛י אֶת־בִּגְדֵ֥י רִקְמָתֵ֖ךְ וַתְּכַסִּ֑ים וְשַׁמְנִי֙ וּקְטָרְתִּ֔י נָתַ֖תְּ לִפְנֵיהֶֽם׃ | 18 |
سەن ئۆز كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى ئېلىپ ئۇلارغا كىيگۈزدۈڭ؛ مېنىڭ مېيىم ۋە مېنىڭ خۇشبۇيۇمنى ئۇلارغا سۇنۇپ بېغىشلىدىڭ؛ |
וְלַחְמִי֩ אֲשֶׁר־נָתַ֨תִּי לָ֜ךְ סֹ֣לֶת וָשֶׁ֤מֶן וּדְבַשׁ֙ הֶֽאֱכַלְתִּ֔יךְ וּנְתַתִּ֧יהוּ לִפְנֵיהֶ֛ם לְרֵ֥יחַ נִיחֹ֖חַ וַיֶּ֑הִי נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ | 19 |
مەن ئۆزۈڭگە بەرگەن نېنىمنى، مەن ساڭا ئوزۇققا بەرگەن ئاق ئان، زەيتۇن مېيى ۋە بالنى بولسا، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا خۇشپۇراق ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتاپ سۇندۇڭ: ئىشلار دەل شۇنداق ئىدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
וַתִּקְחִ֞י אֶת־בָּנַ֤יִךְ וְאֶת־בְּנוֹתַ֙יִךְ֙ אֲשֶׁ֣ר יָלַ֣דְתְּ לִ֔י וַתִּזְבָּחִ֥ים לָהֶ֖ם לֶאֱכ֑וֹל הַמְעַ֖ט מִתַּזְנוּתָֽיִךְ׃ | 20 |
ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك، |
וַֽתִּשְׁחֲטִ֖י אֶת־בָּנָ֑י וַֽתִּתְּנִ֔ים בְּהַעֲבִ֥יר אוֹתָ֖ם לָהֶֽם׃ | 21 |
سەن مېنىڭ بالىلىرىمنى سويۇپ ئۇلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ مەبۇدلارغا ئاتاپ قويدۇڭغۇ؟ |
וְאֵ֤ת כָּל־תּוֹעֲבֹתַ֙יִךְ֙ וְתַזְנֻתַ֔יִךְ לֹ֥א זָכַ֖רְתְּ אֶת־יְמֵ֣י נְעוּרָ֑יִךְ בִּֽהְיוֹתֵךְ֙ עֵרֹ֣ם וְעֶרְיָ֔ה מִתְבּוֹסֶ֥סֶת בְּדָמֵ֖ךְ הָיִֽית׃ | 22 |
سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ھەم پاھىشە بۇزۇقلۇقلىرىڭدا، سەن ياشلىقىڭدا تۇغما-يالىڭاچ بولۇپ ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقان كۈنلىرىڭنى ھېچقاچان ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ. |
וַיְהִ֕י אַחֲרֵ֖י כָּל־רָעָתֵ֑ךְ א֣וֹי א֣וֹי לָ֔ךְ נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ | 23 |
ئەمدى سېنىڭ بۇ رەزىللىكلىرىڭدىن كېيىن ــ (ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار) |
וַתִּבְנִי־לָ֖ךְ גֶּ֑ב וַתַּעֲשִׂי־לָ֥ךְ רָמָ֖ה בְּכָל־רְחֽוֹב׃ | 24 |
سەن يەنە ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر پەشتاق قۇرۇپ، ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ؛ |
אֶל־כָּל־רֹ֣אשׁ דֶּ֗רֶךְ בָּנִית֙ רָֽמָתֵ֔ךְ וַתְּתַֽעֲבִי֙ אֶת־יָפְיֵ֔ךְ וַתְּפַשְּׂקִ֥י אֶת־רַגְלַ֖יִךְ לְכָל־עוֹבֵ֑ר וַתַּרְבִּ֖י אֶת־תַּזְנוּתָֽיִךְ׃ | 25 |
سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىدا «يۇقىرى جاي»ىڭنى سالدىڭ؛ سەن ئۆز گۈزەللىكىڭنى يىرگىنچلىك قىلىپ، تېنىڭنى ھەربىر ئۆتكۈچىگە تۇتۇپ، پۇتۇڭنى ئېچىپ ئۆزۈڭنى بېرىپ پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. |
וַתִּזְנִ֧י אֶל־בְּנֵֽי־מִצְרַ֛יִם שְׁכֵנַ֖יִךְ גִּדְלֵ֣י בָשָׂ֑ר וַתַּרְבִּ֥י אֶת־תַּזְנֻתֵ֖ךְ לְהַכְעִיסֵֽנִי׃ | 26 |
سەن ئىشقۋاز ئەرلىكى چوڭ قوشناڭ بولغان مىسىرلىقلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۈڭ؛ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قوزغاپ، پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. |
וְהִנֵּ֨ה נָטִ֤יתִי יָדִי֙ עָלַ֔יִךְ וָאֶגְרַ֖ע חֻקֵּ֑ךְ וָאֶתְּנֵ֞ךְ בְּנֶ֤פֶשׁ שֹׂנְאוֹתַ֙יִךְ֙ בְּנ֣וֹת פְּלִשְׁתִּ֔ים הַנִּכְלָמ֖וֹת מִדַּרְכֵּ֥ךְ זִמָּֽה׃ | 27 |
ۋە مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنىڭ نېسىۋەڭنى ئازايتىپ قويدۇم. مەن سېنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان، بۇزۇق يولۇڭدىن نومۇس قىلىپ چۆچىگەنلەرنىڭ، يەنى فىلىستىيلەرنىڭ قىزلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. |
וַתִּזְנִי֙ אֶל־בְּנֵ֣י אַשּׁ֔וּר מִבִּלְתִּ֖י שָׂבְעָתֵ֑ךְ וַתִּזְנִ֕ים וְגַ֖ם לֹ֥א שָׂבָֽעַתְּ׃ | 28 |
سەن يەنە قانماي يەنە ئاسۇرىيلىكلەر بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۇڭ؛ بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. |
וַתַּרְבִּ֧י אֶת־תַּזְנוּתֵ֛ךְ אֶל־אֶ֥רֶץ כְּנַ֖עַן כַּשְׂדִּ֑ימָה וְגַם־בְּזֹ֖את לֹ֥א שָׂבָֽעַתְּ׃ | 29 |
شۇڭا سەن سودىگەرنىڭ زېمىنى، يەنى كالدىيە بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتىپ، بۇنىڭدىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. |
מָ֤ה אֲמֻלָה֙ לִבָּתֵ֔ךְ נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֣י יְהוִ֑ה בַּעֲשׂוֹתֵךְ֙ אֶת־כָּל־אֵ֔לֶּה מַעֲשֵׂ֥ה אִשָּֽׁה־זוֹנָ֖ה שַׁלָּֽטֶת׃ | 30 |
مۇشۇنداق بارلىق ئىشلارنى، يەنى نومۇسسىز پاھىشە ئايالنىڭ ئىشلىرىنى قىلىسەن، نېمانچە سۇيۇق سېنىڭ قەلبىڭ! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، |
בִּבְנוֹתַ֤יִךְ גַּבֵּךְ֙ בְּרֹ֣אשׁ כָּל־דֶּ֔רֶךְ וְרָמָתֵ֥ךְ עָשִׂ֖ית בְּכָל־רְח֑וֹב וְלֹא־הָיִ֥ית כַּזּוֹנָ֖ה לְקַלֵּ֥ס אֶתְנָֽן׃ | 31 |
ئۆزۈڭنىڭ پەشتىقىڭنى ھەر كوچىنىڭ بېشىدا قۇرىدىغان، ھەربىر مەيداندا «يۇقىرى جاي»ىڭنى ياسايدىغان! ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن پاھىشە ئايالدەك ئەمەس ئىدىڭ، چۈنكى سەن ھەقنى نەزىرىڭگە ئالمايتتىڭ! |
הָאִשָּׁ֖ה הַמְּנָאָ֑פֶת תַּ֣חַת אִישָׁ֔הּ תִּקַּ֖ח אֶת־זָרִֽים׃ | 32 |
ئى ۋاپاسىز ئايال، ئېرىنىڭ ئورنىدا يات ئادەملەرگە كۆڭۈل بېرىدىغان! |
לְכָל־זֹנ֖וֹת יִתְּנוּ־נֵ֑דֶה וְאַ֨תְּ נָתַ֤תְּ אֶת־נְדָנַ֙יִךְ֙ לְכָל־מְאַֽהֲבַ֔יִךְ וַתִּשְׁחֳדִ֣י אוֹתָ֗ם לָב֥וֹא אֵלַ֛יִךְ מִסָּבִ֖יב בְּתַזְנוּתָֽיִךְ׃ | 33 |
خەقلەر پاھىشە ئايالغا ھەمىشە ھەق بېرىدۇ؛ بىراق سەن ئاشنىلىرىڭنى بۇزۇقلۇق مۇھەببەتلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا ھەرياندىن يېنىڭغا كەلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۈستەك بېرىپ ئىنئام قىلىسەن؛ |
וַיְהִי־בָ֨ךְ הֵ֤פֶךְ מִן־הַנָּשִׁים֙ בְּתַזְנוּתַ֔יִךְ וְאַחֲרַ֖יִךְ לֹ֣א זוּנָּ֑ה וּבְתִתֵּ֣ךְ אֶתְנָ֗ן וְאֶתְנַ֛ן לֹ֥א נִתַּן־לָ֖ךְ וַתְּהִ֥י לְהֶֽפֶךְ׃ | 34 |
بۇزۇقلۇقتا سەن باشقا ئاياللارنىڭ ئەكسىسەن، چۈنكى ھېچكىم سېنىڭ بۇزۇق مۇھەببىتىڭنى ئىزدەپ كەلمىدى؛ سەن ئۈستەك بەردىڭ، ھېچ ھەق ساڭا بېرىلمىدى ــ سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەكسىسەن! |
לָכֵ֣ן זוֹנָ֔ה שִׁמְעִ֖י דְּבַר־יְהוָֽה׃ פ | 35 |
شۇڭا، ئى پاھىشە ئايال، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! |
כֹּֽה־אָמַ֞ר אֲדֹנָ֣י יְהֹוִ֗ה יַ֣עַן הִשָּׁפֵ֤ךְ נְחֻשְׁתֵּךְ֙ וַתִּגָּלֶ֣ה עֶרְוָתֵ֔ךְ בְּתַזְנוּתַ֖יִךְ עַל־מְאַהֲבָ֑יִךְ וְעַל֙ כָּל־גִּלּוּלֵ֣י תוֹעֲבוֹתַ֔יִךְ וְכִדְמֵ֣י בָנַ֔יִךְ אֲשֶׁ֥ר נָתַ֖תְּ לָהֶֽם׃ | 36 |
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ تەڭگىلىرىڭ تۆكۈلۈپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئۇيات يېرىڭ ئاشكارىلانغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارلىق يىرگىنچلىك مەبۇدلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا ئاتاپ سۇنغان بالىلىرىڭنىڭ قېنى تۈپەيلىدىن ــ |
לָ֠כֵן הִנְנִ֨י מְקַבֵּ֤ץ אֶת־כָּל־מְאַהֲבַ֙יִךְ֙ אֲשֶׁ֣ר עָרַ֣בְתְּ עֲלֵיהֶ֔ם וְאֵת֙ כָּל־אֲשֶׁ֣ר אָהַ֔בְתְּ עַ֖ל כָּל־אֲשֶׁ֣ר שָׂנֵ֑את וְקִבַּצְתִּי֩ אֹתָ֨ם עָלַ֜יִךְ מִסָּבִ֗יב וְגִלֵּיתִ֤י עֶרְוָתֵךְ֙ אֲלֵהֶ֔ם וְרָא֖וּ אֶת־כָּל־עֶרְוָתֵֽךְ׃ | 37 |
شۇڭا مانا، مەن سېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەيش-ئىشرەت مەنبەسى قىلغان، بارلىق سۆيگەن ھەم بارلىق نەپرەتلەنگەن ئاشنىلىرىڭنى يىغىمەن ــ مەن ئۇلارنى ساڭا قارشى چىقىرىپ ئەتىراپىڭدىن يىغىپ، سېنىڭ ئۇيات يېرىڭنى ئۇلارغا ئاشكارە قىلىمەن، ئۇلار سېنىڭ بارلىق ئۇيات يېرىڭنى كۆرىدۇ. |
וּשְׁפַטְתִּיךְ֙ מִשְׁפְּטֵ֣י נֹאֲפ֔וֹת וְשֹׁפְכֹ֖ת דָּ֑ם וּנְתַתִּ֕יךְ דַּ֥ם חֵמָ֖ה וְקִנְאָֽה׃ | 38 |
شۇنىڭ بىلەن سېنى بۇزۇقلۇق قىلغان ھەم قان تۆككەن ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن؛ مەن قەھر بىلەن، ئوتتەك غەزىپىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۈستۈڭگە قانلىق جازانى چۈشۈرىمەن؛ |
וְנָתַתִּ֨י אוֹתָ֜ךְ בְּיָדָ֗ם וְהָרְס֤וּ גַבֵּךְ֙ וְנִתְּצ֣וּ רָמֹתַ֔יִךְ וְהִפְשִׁ֤יטוּ אוֹתָךְ֙ בְּגָדַ֔יִךְ וְלָקְח֖וּ כְּלֵ֣י תִפְאַרְתֵּ֑ךְ וְהִנִּיח֖וּךְ עֵירֹ֥ם וְעֶרְיָֽה׃ | 39 |
ۋە مەن سېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ پەشتاقلىرىڭنى غۇلىتىدۇ، سېنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىڭنى چېقىپ تاشلايدۇ؛ ئۇلار كىيىم-كېچىكىڭنى ئۈستۈڭدىن سالدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلاپ-تالاپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرىدۇ. |
וְהֶעֱל֤וּ עָלַ֙יִךְ֙ קָהָ֔ל וְרָגְמ֥וּ אוֹתָ֖ךְ בָּאָ֑בֶן וּבִתְּק֖וּךְ בְּחַרְבוֹתָֽם׃ | 40 |
ئۇلار ساڭا قارشى بىر توپ كىشىلەرنى يىغىپ ئېپكېلىدۇ، ئۇلار سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ ھەم سېنى قىلىچلىرى بىلەن چېپىۋېتىدۇ. |
וְשָׂרְפ֤וּ בָתַּ֙יִךְ֙ בָּאֵ֔שׁ וְעָשׂוּ־בָ֣ךְ שְׁפָטִ֔ים לְעֵינֵ֖י נָשִׁ֣ים רַבּ֑וֹת וְהִשְׁבַּתִּיךְ֙ מִזּוֹנָ֔ה וְגַם־אֶתְנַ֖ן לֹ֥א תִתְּנִי־עֽוֹד׃ | 41 |
ئۇلار ئۆيلىرىڭنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىدۇ، كۆپ ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۈستۈڭگە جازالارنى چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى پاھىشە ئايال بولۇشتىن قالدۇرىمەن؛ سەن يەنە ھېچقانداق «مۇھەببەت ھەققى»نى بەرمەيسەن. |
וַהֲנִחֹתִ֤י חֲמָתִי֙ בָּ֔ךְ וְסָ֥רָה קִנְאָתִ֖י מִמֵּ֑ךְ וְשָׁ֣קַטְתִּ֔י וְלֹ֥א אֶכְעַ֖ס עֽוֹד׃ | 42 |
شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا قاراتقان قەھرىمنى توختىتىمەن، مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ سەندىن كېتىدۇ؛ مەن تىنچلىنىپ قايتا ئاچچىقلانمايمەن. |
יַ֗עַן אֲשֶׁ֤ר לֹֽא־זָכַרְתְּ֙ אֶת־יְמֵ֣י נְעוּרַ֔יִךְ וַתִּרְגְּזִי־לִ֖י בְּכָל־אֵ֑לֶּה וְגַם־אֲנִ֨י הֵ֜א דַּרְכֵּ֣ךְ ׀ בְּרֹ֣אשׁ נָתַ֗תִּי נְאֻם֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה וְלֹ֤א עָשִׂית֙ אֶת־הַזִּמָּ֔ה עַ֖ל כָּל־תּוֹעֲבֹתָֽיִךְ׃ | 43 |
سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن. |
הִנֵּה֙ כָּל־הַמֹּשֵׁ֔ל עָלַ֥יִךְ יִמְשֹׁ֖ל לֵאמֹ֑ר כְּאִמָּ֖ה בִּתָּֽהּ׃ | 44 |
مانا، ماقاللارنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سەن توغرۇلۇق: «ئانىسى قانداق بولسا، قىزى شۇنداق بولار» دېگەن بىر ماقالنى تىلغا ئالىدۇ. |
בַּת־אִמֵּ֣ךְ אַ֔תְּ גֹּעֶ֥לֶת אִישָׁ֖הּ וּבָנֶ֑יהָ וַאֲח֨וֹת אֲחוֹתֵ֜ךְ אַ֗תְּ אֲשֶׁ֤ר גָּֽעֲ֙לוּ֙ אַנְשֵׁיהֶ֣ן וּבְנֵיהֶ֔ן אִמְּכֶ֣ן חִתִּ֔ית וַאֲבִיכֶ֖ן אֱמֹרִֽי׃ | 45 |
سەن ئۆز ئېرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاناڭنىڭ قىزىدۇرسەن؛ ھەم ئۆز ئەرلىرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنىڭ ئارىلىقىدىكىسەن؛ سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى. |
וַאֲחוֹתֵ֨ךְ הַגְּדוֹלָ֤ה שֹֽׁמְרוֹן֙ הִ֣יא וּבְנוֹתֶ֔יהָ הַיּוֹשֶׁ֖בֶת עַל־שְׂמֹאולֵ֑ךְ וַאֲחוֹתֵ֞ךְ הַקְּטַנָּ֣ה מִמֵּ֗ךְ הַיּוֹשֶׁ֙בֶת֙ מִֽימִינֵ֔ךְ סְדֹ֖ם וּבְנוֹתֶֽיהָ׃ | 46 |
سېنىڭ ئاچاڭ بولسا سول تەرىپىڭدە تۇرغان سامارىيە، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى؛ سىڭلىڭ بولسا ئوڭ تەرىپىڭدە تۇرغان سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى. |
וְלֹ֤א בְדַרְכֵיהֶן֙ הָלַ֔כְתְּ וּבְתוֹעֲבֽוֹתֵיהֶ֖ן עָשִׂ֑ית כִּמְעַ֣ט קָ֔ט וַתַּשְׁחִ֥תִי מֵהֵ֖ן בְּכָל־דְּרָכָֽיִךְ׃ | 47 |
سەن نە ئۇلارنىڭ يوللىرىدىدا ماڭمىغان، نە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلمىغانسەن؛ ياق! بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ. |
חַי־אָ֗נִי נְאֻם֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה אִם־עָֽשְׂתָה֙ סְדֹ֣ם אֲחוֹתֵ֔ךְ הִ֖יא וּבְנוֹתֶ֑יהָ כַּאֲשֶׁ֣ר עָשִׂ֔ית אַ֖תְּ וּבְנוֹתָֽיִךְ׃ | 48 |
ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى؛ |
הִנֵּה־זֶ֣ה הָיָ֔ה עֲוֹ֖ן סְדֹ֣ם אֲחוֹתֵ֑ךְ גָּא֨וֹן שִׂבְעַת־לֶ֜חֶם וְשַׁלְוַ֣ת הַשְׁקֵ֗ט הָ֤יָה לָהּ֙ וְלִבְנוֹתֶ֔יהָ וְיַד־עָנִ֥י וְאֶבְי֖וֹן לֹ֥א הֶחֱזִֽיקָה׃ | 49 |
مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى. |
וַֽתִּגְבְּהֶ֔ינָה וַתַּעֲשֶׂ֥ינָה תוֹעֵבָ֖ה לְפָנָ֑י וָאָסִ֥יר אֶתְהֶ֖ן כַּאֲשֶׁ֥ר רָאִֽיתִי׃ ס | 50 |
ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى؛ مەن بۇنى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى يوقاتتىم. |
וְשֹׁ֣מְר֔וֹן כַּחֲצִ֥י חַטֹּאתַ֖יִךְ לֹ֣א חָטָ֑אָה וַתַּרְבִּ֤י אֶת־תּוֹעֲבוֹתַ֙יִךְ֙ מֵהֵ֔נָּה וַתְּצַדְּקִי֙ אֶת־אֲחוֹתַ֔יִךְ בְּכָל־תּוֹעֲבוֹתַ֖יִךְ אֲשֶׁ֥ר עָשִֽׂית׃ | 51 |
سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى؛ ھالبۇكى، سەن بولساڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئاۋۇتۇپ قىلدىڭ؛ شۇنداق قىلىپ سەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاچا-سىڭلىڭنى خۇددى ھەققانىيدەك كۆرۈندۈرگەنىدىڭ. |
גַּם־אַ֣תְּ ׀ שְׂאִ֣י כְלִמָּתֵ֗ךְ אֲשֶׁ֤ר פִּלַּלְתְּ֙ לַֽאֲחוֹתֵ֔ךְ בְּחַטֹּאתַ֛יִךְ אֲשֶׁר־הִתְעַ֥בְתְּ מֵהֵ֖ן תִּצְדַּ֣קְנָה מִמֵּ֑ךְ וְגַם־אַ֥תְּ בּ֙וֹשִׁי֙ וּשְׂאִ֣י כְלִמָּתֵ֔ךְ בְּצַדֶּקְתֵּ֖ךְ אַחְיוֹתֵֽךְ׃ | 52 |
سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛ ئەمدى سەنمۇ، ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! سېنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن تېخىمۇ نەپرەتلىك گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلار سەندىن ھەققانىي كۆرۈنىدۇ؛ شۇڭا سەنمۇ ئاچا-سىڭلىڭنى ھەققانىي كۆرسەتكىنىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قېلىپ شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! |
וְשַׁבְתִּי֙ אֶת־שְׁבִ֣יתְהֶ֔ן אֶת־שְׁב֤וּת סְדֹם֙ וּבְנוֹתֶ֔יהָ וְאֶת־שְׁב֥וּת שֹׁמְר֖וֹן וּבְנוֹתֶ֑יהָ וּשְׁב֥וּת שְׁבִיתַ֖יִךְ בְּתוֹכָֽהְנָה׃ | 53 |
ۋە مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن، سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكتىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ |
לְמַ֙עַן֙ תִּשְׂאִ֣י כְלִמָּתֵ֔ךְ וְנִכְלַ֕מְתְּ מִכֹּ֖ל אֲשֶׁ֣ר עָשִׂ֑ית בְּנַחֲמֵ֖ךְ אֹתָֽן׃ | 54 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە، سەن ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرىسەن، سېنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قالىسەن. |
וַאֲחוֹתַ֗יִךְ סְדֹ֤ם וּבְנוֹתֶ֙יהָ֙ תָּשֹׁ֣בְןָ לְקַדְמָתָ֔ן וְשֹֽׁמְרוֹן֙ וּבְנוֹתֶ֔יהָ תָּשֹׁ֖בְןָ לְקַדְמָתָ֑ן וְאַתְּ֙ וּבְנוֹתַ֔יִךְ תְּשֻׁבֶ֖ינָה לְקַדְמַתְכֶֽן׃ | 55 |
سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، سودوم ھەم قىزلىرى ئەسلى ھالىغا، سامارىيە ھەم قىزلىرىمۇ ئەسلى ھالىغا كېلىدۇ؛ سەنمۇ ۋە سېنىڭ قىزلىرىڭ ئەسلىي ھالىڭلارغا كېلىسىلەر. |
וְל֤וֹא הָֽיְתָה֙ סְדֹ֣ם אֲחוֹתֵ֔ךְ לִשְׁמוּעָ֖ה בְּפִ֑יךְ בְּי֖וֹם גְּאוֹנָֽיִךְ׃ | 56 |
سېنىڭ رەزىللىكىڭ پاش قىلىنماي، تەكەببۇرلۇقتا يۈرگەن كۈنۈڭدە، سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟ ئەمدى ھازىر سەن ئۆزۈڭ سۇرىيە قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەمدە فىلىستىيە قىزلىرى، يەنى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالدىڭ. |
בְּטֶרֶם֮ תִּגָּלֶ֣ה רָעָתֵךְ֒ כְּמ֗וֹ עֵ֚ת חֶרְפַּ֣ת בְּנוֹת־אֲרָ֔ם וְכָל־סְבִיבוֹתֶ֖יהָ בְּנ֣וֹת פְּלִשְׁתִּ֑ים הַשָּׁאט֥וֹת אוֹתָ֖ךְ מִסָּבִֽיב׃ | 57 |
אֶת־זִמָּתֵ֥ךְ וְאֶת־תּוֹעֲבוֹתַ֖יִךְ אַ֣תְּ נְשָׂאתִ֑ים נְאֻ֖ם יְהוָֽה׃ ס | 58 |
سەن بۇزۇقلۇقۇڭ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
כִּ֣י כֹ֤ה אָמַר֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה וְעָשִׂ֥יתִי אוֹתָ֖ךְ כַּאֲשֶׁ֣ר עָשִׂ֑ית אֲשֶׁר־בָּזִ֥ית אָלָ֖ה לְהָפֵ֥ר בְּרִֽית׃ | 59 |
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە سېنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ |
וְזָכַרְתִּ֨י אֲנִ֧י אֶת־בְּרִיתִ֛י אוֹתָ֖ךְ בִּימֵ֣י נְעוּרָ֑יִךְ וַהֲקִמוֹתִ֥י לָ֖ךְ בְּרִ֥ית עוֹלָֽם׃ | 60 |
ھالبۇكى، مەن سېنىڭ بىلەن ياشلىق كۈنلىرىڭدە تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن، ھەم سەن بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن. |
וְזָכַ֣רְתְּ אֶת־דְּרָכַיִךְ֮ וְנִכְלַמְתְּ֒ בְּקַחְתֵּ֗ךְ אֶת־אֲחוֹתַ֙יִךְ֙ הַגְּדֹל֣וֹת מִמֵּ֔ךְ אֶל־הַקְּטַנּ֖וֹת מִמֵּ֑ךְ וְנָתַתִּ֨י אֶתְהֶ֥ן לָ֛ךְ לְבָנ֖וֹת וְלֹ֥א מִבְּרִיתֵֽךְ׃ | 61 |
شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭدىن چوڭ ئاچىلىرىڭ ھەمدە سېنىڭدىن كىچىك سىڭىللىرىڭنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭدا، سەن يوللىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجالەتكە قالىسەن؛ چۈنكى مۇشۇ [ئاچا-سىڭىللىرىڭنى] ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ. |
וַהֲקִימוֹתִ֥י אֲנִ֛י אֶת־בְּרִיתִ֖י אִתָּ֑ךְ וְיָדַ֖עַתְּ כִּֽי־אֲנִ֥י יְהוָֽה׃ | 62 |
مەن ئۆز ئەھدەمنى سەن بىلەن تۈزىمەن، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن؛ |
לְמַ֤עַן תִּזְכְּרִי֙ וָבֹ֔שְׁתְּ וְלֹ֨א יִֽהְיֶה־לָּ֥ךְ עוֹד֙ פִּתְח֣וֹן פֶּ֔ה מִפְּנֵ֖י כְּלִמָּתֵ֑ךְ בְּכַפְּרִי־לָךְ֙ לְכָל־אֲשֶׁ֣ר עָשִׂ֔ית נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ ס | 63 |
شۇنىڭ بىلەن سېنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا، سەن قىلمىشلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجىل بولۇپ، شەرمەندىلىكىڭ تۈپەيلىدىن قايتىدىن ئاغزىڭنى ھېچ ئاچمايسەن.» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |