לְאָדָ֥ם מַֽעַרְכֵי־לֵ֑ב וּ֝מֵיְהוָ֗ה מַעֲנֵ֥ה לָשֹֽׁון׃ | 1 |
كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛ بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر. |
כָּֽל־דַּרְכֵי־אִ֭ישׁ זַ֣ךְ בְּעֵינָ֑יו וְתֹכֵ֖ן רוּחֹ֣ות יְהוָֽה׃ | 2 |
ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛ لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر. |
גֹּ֣ל אֶל־יְהוָ֣ה מַעֲשֶׂ֑יךָ וְ֝יִכֹּ֗נוּ מַחְשְׁבֹתֶֽיךָ׃ | 3 |
نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن، شۇنداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار. |
כֹּ֤ל פָּעַ֣ל יְ֭הוָה לַֽמַּעֲנֵ֑הוּ וְגַם־רָ֝שָׁ֗ע לְיֹ֣ום רָעָֽה׃ | 4 |
پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەربىرىنى مەلۇم مەقسەت بىلەن ئاپىرىدە قىلغان؛ ھەتتا يامانلارنىمۇ بالايىئاپەت كۈنى ئۈچۈن ياراتقاندۇر. |
תֹּועֲבַ֣ת יְ֭הוָה כָּל־גְּבַהּ־לֵ֑ב יָ֥ד לְ֝יָ֗ד לֹ֣א יִנָּקֶֽה׃ | 5 |
تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس. |
בְּחֶ֣סֶד וֶ֭אֱמֶת יְכֻפַּ֣ר עָוֹ֑ן וּבְיִרְאַ֥ת יְ֝הוָ֗ה ס֣וּר מֵרָֽע׃ | 6 |
مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار. |
בִּרְצֹ֣ות יְ֭הוָה דַּרְכֵי־אִ֑ישׁ גַּם־אֹ֝ויְבָ֗יו יַשְׁלִ֥ם אִתֹּֽו׃ | 7 |
ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا، ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار. |
טֹוב־מְ֭עַט בִּצְדָקָ֑ה מֵרֹ֥ב תְּ֝בוּאֹ֗ות בְּלֹ֣א מִשְׁפָּֽט׃ | 8 |
ھالال ئالغان ئاز، ھارام ئالغان كۆپتىن ئەۋزەلدۇر. |
לֵ֣ב אָ֭דָם יְחַשֵּׁ֣ב דַּרְכֹּ֑ו וַֽ֝יהוָ֗ה יָכִ֥ין צַעֲדֹֽו׃ | 9 |
ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛ ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر. |
קֶ֤סֶם ׀ עַֽל־שִׂפְתֵי־מֶ֑לֶךְ בְּ֝מִשְׁפָּ֗ט לֹ֣א יִמְעַל־פִּֽיו׃ | 10 |
ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس. |
פֶּ֤לֶס ׀ וּמֹאזְנֵ֣י מִ֭שְׁפָּט לַֽיהוָ֑ה מַ֝עֲשֵׂ֗הוּ כָּל־אַבְנֵי־כִֽיס׃ | 11 |
ئادىل تارازا-مىزانلار پەرۋەردىگارغا خاستۇر؛ تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياسىغاندۇر. |
תֹּועֲבַ֣ת מְ֭לָכִים עֲשֹׂ֣ות רֶ֑שַׁע כִּ֥י בִ֝צְדָקָ֗ה יִכֹּ֥ון כִּסֵּֽא׃ | 12 |
پادىشاھ رەزىللىك قىلسا يىرگىنچلىكتۇر، چۈنكى تەخت ھەققانىيەت بىلەنلا مەھكەم تۇرار. |
רְצֹ֣ון מְ֭לָכִים שִׂפְתֵי־צֶ֑דֶק וְדֹבֵ֖ר יְשָׁרִ֣ים יֶאֱהָֽב׃ | 13 |
ھەققانىي سۆزلىگەن لەۋلەر پادىشاھلارنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ ئۇلار دۇرۇس سۆزلىگۈچىلەرنى ياخشى كۆرەر. |
חֲמַת־מֶ֥לֶךְ מַלְאֲכֵי־מָ֑וֶת וְאִ֖ישׁ חָכָ֣ם יְכַפְּרֶֽנָּה׃ | 14 |
پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛ بىراق دانا كىشى [ئۇنىڭ غەزىپىنى] تىنچلاندۇرار. |
בְּאֹור־פְּנֵי־מֶ֥לֶךְ חַיִּ֑ים וּ֝רְצֹונֹ֗ו כְּעָ֣ב מַלְקֹֽושׁ׃ | 15 |
پادىشاھنىڭ چىرايىنىڭ نۇرى كىشىگە جان كىرگۈزەر؛ ئۇنىڭ شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر. |
קְֽנֹה־חָכְמָ֗ה מַה־טֹּ֥וב מֵחָר֑וּץ וּקְנֹ֥ות בִּ֝ינָ֗ה נִבְחָ֥ר מִכָּֽסֶף׃ | 16 |
دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر! |
מְסִלַּ֣ת יְ֭שָׁרִים ס֣וּר מֵרָ֑ע שֹׁמֵ֥ר נַ֝פְשֹׁ֗ו נֹצֵ֥ר דַּרְכֹּֽו׃ | 17 |
دۇرۇس ئادەمنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يولى يامانلىقتىن ئايرىلىشتۇر؛ ئۆز يولىغا ئېھتىيات قىلغان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار. |
לִפְנֵי־שֶׁ֥בֶר גָּאֹ֑ון וְלִפְנֵ֥י כִ֝שָּׁלֹ֗ון גֹּ֣בַהּ רֽוּחַ׃ | 18 |
مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلەر، تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئاۋۋال كېلەر. |
טֹ֣וב שְׁפַל־ר֭וּחַ אֶת־עֲנִיִּים (עֲנָוִ֑ים) מֵֽחַלֵּ֥ק שָׁ֝לָ֗ל אֶת־גֵּאִֽים׃ | 19 |
كەمتەر بولۇپ مىسكىنلەر بىلەن باردى-كەلدىدە بولۇش، تەكەببۇرلار بىلەن ھارام مال بۆلۈشكەندىن ئەۋزەلدۇر. |
מַשְׂכִּ֣יל עַל־דָּ֭בָר יִמְצָא־טֹ֑וב וּבֹוטֵ֖חַ בַּיהוָ֣ה אַשְׁרָֽיו׃ | 20 |
كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار؛ پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، بەخت-سائادەت كۆرەر. |
לַחֲכַם־לֵ֭ב יִקָּרֵ֣א נָבֹ֑ון וּמֶ֥תֶק שְׂ֝פָתַ֗יִם יֹסִ֥יף לֶֽקַח׃ | 21 |
كۆڭلى دانا كىشى سەگەك ئاتىلار؛ يېقىملىق سۆزلەر ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرار. |
מְקֹ֣ור חַ֭יִּים שֵׂ֣כֶל בְּעָלָ֑יו וּמוּסַ֖ר אֱוִלִ֣ים אִוֶּֽלֶת׃ | 22 |
پەم-پاراسەت ئۆزىگە ئىگە بولغانلارغا ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئەقىلسىزلەرگە تەلىم بەرمەكنىڭ ئۆزى ئەقىلسىزلىكتۇر. |
לֵ֣ב חָ֭כָם יַשְׂכִּ֣יל פִּ֑יהוּ וְעַל־שְׂ֝פָתָ֗יו יֹסִ֥יף לֶֽקַח׃ | 23 |
ئاقىلانە كىشىنىڭ قەلبى ئاغزىدىن ئەقىل چىقىرار؛ ئۇنىڭ لەۋزىگە بىلىمنى زىيادە قىلار. |
צוּף־דְּ֭בַשׁ אִמְרֵי־נֹ֑עַם מָתֹ֥וק לַ֝נֶּפֶשׁ וּמַרְפֵּ֥א לָעָֽצֶם׃ | 24 |
يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر؛ كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىپ تەنگە داۋادۇر. |
יֵ֤שׁ דֶּ֣רֶךְ יָ֭שָׁר לִפְנֵי־אִ֑ישׁ וְ֝אַחֲרִיתָ֗הּ דַּרְכֵי־מָֽוֶת׃ | 25 |
ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر. |
נֶ֣פֶשׁ עָ֭מֵל עָ֣מְלָה לֹּ֑ו כִּֽי־אָכַ֖ף עָלָ֣יו פִּֽיהוּ׃ | 26 |
ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛ ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار. |
אִ֣ישׁ בְּ֭לִיַּעַל כֹּרֶ֣ה רָעָ֑ה וְעַל־שְׂפָתָיו (שְׂ֝פָתֹ֗ו) כְּאֵ֣שׁ צָרָֽבֶת׃ | 27 |
مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار. |
אִ֣ישׁ תַּ֭הְפֻּכֹות יְשַׁלַּ֣ח מָדֹ֑ון וְ֝נִרְגָּ֗ן מַפְרִ֥יד אַלּֽוּף׃ | 28 |
ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛ غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر. |
אִ֣ישׁ חָ֭מָס יְפַתֶּ֣ה רֵעֵ֑הוּ וְ֝הֹולִיכֹ֗ו בְּדֶ֣רֶךְ לֹא־טֹֽוב׃ | 29 |
زوراۋان كىشى يېقىن ئادىمىنى ئازدۇرار؛ ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر. |
עֹצֶ֣ה עֵ֭ינָיו לַחְשֹׁ֣ב תַּהְפֻּכֹ֑ות קֹרֵ֥ץ שְׂ֝פָתָ֗יו כִּלָּ֥ה רָעָֽה׃ | 30 |
كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى يامان نىيەتنى ئويلار؛ لېۋىنى چىشلىگەن كىشى يامانلىققا تەيياردۇر. |
עֲטֶ֣רֶת תִּפְאֶ֣רֶת שֵׂיבָ֑ה בְּדֶ֥רֶךְ צְ֝דָקָ֗ה תִּמָּצֵֽא׃ | 31 |
ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر. |
טֹ֤וב אֶ֣רֶךְ אַ֭פַּיִם מִגִּבֹּ֑ור וּמֹשֵׁ֥ל בְּ֝רוּחֹ֗ו מִלֹּכֵ֥ד עִֽיר׃ | 32 |
ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان كىشى پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر؛ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان شەھەر ئالغاندىنمۇ ئۈستۈندۇر. |
בַּ֭חֵיק יוּטַ֣ל אֶת־הַגֹּורָ֑ל וּ֝מֵיְהוָ֗ה כָּל־מִשְׁפָּטֹֽו׃ | 33 |
چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، لېكىن نەتىجىسى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگاردىندۇر. |