חָ֭כְמֹות בָּנְתָ֣ה בֵיתָ֑הּ חָצְבָ֖ה עַמּוּדֶ֣יהָ שִׁבְעָֽה׃ | 1 |
دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى. |
טָבְחָ֣ה טִ֭בְחָהּ מָסְכָ֣ה יֵינָ֑הּ אַ֝֗ף עָֽרְכָ֥ה שֻׁלְחָנָֽהּ׃ | 2 |
ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛ |
שָֽׁלְחָ֣ה נַעֲרֹתֶ֣יהָ תִקְרָ֑א עַל־גַּ֝פֵּ֗י מְרֹ֣מֵי קָֽרֶת׃ | 3 |
دېدەكلىرىنى [مېھمان چاقىرىشقا] ئەۋەتتى، ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ: |
מִי־פֶ֭תִי יָסֻ֣ר הֵ֑נָּה חֲסַר־לֵ֝֗ב אָ֣מְרָה לֹּֽו׃ | 4 |
«ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ نادانلارغا: |
לְ֭כוּ לַחֲמ֣וּ בְֽלַחֲמִ֑י וּ֝שְׁת֗וּ בְּיַ֣יִן מָסָֽכְתִּי׃ | 5 |
قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛ |
עִזְב֣וּ פְתָאיִ֣ם וִֽחְי֑וּ וְ֝אִשְׁר֗וּ בְּדֶ֣רֶךְ בִּינָֽה׃ | 6 |
نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ. |
יֹ֤סֵ֨ר ׀ לֵ֗ץ לֹקֵ֣חַֽ לֹ֣ו קָלֹ֑ון וּמֹוכִ֖יחַ לְרָשָׁ֣ע מוּמֹֽו׃ | 7 |
ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. |
אַל־תֹּ֣וכַח לֵ֭ץ פֶּן־יִשְׂנָאֶ֑ךָּ הֹוכַ֥ח לְ֝חָכָ֗ם וְיֶאֱהָבֶֽךָּ׃ | 8 |
ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. |
תֵּ֣ן לְ֭חָכָם וְיֶחְכַּם־עֹ֑וד הֹודַ֥ע לְ֝צַדִּ֗יק וְיֹ֣וסֶף לֶֽקַח׃ פ | 9 |
دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. |
תְּחִלַּ֣ת חָ֭כְמָה יִרְאַ֣ת יְהוָ֑ה וְדַ֖עַת קְדֹשִׁ֣ים בִּינָֽה׃ | 10 |
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر. |
כִּי־בִ֭י יִרְבּ֣וּ יָמֶ֑יךָ וְיֹוסִ֥יפוּ לְּ֝ךָ֗ שְׁנֹ֣ות חַיִּֽים׃ | 11 |
مەن [دانالىق] سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر. |
אִם־חָ֭כַמְתָּ חָכַ֣מְתָּ לָּ֑ךְ וְ֝לַ֗צְתָּ לְֽבַדְּךָ֥ תִשָּֽׂא׃ | 12 |
سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن. |
אֵ֣שֶׁת כְּ֭סִילוּת הֹֽמִיָּ֑ה פְּ֝תַיּ֗וּת וּבַל־יָ֥דְעָה מָּֽה׃ | 13 |
نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، ھېچنېمە بىلمەستۇر. |
וְֽ֭יָשְׁבָה לְפֶ֣תַח בֵּיתָ֑הּ עַל־כִּ֝סֵּ֗א מְרֹ֣מֵי קָֽרֶת׃ | 14 |
ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، |
לִקְרֹ֥א לְעֹֽבְרֵי־דָ֑רֶךְ הַֽ֝מְיַשְּׁרִ֗ים אֹֽרְחֹותָֽם׃ | 15 |
ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: |
מִי־פֶ֭תִי יָסֻ֣ר הֵ֑נָּה וַחֲסַר־לֵ֝֗ב וְאָ֣מְרָה לֹּֽו׃ | 16 |
«كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، ۋە ئەقىلسىزلەرنى: |
מַֽיִם־גְּנוּבִ֥ים יִמְתָּ֑קוּ וְלֶ֖חֶם סְתָרִ֣ים יִנְעָֽם׃ | 17 |
«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ. |