< תְהִלִּים 106 >

הַֽלְלוּיָ֨הּ ׀ הֹוד֣וּ לַיהוָ֣ה כִּי־טֹ֑וב כִּ֖י לְעֹולָ֣ם חַסְדֹּֽו׃ 1
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى.
מִ֗י יְ֭מַלֵּל גְּבוּרֹ֣ות יְהוָ֑ה יַ֝שְׁמִ֗יעַ כָּל־תְּהִלָּתֹֽו׃ 2
پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قىلغانلىرىنى كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ بار شان-شۆھرىتىنى كىم جاكارلاپ بېرەلەيدۇ؟
אַ֭שְׁרֵי שֹׁמְרֵ֣י מִשְׁפָּ֑ט עֹשֵׂ֖ה צְדָקָ֣ה בְכָל־עֵֽת׃ 3
بەختلىكتۇر ئادالەتنى تۇتقان، دائىم ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگەن كىشى!
זָכְרֵ֣נִי יְ֭הוָה בִּרְצֹ֣ון עַמֶּ֑ךָ פָּ֝קְדֵ֗נִי בִּישׁוּעָתֶֽךָ׃ 4
خەلقىڭگە بولغان ھىممىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن!
לִרְאֹ֤ות ׀ בְּטֹ֘ובַ֤ת בְּחִירֶ֗יךָ לִ֭שְׂמֹחַ בְּשִׂמְחַ֣ת גֹּויֶ֑ךָ לְ֝הִתְהַלֵּ֗ל עִם־נַחֲלָתֶֽךָ׃ 5
شۇنىڭ بىلەن، سەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەي، ئۆز ئېلىڭنىڭ شادلىقى بىلەن شاد بولاي، ئۆز مىراسىڭ [بولغان خەلقىڭ] بىلەن پەخىرلىنىپ، يايراپ يۈرەي!
חָטָ֥אנוּ עִם־אֲבֹותֵ֗ינוּ הֶעֱוִ֥ינוּ הִרְשָֽׁעְנוּ׃ 6
بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق، يامانلىق ئەيلىدۇق.
אֲבֹ֘ותֵ֤ינוּ בְמִצְרַ֨יִם ׀ לֹא־הִשְׂכִּ֬ילוּ נִפְלְאֹותֶ֗יךָ לֹ֣א זָ֭כְרוּ אֶת־רֹ֣ב חֲסָדֶ֑יךָ וַיַּמְר֖וּ עַל־יָ֣ם בְּיַם־סֽוּף׃ 7
مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي، كۆپ مېھرىبانلىقلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى؛ بەلكى دېڭىزدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان كۆتۈردى.
וַֽ֭יֹּושִׁיעֵם לְמַ֣עַן שְׁמֹ֑ו לְ֝הֹודִ֗יעַ אֶת־גְּבוּרָתֹֽו׃ 8
بىراق ئۇ قۇدرىتىمنى نامايان قىلاي دەپ، ئۆز نامى ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزدى.
וַיִּגְעַ֣ר בְּיַם־ס֭וּף וֽ͏ַיֶּחֱרָ֑ב וַיֹּולִיכֵ֥ם בַּ֝תְּהֹמֹ֗ות כַּמִּדְבָּֽר׃ 9
ئۇنىڭ قىزىل دېڭىزغا تەنبىھ بېرىشى بىلەن، ئۇ قۇپقۇرۇق بولدى؛ خۇددى قاغجىراق چۆللۈكتىن يېتەكلەپ ماڭغاندەك، ئۇ ئۇلارنى دېڭىز تەگلىرىدىن [قۇرۇق] ئۆتكۈزدى.
וַֽ֭יֹּושִׁיעֵם מִיַּ֣ד שֹׂונֵ֑א וַ֝יִּגְאָלֵ֗ם מִיַּ֥ד אֹויֵֽב׃ 10
ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى، ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەن چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.
וַיְכַסּוּ־מַ֥יִם צָרֵיהֶ֑ם אֶחָ֥ד מֵ֝הֶ֗ם לֹ֣א נֹותָֽר׃ 11
ياۋلارنى سۇلار باستى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرسى ساق قالمىدى.
וַיַּאֲמִ֥ינוּ בִדְבָרָ֑יו יָ֝שִׁ֗ירוּ תְּהִלָּתֹֽו׃ 12
شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى كۈيلىدى.
מִֽ֭הֲרוּ שָׁכְח֣וּ מַעֲשָׂ֑יו לֹֽא־חִ֝כּ֗וּ לַעֲצָתֹֽו׃ 13
ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇدى، نەسىھەتىنى كۈتمىدى؛
וַיִּתְאַוּ֣וּ תַ֭אֲוָה בַּמִּדְבָּ֑ר וַיְנַסּוּ־אֵ֝֗ל בִּֽישִׁימֹֽון׃ 14
بەلكى دالادا ئاچ كۆزلۈككە بالادەك بېرىلدى، چۆل-باياۋاندا تەڭرىنى سىنىدى.
וַיִּתֵּ֣ן לָ֭הֶם שֶׁאֱלָתָ֑ם וַיְשַׁלַּ֖ח רָזֹ֣ון בְּנַפְשָֽׁם׃ 15
شۇڭا ئۇ سورىغىنىنى ئۇلارغا بەردى، بىراق جۈدەتكۈچى بىر كېسەلنى جانلىرىغا تەگكۈزدى.
וַיְקַנְא֣וּ לְ֭מֹשֶׁה בַּֽמַּחֲנֶ֑ה לְ֝אַהֲרֹ֗ן קְדֹ֣ושׁ יְהוָֽה׃ 16
ئۇلار بارگاھدا مۇساغا ھەسەت قىلدى، خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىسى ھارۇننىمۇ كۆرەلمىدى.
תִּפְתַּח־אֶ֭רֶץ וַתִּבְלַ֣ע דָּתָ֑ן וַ֝תְּכַ֗ס עַל־עֲדַ֥ת אֲבִירָֽם׃ 17
يەر ئېچىلىپ داتاننى يۇتۇۋەتتى، ئابىرامنى ئادەملىرى بىلەن قاپسىۋالدى.
וַתִּבְעַר־אֵ֥שׁ בַּעֲדָתָ֑ם לֶ֝הָבָ֗ה תְּלַהֵ֥ט רְשָׁעִֽים׃ 18
ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئوت يېقىلدى؛ يالقۇن رەزىللەرنى كۆيدۈرىۋەتتى.
יַעֲשׂוּ־עֵ֥גֶל בְּחֹרֵ֑ב וַ֝יִּשְׁתַּחֲו֗וּ לְמַסֵּכָֽה׃ 19
ئۇلار ھورەب تېغىدا موزاي بۇتنى ياسىدى، قۇيما ھەيكەلگە سەجدە قىلىپ،
וַיָּמִ֥ירוּ אֶת־כְּבֹודָ֑ם בְּתַבְנִ֥ית שֹׁ֝֗ור אֹכֵ֥ל עֵֽשֶׂב׃ 20
ئۆزلىرىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى بولغۇچىنىڭ ئورنىغا، ئوت-چۆپ يەيدىغان ئۆكۈزنىڭ سۈرىتىنى ئالماشتۇردى.
שָׁ֭כְחוּ אֵ֣ל מֹושִׁיעָ֑ם עֹשֶׂ֖ה גְדֹלֹ֣ות בְּמִצְרָֽיִם׃ 21
مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆرسەتكەن نىجاتكارى تەڭرىنى ئۇلار ئۇنتۇدى.
נִ֭פְלָאֹות בְּאֶ֣רֶץ חָ֑ם נֹ֝ורָאֹ֗ות עַל־יַם־סֽוּף׃ 22
دەرۋەقە، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقان، قىزىل دېڭىز بويىدا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسەتكەن خۇدانى [ئۇنتۇدى].
וַיֹּ֗אמֶר לְֽהַשְׁמִ֫ידָ֥ם לוּלֵ֡י מֹ֘שֶׁ֤ה בְחִירֹ֗ו עָמַ֣ד בַּפֶּ֣רֶץ לְפָנָ֑יו לְהָשִׁ֥יב חֲ֝מָתֹ֗ו מֵֽהַשְׁחִֽית׃ 23
ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ ئۆز تاللىغىنى مۇسا قەھرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىچى بولۇپ تىك تۇرمىغان بولسا، ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلغان بولار ئىدى.
וַֽ֭יִּמְאֲסוּ בְּאֶ֣רֶץ חֶמְדָּ֑ה לֹֽא־הֶ֝אֱמִ֗ינוּ לִדְבָרֹֽו׃ 24
ئۇلار يەنە گۈزەل زېمىننى كەمسىتىپ رەت قىلدى، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى؛
וַיֵּרָגְנ֥וּ בְאָהֳלֵיהֶ֑ם לֹ֥א שָׁ֝מְע֗וּ בְּקֹ֣ול יְהוָֽה׃ 25
بەلكى چېدىرلىرىدا قاقشاپ يۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى.
וַיִּשָּׂ֣א יָדֹ֣ו לָהֶ֑ם לְהַפִּ֥יל אֹ֝ותָ֗ם בַּמִּדְבָּֽר׃ 26
شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ قول كۆتۈرۈپ: ــ سىلەرنى چۆلدە يىقىتىپ تۈگەشتۈرىمەن ــ
וּלְהַפִּ֣יל זַ֭רְעָם בַּגֹּויִ֑ם וּ֝לְזָרֹותָ֗ם בָּאֲרָצֹֽות׃ 27
ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئەللەر ئارىسىدا يىقىتىپ تۈگەشتۈرۈپ، ياقا يۇرتلار ئارا تارقىتىۋېتىمەن» ــ دېدى.
וַ֭יִּצָּ֣מְדוּ לְבַ֣עַל פְּעֹ֑ור וַ֝יֹּאכְל֗וּ זִבְחֵ֥י מֵתִֽים׃ 28
ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى.
וַ֭יַּכְעִיסוּ בְּמַֽעַלְלֵיהֶ֑ם וַתִּפְרָץ־בָּ֝֗ם מַגֵּפָֽה׃ 29
ئۇلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، ئۇلار ئارىسىدا ۋابا قوزغالدى؛
וַיַּעֲמֹ֣ד פִּֽ֭ינְחָס וַיְפַלֵּ֑ל וַ֝תֵּעָצַ֗ר הַמַּגֵּפָֽה׃ 30
فىنىھاس تۇردى-دە، ھۆكۈم يۈرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ۋابا توسۇلدى؛
וַתֵּחָ֣שֶׁב לֹ֭ו לִצְדָקָ֑ה לְדֹ֥ר וָ֝דֹ֗ר עַד־עֹולָֽם׃ 31
بۇ ئىش [فىنىھاسقا] ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ نەسلىگىمۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە، ئەبەدىي شۇنداق ھېسابلاندى.
וַ֭יַּקְצִיפוּ עַל־מֵ֥י מְרִיבָ֑ה וַיֵּ֥רַע לְ֝מֹשֶׁ֗ה בַּעֲבוּרָֽם׃ 32
ئۇلار يەنە [پەرۋەردىگارنى] مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى؛
כִּֽי־הִמְר֥וּ אֶת־רוּחֹ֑ו וַ֝יְבַטֵּ֗א בִּשְׂפָתָֽיו׃ 33
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى.
לֹֽא־הִ֭שְׁמִידוּ אֶת־הָֽעַמִּ֑ים אֲשֶׁ֤ר אָמַ֖ר יְהוָ֣ה לָהֶֽם׃ 34
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، [شۇ] يەردىكى قوۋملارنى يوقاتمىدى؛
וַיִּתְעָרְב֥וּ בַגֹּויִ֑ם וַֽ֝יִּלְמְד֗וּ מַֽעֲשֵׂיהֶֽם׃ 35
بەلكى يات ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆگەندى؛
וַיַּעַבְד֥וּ אֶת־עֲצַבֵּיהֶ֑ם וַיִּהְי֖וּ לָהֶ֣ם לְמֹוקֵֽשׁ׃ 36
ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى، بۇلار ئۆزلىرىگە بىر تۇزاق بولۇپ چىقتى؛
וַיִּזְבְּח֣וּ אֶת־בְּ֭נֵיהֶם וְאֶת־בְּנֹֽותֵיהֶ֗ם לַשֵּֽׁדִים׃ 37
چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى.
וַיִּֽשְׁפְּכ֨וּ דָ֪ם נָקִ֡י דַּם־בְּנֵ֘יהֶ֤ם וּֽבְנֹותֵיהֶ֗ם אֲשֶׁ֣ר זִ֭בְּחוּ לַעֲצַבֵּ֣י כְנָ֑עַן וַתֶּחֱנַ֥ף הָ֝אָ֗רֶץ בַּדָּמִֽים׃ 38
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى، يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛ زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى.
וַיִּטְמְא֥וּ בְמַעֲשֵׂיהֶ֑ם וַ֝יִּזְ֗נוּ בְּמַֽעַלְלֵיהֶֽם׃ 39
ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛ قىلىقلىرى بىلەن پاھىشە ئايالدەك بۇزۇلدى.
וַיִּֽחַר־אַ֣ף יְהוָ֣ה בְּעַמֹּ֑ו וַ֝יְתָעֵ֗ב אֶת־נַחֲלָתֹֽו׃ 40
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى؛
וַיִּתְּנֵ֥ם בְּיַד־גֹּויִ֑ם וַֽיִּמְשְׁל֥וּ בָ֝הֶ֗ם שֹׂנְאֵיהֶֽם׃ 41
ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا بەردى، ئۇلارغا ئۆچمەنلەر ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
וַיִּלְחָצ֥וּם אֹויְבֵיהֶ֑ם וַ֝יִּכָּנְע֗וּ תַּ֣חַת יָדָֽם׃ 42
دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەزدى، ئۇلار ياۋ قولى ئاستىدا ئېگىلىپ پۈكۈلدى.
פְּעָמִ֥ים רַבֹּ֗ות יַצִּ֫ילֵ֥ם וְ֭הֵמָּה יַמְר֣וּ בַעֲצָתָ֑ם וַ֝יָּמֹ֗כּוּ בַּעֲוֹנָֽם׃ 43
كۆپ قېتىم [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛ بىراق ئۇلار بولسا، ئۆز خاھىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار ئۆز قەبىھلىكى بىلەن پەس ھالغا چۈشتى.
וַ֭יַּרְא בַּצַּ֣ר לָהֶ֑ם בְּ֝שָׁמְעֹ֗ו אֶת־רִנָּתָֽם׃ 44
شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ جەبىر-جاپالىرىغا ئېتىبار بەردى؛
וַיִּזְכֹּ֣ר לָהֶ֣ם בְּרִיתֹ֑ו וַ֝יִּנָּחֵ֗ם כְּרֹ֣ב חַסְדֹּו (חֲסָדָֽיו)׃ 45
ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى، زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن، غەزىپىدىن ياندى،
וַיִּתֵּ֣ן אֹותָ֣ם לְרַחֲמִ֑ים לִ֝פְנֵ֛י כָּל־שֹׁובֵיהֶֽם׃ 46
ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى.
הֹושִׁיעֵ֨נוּ ׀ יְה֘וָ֤ה אֱלֹהֵ֗ינוּ וְקַבְּצֵנוּ֮ מִֽן־הַגֹּ֫ויִ֥ם לְ֭הֹדֹות לְשֵׁ֣ם קָדְשֶׁ֑ךָ לְ֝הִשְׁתַּבֵּ֗חַ בִּתְהִלָּתֶֽךָ׃ 47
بىزنى قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشقا، تەنتەنە قىلىپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەر ئارىسىدىن يېنىڭغا يىغىۋالغايسەن!
בָּר֤וּךְ־יְהוָ֨ה אֱלֹהֵ֪י יִשְׂרָאֵ֡ל מִן־הָ֤עֹולָ֨ם ׀ וְעַ֬ד הָעֹולָ֗ם וְאָמַ֖ר כָּל־הָעָ֥ם אָמֵ֗ן הַֽלְלוּ־יָֽהּ׃ 48
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن» دېسۇن! ھەمدۇسانا!

< תְהִלִּים 106 >