וְזֹ֣את הַמִּצְוָ֗ה הַֽחֻקִּים֙ וְהַמִּשְׁפָּטִ֔ים אֲשֶׁ֥ר צִוָּ֛ה יְהוָ֥ה אֱלֹהֵיכֶ֖ם לְלַמֵּ֣ד אֶתְכֶ֑ם לַעֲשׂ֣וֹת בָּאָ֔רֶץ אֲשֶׁ֥ר אַתֶּ֛ם עֹבְרִ֥ים שָׁ֖מָּה לְרִשְׁתָּֽהּ׃ | 1 |
«مانا، بۇلار پەرۋەردىگار ماڭا سىلەر [دەريادىن] ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆگىتىشنى تاپىلىغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر: ــ |
לְמַ֨עַן תִּירָ֜א אֶת־יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֗יךָ לִ֠שְׁמֹר אֶת־כָּל־חֻקֹּתָ֣יו וּמִצְוֹתָיו֮ אֲשֶׁ֣ר אָנֹכִ֣י מְצַוֶּךָ֒ אַתָּה֙ וּבִנְךָ֣ וּבֶן־בִּנְךָ֔ כֹּ֖ל יְמֵ֣י חַיֶּ֑יךָ וּלְמַ֖עַן יַאֲרִכֻ֥ן יָמֶֽיךָ׃ | 2 |
(شۇنىڭ بىلەن سىلەر، يەنى سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭ بارلىق تىرىك كۈنلىرىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، مەن سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بارلىق بەلگىلىمە ۋە ئەمرلىرىنى تۇتىسىلەر، شۇنداقلا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر. |
וְשָׁמַעְתָּ֤ יִשְׂרָאֵל֙ וְשָׁמַרְתָּ֣ לַעֲשׂ֔וֹת אֲשֶׁר֙ יִיטַ֣ב לְךָ֔ וַאֲשֶׁ֥ר תִּרְבּ֖וּן מְאֹ֑ד כַּאֲשֶׁר֩ דִּבֶּ֨ר יְהוָ֜ה אֱלֹהֵ֤י אֲבֹתֶ֙יךָ֙ לָ֔ךְ אֶ֛רֶץ זָבַ֥ת חָלָ֖ב וּדְבָֽשׁ׃ פ | 3 |
سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ): ــ |
שְׁמַ֖ע יִשְׂרָאֵ֑ל יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ יְהוָ֥ה ׀ אֶחָֽד׃ | 4 |
ــ ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسرائىل: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر؛ |
וְאָ֣הַבְתָּ֔ אֵ֖ת יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֑יךָ בְּכָל־לְבָבְךָ֥ וּבְכָל־נַפְשְׁךָ֖ וּבְכָל־מְאֹדֶֽךָ׃ | 5 |
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن. |
וְהָי֞וּ הַדְּבָרִ֣ים הָאֵ֗לֶּה אֲשֶׁ֨ר אָנֹכִ֧י מְצַוְּךָ֛ הַיּ֖וֹם עַל־לְבָבֶֽךָ׃ | 6 |
مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ |
וְשִׁנַּנְתָּ֣ם לְבָנֶ֔יךָ וְדִבַּרְתָּ֖ בָּ֑ם בְּשִׁבְתְּךָ֤ בְּבֵיתֶ֙ךָ֙ וּבְלֶכְתְּךָ֣ בַדֶּ֔רֶךְ וּֽבְשָׁכְבְּךָ֖ וּבְקוּמֶֽךָ׃ | 7 |
سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛ |
וּקְשַׁרְתָּ֥ם לְא֖וֹת עַל־יָדֶ֑ךָ וְהָי֥וּ לְטֹטָפֹ֖ת בֵּ֥ין עֵינֶֽיךָ׃ | 8 |
ئۇلارنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛ |
וּכְתַבְתָּ֛ם עַל־מְזוּזֹ֥ת בֵּיתֶ֖ךָ וּבִשְׁעָרֶֽיךָ׃ ס | 9 |
سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن. |
וְהָיָ֞ה כִּ֥י יְבִיאֲךָ֣ ׀ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֗יךָ אֶל־הָאָ֜רֶץ אֲשֶׁ֨ר נִשְׁבַּ֧ע לַאֲבֹתֶ֛יךָ לְאַבְרָהָ֛ם לְיִצְחָ֥ק וּֽלְיַעֲקֹ֖ב לָ֣תֶת לָ֑ךְ עָרִ֛ים גְּדֹלֹ֥ת וְטֹבֹ֖ת אֲשֶׁ֥ר לֹא־בָנִֽיתָ׃ | 10 |
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلىش ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭغا باشلىغاندا، ــ ئۆزۈڭ قۇرمىغان ئۇلۇغ ۋە ئېسىل شەھەرلەرگە، |
וּבָ֨תִּ֜ים מְלֵאִ֣ים כָּל־טוּב֮ אֲשֶׁ֣ר לֹא־מִלֵּאתָ֒ וּבֹרֹ֤ת חֲצוּבִים֙ אֲשֶׁ֣ר לֹא־חָצַ֔בְתָּ כְּרָמִ֥ים וְזֵיתִ֖ים אֲשֶׁ֣ר לֹא־נָטָ֑עְתָּ וְאָכַלְתָּ֖ וְשָׂבָֽעְתָּ׃ | 11 |
ئۆزۈڭ بىساتلىق قىلمىغان ئاللىقاچان ئېسىل بىساتلىق قىلىنغان ئۆيلەرگە، ئۆزۈڭ كولىمىغان، ئاللىقاچان كولانغان قۇدۇقلارغا، ئۆزۈڭ تىكمىگەن ئۈزۈمزارلار ۋە زەيتۇنزارلارغا مۇيەسسەر قىلىنىشىڭ بىلەن سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، |
הִשָּׁ֣מֶר לְךָ֔ פֶּן־תִּשְׁכַּ֖ח אֶת־יְהוָ֑ה אֲשֶׁ֧ר הוֹצִֽיאֲךָ֛ מֵאֶ֥רֶץ מִצְרַ֖יִם מִבֵּ֥ית עֲבָדִֽים׃ | 12 |
ــ ئەينى چاغدا سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇشتىن ھېزى بول. |
אֶת־יְהוָ֧ה אֱלֹהֶ֛יךָ תִּירָ֖א וְאֹת֣וֹ תַעֲבֹ֑ד וּבִשְׁמ֖וֹ תִּשָּׁבֵֽעַ׃ | 13 |
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن، ئىبادىتىدە بولغىن ۋە قەسەم قىلساڭ ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم ئىچكىن. |
לֹ֣א תֵֽלְכ֔וּן אַחֲרֵ֖י אֱלֹהִ֣ים אֲחֵרִ֑ים מֵאֱלֹהֵי֙ הָֽעַמִּ֔ים אֲשֶׁ֖ר סְבִיבוֹתֵיכֶֽם׃ | 14 |
سىلەر باشقا ئىلاھلار، يەنى ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنى قەتئىي ئىزدىمەڭلار؛ |
כִּ֣י אֵ֥ל קַנָּ֛א יְהוָ֥ה אֱלֹהֶ֖יךָ בְּקִרְבֶּ֑ךָ פֶּן־יֶ֠חֱרֶה אַף־יְהוָ֤ה אֱלֹהֶ֙יךָ֙ בָּ֔ךְ וְהִשְׁמִ֣ידְךָ֔ מֵעַ֖ל פְּנֵ֥י הָאֲדָמָֽה׃ ס | 15 |
چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇر. [ئەگەر شۇنداق قىلساڭ] پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ غەزىپى ساڭا قوزغىلىپ، ئۇ سېنى يەر يۈزىدىن يوقاتماي قالمايدۇ. |
לֹ֣א תְנַסּ֔וּ אֶת־יְהוָ֖ה אֱלֹהֵיכֶ֑ם כַּאֲשֶׁ֥ר נִסִּיתֶ֖ם בַּמַּסָּֽה׃ | 16 |
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ماسساھتا سىنىغاندەك ئۇنى سىنىماڭلار. |
שָׁמ֣וֹר תִּשְׁמְר֔וּן אֶת־מִצְוֹ֖ת יְהוָ֣ה אֱלֹהֵיכֶ֑ם וְעֵדֹתָ֥יו וְחֻקָּ֖יו אֲשֶׁ֥ר צִוָּֽךְ׃ | 17 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىنى، سىلەرگە تاپىلىغان گۇۋاھ-ھۆكۈملىرى ۋە بەلگىمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇڭلار. |
וְעָשִׂ֛יתָ הַיָּשָׁ֥ר וְהַטּ֖וֹב בְּעֵינֵ֣י יְהוָ֑ה לְמַ֙עַן֙ יִ֣יטַב לָ֔ךְ וּבָ֗אתָ וְיָֽרַשְׁתָּ֙ אֶת־הָאָ֣רֶץ הַטֹּבָ֔ה אֲשֶׁר־נִשְׁבַּ֥ע יְהוָ֖ה לַאֲבֹתֶֽיךָ׃ | 18 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر، |
לַהֲדֹ֥ף אֶת־כָּל־אֹיְבֶ֖יךָ מִפָּנֶ֑יךָ כַּאֲשֶׁ֖ר דִּבֶּ֥ר יְהוָֽה׃ ס | 19 |
شۇنداقلا پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغاندەك بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىسىلەر. |
כִּֽי־יִשְׁאָלְךָ֥ בִנְךָ֛ מָחָ֖ר לֵאמֹ֑ר מָ֣ה הָעֵדֹ֗ת וְהַֽחֻקִּים֙ וְהַמִּשְׁפָּטִ֔ים אֲשֶׁ֥ר צִוָּ֛ה יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ אֶתְכֶֽם׃ | 20 |
كەلگۈسىدە ئوغلۇڭ سەندىن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز سىلەرگە تاپىلىغان ئاگاھ-گۇۋاھ، بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەر نېمە؟» دەپ سورىسا، |
וְאָמַרְתָּ֣ לְבִנְךָ֔ עֲבָדִ֛ים הָיִ֥ינוּ לְפַרְעֹ֖ה בְּמִצְרָ֑יִם וַיּוֹצִיאֵ֧נוּ יְהוָ֛ה מִמִּצְרַ֖יִם בְּיָ֥ד חֲזָקָֽה׃ | 21 |
سەن ئوغلۇڭغا مۇنداق دەيسەن: «بىز ئەسلىدە مىسىردا پىرەۋننىڭ قۇللىرى ئىكەنمىز؛ بىراق پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن كۈچلۈك بىر قول بىلەن چىقارغان. |
וַיִּתֵּ֣ן יְהוָ֡ה אוֹתֹ֣ת וּ֠מֹפְתִים גְּדֹלִ֨ים וְרָעִ֧ים ׀ בְּמִצְרַ֛יִם בְּפַרְעֹ֥ה וּבְכָל־בֵּית֖וֹ לְעֵינֵֽינוּ׃ | 22 |
پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ھەم ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى؛ |
וְאוֹתָ֖נוּ הוֹצִ֣יא מִשָּׁ֑ם לְמַ֙עַן֙ הָבִ֣יא אֹתָ֔נוּ לָ֤תֶת לָ֙נוּ֙ אֶת־הָאָ֔רֶץ אֲשֶׁ֥ר נִשְׁבַּ֖ע לַאֲבֹתֵֽינוּ׃ | 23 |
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا بىزنى باشلاپ كىرىشكە شۇ يەردىن يېتەكلەپ چىقارغان. |
וַיְצַוֵּ֣נוּ יְהוָ֗ה לַעֲשׂוֹת֙ אֶת־כָּל־הַחֻקִּ֣ים הָאֵ֔לֶּה לְיִרְאָ֖ה אֶת־יְהוָ֣ה אֱלֹהֵ֑ינוּ לְט֥וֹב לָ֙נוּ֙ כָּל־הַיָּמִ֔ים לְחַיֹּתֵ֖נוּ כְּהַיּ֥וֹם הַזֶּֽה׃ | 24 |
پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛ |
וּצְדָקָ֖ה תִּֽהְיֶה־לָּ֑נוּ כִּֽי־נִשְׁמֹ֨ר לַעֲשׂ֜וֹת אֶת־כָּל־הַמִּצְוָ֣ה הַזֹּ֗את לִפְנֵ֛י יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ כַּאֲשֶׁ֥ר צִוָּֽנוּ׃ ס | 25 |
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ». |