וַיָּב֤וֹא אֵלַי֙ אֲנָשִׁ֔ים מִזִּקְנֵ֖י יִשְׂרָאֵ֑ל וַיֵּשְׁב֖וּ לְפָנָֽי׃ פ | 1 |
ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئالدىمدا ئولتۇرۇشتى. |
וַיְהִ֥י דְבַר־יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ | 2 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
בֶּן־אָדָ֗ם הָאֲנָשִׁ֤ים הָאֵ֙לֶּה֙ הֶעֱל֤וּ גִלּֽוּלֵיהֶם֙ עַל־לִבָּ֔ם וּמִכְשׁ֣וֹל עֲוֹנָ֔ם נָתְנ֖וּ נֹ֣כַח פְּנֵיהֶ֑ם הַאִדָּרֹ֥שׁ אִדָּרֵ֖שׁ לָהֶֽם׃ ס | 3 |
«ئى ئىنسان ئوغلى، مۇشۇ ئادەملەر ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىگە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويغانىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدەپ مەندىن يول سورىشىنى قوبۇل قىلامدىمەن؟ |
לָכֵ֣ן דַּבֵּר־א֠וֹתָם וְאָמַרְתָּ֨ אֲלֵיהֶ֜ם כֹּה־אָמַ֣ר ׀ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֗ה אִ֣ישׁ אִ֣ישׁ מִבֵּ֣ית יִשְׂרָאֵ֡ל אֲשֶׁר֩ יַעֲלֶ֨ה אֶת־גִּלּוּלָ֜יו אֶל־לִבּ֗וֹ וּמִכְשׁ֤וֹל עֲוֹנוֹ֙ יָשִׂים֙ נֹ֣כַח פָּנָ֔יו וּבָ֖א אֶל־הַנָּבִ֑יא אֲנִ֣י יְהוָ֗ה נַעֲנֵ֧יתִי ל֦וֹ בָ֖א בְּרֹ֥ב גִּלּוּלָֽיו׃ | 4 |
ئەمدى ئۇلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل جەمەتىدىكى كۆڭلىدە ئۆز بۇتلىرىنى تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن پەيغەمبەر ئالدىغا كېلىدىغان ھەربىر ئادەمنى بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بويىچە جاۋاب قايتۇرىمەن. |
לְמַ֛עַן תְּפֹ֥שׂ אֶת־בֵּֽית־יִשְׂרָאֵ֖ל בְּלִבָּ֑ם אֲשֶׁ֤ר נָזֹ֙רוּ֙ מֵֽעָלַ֔י בְּגִלּֽוּלֵיהֶ֖ם כֻּלָּֽם׃ ס | 5 |
شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە ئىگىلدۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بارلىق بۇتلىرى بىلەن ماڭا يات بولۇپ كەتتى». |
לָכֵ֞ן אֱמֹ֣ר ׀ אֶל־בֵּ֣ית יִשְׂרָאֵ֗ל כֹּ֤ה אָמַר֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה שׁ֣וּבוּ וְהָשִׁ֔יבוּ מֵעַ֖ל גִּלּֽוּלֵיכֶ֑ם וּמֵעַ֥ל כָּל־תּוֹעֲבֹתֵיכֶ֖ם הָשִׁ֥יבוּ פְנֵיכֶֽם׃ | 6 |
ــ شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «توۋا قىلىڭلار! بۇتلىرىڭلاردىن يېنىپ [يېنىمغا] قايتىپ كېلىڭلار! بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلاردىن يۈزۈڭلارنى ئۆرۈڭلار! |
כִּי֩ אִ֨ישׁ אִ֜ישׁ מִבֵּ֣ית יִשְׂרָאֵ֗ל וּמֵהַגֵּר֮ אֲשֶׁר־יָג֣וּר בְּיִשְׂרָאֵל֒ וְיִנָּזֵ֣ר מֵֽאַחֲרַ֗י וְיַ֤עַל גִּלּוּלָיו֙ אֶל־לִבּ֔וֹ וּמִכְשׁ֣וֹל עֲוֹנ֔וֹ יָשִׂ֖ים נֹ֣כַח פָּנָ֑יו וּבָ֤א אֶל־הַנָּבִיא֙ לִדְרָשׁ־ל֣וֹ בִ֔י אֲנִ֣י יְהוָ֔ה נַֽעֲנֶה־לּ֖וֹ בִּֽי׃ | 7 |
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئۆزلىرىنى مەندىن ئايرىپ، ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىدە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن مەندىن سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان ھەرقايسى ئادەم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى مۇساپىرلار بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن؛ |
וְנָתַתִּ֨י פָנַ֜י בָּאִ֣ישׁ הַה֗וּא וַהֲשִֽׂמֹתִ֙יהוּ֙ לְא֣וֹת וְלִמְשָׁלִ֔ים וְהִכְרַתִּ֖יו מִתּ֣וֹךְ עַמִּ֑י וִֽידַעְתֶּ֖ם כִּֽי־אֲנִ֥י יְהוָֽה׃ ס | 8 |
مەن مۇشۇ كىشىنى بىر ئاگاھ بېشارىتى قىلىپ ئۇنى سۆز-چۆچەككە قالدۇرۇشقا يۈزۈمنى ئۇنىڭغا قارشى قىلىمەن؛ مەن خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. |
וְהַנָּבִ֤יא כִֽי־יְפֻתֶּה֙ וְדִבֶּ֣ר דָּבָ֔ר אֲנִ֤י יְהוָה֙ פִּתֵּ֔יתִי אֵ֖ת הַנָּבִ֣יא הַה֑וּא וְנָטִ֤יתִי אֶת־יָדִי֙ עָלָ֔יו וְהִ֨שְׁמַדְתִּ֔יו מִתּ֖וֹךְ עַמִּ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 9 |
بىراق پەيغەمبەر ئۆزى ئېزىقتۇرۇلۇپ، بىر بېشارەتلىك سۆز قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈم پەرۋەردىگار شۇ پەيغەمبەرنى ئېزىتقۇغا ئۇچراتقانمەن؛ مەن ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى ئۇزارتىپ، ئۇنى خەلقىم ئارىسىدىن ھالاك قىلىمەن. |
וְנָשְׂא֖וּ עֲוֹנָ֑ם כַּֽעֲוֹן֙ הַדֹּרֵ֔שׁ כַּעֲוֹ֥ן הַנָּבִ֖יא יִֽהְיֶֽה׃ | 10 |
ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ پەيغەمبەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن سورىغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا ئوخشاش بولىدۇ. |
לְ֠מַעַן לֹֽא־יִתְע֨וּ ע֤וֹד בֵּֽית־יִשְׂרָאֵל֙ מֵאַֽחֲרַ֔י וְלֹֽא־יִטַּמְּא֥וּ ע֖וֹד בְּכָל־פִּשְׁעֵיהֶ֑ם וְהָ֥יוּ לִ֣י לְעָ֗ם וַֽאֲנִי֙ אֶהְיֶ֤ה לָהֶם֙ לֵֽאלֹהִ֔ים נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ פ | 11 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتى يەنە مەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ، ياكى يەنە ئاسىيلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». |
וַיְהִ֥י דְבַר־יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ | 12 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
בֶּן־אָדָ֗ם אֶ֚רֶץ כִּ֤י תֶחֱטָא־לִי֙ לִמְעָל־מַ֔עַל וְנָטִ֤יתִי יָדִי֙ עָלֶ֔יהָ וְשָׁבַ֥רְתִּי לָ֖הּ מַטֵּה־לָ֑חֶם וְהִשְׁלַחְתִּי־בָ֣הּ רָעָ֔ב וְהִכְרַתִּ֥י מִמֶּ֖נָּה אָדָ֥ם וּבְהֵמָֽה׃ | 13 |
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەلۇم بىر زېمىن ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ گۇناھ قىلغاندا، مەن شۇنىڭ بىلەن قولۇمنى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزارتىپ، ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولغان نېنىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچارچىلىقنى ئەۋەتىمەن ھەم ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ئۇنىڭدىن ئۈزىمەن؛ |
וְ֠הָיוּ שְׁלֹ֨שֶׁת הָאֲנָשִׁ֤ים הָאֵ֙לֶּה֙ בְּתוֹכָ֔הּ נֹ֖חַ דָּנִיֵּ֣אל וְאִיּ֑וֹב הֵ֤מָּה בְצִדְקָתָם֙ יְנַצְּל֣וּ נַפְשָׁ֔ם נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ | 14 |
ئەمدى ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلىيالغان بولاتتى ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
לֽוּ־חַיָּ֥ה רָעָ֛ה אַעֲבִ֥יר בָּאָ֖רֶץ וְשִׁכְּלָ֑תָּה וְהָיְתָ֤ה שְׁמָמָה֙ מִבְּלִ֣י עוֹבֵ֔ר מִפְּנֵ֖י הַחַיָּֽה׃ | 15 |
ئەگەر مەن زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆتكۈزسەم، ئۇلار ئۇنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلسا، ھايۋانلار تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولماي، ئۇ ۋەيرانە بولسا، |
שְׁלֹ֨שֶׁת הָאֲנָשִׁ֣ים הָאֵלֶּה֮ בְּתוֹכָהּ֒ חַי־אָ֗נִי נְאֻם֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה אִם־בָּנִ֥ים וְאִם־בָּנ֖וֹת יַצִּ֑ילוּ הֵ֤מָּה לְבַדָּם֙ יִנָּצֵ֔לוּ וְהָאָ֖רֶץ תִּהְיֶ֥ה שְׁמָמָֽה׃ | 16 |
ئەمدى مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى، زېمىننىڭ ئۆزى ۋەيرانە پېتى قالاتتى. |
א֛וֹ חֶ֥רֶב אָבִ֖יא עַל־הָאָ֣רֶץ הַהִ֑יא וְאָמַרְתִּ֗י חֶ֚רֶב תַּעֲבֹ֣ר בָּאָ֔רֶץ וְהִכְרַתִּ֥י מִמֶּ֖נָּה אָדָ֥ם וּבְהֵמָֽה׃ | 17 |
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا قىلىچنى چۈشۈرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، |
וּשְׁלֹ֨שֶׁת הָאֲנָשִׁ֣ים הָאֵלֶּה֮ בְּתוֹכָהּ֒ חַי־אָ֗נִי נְאֻם֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה לֹ֥א יַצִּ֖ילוּ בָּנִ֣ים וּבָנ֑וֹת כִּ֛י הֵ֥ם לְבַדָּ֖ם יִנָּצֵֽלוּ׃ | 18 |
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى ساقلاپ قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. |
א֛וֹ דֶּ֥בֶר אֲשַׁלַּ֖ח אֶל־הָאָ֣רֶץ הַהִ֑יא וְשָׁפַכְתִּ֨י חֲמָתִ֤י עָלֶ֙יהָ֙ בְּדָ֔ם לְהַכְרִ֥ית מִמֶּ֖נָּה אָדָ֥ם וּבְהֵמָֽה׃ | 19 |
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، |
וְנֹ֨חַ דָּנִיֵּ֣אל וְאִיּוֹב֮ בְּתוֹכָהּ֒ חַי־אָ֗נִי נְאֻם֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה אִם־בֵּ֥ן אִם־בַּ֖ת יַצִּ֑ילוּ הֵ֥מָּה בְצִדְקָתָ֖ם יַצִּ֥ילוּ נַפְשָֽׁם׃ פ | 20 |
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغلىنى نە قىزىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ھەققانىيلىقى بىلەن ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. |
כִּי֩ כֹ֨ה אָמַ֜ר אֲדֹנָ֣י יְהֹוִ֗ה אַ֣ף כִּֽי־אַרְבַּ֣עַת שְׁפָטַ֣י ׀ הָרָעִ֡ים חֶ֠רֶב וְרָעָ֞ב וְחַיָּ֤ה רָעָה֙ וָדֶ֔בֶר שִׁלַּ֖חְתִּי אֶל־יְרוּשָׁלִָ֑ם לְהַכְרִ֥ית מִמֶּ֖נָּה אָדָ֥ם וּבְהֵמָֽה׃ | 21 |
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تۆت جازايىمنى، يەنى قىلىچ، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋان ۋە ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرسەم قانداق بولار؟ |
וְהִנֵּ֨ה נֽוֹתְרָה־בָּ֜הּ פְּלֵטָ֗ה הַֽמּוּצָאִים֮ בָּנִ֣ים וּבָנוֹת֒ הִנָּם֙ יוֹצְאִ֣ים אֲלֵיכֶ֔ם וּרְאִיתֶ֥ם אֶת־דַּרְכָּ֖ם וְאֶת־עֲלִֽילוֹתָ֑ם וְנִחַמְתֶּ֗ם עַל־הָֽרָעָה֙ אֲשֶׁ֤ר הֵבֵ֙אתִי֙ עַל־יְר֣וּשָׁלִַ֔ם אֵ֛ת כָּל־אֲשֶׁ֥ר הֵבֵ֖אתִי עָלֶֽיהָ׃ | 22 |
بىراق مانا، ئۇنىڭدا قېلىپ قالغانلار بولىدۇ، يەنى ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلىپ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ مانا، ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا چىقىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن كۈلپەت، يەنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تەسەللى ئالىسىلەر؛ |
וְנִחֲמ֣וּ אֶתְכֶ֔ם כִּֽי־תִרְא֥וּ אֶת־דַּרְכָּ֖ם וְאֶת־עֲלִֽילוֹתָ֑ם וִֽידַעְתֶּ֗ם כִּי֩ לֹ֨א חִנָּ֤ם עָשִׂ֙יתִי֙ אֵ֣ת כָּל־אֲשֶׁר־עָשִׂ֣יתִי בָ֔הּ נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהֹוִֽה׃ פ | 23 |
ئەمدى سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە تەسەللى ئېپكېلىدۇ؛ سىلەر مېنىڭ ئۇنىڭدا بارلىق قىلغان ئىشلىرىمنى بىكاردىن-بىكار قىلمىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». |