לַמְנַצֵּ֥חַ אֶל־שֹׁשַׁנִּ֑ים עֵד֖וּת לְאָסָ֣ף מִזְמֹֽור׃ רֹ֘עֵ֤ה יִשְׂרָאֵ֨ל ׀ הַאֲזִ֗ינָה נֹהֵ֣ג כַּצֹּ֣אן יֹוסֵ֑ף יֹשֵׁ֖ב הַכְּרוּבִ֣ים הֹופִֽיעָה׃ | 1 |
«نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن! |
לִפְנֵ֤י אֶפְרַ֨יִם ׀ וּבִנְיָ֘מִ֤ן וּמְנַשֶּׁ֗ה עֹורְרָ֥ה אֶת־גְּבֽוּרָתֶ֑ךָ וּלְכָ֖ה לִישֻׁעָ֣תָה לָּֽנוּ׃ | 2 |
ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن! |
אֱלֹהִ֥ים הֲשִׁיבֵ֑נוּ וְהָאֵ֥ר פָּ֝נֶ֗יךָ וְנִוָּשֵֽׁעָה׃ | 3 |
ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! |
יְהוָ֣ה אֱלֹהִ֣ים צְבָאֹ֑ות עַד־מָתַ֥י עָ֝שַׁ֗נְתָּ בִּתְפִלַּ֥ת עַמֶּֽךָ׃ | 4 |
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟ |
הֶ֭אֱכַלְתָּם לֶ֣חֶם דִּמְעָ֑ה וַ֝תַּשְׁקֵ֗מֹו בִּדְמָעֹ֥ות שָׁלִֽישׁ׃ | 5 |
سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ، كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ. |
תְּשִׂימֵ֣נוּ מָ֭דֹון לִשְׁכֵנֵ֑ינוּ וְ֝אֹיְבֵ֗ינוּ יִלְעֲגוּ־לָֽמֹו׃ | 6 |
بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. |
אֱלֹהִ֣ים צְבָאֹ֣ות הֲשִׁיבֵ֑נוּ וְהָאֵ֥ר פָּ֝נֶ֗יךָ וְנִוָּשֵֽׁעָה׃ | 7 |
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! |
גֶּ֭פֶן מִמִּצְרַ֣יִם תַּסִּ֑יעַ תְּגָרֵ֥שׁ גֹּ֝ויִ֗ם וַתִּטָּעֶֽהָ׃ | 8 |
سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛ يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ. |
פִּנִּ֥יתָ לְפָנֶ֑יהָ וַתַּשְׁרֵ֥שׁ שָׁ֝רָשֶׁ֗יהָ וַתְּמַלֵּא־אָֽרֶץ׃ | 9 |
ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛ ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى. |
כָּסּ֣וּ הָרִ֣ים צִלָּ֑הּ וַ֝עֲנָפֶ֗יהָ אַֽרְזֵי־אֵֽל׃ | 10 |
ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛ غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛ |
תְּשַׁלַּ֣ח קְצִירֶ֣הָ עַד־יָ֑ם וְאֶל־נָ֝הָ֗ר יֹֽונְקֹותֶֽיהָ׃ | 11 |
ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە، پىلەكلىرىنى [ئەفرات] دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇزارتتى. |
לָ֭מָּה פָּרַ֣צְתָּ גְדֵרֶ֑יהָ וְ֝אָר֗וּהָ כָּל־עֹ֥בְרֵי דָֽרֶךְ׃ | 12 |
سەن نېمىشقا ئۇنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ، مېۋىسىنى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ ئېلىشىغا يول قويدۇڭ؟ |
יְכַרְסְמֶ֣נָּֽה חֲזִ֣יר מִיָּ֑עַר וְזִ֖יז שָׂדַ֣י יִרְעֶֽנָּה׃ | 13 |
مانا ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى يېرىۋاتىدۇ، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ. |
אֱלֹהִ֣ים צְבָאֹות֮ שֽׁ֫וּב־נָ֥א הַבֵּ֣ט מִשָּׁמַ֣יִם וּרְאֵ֑ה וּ֝פְקֹ֗ד גֶּ֣פֶן זֹֽאת׃ | 14 |
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، يېنىمىزغا قايتقايسەن! ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن، كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن! |
וְ֭כַנָּה אֲשֶׁר־נָטְעָ֣ה יְמִינֶ֑ךָ וְעַל־בֵּ֝֗ן אִמַּ֥צְתָּה לָּֽךְ׃ | 15 |
يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن! |
שְׂרֻפָ֣ה בָאֵ֣שׁ כְּסוּחָ֑ה מִגַּעֲרַ֖ת פָּנֶ֣יךָ יֹאבֵֽדוּ׃ | 16 |
مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، كېسىۋېتىلدى؛ يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛ |
תְּֽהִי־יָ֭דְךָ עַל־אִ֣ישׁ יְמִינֶ֑ךָ עַל־בֶּן־אָ֝דָ֗ם אִמַּ֥צְתָּ לָּֽךְ׃ | 17 |
قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛ |
וְלֹא־נָסֹ֥וג מִמֶּ֑ךָּ תְּ֝חַיֵּ֗נוּ וּבְשִׁמְךָ֥ נִקְרָֽא׃ | 18 |
شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز. |
יְה֘וָ֤ה אֱלֹהִ֣ים צְבָאֹ֣ות הֲשִׁיבֵ֑נוּ הָאֵ֥ר פָּ֝נֶ֗יךָ וְנִוָּשֵֽׁעָה׃ | 19 |
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! |