מִזְמֹ֗ור לְאָ֫סָ֥ף אֱֽלֹהִ֡ים בָּ֤אוּ גֹויִ֨ם ׀ בְּֽנַחֲלָתֶ֗ךָ טִ֭מְּאוּ אֶת־הֵיכַ֣ל קָדְשֶׁ֑ךָ שָׂ֖מוּ אֶת־יְרוּשָׁלַ֣͏ִם לְעִיִּֽים׃ | 1 |
ئاساف يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. |
נָֽתְנ֡וּ אֶת־נִבְלַ֬ת עֲבָדֶ֗יךָ מַ֭אֲכָל לְעֹ֣וף הַשָּׁמָ֑יִם בְּשַׂ֥ר חֲ֝סִידֶ֗יךָ לְחַיְתֹו־אָֽרֶץ׃ | 2 |
ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى. |
שָׁפְכ֬וּ דָמָ֨ם ׀ כַּמַּ֗יִם סְֽבִ֘יבֹ֤ות יְֽרוּשָׁלָ֗͏ִם וְאֵ֣ין קֹובֵֽר׃ | 3 |
ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى، جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى. |
הָיִ֣ינוּ חֶ֭רְפָּה לִשְׁכֵנֵ֑ינוּ לַ֥עַג וָ֝קֶ֗לֶס לִסְבִיבֹותֵֽינוּ׃ | 4 |
قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق. |
עַד־מָ֣ה יְ֭הוָה תֶּאֱנַ֣ף לָנֶ֑צַח תִּבְעַ֥ר כְּמֹו־אֵ֝֗שׁ קִנְאָתֶֽךָ׃ | 5 |
قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟ سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ |
שְׁפֹ֤ךְ חֲמָתְךָ֨ אֶֽל־הַגֹּויִם֮ אֲשֶׁ֪ר לֹא־יְדָ֫ע֥וּךָ וְעַ֥ל מַמְלָכֹ֑ות אֲשֶׁ֥ר בְּ֝שִׁמְךָ֗ לֹ֣א קָרָֽאוּ׃ | 6 |
قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە، نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! |
כִּ֭י אָכַ֣ל אֶֽת־יַעֲקֹ֑ב וְֽאֶת־נָוֵ֥הוּ הֵשַֽׁמּוּ׃ | 7 |
چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ، ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. |
אַֽל־תִּזְכָּר־לָנוּ֮ עֲוֹנֹ֪ת רִאשֹׁ֫נִ֥ים מַ֭הֵר יְקַדְּמ֣וּנוּ רַחֲמֶ֑יךָ כִּ֖י דַלֹּ֣ונוּ מְאֹֽד׃ | 8 |
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. |
עָזְרֵ֤נוּ ׀ אֱלֹ֘הֵ֤י יִשְׁעֵ֗נוּ עַל־דְּבַ֥ר כְּבֹֽוד־שְׁמֶ֑ךָ וְהַצִּילֵ֥נוּ וְכַפֵּ֥ר עַל־חַ֝טֹּאתֵ֗ינוּ לְמַ֣עַן שְׁמֶֽךָ׃ | 9 |
ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى، نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛ |
לָ֤מָּה ׀ יֹאמְר֣וּ הַגֹּויִם֮ אַיֵּ֪ה אֱֽלֹהֵ֫יהֶ֥ם יִוָּדַ֣ע בַּגִּיִּים (בַּגֹּויִ֣ם) לְעֵינֵ֑ינוּ נִ֝קְמַ֗ת דַּֽם־עֲבָדֶ֥יךָ הַשָּׁפֽוּךְ׃ | 10 |
ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟ قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن. |
תָּ֤בֹ֣וא לְפָנֶיךָ֮ אֶנְקַ֪ת אָ֫סִ֥יר כְּגֹ֥דֶל זְרֹועֲךָ֑ הֹ֝ותֵ֗ר בְּנֵ֣י תְמוּתָֽה׃ | 11 |
ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛ بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن. |
וְהָ֘שֵׁ֤ב לִשְׁכֵנֵ֣ינוּ שִׁ֭בְעָתַיִם אֶל־חֵיקָ֑ם חֶרְפָּ֘תָ֤ם אֲשֶׁ֖ר חֵרְפ֣וּךָ אֲדֹנֽ͏ָי׃ | 12 |
ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛ |
וַאֲנַ֤חְנוּ עַמְּךָ֨ ׀ וְצֹ֥אן מַרְעִיתֶךָ֮ נֹ֤ודֶ֥ה לְּךָ֗ לְעֹ֫ולָ֥ם לְדֹ֥ר וָדֹ֑ר נְ֝סַפֵּ֗ר תְּהִלָּתֶֽךָ׃ | 13 |
شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر، ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز. |