שִׁ֥יר הַֽמַּֽעֲלֹ֗ות לְדָ֫וִ֥ד יְהוָ֤ה ׀ לֹא־גָבַ֣הּ לִ֭בִּי וְלֹא־רָמ֣וּ עֵינַ֑י וְלֹֽא־הִלַּ֓כְתִּי ׀ בִּגְדֹלֹ֖ות וּבְנִפְלָאֹ֣ות מִמֶּֽנִּי׃ | 1 |
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛ |
אִם־לֹ֤א שִׁוִּ֨יתִי ׀ וְדֹומַ֗מְתִּי נַ֫פְשִׁ֥י כְּ֭גָמֻל עֲלֵ֣י אִמֹּ֑ו כַּגָּמֻ֖ל עָלַ֣י נַפְשִֽׁי׃ | 2 |
بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك، ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛ كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر. |
יַחֵ֣ל יִ֝שְׂרָאֵל אֶל־יְהוָ֑ה מֵֽ֝עַתָּ֗ה וְעַד־עֹולָֽם׃ | 3 |
ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛ ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە! |