מַשְׂכִּ֗יל לְאָ֫סָ֥ף הַאֲזִ֣ינָה עַ֭מִּי תֹּורָתִ֑י הַטּ֥וּ אָ֝זְנְכֶ֗ם לְאִמְרֵי־פִֽי׃ | 1 |
ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. |
אֶפְתְּחָ֣ה בְמָשָׁ֣ל פִּ֑י אַבִּ֥יעָה חִ֝ידֹ֗ות מִנִּי־קֶֽדֶם׃ | 2 |
مەن ئاغزىمنى بىر تەمسىل بىلەن ئاچىمەن، قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن. |
אֲשֶׁ֣ר שָׁ֭מַעְנוּ וַנֵּדָעֵ֑ם וַ֝אֲבֹותֵ֗ינוּ סִפְּרוּ־לָֽנוּ׃ | 3 |
بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن. |
לֹ֤א נְכַחֵ֨ד ׀ מִבְּנֵיהֶ֗ם לְדֹ֥ור אַחֲרֹ֗ון מְֽ֭סַפְּרִים תְּהִלֹּ֣ות יְהוָ֑ה וֶעֱזוּזֹ֥ו וְ֝נִפְלְאֹותָ֗יו אֲשֶׁ֣ר עָשָֽׂה׃ | 4 |
بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز. |
וַיָּ֤קֶם עֵד֨וּת ׀ בְּֽיַעֲקֹ֗ב וְתֹורָה֮ שָׂ֤ם בְּיִשְׂרָ֫אֵ֥ל אֲשֶׁ֣ר צִ֭וָּה אֶת־אֲבֹותֵ֑ינוּ לְ֝הֹודִיעָ֗ם לִבְנֵיהֶֽם׃ | 5 |
چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇغان؛ |
לְמַ֤עַן יֵדְע֨וּ ׀ דֹּ֣ור אַ֭חֲרֹון בָּנִ֣ים יִוָּלֵ֑דוּ יָ֝קֻ֗מוּ וִֽיסַפְּר֥וּ לִבְנֵיהֶֽם׃ | 6 |
شۇنداق قىلىپ كېلەر دەۋر، يەنى تۇغۇلىدىغان بالىلارمۇ بۇلارنى بىلسۇن، ئۇلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ئۆگەتسۇن؛ |
וְיָשִׂ֥ימוּ בֵֽאלֹהִ֗ים כִּ֫סְלָ֥ם וְלֹ֣א יִ֭שְׁכְּחוּ מַֽעַלְלֵי־אֵ֑ל וּמִצְוֹתָ֥יו יִנְצֹֽרוּ׃ | 7 |
پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىسۇن، تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىسۇن، بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرسۇن؛ |
וְלֹ֤א יִהְי֨וּ ׀ כַּאֲבֹותָ֗ם דֹּור֮ סֹורֵ֪ר וּמֹ֫רֶ֥ה דֹּ֭ור לֹא־הֵכִ֣ין לִבֹּ֑ו וְלֹא־נֶאֶמְנָ֖ה אֶת־אֵ֣ל רוּחֹֽו׃ | 8 |
ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشىمىسۇن دەپ، يەنى جاھىل ھەم ئاسىي بىر دەۋر، ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغان، روھى تەڭرىگە ۋاپالىقتا تۇرمىغان بىر دەۋرگە ئوخشىمىسۇن دەپ، ئۇ شۇنداق [بۇيرۇغاندۇر]. |
בְּֽנֵי־אֶפְרַ֗יִם נֹושְׁקֵ֥י רֹומֵי־קָ֑שֶׁת הָ֝פְכ֗וּ בְּיֹ֣ום קְרָֽב׃ | 9 |
مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ، جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى. |
לֹ֣א שָׁ֭מְרוּ בְּרִ֣ית אֱלֹהִ֑ים וּ֝בְתֹורָתֹ֗ו מֵאֲנ֥וּ לָלֶֽכֶת׃ | 10 |
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى. |
וַיִּשְׁכְּח֥וּ עֲלִילֹותָ֑יו וְ֝נִפְלְאֹותָ֗יו אֲשֶׁ֣ר הֶרְאָֽם׃ | 11 |
ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى. |
נֶ֣גֶד אֲ֭בֹותָם עָ֣שָׂה פֶ֑לֶא בְּאֶ֖רֶץ מִצְרַ֣יִם שְׂדֵה־צֹֽעַן׃ | 12 |
ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛ |
בָּ֣קַע יָ֭ם וַיַּֽעֲבִירֵ֑ם וַֽיַּצֶּב־מַ֥יִם כְּמֹו־נֵֽד׃ | 13 |
ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەن؛ سۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ تىكلىدى. |
וַיַּנְחֵ֣ם בֶּעָנָ֣ן יֹומָ֑ם וְכָל־הַ֝לַּ֗יְלָה בְּאֹ֣ור אֵֽשׁ׃ | 14 |
ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن، كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى. |
יְבַקַּ֣ע צֻ֭רִים בַּמִּדְבָּ֑ר וַ֝יַּ֗שְׁקְ כִּתְהֹמֹ֥ות רַבָּֽה׃ | 15 |
چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتتى، چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛ |
וַיֹּוצִ֣א נֹוזְלִ֣ים מִסָּ֑לַע וַיֹּ֖ורֶד כַּנְּהָרֹ֣ות מָֽיִם׃ | 16 |
ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى، سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى. |
וַיֹּוסִ֣יפוּ עֹ֖וד לַחֲטֹא־לֹ֑ו לַֽמְרֹ֥ות עֶ֝לְיֹ֗ון בַּצִּיָּֽה׃ | 17 |
بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى، چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى. |
וַיְנַסּוּ־אֵ֥ל בִּלְבָבָ֑ם לִֽשְׁאָל־אֹ֥כֶל לְנַפְשָֽׁם׃ | 18 |
ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى، نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى. |
וַֽיְדַבְּר֗וּ בֵּֽאלֹ֫הִ֥ים אָ֭מְרוּ הֲי֣וּכַל אֵ֑ל לַעֲרֹ֥ךְ שֻׁ֝לְחָ֗ן בַּמִּדְבָּֽר׃ | 19 |
ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟ |
הֵ֤ן הִכָּה־צ֨וּר ׀ וַיָּז֣וּבוּ מַיִם֮ וּנְחָלִ֪ים יִ֫שְׁטֹ֥פוּ הֲגַם־לֶ֭חֶם י֣וּכַל תֵּ֑ת אִם־יָכִ֖ין שְׁאֵ֣ר לְעַמֹּֽו׃ | 20 |
مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى. |
לָכֵ֤ן ׀ שָׁמַ֥ע יְהוָ֗ה וַֽיִּתְעַבָּ֥ר וְ֭אֵשׁ נִשְּׂקָ֣ה בְיַעֲקֹ֑ב וְגַם־אַ֝֗ף עָלָ֥ה בְיִשְׂרָאֵֽל׃ | 21 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛ ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى، ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛ |
כִּ֤י לֹ֣א הֶ֭אֱמִינוּ בֵּאלֹהִ֑ים וְלֹ֥א בָ֝טְח֗וּ בִּֽישׁוּעָתֹֽו׃ | 22 |
چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى، ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى، |
וַיְצַ֣ו שְׁחָקִ֣ים מִמָּ֑עַל וְדַלְתֵ֖י שָׁמַ֣יִם פָּתָֽח׃ | 23 |
ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛ |
וַיַּמְטֵ֬ר עֲלֵיהֶ֣ם מָ֣ן לֶאֱכֹ֑ל וּדְגַן־שָׁ֝מַ֗יִם נָ֣תַן לָֽמֹו׃ | 24 |
ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛ |
לֶ֣חֶם אַ֭בִּירִים אָ֣כַל אִ֑ישׁ צֵידָ֬ה שָׁלַ֖ח לָהֶ֣ם לָשֹֽׂבַע׃ | 25 |
شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى. |
יַסַּ֣ע קָ֭דִים בַּשָּׁמָ֑יִם וַיְנַהֵ֖ג בְּעֻזֹּ֣ו תֵימָֽן׃ | 26 |
ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛ |
וַיַּמְטֵ֬ר עֲלֵיהֶ֣ם כֶּעָפָ֣ר שְׁאֵ֑ר וּֽכְחֹ֥ול יַ֝מִּ֗ים עֹ֣וף כָּנָֽף׃ | 27 |
ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى. |
וַ֭יַּפֵּל בְּקֶ֣רֶב מַחֲנֵ֑הוּ סָ֝בִ֗יב לְמִשְׁכְּנֹתָֽיו׃ | 28 |
ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى. |
וַיֹּאכְל֣וּ וַיִּשְׂבְּע֣וּ מְאֹ֑ד וְ֝תַֽאֲוָתָ֗ם יָבִ֥א לָהֶֽם׃ | 29 |
ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى [خۇدا] ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى. |
לֹא־זָר֥וּ מִתַּאֲוָתָ֑ם עֹ֝֗וד אָכְלָ֥ם בְּפִיהֶֽם׃ | 30 |
لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا، گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا، |
וְאַ֤ף אֱלֹהִ֨ים ׀ עָ֘לָ֤ה בָהֶ֗ם וַֽ֭יַּהֲרֹג בְּמִשְׁמַנֵּיהֶ֑ם וּבַחוּרֵ֖י יִשְׂרָאֵ֣ל הִכְרִֽיעַ׃ | 31 |
خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قارىتا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرىنى قىرىۋەتتى، ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرىنى يەرگە ئۇرۇۋەتتى. |
בְּכָל־זֹ֭את חָֽטְאוּ־עֹ֑וד וְלֹֽא־הֶ֝אֱמִ֗ינוּ בְּנִפְלְאֹותָֽיו׃ | 32 |
مانا، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا داۋاملىق گۇناھ قىلىۋەردى، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىگە تېخىچىلا ئىشەنمىدى؛ |
וַיְכַל־בַּהֶ֥בֶל יְמֵיהֶ֑ם וּ֝שְׁנֹותָ֗ם בַּבֶּהָלָֽה׃ | 33 |
شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بىھۇدىلىكتە، يىللىرىنى دەككە-دۈككىلىك ئىچىدە تۈگەتكۈزدى. |
אִם־הֲרָגָ֥ם וּדְרָשׁ֑וּהוּ וְ֝שָׁ֗בוּ וְשִֽׁחֲרוּ־אֵֽל׃ | 34 |
ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرگىلى تۇرغاندا، ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئىزدىدى؛ ئۇلار يولىدىن يېنىپ، ئىنتىلىپ تەڭرىنى ئىزدىدى؛ |
וַֽ֭יִּזְכְּרוּ כִּֽי־אֱלֹהִ֣ים צוּרָ֑ם וְאֵ֥ל עֶ֝לְיֹון גֹּאֲלָֽם׃ | 35 |
ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيۇلتېشى ئىكەنلىكىنى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى. |
וַיְפַתּ֥וּהוּ בְּפִיהֶ֑ם וּ֝בִלְשֹׁונָ֗ם יְכַזְּבוּ־לֹֽו׃ | 36 |
بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلدى، تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛ |
וְ֭לִבָּם לֹא־נָכֹ֣ון עִמֹּ֑ו וְלֹ֥א נֶ֝אֶמְנ֗וּ בִּבְרִיתֹֽו׃ | 37 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى. |
וְה֤וּא רַח֨וּם ׀ יְכַפֵּ֥ר עָוֹן֮ וְֽלֹא־יַ֫שְׁחִ֥ית וְ֭הִרְבָּה לְהָשִׁ֣יב אַפֹּ֑ו וְלֹֽא־יָ֝עִיר כָּל־חֲמָתֹֽו׃ | 38 |
بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ قايتا-قايتا ئۆز غەزىپىدىن ياندى، ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى. |
וַ֭יִּזְכֹּר כִּי־בָשָׂ֣ר הֵ֑מָּה ר֥וּחַ הֹ֝ולֵ֗ךְ וְלֹ֣א יָשֽׁוּב׃ | 39 |
ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى، كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى. |
כַּ֭מָּה יַמְר֣וּהוּ בַמִּדְבָּ֑ר יַ֝עֲצִיב֗וּהוּ בִּֽישִׁימֹֽון׃ | 40 |
ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى! |
וַיָּשׁ֣וּבוּ וַיְנַסּ֣וּ אֵ֑ל וּקְדֹ֖ושׁ יִשְׂרָאֵ֣ל הִתְווּ׃ | 41 |
بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى. |
לֹא־זָכְר֥וּ אֶת־יָדֹ֑ו יֹ֝֗ום אֲֽשֶׁר־פָּדָ֥ם מִנִּי־צָֽר׃ | 42 |
ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى [ئەسلىمىدى]؛ ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى، قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ، زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى. |
אֲשֶׁר־שָׂ֣ם בְּ֭מִצְרַיִם אֹֽתֹותָ֑יו וּ֝מֹופְתָ֗יו בִּשְׂדֵה־צֹֽעַן׃ | 43 |
וַיַּהֲפֹ֣ךְ לְ֭דָם יְאֹרֵיהֶ֑ם וְ֝נֹזְלֵיהֶ֗ם בַּל־יִשְׁתָּיֽוּן׃ | 44 |
ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛ |
יְשַׁלַּ֬ח בָּהֶ֣ם עָ֭רֹב וַיֹּאכְלֵ֑ם וּ֝צְפַרְדֵּ֗עַ וַתַּשְׁחִיתֵֽם׃ | 45 |
ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى، ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛ |
וַיִּתֵּ֣ן לֶחָסִ֣יל יְבוּלָ֑ם וִֽ֝יגִיעָ֗ם לָאַרְבֶּֽה׃ | 46 |
ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛ |
יַהֲרֹ֣ג בַּבָּרָ֣ד גַּפְנָ֑ם וְ֝שִׁקְמֹותָ֗ם בַּֽחֲנָמַֽל׃ | 47 |
ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتىۋەتتى. |
וַיַּסְגֵּ֣ר לַבָּרָ֣ד בְּעִירָ֑ם וּ֝מִקְנֵיהֶ֗ם לָרְשָׁפִֽים׃ | 48 |
ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا [كۆيدۈرىۋەتتى]. |
יְשַׁלַּח־בָּ֨ם ׀ חֲרֹ֬ון אַפֹּ֗ו עֶבְרָ֣ה וָזַ֣עַם וְצָרָ֑ה מִ֝שְׁלַ֗חַת מַלְאֲכֵ֥י רָעִֽים׃ | 49 |
ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ قەھرىنى، ئاچچىقىنى ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلەرنىمۇ چۈشۈردى. |
יְפַלֵּ֥ס נָתִ֗יב לְאַ֫פֹּ֥ו לֹא־חָשַׂ֣ךְ מִמָּ֣וֶת נַפְשָׁ֑ם וְ֝חַיָּתָ֗ם לַדֶּ֥בֶר הִסְגִּֽיר׃ | 50 |
ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛ |
וַיַּ֣ךְ כָּל־בְּכֹ֣ור בְּמִצְרָ֑יִם רֵאשִׁ֥ית אֹ֝ונִ֗ים בְּאָהֳלֵי־חָֽם׃ | 51 |
ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى. |
וַיַּסַּ֣ע כַּצֹּ֣אן עַמֹּ֑ו וַֽיְנַהֲגֵ֥ם כַּ֝עֵ֗דֶר בַּמִּדְבָּֽר׃ | 52 |
ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛ |
וַיַּנְחֵ֣ם לָ֭בֶטַח וְלֹ֣א פָחָ֑דוּ וְאֶת־אֹ֝ויְבֵיהֶ֗ם כִּסָּ֥ה הַיָּֽם׃ | 53 |
ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ دۈشمەنلىرىنى بولسا، دېڭىز يۇتۇپ كەتتى. |
וַ֭יְבִיאֵם אֶל־גְּב֣וּל קָדְשֹׁ֑ו הַר־זֶ֝֗ה קָנְתָ֥ה יְמִינֹֽו׃ | 54 |
ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى. |
וַיְגָ֤רֶשׁ מִפְּנֵיהֶ֨ם ׀ גֹּויִ֗ם וַֽ֭יַּפִּילֵם בְּחֶ֣בֶל נַחֲלָ֑ה וַיַּשְׁכֵּ֥ן בְּ֝אָהֳלֵיהֶ֗ם שִׁבְטֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 55 |
ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، زېمىن ئۈستىگە تانا تارتقۇزۇپ ئۆلچەپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلدى؛ ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى. |
וַיְנַסּ֣וּ וַ֭יַּמְרוּ אֶת־אֱלֹהִ֣ים עֶלְיֹ֑ון וְ֝עֵדֹותָ֗יו לֹ֣א שָׁמָֽרוּ׃ | 56 |
بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛ |
וַיִּסֹּ֣גוּ וַֽ֭יִּבְגְּדוּ כַּאֲבֹותָ֑ם נֶ֝הְפְּכ֗וּ כְּקֶ֣שֶׁת רְמִיָּֽה׃ | 57 |
بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى. |
וַיַּכְעִיס֥וּהוּ בְּבָמֹותָ֑ם וּ֝בִפְסִילֵיהֶ֗ם יַקְנִיאֽוּהוּ׃ | 58 |
ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى. |
שָׁמַ֣ע אֱ֭לֹהִים וַֽיִּתְעַבָּ֑ר וַיִּמְאַ֥ס מְ֝אֹ֗ד בְּיִשְׂרָאֵֽל׃ | 59 |
خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى. |
וַ֭יִּטֹּשׁ מִשְׁכַּ֣ן שִׁלֹ֑ו אֹ֝֗הֶל שִׁכֵּ֥ן בָּאָדָֽם׃ | 60 |
ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى، |
וַיִּתֵּ֣ן לַשְּׁבִ֣י עֻזֹּ֑ו וְֽתִפְאַרְתֹּ֥ו בְיַד־צָֽר׃ | 61 |
ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛ |
וַיַּסְגֵּ֣ר לַחֶ֣רֶב עַמֹּ֑ו וּ֝בְנַחֲלָתֹ֗ו הִתְעַבָּֽר׃ | 62 |
ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. |
בַּחוּרָ֥יו אָֽכְלָה־אֵ֑שׁ וּ֝בְתוּלֹתָ֗יו לֹ֣א הוּלָּֽלוּ׃ | 63 |
ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى. |
כֹּ֭הֲנָיו בַּחֶ֣רֶב נָפָ֑לוּ וְ֝אַלְמְנֹתָ֗יו לֹ֣א תִבְכֶּֽינָה׃ | 64 |
ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى. |
וַיִּקַ֖ץ כְּיָשֵׁ֥ן ׀ אֲדֹנָ֑י כְּ֝גִבֹּ֗ור מִתְרֹונֵ֥ן מִיָּֽיִן׃ | 65 |
ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى. |
וַיַּךְ־צָרָ֥יו אָחֹ֑ור חֶרְפַּ֥ת עֹ֝ולָ֗ם נָ֣תַן לָֽמֹו׃ | 66 |
ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى. |
וַ֭יִּמְאַס בְּאֹ֣הֶל יֹוסֵ֑ף וּֽבְשֵׁ֥בֶט אֶ֝פְרַ֗יִם לֹ֣א בָחָֽר׃ | 67 |
يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛ |
וַ֭יִּבְחַר אֶת־שֵׁ֣בֶט יְהוּדָ֑ה אֶֽת־הַ֥ר צִ֝יֹּ֗ון אֲשֶׁ֣ר אָהֵֽב׃ | 68 |
بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى. |
וַיִּ֣בֶן כְּמֹו־רָ֭מִים מִקְדָּשֹׁ֑ו כְּ֝אֶ֗רֶץ יְסָדָ֥הּ לְעֹולָֽם׃ | 69 |
[شۇ يەردە] مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛ |
וַ֭יִּבְחַר בְּדָוִ֣ד עַבְדֹּ֑ו וַ֝יִּקָּחֵ֗הוּ מִֽמִּכְלְאֹ֥ת צֹֽאן׃ | 70 |
ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛ |
מֵאַחַ֥ר עָלֹ֗ות הֱ֫בִיאֹ֥ו לִ֭רְעֹות בְּיַעֲקֹ֣ב עַמֹּ֑ו וּ֝בְיִשְׂרָאֵ֗ל נַחֲלָתֹֽו׃ | 71 |
قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى. |
וַ֭יִּרְעֵם כְּתֹ֣ם לְבָבֹ֑ו וּבִתְבוּנֹ֖ות כַּפָּ֣יו יַנְחֵֽם׃ | 72 |
داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى، قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى. |