וַֽיְהִי֙ אַֽחֲרֵי־כֵ֔ן וַיַּ֥ךְ דָּוִ֛ד אֶת־פְּלִשְׁתִּ֖ים וַיַּכְנִיעֵ֑ם וַיִּקַּ֥ח דָּוִ֛ד אֶת־מֶ֥תֶג הָאַמָּ֖ה מִיַּ֥ד פְּלִשְׁתִּֽים׃ | 1 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن مەركىزىي شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالدى. |
וַיַּ֣ךְ אֶת־מוֹאָ֗ב וַֽיְמַדְּדֵ֤ם בַּחֶ֙בֶל֙ הַשְׁכֵּ֣ב אוֹתָ֣ם אַ֔רְצָה וַיְמַדֵּ֤ד שְׁנֵֽי־חֲבָלִים֙ לְהָמִ֔ית וּמְלֹ֥א הַחֶ֖בֶל לְהַחֲי֑וֹת וַתְּהִ֤י מוֹאָב֙ לְדָוִ֔ד לַעֲבָדִ֖ים נֹשְׂאֵ֥י מִנְחָֽה׃ | 2 |
ئۇ ھەم موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، تانا بىلەن ئۆلچەپ، ئىككى تانا كەلگەنلەرنى ئۆلتۈردى، بىر تانا كەلگەنلەرنى تىرىك قالدۇردى. موئابىيلار بولسا داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. |
וַיַּ֣ךְ דָּוִ֔ד אֶת־הֲדַדְעֶ֥זֶר בֶּן־רְחֹ֖ב מֶ֣לֶךְ צוֹבָ֑ה בְּלֶכְתּ֕וֹ לְהָשִׁ֥יב יָד֖וֹ בִּֽנְהַר־פְּרָֽת׃ | 3 |
ئاندىن زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەر ئەفرات دەرياسىغا چىقىپ، شۇ يەردىكى ھاكىمىيەتنى ئۆزىگە قايتىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندا، داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى. |
וַיִּלְכֹּ֨ד דָּוִ֜ד מִמֶּ֗נּוּ אֶ֤לֶף וּשְׁבַע־מֵאוֹת֙ פָּרָשִׁ֔ים וְעֶשְׂרִ֥ים אֶ֖לֶף אִ֣ישׁ רַגְלִ֑י וַיְעַקֵּ֤ר דָּוִד֙ אֶת־כָּל־הָרֶ֔כֶב וַיּוֹתֵ֥ר מִמֶּ֖נּוּ מֵ֥אָה רָֽכֶב׃ | 4 |
داۋۇت ئۇنىڭ قوشۇنىدىن بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەرنى ۋە يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئەسىر قىلدى؛ داۋۇت ھارۋا ئاتلىرىنىڭ پىيىنى كەستۈردى، لېكىن ئۆزىگە يۈز ھارۋىلىق ئاتنى قالدۇرۇپ قويدى. |
וַתָּבֹא֙ אֲרַ֣ם דַּמֶּ֔שֶׂק לַעְזֹ֕ר לַהֲדַדְעֶ֖זֶר מֶ֣לֶךְ צוֹבָ֑ה וַיַּ֤ךְ דָּוִד֙ בַּֽאֲרָ֔ם עֶשְׂרִֽים־וּשְׁנַ֥יִם אֶ֖לֶף אִֽישׁ׃ | 5 |
دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقتى، لېكىن داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. |
וַיָּ֨שֶׂם דָּוִ֤ד נְצִבִים֙ בַּאֲרַ֣ם דַּמֶּ֔שֶׂק וַתְּהִ֤י אֲרָם֙ לְדָוִ֔ד לַעֲבָדִ֖ים נוֹשְׂאֵ֣י מִנְחָ֑ה וַיֹּ֤שַׁע יְהוָה֙ אֶת־דָּוִ֔ד בְּכֹ֖ל אֲשֶׁ֥ר הָלָֽךְ׃ | 6 |
ئاندىن داۋۇت بىرنەچچە بارگاھ ئەسكەرلەرنى دەمەشقتىكى سۇرىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغۇزدى؛ شۇنىڭ بىلەن سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى. |
וַיִּקַּ֣ח דָּוִ֗ד אֵ֚ת שִׁלְטֵ֣י הַזָּהָ֔ב אֲשֶׁ֣ר הָי֔וּ אֶ֖ל עַבְדֵ֣י הֲדַדְעָ֑זֶר וַיְבִיאֵ֖ם יְרוּשָׁלִָֽם׃ | 7 |
داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ غۇلاملىرىغا تەمىنلەنگەن ئالتۇن قالقاننى تارتىۋېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلتۈردى |
וּמִבֶּ֥טַח וּמִבֵּֽרֹתַ֖י עָרֵ֣י הֲדַדְעָ֑זֶר לָקַ֞ח הַמֶּ֧לֶךְ דָּוִ֛ד נְחֹ֖שֶׁת הַרְבֵּ֥ה מְאֹֽד׃ ס | 8 |
ۋە ھادادئېزەرنىڭ شەھەرلىرى بولغان بىتاھ بىلەن بىروتاي شەھەرلىرىدىنمۇ ئىنتايىن كۆپ مىسنى قولغا چۈشۈردى. |
וַיִּשְׁמַ֕ע תֹּ֖עִי מֶ֣לֶךְ חֲמָ֑ת כִּ֚י הִכָּ֣ה דָוִ֔ד אֵ֖ת כָּל־חֵ֥יל הֲדַדְעָֽזֶר׃ | 9 |
خاماتنىڭ پادىشاھى توي داۋۇتنىڭ ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، |
וַיִּשְׁלַ֣ח תֹּ֣עִי אֶת־יֽוֹרָם־בְּנ֣וֹ אֶל־הַמֶּֽלֶךְ־דָּ֠וִד לִשְׁאָל־ל֨וֹ לְשָׁל֜וֹם וּֽלְבָרֲכ֗וֹ עַל֩ אֲשֶׁ֨ר נִלְחַ֤ם בַּהֲדַדְעֶ֙זֶר֙ וַיַּכֵּ֔הוּ כִּי־אִ֛ישׁ מִלְחֲמ֥וֹת תֹּ֖עִי הָיָ֣ה הֲדַדְעָ֑זֶר וּבְיָד֗וֹ הָי֛וּ כְּלֵֽי־כֶ֥סֶף וּכְלֵֽי־זָהָ֖ב וּכְלֵ֥י נְחֹֽשֶׁת׃ | 10 |
ئۆز ئوغلى يورامنى داۋۇتنىڭ ھالىنى سوراشقا ۋە داۋۇتنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغىنىغا ئۇنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى ھادادئېزەر دائىم توي بىلەن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. يورام بولسا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە مىس قاچا-بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. |
גַּם־אֹתָ֕ם הִקְדִּ֛ישׁ הַמֶּ֥לֶךְ דָּוִ֖ד לַֽיהוָ֑ה עִם־הַכֶּ֤סֶף וְהַזָּהָב֙ אֲשֶׁ֣ר הִקְדִּ֔ישׁ מִכָּל־הַגּוֹיִ֖ם אֲשֶׁ֥ר כִּבֵּֽשׁ׃ | 11 |
داۋۇت پادىشاھ مۇشۇلارنى ۋە ئۆزى بېقىندۇرغان ھەممە ئەللەردىن، جۈملىدىن سۇرىيلەردىن، موئابىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىدى. بۇلار زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەردىن ئالغان ئولجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. |
מֵאֲרָ֤ם וּמִמּוֹאָב֙ וּמִבְּנֵ֣י עַמּ֔וֹן וּמִפְּלִשְׁתִּ֖ים וּמֵֽעֲמָלֵ֑ק וּמִשְּׁלַ֛ל הֲדַדְעֶ֥זֶר בֶּן־רְחֹ֖ב מֶ֥לֶךְ צוֹבָֽה׃ | 12 |
וַיַּ֤עַשׂ דָּוִד֙ שֵׁ֔ם בְּשֻׁב֕וֹ מֵהַכּוֹת֥וֹ אֶת־אֲרָ֖ם בְּגֵיא־מֶ֑לַח שְׁמוֹנָ֥ה עָשָׂ֖ר אָֽלֶף׃ | 13 |
داۋۇت سۇرىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنى ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى «شور ۋادىسى»دا ئۆلتۈرۈپ يانغاندا، ئۇنىڭ نام-داڭقى خېلى چىققانىدى. |
וַיָּ֨שֶׂם בֶּאֱד֜וֹם נְצִבִ֗ים בְּכָל־אֱדוֹם֙ שָׂ֣ם נְצִבִ֔ים וַיְהִ֥י כָל־אֱד֖וֹם עֲבָדִ֣ים לְדָוִ֑ד וַיּ֤וֹשַׁע יְהוָה֙ אֶת־דָּוִ֔ד בְּכֹ֖ל אֲשֶׁ֥ר הָלָֽךְ׃ | 14 |
ئۇ ئېدومدا ئەسكەر بارگاھلىرىنى تۇرغۇزدى؛ پۈتۈن ئېدومدا بارگاھلارنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئېدومىيلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى. |
וַיִּמְלֹ֥ךְ דָּוִ֖ד עַל־כָּל־יִשְׂרָאֵ֑ל וַיְהִ֣י דָוִ֗ד עֹשֶׂ֛ה מִשְׁפָּ֥ט וּצְדָקָ֖ה לְכָל־עַמּֽוֹ׃ | 15 |
داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پۈتكۈل خەلقىنى سوراپ، ئادىل ھۆكۈملەر چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزەتتى. |
וְיוֹאָ֥ב בֶּן־צְרוּיָ֖ה עַל־הַצָּבָ֑א וִיהוֹשָׁפָ֥ט בֶּן־אֲחִיל֖וּד מַזְכִּֽיר׃ | 16 |
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇننىڭ سەردارى بولدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا بولدى؛ |
וְצָד֧וֹק בֶּן־אֲחִיט֛וּב וַאֲחִימֶ֥לֶךְ בֶּן־אֶבְיָתָ֖ר כֹּהֲנִ֑ים וּשְׂרָיָ֖ה סוֹפֵֽר׃ | 17 |
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك كاھىن بولدى؛ سېرايا دىۋان بېگى بولدى. |
וּבְנָיָ֙הוּ֙ בֶּן־יְה֣וֹיָדָ֔ע וְהַכְּרֵתִ֖י וְהַפְּלֵתִ֑י וּבְנֵ֥י דָוִ֖ד כֹּהֲנִ֥ים הָיֽוּ׃ פ | 18 |
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى بولدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىمۇ كاھىن بولدى. |