לֵ֣ץ הַ֭יַּין הֹמֶ֣ה שֵׁכָ֑ר וְכָל־שֹׁ֥גֶה בֹּ֝֗ו לֹ֣א יֶחְכָּֽם׃ | 1 |
شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر. |
נַ֣הַם כַּ֭כְּפִיר אֵ֣ימַת מֶ֑לֶךְ מִ֝תְעַבְּרֹ֗ו חֹוטֵ֥א נַפְשֹֽׁו׃ | 2 |
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر. |
כָּבֹ֣וד לָ֭אִישׁ שֶׁ֣בֶת מֵרִ֑יב וְכָל־אֱ֝וִ֗יל יִתְגַּלָּֽע׃ | 3 |
ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس. |
מֵ֭חֹרֶף עָצֵ֣ל לֹא־יַחֲרֹ֑שׁ יִשְׁאַל (וְשָׁאַ֖ל) בַּקָּצִ֣יר וָאָֽיִן׃ | 4 |
ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر. |
מַ֣יִם עֲ֭מֻקִּים עֵצָ֣ה בְלֶב־אִ֑ישׁ וְאִ֖ישׁ תְּבוּנָ֣ה יִדְלֶֽנָּה׃ | 5 |
كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ. |
רָב־אָדָ֗ם יִ֭קְרָא אִ֣ישׁ חַסְדֹּ֑ו וְאִ֥ישׁ אֱ֝מוּנִ֗ים מִ֣י יִמְצָֽא׃ | 6 |
ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟ |
מִתְהַלֵּ֣ךְ בְּתֻמֹּ֣ו צַדִּ֑יק אַשְׁרֵ֖י בָנָ֣יו אַחֲרָֽיו׃ | 7 |
ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار! |
מֶ֗לֶךְ יֹושֵׁ֥ב עַל־כִּסֵּא־דִ֑ין מְזָרֶ֖ה בְעֵינָ֣יו כָּל־רָֽע׃ | 8 |
پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ. |
מִֽי־יֹ֭אמַר זִכִּ֣יתִי לִבִּ֑י טָ֝הַ֗רְתִּי מֵחַטָּאתִֽי׃ | 9 |
كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم، ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟ |
אֶ֣בֶן וָ֭אֶבֶן אֵיפָ֣ה וְאֵיפָ֑ה תֹּועֲבַ֥ת יְ֝הוָ֗ה גַּם־שְׁנֵיהֶֽם׃ | 10 |
ئىككى خىل تارازا تېشى، ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. |
גַּ֣ם בְּ֭מַעֲלָלָיו יִתְנַכֶּר־נָ֑עַר אִם־זַ֖ךְ וְאִם־יָשָׁ֣ר פָּעֳלֹֽו׃ | 11 |
ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار. |
אֹ֣זֶן שֹׁ֭מַעַת וְעַ֣יִן רֹאָ֑ה יְ֝הוָ֗ה עָשָׂ֥ה גַם־שְׁנֵיהֶֽם׃ | 12 |
كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى. |
אַל־תֶּֽאֱהַ֣ב שֵׁ֭נָה פֶּן־תִּוָּרֵ֑שׁ פְּקַ֖ח עֵינֶ֣יךָ שְֽׂבַֽע־לָֽחֶם׃ | 13 |
ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛ كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار. |
רַ֣ע רַ֭ע יֹאמַ֣ר הַקֹּונֶ֑ה וְאֹזֵ֥ל לֹ֝֗ו אָ֣ז יִתְהַלָּֽל׃ | 14 |
خېرىدار مال ئالغاندا: «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن [«ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ] ماختىنىدۇ. |
יֵ֣שׁ זָ֭הָב וְרָב־פְּנִינִ֑ים וּכְלִ֥י יְ֝קָ֗ר שִׂפְתֵי־דָֽעַת׃ | 15 |
ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر! |
לְֽקַח־בִּ֭גְדֹו כִּי־עָ֣רַב זָ֑ר וּבְעַ֖ד נָכְרִים (נָכְרִיָּ֣ה) חַבְלֵֽהוּ׃ | 16 |
ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. |
עָרֵ֣ב לָ֭אִישׁ לֶ֣חֶם שָׁ֑קֶר וְ֝אַחַ֗ר יִמָּֽלֵא־פִ֥יהוּ חָצָֽץ׃ | 17 |
ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار. |
מַ֭חֲשָׁבֹות בְּעֵצָ֣ה תִכֹּ֑ון וּ֝בְתַחְבֻּלֹ֗ות עֲשֵׂ֣ה מִלְחָמָֽה׃ | 18 |
پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن. |
גֹּֽולֶה־סֹּ֭וד הֹולֵ֣ךְ רָכִ֑יל וּלְפֹתֶ֥ה שְׂ֝פָתָ֗יו לֹ֣א תִתְעָרָֽב׃ | 19 |
گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما. |
מְ֭קַלֵּל אָבִ֣יו וְאִמֹּ֑ו יִֽדְעַ֥ךְ נֵ֝רֹ֗ו בְּאִישֹׁון (בֶּאֱשׁ֥וּן) חֹֽשֶׁךְ׃ | 20 |
كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر! |
נַ֭חֲלָה מְבֻחֶלֶת (מְבֹהֶ֣לֶת) בָּרִאשֹׁנָ֑ה וְ֝אַחֲרִיתָ֗הּ לֹ֣א תְבֹרָֽךְ׃ | 21 |
تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس. |
אַל־תֹּאמַ֥ר אֲשַׁלְּמָה־רָ֑ע קַוֵּ֥ה לַֽ֝יהוָ֗ה וְיֹ֣שַֽׁע לָֽךְ׃ | 22 |
يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر. |
תֹּועֲבַ֣ת יְ֭הוָה אֶ֣בֶן וָאָ֑בֶן וּמֹאזְנֵ֖י מִרְמָ֣ה לֹא־טֹֽוב׃ | 23 |
ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس. |
מֵיְהוָ֥ה מִצְעֲדֵי־גָ֑בֶר וְ֝אָדָ֗ם מַה־יָּבִ֥ין דַּרְכֹּֽו׃ | 24 |
ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟ |
מֹוקֵ֣שׁ אָ֭דָם יָ֣לַע קֹ֑דֶשׁ וְאַחַ֖ר נְדָרִ֣ים לְבַקֵּֽר׃ | 25 |
بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «[خۇداغا] ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر. |
מְזָרֶ֣ה רְ֭שָׁעִים מֶ֣לֶךְ חָכָ֑ם וַיָּ֖שֶׁב עֲלֵיהֶ֣ם אֹופָֽן׃ | 26 |
دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر. |
נֵ֣ר יְ֭הוָה נִשְׁמַ֣ת אָדָ֑ם חֹ֝פֵ֗שׂ כָּל־חַדְרֵי־בָֽטֶן׃ | 27 |
ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر. |
חֶ֣סֶד וֶ֭אֱמֶת יִצְּרוּ־מֶ֑לֶךְ וְסָעַ֖ד בַּחֶ֣סֶד כִּסְאֹֽו׃ | 28 |
مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ. |
תִּפְאֶ֣רֶת בַּחוּרִ֣ים כֹּחָ֑ם וַהֲדַ֖ר זְקֵנִ֣ים שֵׂיבָֽה׃ | 29 |
ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر. |
חַבֻּרֹ֣ות פֶּ֭צַע תַּמְרִיק (תַּמְר֣וּק) בְּרָ֑ע וּ֝מַכֹּ֗ות חַדְרֵי־בָֽטֶן׃ | 30 |
تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار. |