כִּ֤י יִגְנֹֽב־אִישׁ֙ שׁ֣וֹר אוֹ־שֶׂ֔ה וּטְבָח֖וֹ א֣וֹ מְכָר֑וֹ חֲמִשָּׁ֣ה בָקָ֗ר יְשַׁלֵּם֙ תַּ֣חַת הַשּׁ֔וֹר וְאַרְבַּע־צֹ֖אן תַּ֥חַת הַשֶּֽׂה׃ | 1 |
ئەگەر بىرسى بىر كالا ياكى قوينى ئوغرىلاپ، ئۇنى سويسا يا سېتىۋەتسە، ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن. |
אִם־בַּמַּחְתֶּ֛רֶת יִמָּצֵ֥א הַגַּנָּ֖ב וְהֻכָּ֣ה וָמֵ֑ת אֵ֥ין ל֖וֹ דָּמִֽים׃ | 2 |
ئوغرى تام تەشكەندە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاياق يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچىگە خۇن جازاسى كەلمىسۇن. |
אִם־זָרְחָ֥ה הַשֶּׁ֛מֶשׁ עָלָ֖יו דָּמִ֣ים ל֑וֹ שַׁלֵּ֣ם יְשַׁלֵּ֔ם אִם־אֵ֣ין ל֔וֹ וְנִמְכַּ֖ר בִּגְנֵבָתֽוֹ׃ | 3 |
لېكىن شۇ ۋەقە بولغان پەيتتە كۈن چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلتۈرگۈچى خۇن جازاسىغا تارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغىنىنى تۆلەپ زىياننى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدا بىر نېمە بولمىسا، قۇللۇققا سېتىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى تۆلىشى كېرەك. |
אִֽם־הִמָּצֵא֩ תִמָּצֵ֨א בְיָד֜וֹ הַגְּנֵבָ֗ה מִשּׁ֧וֹר עַד־חֲמ֛וֹר עַד־שֶׂ֖ה חַיִּ֑ים שְׁנַ֖יִם יְשַׁלֵּֽם׃ ס | 4 |
ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، كالا بولسۇن، ئېشەك بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. |
כִּ֤י יַבְעֶר־אִישׁ֙ שָׂדֶ֣ה אוֹ־כֶ֔רֶם וְשִׁלַּח֙ אֶת־בְּעִיר֔וֹ וּבִעֵ֖ר בִּשְׂדֵ֣ה אַחֵ֑ר מֵיטַ֥ב שָׂדֵ֛הוּ וּמֵיטַ֥ב כַּרְמ֖וֹ יְשַׁלֵּֽם׃ ס | 5 |
ئەگەر بىرسى ئۆز مال-چارۋىلىرىنى ئېتىزلىققا ياكى ئۈزۈمزارلىققا ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، باشقىلارنىڭ باغ-ئېتىزلىقىدا ئوتلاشقا يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل مېۋىسىدىن زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. |
כִּֽי־תֵצֵ֨א אֵ֜שׁ וּמָצְאָ֤ה קֹצִים֙ וְנֶאֱכַ֣ל גָּדִ֔ישׁ א֥וֹ הַקָּמָ֖ה א֣וֹ הַשָּׂדֶ֑ה שַׁלֵּ֣ם יְשַׁלֵּ֔ם הַמַּבְעִ֖ר אֶת־הַבְּעֵרָֽה׃ ס | 6 |
ئەگەر ئوت كېتىپ، تىكەنلىككە تۇتىشىپ كېتىپ، ئاندىن ئۆنچىلەرنى، باش تارتىپ پىشقان زىرائەتنى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل ئېتىزلىقنى كۈل قىلىۋەتسە، ئۇنداقتا ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. |
כִּֽי־יִתֵּן֩ אִ֨ישׁ אֶל־רֵעֵ֜הוּ כֶּ֤סֶף אֽוֹ־כֵלִים֙ לִשְׁמֹ֔ר וְגֻנַּ֖ב מִבֵּ֣ית הָאִ֑ישׁ אִם־יִמָּצֵ֥א הַגַּנָּ֖ב יְשַׁלֵּ֥ם שְׁנָֽיִם׃ | 7 |
ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا پۇل ياكى مال-دۇنياسىنى ئامانەت قىلغان بولسا، بۇلار ئۆيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتسە، شۇنداقلا ئوغرى كېيىن تۇتۇلسا، ئۇ ئوغرىلىغىنىنى ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. |
אִם־לֹ֤א יִמָּצֵא֙ הַגַּנָּ֔ב וְנִקְרַ֥ב בַּֽעַל־הַבַּ֖יִת אֶל־הָֽאֱלֹהִ֑ים אִם־לֹ֥א שָׁלַ֛ח יָד֖וֹ בִּמְלֶ֥אכֶת רֵעֵֽהוּ׃ | 8 |
لېكىن ئوغرى تېپىلمىسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. |
עַֽל־כָּל־דְּבַר־פֶּ֡שַׁע עַל־שׁ֡וֹר עַל־חֲ֠מוֹר עַל־שֶׂ֨ה עַל־שַׂלְמָ֜ה עַל־כָּל־אֲבֵדָ֗ה אֲשֶׁ֤ר יֹאמַר֙ כִּי־ה֣וּא זֶ֔ה עַ֚ד הָֽאֱלֹהִ֔ים יָבֹ֖א דְּבַר־שְׁנֵיהֶ֑ם אֲשֶׁ֤ר יַרְשִׁיעֻן֙ אֱלֹהִ֔ים יְשַׁלֵּ֥ם שְׁנַ֖יִם לְרֵעֵֽהוּ׃ ס | 9 |
ھەرخىل خىيانەت، ئۇ مەيلى كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك بولسۇن، يىتتۈرۈپ قويغان نەرسە بولسۇن، ئۇلار توغرۇلۇق بىر قوشنىسى: «ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىدى» دەپ تالاشقان بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ دەۋاسى ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن؛ ھاكىملار قايسىغا گۇناھ بېكىتسە، شۇ قوشنىسىغا ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. |
כִּֽי־יִתֵּן֩ אִ֨ישׁ אֶל־רֵעֵ֜הוּ חֲמ֨וֹר אוֹ־שׁ֥וֹר אוֹ־שֶׂ֛ה וְכָל־בְּהֵמָ֖ה לִשְׁמֹ֑ר וּמֵ֛ת אוֹ־נִשְׁבַּ֥ר אוֹ־נִשְׁבָּ֖ה אֵ֥ין רֹאֶֽה׃ | 10 |
ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا ئېشەك، كالا، قوي ياكى باشقا بىر چارپاينى ئامانەت قىلسا، بۇ ئامانەت مېلى كىشى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ياكى زەخىملەنسە، ياكى ھەيدەپ ئەكىتىلسە، |
שְׁבֻעַ֣ת יְהוָ֗ה תִּהְיֶה֙ בֵּ֣ין שְׁנֵיהֶ֔ם אִם־לֹ֥א שָׁלַ֛ח יָד֖וֹ בִּמְלֶ֣אכֶת רֵעֵ֑הוּ וְלָקַ֥ח בְּעָלָ֖יו וְלֹ֥א יְשַׁלֵּֽם׃ | 11 |
ئۇنداقتا قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن. مال ئىگىسى بۇ قەسەمنى قوبۇل قىلسۇن؛ قوشنىسى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەپ بەرمىسۇن. |
וְאִם־גָּנֹ֥ב יִגָּנֵ֖ב מֵעִמּ֑וֹ יְשַׁלֵּ֖ם לִבְעָלָֽיו׃ | 12 |
لېكىن مال ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. |
אִם־טָרֹ֥ף יִטָּרֵ֖ף יְבִאֵ֣הוּ עֵ֑ד הַטְּרֵפָ֖ה לֹ֥א יְשַׁלֵּֽם׃ פ | 13 |
ئەگەر ئۇنى ۋەھشىي ھايۋان بوغۇپ قويغان بولسا، ئۇ مالنىڭ قالدۇقىنى گۇۋاھلىق ئۈچۈن كۆرسىتىپ، ئۇنى تۆلەپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ. |
וְכִֽי־יִשְׁאַ֥ל אִ֛ישׁ מֵעִ֥ם רֵעֵ֖הוּ וְנִשְׁבַּ֣ר אוֹ־מֵ֑ת בְּעָלָ֥יו אֵין־עִמּ֖וֹ שַׁלֵּ֥ם יְשַׁלֵּֽם׃ | 14 |
ئەگەر بىرسى قوشنىسىدىن بىر ئۇلاغنى ئۆتنە ئېلىپ، ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئۆتنە ئالغۇچى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن. |
אִם־בְּעָלָ֥יו עִמּ֖וֹ לֹ֣א יְשַׁלֵּ֑ם אִם־שָׂכִ֣יר ה֔וּא בָּ֖א בִּשְׂכָרֽוֹ׃ ס | 15 |
لېكىن ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، ئۆتنە ئالغۇچى تۆلەپ بەرمىسۇن؛ ئۇلاغ ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، ئالغۇچى تۆلەم تۆلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنى ئىجارە تۆلەپ ئەكەلگەن. |
וְכִֽי־יְפַתֶּ֣ה אִ֗ישׁ בְּתוּלָ֛ה אֲשֶׁ֥ר לֹא־אֹרָ֖שָׂה וְשָׁכַ֣ב עִמָּ֑הּ מָהֹ֛ר יִמְהָרֶ֥נָּה לּ֖וֹ לְאִשָּֽׁה׃ | 16 |
ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولمىغان بىر قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ تويلۇقىنى بېرىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. |
אִם־מָאֵ֧ן יְמָאֵ֛ן אָבִ֖יהָ לְתִתָּ֣הּ ל֑וֹ כֶּ֣סֶף יִשְׁקֹ֔ל כְּמֹ֖הַר הַבְּתוּלֹֽת׃ ס | 17 |
لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئۇنىڭغا بەرگىلى ئۇنىمىسا، زىنا قىلغۇچى پاك قىزلارنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان كۈمۈش پۇلنى تارازىدا ئۆلچەپ بەرسۇن. |
מְכַשֵּׁפָ֖ה לֹ֥א תְחַיֶּֽה׃ ס | 18 |
جادۇگەر خوتۇننى تىرىك قويمىغىن. |
כָּל־שֹׁכֵ֥ב עִם־בְּהֵמָ֖ה מ֥וֹת יוּמָֽת׃ ס | 19 |
ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھەربىرى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. |
זֹבֵ֥חַ לָאֱלֹהִ֖ים יָֽחֳרָ֑ם בִּלְתִּ֥י לַיהוָ֖ה לְבַדּֽוֹ׃ | 20 |
كىمدەكىم بىردىنبىر پەرۋەردىگاردىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھغا قۇربانلىق سۇنسا، ھارام دەپ مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن. |
וְגֵ֥ר לֹא־תוֹנֶ֖ה וְלֹ֣א תִלְחָצֶ֑נּוּ כִּֽי־גֵרִ֥ים הֱיִיתֶ֖ם בְּאֶ֥רֶץ מִצְרָֽיִם׃ | 21 |
سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىكەنسىلەر، مۇساپىر بولغان كىشىنى ھېچ خارلىماڭلار ۋە ياكى ئۇنىڭغا ھېچ زۇلۇم قىلماڭلار. |
כָּל־אַלְמָנָ֥ה וְיָת֖וֹם לֹ֥א תְעַנּֽוּן׃ | 22 |
ھەرقانداق تۇل خوتۇن ياكى يېتىم بالىنى خورلىماڭلار. |
אִם־עַנֵּ֥ה תְעַנֶּ֖ה אֹת֑וֹ כִּ֣י אִם־צָעֹ֤ק יִצְעַק֙ אֵלַ֔י שָׁמֹ֥עַ אֶשְׁמַ֖ע צַעֲקָתֽוֹ׃ | 23 |
سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛ |
וְחָרָ֣ה אַפִּ֔י וְהָרַגְתִּ֥י אֶתְכֶ֖ם בֶּחָ֑רֶב וְהָי֤וּ נְשֵׁיכֶם֙ אַלְמָנ֔וֹת וּבְנֵיכֶ֖ם יְתֹמִֽים׃ פ | 24 |
شۇنىڭ بىلەن غەزىپىم تۇتىشىپ، سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار تۇل قىلىنىپ، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ. |
אִם־כֶּ֣סֶף ׀ תַּלְוֶ֣ה אֶת־עַמִּ֗י אֶת־הֶֽעָנִי֙ עִמָּ֔ךְ לֹא־תִהְיֶ֥ה ל֖וֹ כְּנֹשֶׁ֑ה לֹֽא־תְשִׂימ֥וּן עָלָ֖יו נֶֽשֶׁךְ׃ | 25 |
ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىچىدىن ساڭا قوشنا بولغان كەمبەغەلگە قەرز بەرگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا جازانىخورلاردەك مۇئامىلە قىلمىغىن؛ ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالماڭلار. |
אִם־חָבֹ֥ל תַּחְבֹּ֖ל שַׂלְמַ֣ת רֵעֶ֑ךָ עַד־בֹּ֥א הַשֶּׁ֖מֶשׁ תְּשִׁיבֶ֥נּוּ לֽוֹ׃ | 26 |
ئەگەر سەن قوشناڭنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن ئولتۇرماستا ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەر. |
כִּ֣י הִ֤וא כְסוּתוֹ֙ לְבַדָּ֔הּ הִ֥וא שִׂמְלָת֖וֹ לְעֹר֑וֹ בַּמֶּ֣ה יִשְׁכָּ֔ב וְהָיָה֙ כִּֽי־יִצְעַ֣ק אֵלַ֔י וְשָׁמַעְתִּ֖י כִּֽי־חַנּ֥וּן אָֽנִי׃ ס | 27 |
چۈنكى چاپىنى ئۇنىڭ بىردىنبىر يېپىنچىسى بولۇپ، بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىم شۇدۇر. ئۇ بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنىپ ياتىدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ماڭا پەرياد قىلسا، پەريادىنى ئاڭلايمەن؛ چۈنكى مەن شەپقەتلىكتۇرمەن. |
אֱלֹהִ֖ים לֹ֣א תְקַלֵּ֑ל וְנָשִׂ֥יא בְעַמְּךָ֖ לֹ֥א תָאֹֽר׃ | 28 |
خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما. |
מְלֵאָתְךָ֥ וְדִמְעֲךָ֖ לֹ֣א תְאַחֵ֑ר בְּכ֥וֹר בָּנֶ֖יךָ תִּתֶּן־לִּֽי׃ | 29 |
خامىنىڭنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئاشقىنىدىن ۋە شاراب-زەيتۇن مېيى كۆلچىكىڭدىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن. سەن ئوغۇللىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ماڭا ئاتىغىن. |
כֵּֽן־תַּעֲשֶׂ֥ה לְשֹׁרְךָ֖ לְצֹאנֶ֑ךָ שִׁבְעַ֤ת יָמִים֙ יִהְיֶ֣ה עִם־אִמּ֔וֹ בַּיּ֥וֹם הַשְּׁמִינִ֖י תִּתְּנוֹ־לִֽי׃ | 30 |
كالا بىلەن قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ ھەم شۇنداق ئاتىغىن؛ تۇنجى بالا يەتتە كۈنگىچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسۇن؛ ئەمما سەككىزىنچى كۈنى ئۇنى ماڭا ئاتاپ سۇنغىن. |
וְאַנְשֵׁי־קֹ֖דֶשׁ תִּהְי֣וּן לִ֑י וּבָשָׂ֨ר בַּשָּׂדֶ֤ה טְרֵפָה֙ לֹ֣א תֹאכֵ֔לוּ לַכֶּ֖לֶב תַּשְׁלִכ֥וּן אֹתֽוֹ׃ ס | 31 |
سىلەر ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس كىشىلەر بولىسىلەر؛ شۇڭا دالادا يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن بوغۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىڭلار. |