וְעָשִׂ֥יתָ אֶת־הַמִּזְבֵּ֖חַ עֲצֵ֣י שִׁטִּ֑ים חָמֵשׁ֩ אַמּ֨וֹת אֹ֜רֶךְ וְחָמֵ֧שׁ אַמּ֣וֹת רֹ֗חַב רָב֤וּעַ יִהְיֶה֙ הַמִּזְבֵּ֔חַ וְשָׁלֹ֥שׁ אַמּ֖וֹת קֹמָתֽוֹ׃ | 1 |
سەن قۇربانگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىغىن. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىنسۇن. |
וְעָשִׂ֣יתָ קַרְנֹתָ֗יו עַ֚ל אַרְבַּ֣ע פִּנֹּתָ֔יו מִמֶּ֖נּוּ תִּהְיֶ֣יןָ קַרְנֹתָ֑יו וְצִפִּיתָ֥ אֹת֖וֹ נְחֹֽשֶׁת׃ | 2 |
ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىغىن؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىغىن. |
וְעָשִׂ֤יתָ סִּֽירֹתָיו֙ לְדַשְּׁנ֔וֹ וְיָעָיו֙ וּמִזְרְקֹתָ֔יו וּמִזְלְגֹתָ֖יו וּמַחְתֹּתָ֑יו לְכָל־כֵּלָ֖יו תַּעֲשֶׂ֥ה נְחֹֽשֶׁת׃ | 3 |
قۇربانگاھنىڭ ياغ [ۋە كۈلىنى] ئېلىشقا داسلارنى ياسىغىن؛ ئۇنىڭغا خاس بولغان گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىغىن؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ياساشقا مىس ئىشلەتكىن. |
וְעָשִׂ֤יתָ לּוֹ֙ מִכְבָּ֔ר מַעֲשֵׂ֖ה רֶ֣שֶׁת נְחֹ֑שֶׁת וְעָשִׂ֣יתָ עַל־הָרֶ֗שֶׁת אַרְבַּע֙ טַבְּעֹ֣ת נְחֹ֔שֶׁת עַ֖ל אַרְבַּ֥ע קְצוֹתָֽיו׃ | 4 |
قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىغىن؛ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت مىس ھالقا ياساپ بېكىتىپ قويغىن. |
וְנָתַתָּ֣ה אֹתָ֗הּ תַּ֛חַת כַּרְכֹּ֥ב הַמִּזְבֵּ֖חַ מִלְּמָ֑טָּה וְהָיְתָ֣ה הָרֶ֔שֶׁת עַ֖ד חֲצִ֥י הַמִּזְבֵּֽחַ׃ | 5 |
شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلغىن، شۇنداقتا شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. |
וְעָשִׂ֤יתָ בַדִּים֙ לַמִּזְבֵּ֔חַ בַּדֵּ֖י עֲצֵ֣י שִׁטִּ֑ים וְצִפִּיתָ֥ אֹתָ֖ם נְחֹֽשֶׁת׃ | 6 |
قۇربانگاھقا ئىككى بالداق ياسىغىن؛ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بولسۇن، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىغىن. |
וְהוּבָ֥א אֶת־בַּדָּ֖יו בַּטַּבָּעֹ֑ת וְהָי֣וּ הַבַּדִּ֗ים עַל־שְׁתֵּ֛י צַלְעֹ֥ת הַמִּזְבֵּ֖חַ בִּשְׂאֵ֥ת אֹתֽוֹ׃ | 7 |
قۇربانگاھنى كۆتۈرگەندە، بالداقلار ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىن. |
נְב֥וּב לֻחֹ֖ת תַּעֲשֶׂ֣ה אֹת֑וֹ כַּאֲשֶׁ֨ר הֶרְאָ֥ה אֹתְךָ֛ בָּהָ֖ר כֵּ֥ן יַעֲשֽׂוּ׃ ס | 8 |
قۇربانگاھنى تاختايلاردىن ياسىغىن، ئىچى بوش بولسۇن؛ ئۇ تاغدا ساڭا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە [ھۈنەرۋەنلەر] تەييار قىلسۇن. |
וְעָשִׂ֕יתָ אֵ֖ת חֲצַ֣ר הַמִּשְׁכָּ֑ן לִפְאַ֣ת נֶֽגֶב־תֵּ֠ימָנָה קְלָעִ֨ים לֶחָצֵ֜ר שֵׁ֣שׁ מָשְׁזָ֗ר מֵאָ֤ה בָֽאַמָּה֙ אֹ֔רֶךְ לַפֵּאָ֖ה הָאֶחָֽת׃ | 9 |
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىغىن. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى توقۇغىن؛ شۇ تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز بولسۇن. |
וְעַמֻּדָ֣יו עֶשְׂרִ֔ים וְאַדְנֵיהֶ֥ם עֶשְׂרִ֖ים נְחֹ֑שֶׁת וָוֵ֧י הָעַמֻּדִ֛ים וַחֲשֻׁקֵיהֶ֖ם כָּֽסֶף׃ | 10 |
پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. |
וְכֵ֨ן לִפְאַ֤ת צָפוֹן֙ בָּאֹ֔רֶךְ קְלָעִ֖ים מֵ֣אָה אֹ֑רֶךְ וְעַמּוּדָ֣יו עֶשְׂרִ֗ים וְאַדְנֵיהֶ֤ם עֶשְׂרִים֙ נְחֹ֔שֶׁת וָוֵ֧י הָֽעַמֻּדִ֛ים וַחֲשֻׁקֵיהֶ֖ם כָּֽסֶף׃ | 11 |
شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. |
וְרֹ֤חַב הֶֽחָצֵר֙ לִפְאַת־יָ֔ם קְלָעִ֖ים חֲמִשִּׁ֣ים אַמָּ֑ה עַמֻּדֵיהֶ֣ם עֲשָׂרָ֔ה וְאַדְנֵיהֶ֖ם עֲשָׂרָֽה׃ | 12 |
ھويلىنىڭ غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئون خادىسى ۋە ئون تەگلىكى بولسۇن. |
וְרֹ֣חַב הֶֽחָצֵ֗ר לִפְאַ֛ת קֵ֥דְמָה מִזְרָ֖חָה חֲמִשִּׁ֥ים אַמָּֽה׃ | 13 |
ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز بولسۇن. |
וַחֲמֵ֨שׁ עֶשְׂרֵ֥ה אַמָּ֛ה קְלָעִ֖ים לַכָּתֵ֑ף עַמֻּדֵיהֶ֣ם שְׁלֹשָׁ֔ה וְאַדְנֵיהֶ֖ם שְׁלֹשָֽׁה׃ | 14 |
بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. |
וְלַכָּתֵף֙ הַשֵּׁנִ֔ית חְמֵ֥שׁ עֶשְׂרֵ֖ה קְלָעִ֑ים עַמֻּדֵיהֶ֣ם שְׁלֹשָׁ֔ה וְאַדְנֵיהֶ֖ם שְׁלֹשָֽׁה׃ | 15 |
يەنە بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. |
וּלְשַׁ֨עַר הֶֽחָצֵ֜ר מָסָ֣ךְ ׀ עֶשְׂרִ֣ים אַמָּ֗ה תְּכֵ֨לֶת וְאַרְגָּמָ֜ן וְתוֹלַ֧עַת שָׁנִ֛י וְשֵׁ֥שׁ מָשְׁזָ֖ר מַעֲשֵׂ֣ה רֹקֵ֑ם עַמֻּֽדֵיהֶם֙ אַרְבָּעָ֔ה וְאַדְנֵיהֶ֖ם אַרְבָּעָֽה׃ | 16 |
ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىگىرمە گەز كېلىدىغان بىر پەردە قويۇلسۇن؛ پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن تۆت تەگلىكى بولسۇن. |
כָּל־עַמּוּדֵ֨י הֶֽחָצֵ֤ר סָבִיב֙ מְחֻשָּׁקִ֣ים כֶּ֔סֶף וָוֵיהֶ֖ם כָּ֑סֶף וְאַדְנֵיהֶ֖ם נְחֹֽשֶׁת׃ | 17 |
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن، تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. |
אֹ֣רֶךְ הֶֽחָצֵר֩ מֵאָ֨ה בָֽאַמָּ֜ה וְרֹ֣חַב ׀ חֲמִשִּׁ֣ים בַּחֲמִשִּׁ֗ים וְקֹמָ֛ה חָמֵ֥שׁ אַמּ֖וֹת שֵׁ֣שׁ מָשְׁזָ֑ר וְאַדְנֵיהֶ֖ם נְחֹֽשֶׁת׃ | 18 |
ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى ھەر ئىككى تەرىپى ئەللىك گەز بولسۇن؛ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ئىشلەنگەن پەردىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز قىلىنسۇن؛ خادىلارنىڭ تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. |
לְכֹל֙ כְּלֵ֣י הַמִּשְׁכָּ֔ן בְּכֹ֖ל עֲבֹדָת֑וֹ וְכָל־יְתֵדֹתָ֛יו וְכָל־יִתְדֹ֥ת הֶחָצֵ֖ר נְחֹֽשֶׁת׃ ס | 19 |
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرى ھەمدە بارلىق مىق-قوزۇقلىرى، شۇنداقلا ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن بولسۇن. |
וְאַתָּ֞ה תְּצַוֶּ֣ה ׀ אֶת־בְּנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֗ל וְיִקְח֨וּ אֵלֶ֜יךָ שֶׁ֣מֶן זַ֥יִת זָ֛ךְ כָּתִ֖ית לַמָּא֑וֹר לְהַעֲלֹ֥ת נֵ֖ר תָּמִֽיד׃ | 20 |
ــ چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن، چىراغقا ئىشلىتىشكە زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى قېشىڭغا كەلتۈرۈشكە ئىسرائىللارنى بۇيرۇغىن. |
בְּאֹ֣הֶל מוֹעֵד֩ מִח֨וּץ לַפָּרֹ֜כֶת אֲשֶׁ֣ר עַל־הָעֵדֻ֗ת יַעֲרֹךְ֩ אֹת֨וֹ אַהֲרֹ֧ן וּבָנָ֛יו מֵעֶ֥רֶב עַד־בֹּ֖קֶר לִפְנֵ֣י יְהוָ֑ה חֻקַּ֤ת עוֹלָם֙ לְדֹ֣רֹתָ֔ם מֵאֵ֖ת בְּנֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ ס | 21 |
جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ تاشقىرىدا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنىڭ يېنىق تۇرغۇزۇش ئىشىدا بولسۇن. بۇ ئىش دەۋردىن-دەۋرگىچە ئىسرائىللارغا ئەبەدىي بىر قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن. |