אֲנִ֤י הַגֶּ֙בֶר֙ רָאָ֣ה עֳנִ֔י בְּשֵׁ֖בֶט עֶבְרָתֹֽו׃ | 1 |
(ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن. |
אֹותִ֥י נָהַ֛ג וַיֹּלַ֖ךְ חֹ֥שֶׁךְ וְלֹא־אֹֽור׃ | 2 |
مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى، نۇرغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇققا ماڭدۇردى؛ |
אַ֣ךְ בִּ֥י יָשֻׁ֛ב יַהֲפֹ֥ךְ יָדֹ֖ו כָּל־הַיֹּֽום׃ ס | 3 |
بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛ |
בִּלָּ֤ה בְשָׂרִי֙ וְעֹורִ֔י שִׁבַּ֖ר עַצְמֹותָֽי׃ | 4 |
(بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى، سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى. |
בָּנָ֥ה עָלַ֛י וַיַּקַּ֖ף רֹ֥אשׁ וּתְלָאָֽה׃ | 5 |
ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى، ئۆت سۈيى ۋە جاپا بىلەن مېنى قاپسىۋالدى. |
בְּמַחֲשַׁכִּ֥ים הֹושִׁיבַ֖נִי כְּמֵתֵ֥י עֹולָֽם׃ ס | 6 |
ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. |
גָּדַ֧ר בַּעֲדִ֛י וְלֹ֥א אֵצֵ֖א הִכְבִּ֥יד נְחָשְׁתִּֽי׃ | 7 |
(گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛ زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى. |
גַּ֣ם כִּ֤י אֶזְעַק֙ וַאֲשַׁוֵּ֔עַ שָׂתַ֖ם תְּפִלָּתִֽי׃ | 8 |
مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ، ئۇ دۇئايىمنى ھېچ ئىشتىمىدى. |
גָּדַ֤ר דְּרָכַי֙ בְּגָזִ֔ית נְתִיבֹתַ֖י עִוָּֽה׃ ס | 9 |
ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى، چىغىر يوللىرىمنى ئەگرى-توقاي قىلىۋەتتى. |
דֹּ֣ב אֹרֵ֥ב הוּא֙ לִ֔י אַרְיֵה (אֲרִ֖י) בְּמִסְתָּרִֽים׃ | 10 |
(دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك، پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر. |
דְּרָכַ֥י סֹורֵ֛ר וַֽיְפַשְּׁחֵ֖נִי שָׂמַ֥נִי שֹׁמֵֽם׃ | 11 |
مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تېتما-تىتما قىلدى؛ مېنى تۈگەشتۈردى. |
דָּרַ֤ךְ קַשְׁתֹּו֙ וַיַּצִּיבֵ֔נִי כַּמַּטָּרָ֖א לַחֵֽץ׃ ס | 12 |
ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ، مېنى ئوقىنىڭ قارىسى قىلدى. |
הֵבִיא֙ בְּכִלְיֹותָ֔י בְּנֵ֖י אַשְׁפָּתֹֽו׃ | 13 |
(خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى. |
הָיִ֤יתִי שְּׂחֹק֙ לְכָל־עַמִּ֔י נְגִינָתָ֖ם כָּל־הַיֹּֽום׃ | 14 |
مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى، كۈن بويى ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسىنىڭ نىشانى بولدۇم. |
הִשְׂבִּיעַ֥נִי בַמְּרֹורִ֖ים הִרְוַ֥נִי לַעֲנָֽה׃ ס | 15 |
ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ، كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى. |
וַיַּגְרֵ֤ס בֶּֽחָצָץ֙ שִׁנָּ֔י הִכְפִּישַׁ֖נִי בָּאֵֽפֶר׃ | 16 |
(ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى، مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛ |
וַתִּזְנַ֧ח מִשָּׁלֹ֛ום נַפְשִׁ֖י נָשִׁ֥יתִי טֹובָֽה׃ | 17 |
جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛ ئارامبەخشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. |
וָאֹמַר֙ אָבַ֣ד נִצְחִ֔י וְתֹוחַלְתִּ֖י מֵיְהוָֽה׃ ס | 18 |
مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم. |
זְכָר־עָנְיִ֥י וּמְרוּדִ֖י לַעֲנָ֥ה וָרֹֽאשׁ׃ | 19 |
(زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى [يەپ-ئىچكىنىمنى] ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! |
זָכֹ֣ור תִּזְכֹּ֔ור וְתָשִׁיחַ (וְתָשֹׁ֥וחַ) עָלַ֖י נַפְשִֽׁי׃ | 20 |
جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا. |
זֹ֛את אָשִׁ֥יב אֶל־לִבִּ֖י עַל־כֵּ֥ן אֹוחִֽיל׃ ס | 21 |
لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد قايتىدىن يانىدۇ، ــ |
חַֽסְדֵ֤י יְהוָה֙ כִּ֣י לֹא־תָ֔מְנוּ כִּ֥י לֹא־כָל֖וּ רַחֲמָֽיו׃ | 22 |
(خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛ |
חֲדָשִׁים֙ לַבְּקָרִ֔ים רַבָּ֖ה אֱמוּנָתֶֽךָ׃ | 23 |
ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر! |
חֶלְקִ֤י יְהוָה֙ אָמְרָ֣ה נַפְשִׁ֔י עַל־כֵּ֖ן אֹוחִ֥יל לֹֽו׃ ס | 24 |
ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن. |
טֹ֤וב יְהוָה֙ לְקֹוָ֔ו לְנֶ֖פֶשׁ תִּדְרְשֶֽׁנּוּ׃ | 25 |
(تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە، ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛ |
טֹ֤וב וְיָחִיל֙ וְדוּמָ֔ם לִתְשׁוּעַ֖ת יְהוָֽה׃ | 26 |
پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر. |
טֹ֣וב לַגֶּ֔בֶר כִּֽי־יִשָּׂ֥א עֹ֖ל בִּנְעוּרָֽיו׃ ס | 27 |
ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر. |
יֵשֵׁ֤ב בָּדָד֙ וְיִדֹּ֔ם כִּ֥י נָטַ֖ל עָלָֽיו׃ | 28 |
(يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛ چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى. |
יִתֵּ֤ן בֶּֽעָפָר֙ פִּ֔יהוּ אוּלַ֖י יֵ֥שׁ תִּקְוָֽה׃ | 29 |
يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن، ــ ئېھتىمال، ئۈمىد بولۇپ قالار؟ |
יִתֵּ֧ן לְמַכֵּ֛הוּ לֶ֖חִי יִשְׂבַּ֥ע בְּחֶרְפָּֽה׃ ס | 30 |
مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛ تىل-ئاھانەتلەرنى تويغۇچە ئىشىتسۇن! |
כִּ֣י לֹ֥א יִזְנַ֛ח לְעֹולָ֖ם אֲדֹנָֽי׃ | 31 |
(كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛ |
כִּ֣י אִם־הֹוגָ֔ה וְרִחַ֖ם כְּרֹ֥ב חַסְדֹּו (חֲסָדָֽיו)׃ | 32 |
ئازار بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ |
כִּ֣י לֹ֤א עִנָּה֙ מִלִּבֹּ֔ו וַיַּגֶּ֖ה בְּנֵי־אִֽישׁ׃ ס | 33 |
چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر. |
לְדַכֵּא֙ תַּ֣חַת רַגְלָ֔יו כֹּ֖ל אֲסִ֥ירֵי אָֽרֶץ׃ | 34 |
(لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا، |
לְהַטֹּות֙ מִשְׁפַּט־גָּ֔בֶר נֶ֖גֶד פְּנֵ֥י עֶלְיֹֽון׃ | 35 |
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا، |
לְעַוֵּ֤ת אָדָם֙ בְּרִיבֹ֔ו אֲדֹנָ֖י לֹ֥א רָאָֽה׃ ס | 36 |
ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟ |
מִ֣י זֶ֤ה אָמַר֙ וַתֶּ֔הִי אֲדֹנָ֖י לֹ֥א צִוָּֽה׃ | 37 |
(مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا، كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟ |
מִפִּ֤י עֶלְיֹון֙ לֹ֣א תֵצֵ֔א הָרָעֹ֖ות וְהַטֹּֽוב׃ | 38 |
كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟ |
מַה־יִּתְאֹונֵן֙ אָדָ֣ם חָ֔י גֶּ֖בֶר עַל־חֶטְאֹו (חֲטָאָֽיו)׃ ס | 39 |
ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟ |
נַחְפְּשָׂ֤ה דְרָכֵ֙ינוּ֙ וְֽנַחְקֹ֔רָה וְנָשׁ֖וּבָה עַד־יְהוָֽה׃ | 40 |
(نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛ |
נִשָּׂ֤א לְבָבֵ֙נוּ֙ אֶל־כַּפָּ֔יִם אֶל־אֵ֖ל בַּשָּׁמָֽיִם׃ | 41 |
قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى! |
נַ֤חְנוּ פָשַׁ֙עְנוּ֙ וּמָרִ֔ינוּ אַתָּ֖ה לֹ֥א סָלָֽחְתָּ׃ ס | 42 |
بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛ سەن كەچۈرۈم قىلمىدىڭ. |
סַכֹּ֤תָה בָאַף֙ וַֽתִּרְדְּפֵ֔נוּ הָרַ֖גְתָּ לֹ֥א חָמָֽלְתָּ׃ | 43 |
(سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛ سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ. |
סַכֹּ֤ותָה בֶֽעָנָן֙ לָ֔ךְ מֵעֲבֹ֖ור תְּפִלָּֽה׃ | 44 |
سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى، دۇئا-تىلاۋەت ئۇنىڭدىن ھېچ ئۆتەلمەس. |
סְחִ֧י וּמָאֹ֛וס תְּשִׂימֵ֖נוּ בְּקֶ֥רֶב הָעַמִּֽים׃ ס | 45 |
سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ. |
פָּצ֥וּ עָלֵ֛ינוּ פִּיהֶ֖ם כָּל־אֹיְבֵֽינוּ׃ | 46 |
(پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ [مازاق قىلدى]؛ |
פַּ֧חַד וָפַ֛חַת הָ֥יָה לָ֖נוּ הַשֵּׁ֥את וְהַשָּֽׁבֶר׃ | 47 |
ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق، ۋەيرانچىلىق ھەم ھالاكەت. |
פַּלְגֵי־מַ֙יִם֙ תֵּרַ֣ד עֵינִ֔י עַל־שֶׁ֖בֶר בַּת־עַמִּֽי׃ ס | 48 |
خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن، كۆزۈمدىن ياشلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. |
עֵינִ֧י נִגְּרָ֛ה וְלֹ֥א תִדְמֶ֖ה מֵאֵ֥ין הֲפֻגֹֽות׃ | 49 |
(ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ، |
עַד־יַשְׁקִ֣יף וְיֵ֔רֶא יְהוָ֖ה מִשָּׁמָֽיִם׃ | 50 |
تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ [ھالىمىزغا] قارىغۇچە. |
עֵינִי֙ עֹֽולְלָ֣ה לְנַפְשִׁ֔י מִכֹּ֖ל בְּנֹ֥ות עִירִֽי׃ ס | 51 |
مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە، شەھىرىمنىڭ بارلىق قىزلىرىنىڭ ھالى تۈپەيلىدىن. |
צֹ֥וד צָד֛וּנִי כַּצִּפֹּ֖ור אֹיְבַ֥י חִנָּֽם׃ | 52 |
(تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار، مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى. |
צָֽמְת֤וּ בַבֹּור֙ חַיָּ֔י וַיַּדּוּ־אֶ֖בֶן בִּֽי׃ | 53 |
ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ، ئۈستۈمگە تاشنى چۆرىدى. |
צָֽפוּ־מַ֥יִם עַל־רֹאשִׁ֖י אָמַ֥רְתִּי נִגְזָֽרְתִּי׃ ס | 54 |
سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم. |
קָרָ֤אתִי שִׁמְךָ֙ יְהוָ֔ה מִבֹּ֖ור תַּחְתִּיֹּֽות׃ | 55 |
(كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ |
קֹולִ֖י שָׁמָ֑עְתָּ אַל־תַּעְלֵ֧ם אָזְנְךָ֛ לְרַוְחָתִ֖י לְשַׁוְעָתִֽי׃ | 56 |
سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛ قۇتۇلدۇرۇشقا نىدايىمغا قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالمىغىن! |
קָרַ֙בְתָּ֙ בְּיֹ֣ום אֶקְרָאֶ֔ךָּ אָמַ֖רְתָּ אַל־תִּירָֽא׃ ס | 57 |
ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ، «قورقما» ــ دېدىڭ. |
רַ֧בְתָּ אֲדֹנָ֛י רִיבֵ֥י נַפְשִׁ֖י גָּאַ֥לְתָּ חַיָּֽי׃ | 58 |
(رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛ سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ. |
רָאִ֤יתָה יְהוָה֙ עַוָּ֣תָתִ֔י שָׁפְטָ֖ה מִשְׁפָּטִֽי׃ | 59 |
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ |
רָאִ֙יתָה֙ כָּל־נִקְמָתָ֔ם כָּל־מַחְשְׁבֹתָ֖ם לִֽי׃ ס | 60 |
سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى، بارلىق قەستلىرىنى كۆردۇڭسەن. |
שָׁמַ֤עְתָּ חֶרְפָּתָם֙ יְהוָ֔ה כָּל־מַחְשְׁבֹתָ֖ם עָלָֽי׃ | 61 |
(شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى، مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن، |
שִׂפְתֵ֤י קָמַי֙ וְהֶגְיֹונָ֔ם עָלַ֖י כָּל־הַיֹּֽום׃ | 62 |
ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، ئۇلارنىڭ كۈن بويى كەينىمدىن كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن. |
שִׁבְתָּ֤ם וְקִֽימָתָם֙ הַבִּ֔יטָה אֲנִ֖י מַנְגִּינָתָֽם׃ ס | 63 |
ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن! مەن ئۇلارنىڭ [مەسخىرە] ناخشىسى بولدۇم. |
תָּשִׁ֨יב לָהֶ֥ם גְּמ֛וּל יְהוָ֖ה כְּמַעֲשֵׂ֥ה יְדֵיהֶֽם׃ | 64 |
(تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛ |
תִּתֵּ֤ן לָהֶם֙ מְגִנַּת־לֵ֔ב תַּאֲלָֽתְךָ֖ לָהֶֽם׃ | 65 |
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن! بۇ سېنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان لەنىتىڭ بولىدۇ! |
תִּרְדֹּ֤ף בְּאַף֙ וְתַשְׁמִידֵ֔ם מִתַּ֖חַת שְׁמֵ֥י יְהוָֽה׃ פ | 66 |
غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىغايسەن، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرى ئاستىدىن يوقاتقايسەن! |