לַ֭מְנַצֵּחַ עַל־אַיֶּ֥לֶת הַשַּׁ֗חַר מִזְמֹ֥ור לְדָוִֽד׃ אֵלִ֣י אֵ֭לִי לָמָ֣ה עֲזַבְתָּ֑נִי רָחֹ֥וק מִֽ֝ישׁוּעָתִ֗י דִּבְרֵ֥י שַׁאֲגָתִֽי׃ | 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟ سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟ نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن، |
אֱֽלֹהַ֗י אֶקְרָ֣א יֹ֖ומָם וְלֹ֣א תַעֲנֶ֑ה וְ֝לַ֗יְלָה וְֽלֹא־דֽוּמִיָּ֥ה לִֽי׃ | 2 |
خۇدايىم، كۈندۈزدە نىدا قىلدىم، لېكىن سەن ھېچ جاۋاب قىلمايسەن؛ كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن. |
וְאַתָּ֥ה קָדֹ֑ושׁ יֹ֝ושֵׁ֗ב תְּהִלֹּ֥ות יִשְׂרָאֵֽל׃ | 3 |
بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى، سەن دېگەن پاك-مۇقەددەستۇرسەن! |
בְּ֭ךָ בָּטְח֣וּ אֲבֹתֵ֑ינוּ בָּ֝טְח֗וּ וַֽתְּפַלְּטֵֽמֹו׃ | 4 |
ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان، ئۇلار ساڭا تايانغان، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزغان. |
אֵלֶ֣יךָ זָעֲק֣וּ וְנִמְלָ֑טוּ בְּךָ֖ בָטְח֣וּ וְלֹא־בֹֽושׁוּ׃ | 5 |
ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛ ساڭا تايىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھېچ يەردە قالغان ئەمەس. |
וְאָנֹכִ֣י תֹולַ֣עַת וְלֹא־אִ֑ישׁ חֶרְפַּ֥ת אָ֝דָ֗ם וּבְז֥וּי עָֽם׃ | 6 |
بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، ئىنسان تەرىپىدىن [تۆھمەت بىلەن] رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن. |
כָּל־רֹ֭אַי יַלְעִ֣גוּ לִ֑י יַפְטִ֥ירוּ בְ֝שָׂפָ֗ה יָנִ֥יעוּ רֹֽאשׁ׃ | 7 |
مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ، باشلىرىنى سىلكىشىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ: |
גֹּ֣ל אֶל־יְהוָ֣ה יְפַלְּטֵ֑הוּ יַ֝צִּילֵ֗הוּ כִּ֘י חָ֥פֵֽץ בֹּֽו׃ | 8 |
«ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟! ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر، ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ. |
כִּֽי־אַתָּ֣ה גֹחִ֣י מִבָּ֑טֶן מַ֝בְטִיחִ֗י עַל־שְׁדֵ֥י אִמִּֽי׃ | 9 |
بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛ |
עָ֭לֶיךָ הָשְׁלַ֣כְתִּי מֵרָ֑חֶם מִבֶּ֥טֶן אִ֝מִּ֗י אֵ֣לִי אָֽתָּה׃ | 10 |
تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن. |
אַל־תִּרְחַ֣ק מִ֭מֶּנִּי כִּי־צָרָ֣ה קְרֹובָ֑ה כִּי־אֵ֥ין עֹוזֵֽר׃ | 11 |
مەندىن يىراقلاشما؛ چۈنكى رىيازەت مېنى قىستاپ كەلدى؛ ماڭا ياردەمدە بولغۇچى يوقتۇر. |
סְ֭בָבוּנִי פָּרִ֣ים רַבִּ֑ים אַבִּירֵ֖י בָשָׁ֣ן כִּתְּרֽוּנִי׃ | 12 |
نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى؛ باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى؛ |
פָּצ֣וּ עָלַ֣י פִּיהֶ֑ם אַ֝רְיֵ֗ה טֹרֵ֥ף וְשֹׁאֵֽג׃ | 13 |
ئۇلار ئادەمنى تىتما قىلغۇچى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، ئاغزىلىرنى چوڭ ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ. |
כַּמַּ֥יִם נִשְׁפַּכְתִּי֮ וְהִתְפָּֽרְד֗וּ כָּֽל־עַצְמֹ֫ותָ֥י הָיָ֣ה לִ֭בִּי כַּדֹּונָ֑ג נָ֝מֵ֗ס בְּתֹ֣וךְ מֵעָֽי׃ | 14 |
مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم، ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛ يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى، ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى. |
יָ֘בֵ֤שׁ כַּחֶ֨רֶשׂ ׀ כֹּחִ֗י וּ֖לְשֹׁונִי מֻדְבָּ֣ק מַלְקֹוחָ֑י וְֽלַעֲפַר־מָ֥וֶת תִּשְׁפְּתֵֽנִי׃ | 15 |
قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى، تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى، سەن [پەرۋەردىگار] مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن. |
כִּ֥י סְבָב֗וּנִי כְּלָ֫בִ֥ים עֲדַ֣ת מְ֭רֵעִים הִקִּיפ֑וּנִי כָּ֝אֲרִ֗י יָדַ֥י וְרַגְלָֽי׃ | 16 |
غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى، بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ، مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى. |
אֲסַפֵּ֥ר כָּל־עַצְמֹותָ֑י הֵ֥מָּה יַ֝בִּ֗יטוּ יִרְאוּ־בִֽי׃ | 17 |
سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن، [ئۇستىخانلىرىم] ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. |
יְחַלְּק֣וּ בְגָדַ֣י לָהֶ֑ם וְעַל־לְ֝בוּשִׁ֗י יַפִּ֥ילוּ גֹורָֽל׃ | 18 |
ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ، كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ. |
וְאַתָּ֣ה יְ֭הוָה אַל־תִּרְחָ֑ק אֱ֝יָלוּתִ֗י לְעֶזְרָ֥תִי חֽוּשָׁה׃ | 19 |
بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما! ئى كۈچ-قۇدرىتىم بولغۇچىم، ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! |
הַצִּ֣ילָה מֵחֶ֣רֶב נַפְשִׁ֑י מִיַּד־כֶּ֝֗לֶב יְחִידָתִֽי׃ | 20 |
جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن، مېنىڭ يالغۇز جېنىمنى ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن. |
הֹ֭ושִׁיעֵנִי מִפִּ֣י אַרְיֵ֑ה וּמִקַּרְנֵ֖י רֵמִ֣ים עֲנִיתָֽנִי׃ | 21 |
مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛ شۇنداق، سەن ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن! |
אֲסַפְּרָ֣ה שִׁמְךָ֣ לְאֶחָ֑י בְּתֹ֖וךְ קָהָ֣ל אֲהַלְלֶֽךָּ׃ | 22 |
مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛ چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛ |
יִרְאֵ֤י יְהוָ֨ה ׀ הַֽלְל֗וּהוּ כָּל־זֶ֣רַע יַעֲקֹ֣ב כַּבְּד֑וּהוּ וְג֥וּרוּ מִ֝מֶּ֗נּוּ כָּל־זֶ֥רַע יִשְׂרָאֵֽל׃ | 23 |
پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار! ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار. |
כִּ֤י לֹֽא־בָזָ֨ה וְלֹ֪א שִׁקַּ֡ץ עֱנ֬וּת עָנִ֗י וְלֹא־הִסְתִּ֣יר פָּנָ֣יו מִמֶּ֑נּוּ וּֽבְשַׁוְּעֹ֖ו אֵלָ֣יו שָׁמֵֽעַ׃ | 24 |
چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس، ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛ بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان. |
מֵ֥אִתְּךָ֗ תְֽהִלָּ֫תִ֥י בְּקָהָ֥ל רָ֑ב נְדָרַ֥י אֲ֝שַׁלֵּ֗ם נֶ֣גֶד יְרֵאָֽיו׃ | 25 |
چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر، خۇدادىن ئەيمەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئىچكەن قەسەملىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ |
יֹאכְל֬וּ עֲנָוִ֨ים ׀ וְיִשְׂבָּ֗עוּ יְהַֽלְל֣וּ יְ֭הוָה דֹּ֣רְשָׁ֑יו יְחִ֖י לְבַבְכֶ֣ם לָעַֽד׃ | 26 |
ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەنلەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ؛ سىلەرنىڭ قەلبىڭلار مەڭگۈ ياشنايدۇ! |
יִזְכְּר֤וּ ׀ וְיָשֻׁ֣בוּ אֶל־יְ֭הוָה כָּל־אַפְסֵי־אָ֑רֶץ וְיִֽשְׁתַּחֲו֥וּ לְ֝פָנֶ֗יךָ כָּֽל־מִשְׁפְּחֹ֥ות גֹּויִֽם׃ | 27 |
زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛ ئەل-مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئالدىڭدا ئىبادەت قىلىدۇ؛ |
כִּ֣י לַ֭יהוָה הַמְּלוּכָ֑ה וּ֝מֹשֵׁ֗ל בַּגֹּויִֽם׃ | 28 |
چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛ ئۇ ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر. |
אָכְל֬וּ וַיִּֽשְׁתַּחֲוּ֨וּ ׀ כָּֽל־דִּשְׁנֵי־אֶ֗רֶץ לְפָנָ֣יו יִ֭כְרְעוּ כָּל־יֹורְדֵ֣י עָפָ֑ר וְ֝נַפְשֹׁ֗ו לֹ֣א חִיָּֽה׃ | 29 |
جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛ تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛ |
זֶ֥רַע יַֽעַבְדֶ֑נּוּ יְסֻפַּ֖ר לַֽאדֹנָ֣י לַדֹּֽור׃ | 30 |
كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ بۇ ئەۋلاد رەب ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرى ھېسابلىنىدۇ. |
יָ֭בֹאוּ וְיַגִּ֣ידוּ צִדְקָתֹ֑ו לְעַ֥ם נֹ֝ולָ֗ד כִּ֣י עָשָֽׂה׃ | 31 |
كېيىن ئۇلار كېلىپ، شۇ چاغدا تۇغۇلىدىغان بىر قوۋمغا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى جاكارلاپ شۇنى ئېلان قىلىدۇكى، «ئۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى!» |