וּפְלִשְׁתִּ֖ים נִלְחֲמ֣וּ בְיִשְׂרָאֵ֑ל וַיָּ֑נָס אִֽישׁ־יִשְׂרָאֵל֙ מִפְּנֵ֣י פְלִשְׁתִּ֔ים וַיִּפְּל֥וּ חֲלָלִ֖ים בְּהַ֥ר גִּלְבֹּֽעַ׃ | 1 |
فىلىستىيلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىۋىدى، ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى، ئۇلار گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يوقىتىلدى. |
וַיַּדְבְּק֣וּ פְלִשְׁתִּ֔ים אַחֲרֵ֥י שָׁא֖וּל וְאַחֲרֵ֣י בָנָ֑יו וַיַּכּ֣וּ פְלִשְׁתִּ֗ים אֶת־יוֹנָתָ֧ן וְאֶת־אֲבִינָדָ֛ב וְאֶת־מַלְכִּי־שׁ֖וּעַ בְּנֵ֥י שָׁאֽוּל׃ | 2 |
فىلىستىيلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلىدى؛ ئۇلار ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكى-شۇئالارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. |
וַתִּכְבַּ֤ד הַמִּלְחָמָה֙ עַל־שָׁא֔וּל וַיִּמְצָאֻ֖הוּ הַמּוֹרִ֣ים בַּקָּ֑שֶׁת וַיָּ֖חֶל מִן־הַיּוֹרִֽים׃ | 3 |
سائۇلغا قارشى جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشىپ ئوقيا ئېتىپ ئۇنى يارىلاندۇردى. |
וַיֹּ֣אמֶר שָׁאוּל֩ אֶל־נֹשֵׂ֨א כֵלָ֜יו שְׁלֹ֥ף חַרְבְּךָ֣ ׀ וְדָקְרֵ֣נִי בָ֗הּ פֶּן־יָבֹ֜אוּ הָעֲרֵלִ֤ים הָאֵ֙לֶּה֙ וְהִתְעַלְּלוּ־בִ֔י וְלֹ֤א אָבָה֙ נֹשֵׂ֣א כֵלָ֔יו כִּ֥י יָרֵ֖א מְאֹ֑ד ס וַיִּקַּ֤ח שָׁאוּל֙ אֶת־הַחֶ֔רֶב וַיִּפֹּ֖ל עָלֶֽיהָ׃ | 4 |
ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. |
וַיַּ֥רְא נֹשֵֽׂא־כֵלָ֖יו כִּ֣י מֵ֣ת שָׁא֑וּל וַיִּפֹּ֥ל גַּם־ה֛וּא עַל־הַחֶ֖רֶב וַיָּמֹֽת׃ ס | 5 |
ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى. |
וַיָּ֤מָת שָׁאוּל֙ וּשְׁלֹ֣שֶׁת בָּנָ֔יו וְכָל־בֵּית֖וֹ יַחְדָּ֥ו מֵֽתוּ׃ | 6 |
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى ھەم پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى. |
וַ֠יִּרְאוּ כָּל־אִ֨ישׁ יִשְׂרָאֵ֤ל אֲשֶׁר־בָּעֵ֙מֶק֙ כִּ֣י נָ֔סוּ וְכִי־מֵ֖תוּ שָׁא֣וּל וּבָנָ֑יו וַיַּעַזְב֤וּ עָרֵיהֶם֙ וַיָּנֻ֔סוּ וַיָּבֹ֣אוּ פְלִשְׁתִּ֔ים וַיֵּשְׁב֖וּ בָּהֶֽם׃ ס | 7 |
ئەمدى ۋادىدا تۇرغان ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇلار شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى. |
וַיְהִי֙ מִֽמָּחֳרָ֔ת וַיָּבֹ֣אוּ פְלִשְׁתִּ֔ים לְפַשֵּׁ֖ט אֶת־הַֽחֲלָלִ֑ים וַֽיִּמְצְא֤וּ אֶת־שָׁאוּל֙ וְאֶת־בָּנָ֔יו נֹפְלִ֖ים בְּהַ֥ר גִּלְבֹּֽעַ׃ | 8 |
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى-دە، |
וַיַּ֨פְשִׁיטֻ֔הוּ וַיִּשְׂא֥וּ אֶת־רֹאשׁ֖וֹ וְאֶת־כֵּלָ֑יו וַיְשַׁלְּח֨וּ בְאֶֽרֶץ־פְלִשְׁתִּ֜ים סָבִ֗יב לְבַשֵּׂ֛ר אֶת־עֲצַבֵּיהֶ֖ם וְאֶת־הָעָֽם׃ | 9 |
كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، كاللىسىنى ۋە ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئېلىپ كەتتى ھەمدە بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ، ئۆز بۇتلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. |
וַיָּשִׂ֙ימוּ֙ אֶת־כֵּלָ֔יו בֵּ֖ית אֱלֹהֵיהֶ֑ם וְאֶת־גֻּלְגָּלְתּ֥וֹ תָקְע֖וּ בֵּ֥ית דָּגֽוֹן׃ ס | 10 |
ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىدا قويۇپ، كاللىسىنى داگون بۇتخانىسىغا ئېسىپ قويدى. |
וַֽיִּשְׁמְע֔וּ כֹּ֖ל יָבֵ֣ישׁ גִּלְעָ֑ד אֵ֛ת כָּל־אֲשֶׁר־עָשׂ֥וּ פְלִשְׁתִּ֖ים לְשָׁאֽוּל׃ | 11 |
ئەمدى يابەش-گىلېئاددا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا بارلىق قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا |
וַיָּקוּמוּ֮ כָּל־אִ֣ישׁ חַיִל֒ וַיִּשְׂא֞וּ אֶת־גּוּפַ֣ת שָׁא֗וּל וְאֵת֙ גּוּפֹ֣ת בָּנָ֔יו וַיְבִיא֖וּם יָבֵ֑ישָׁה וַיִּקְבְּר֨וּ אֶת־עַצְמוֹתֵיהֶ֜ם תַּ֤חַת הָאֵלָה֙ בְּיָבֵ֔שׁ וַיָּצ֖וּמוּ שִׁבְעַ֥ת יָמִֽים׃ | 12 |
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يابەشكە قايتۇرۇپ كېلىپ، يابەشتىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلدى ۋە يەتتە كۈن روزا تۇتتى. |
וַיָּ֣מָת שָׁא֗וּל בְּמַֽעֲלוֹ֙ אֲשֶׁ֣ר מָעַ֣ל בַּֽיהוָ֔ה עַל־דְּבַ֥ר יְהוָ֖ה אֲשֶׁ֣ר לֹא־שָׁמָ֑ר וְגַם־לִשְׁא֥וֹל בָּא֖וֹב לִדְרֽוֹשׁ׃ | 13 |
شۇنىڭ بىلەن سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىغا كىرمەي ۋە ھەتتا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماي، بەلكى پالچى جىنكەشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سورىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. |
וְלֹֽא־דָרַ֥שׁ בַּֽיהוָ֖ה וַיְמִיתֵ֑הוּ וַיַּסֵּב֙ אֶת־הַמְּלוּכָ֔ה לְדָוִ֖יד בֶּן־יִשָֽׁי׃ פ | 14 |