וַיַּעֲשׂ֧וּ בְנֵי־יִשְׂרָאֵ֛ל הָרַ֖ע בְּעֵינֵ֣י יְהוָ֑ה וַיִּתְּנֵ֧ם יְהוָ֛ה בְּיַד־מִדְיָ֖ן שֶׁ֥בַע שָׁנִֽים׃ | 1 |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىلغىچە مىدىيانىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
וַתָּ֥עָז יַד־מִדְיָ֖ן עַל־יִשְׂרָאֵ֑ל מִפְּנֵ֨י מִדְיָ֜ן עָשֽׂוּ לָהֶ֣ם ׀ בְּנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֗ל אֶת־הַמִּנְהָרֹות֙ אֲשֶׁ֣ר בֶּֽהָרִ֔ים וְאֶת־הַמְּעָרֹ֖ות וְאֶת־הַמְּצָדֹֽות׃ | 2 |
ئۇ ۋاقىتتا مىدىيانىيلار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن تاغلاردىن، ئۆڭكۈرلەردىن ۋە قورام تاشلاردىن پاناھ جايلارنى ياسىدى. |
וְהָיָ֖ה אִם־זָרַ֣ע יִשְׂרָאֵ֑ל וְעָלָ֨ה מִדְיָ֧ן וֽ͏ַעֲמָלֵ֛ק וּבְנֵי־קֶ֖דֶם וְעָל֥וּ עָלָֽיו׃ | 3 |
ھەر قېتىم ئىسرائىللار ئۇرۇق تېرىغاندا شۇنداق بولاتتىكى، مىدىيانىيلار، ئامالەكىيلەر ۋە مەشرىقتىكىلەر كېلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. |
וַיַּחֲנ֣וּ עֲלֵיהֶ֗ם וַיַּשְׁחִ֙יתוּ֙ אֶת־יְב֣וּל הָאָ֔רֶץ עַד־בֹּואֲךָ֖ עַזָּ֑ה וְלֹֽא־יַשְׁאִ֤ירוּ מִֽחְיָה֙ בְּיִשְׂרָאֵ֔ל וְשֶׂ֥ה וָשֹׁ֖ור וַחֲמֹֽור׃ | 4 |
ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا بارگاھلارنى تىكىپ، زېمىندىكى ھوسۇلنى ۋەيران قىلىپ، گازاغىچە ئىسرائىلغا ھېچقانداق ئاشلىق قالدۇرماي، ئۇلارنىڭ قوي، كالا، ئېشەكلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتەتتى. |
כִּ֡י הֵם֩ וּמִקְנֵיהֶ֨ם יַעֲל֜וּ וְאָהֳלֵיהֶ֗ם יָבֹאוּ (וּבָ֤אוּ) כְדֵֽי־אַרְבֶּה֙ לָרֹ֔ב וְלָהֶ֥ם וְלִגְמַלֵּיהֶ֖ם אֵ֣ין מִסְפָּ֑ר וַיָּבֹ֥אוּ בָאָ֖רֶץ לְשַׁחֲתָֽהּ׃ | 5 |
چۈنكى ئۇلار چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، ئۆز مال-چارۋىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە تۆگىلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، زېمىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلاتتى. |
וַיִּדַּ֧ל יִשְׂרָאֵ֛ל מְאֹ֖ד מִפְּנֵ֣י מִדְיָ֑ן וַיִּזְעֲק֥וּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵ֖ל אֶל־יְהוָֽה׃ פ | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خار ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؛ ئاندىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى. |
וַיְהִ֕י כִּֽי־זָעֲק֥וּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵ֖ל אֶל־יְהוָ֑ה עַ֖ל אֹדֹ֥ות מִדְיָֽן׃ | 7 |
مىدىيانىيلارنىڭ دەستىدىن ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگىنىدە شۇنداق بولدىكى، |
וַיִּשְׁלַ֧ח יְהוָ֛ה אִ֥ישׁ נָבִ֖יא אֶל־בְּנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֑ל וַיֹּ֨אמֶר לָהֶ֜ם כֹּה־אָמַ֥ר יְהוָ֣ה ׀ אֱלֹהֵ֣י יִשְׂרָאֵ֗ל אָנֹכִ֞י הֶעֱלֵ֤יתִי אֶתְכֶם֙ מִמִּצְרַ֔יִם וָאֹצִ֥יא אֶתְכֶ֖ם מִבֵּ֥ית עֲבָדִֽים׃ | 8 |
پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئېلىپ چىققانىدىم؛ |
וָאַצִּ֤ל אֶתְכֶם֙ מִיַּ֣ד מִצְרַ֔יִם וּמִיַּ֖ד כָּל־לֹחֲצֵיכֶ֑ם וָאֲגָרֵ֤שׁ אֹותָם֙ מִפְּנֵיכֶ֔ם וָאֶתְּנָ֥ה לָכֶ֖ם אֶת־אַרְצָֽם׃ | 9 |
سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا سىلەرگە بارلىق زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەردىم |
וָאֹמְרָ֣ה לָכֶ֗ם אֲנִי֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהֵיכֶ֔ם לֹ֤א תִֽירְאוּ֙ אֶת־אֱלֹהֵ֣י הָאֱמֹרִ֔י אֲשֶׁ֥ר אַתֶּ֖ם יֹושְׁבִ֣ים בְּאַרְצָ֑ם וְלֹ֥א שְׁמַעְתֶּ֖ם בְּקֹולִֽי׃ פ | 10 |
ۋە سىلەرگە: «مانا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ سىلەر ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قورقماڭلار» دېگەنىدىم. لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار»، ــ دېدى. |
וַיָּבֹ֞א מַלְאַ֣ךְ יְהוָ֗ה וַיֵּ֙שֶׁב֙ תַּ֤חַת הָֽאֵלָה֙ אֲשֶׁ֣ר בְּעָפְרָ֔ה אֲשֶׁ֥ר לְיֹואָ֖שׁ אֲבִ֣י הָֽעֶזְרִ֑י וְגִדְעֹ֣ון בְּנֹ֗ו חֹבֵ֤ט חִטִּים֙ בַּגַּ֔ת לְהָנִ֖יס מִפְּנֵ֥י מִדְיָֽן׃ | 11 |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى كېلىپ ئوفراھ دېگەن جايدا ئابىئېزەر جەمەتىدىكى يوئاشقا تەۋە بولغان دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتا [يوئاشنىڭ] ئوغلى گىدېئون مىدىيانىيلارنىڭ [بۇلاڭچىلىقىدىن] ساقلىنىش ئۈچۈن شاراب كۆلچىكى ئىچىدە بۇغداي تېپىۋاتاتتى. |
וַיֵּרָ֥א אֵלָ֖יו מַלְאַ֣ךְ יְהוָ֑ה וַיֹּ֣אמֶר אֵלָ֔יו יְהוָ֥ה עִמְּךָ֖ גִּבֹּ֥ור הֶחָֽיִל׃ | 12 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ ئەي جاسارەتلىك پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر! ــ دېدى. |
וַיֹּ֨אמֶר אֵלָ֤יו גִּדְעֹון֙ בִּ֣י אֲדֹנִ֔י וְיֵ֤שׁ יְהוָה֙ עִמָּ֔נוּ וְלָ֥מָּה מְצָאַ֖תְנוּ כָּל־זֹ֑את וְאַיֵּ֣ה כָֽל־נִפְלְאֹתָ֡יו אֲשֶׁר֩ סִפְּרוּ־לָ֨נוּ אֲבֹותֵ֜ינוּ לֵאמֹ֗ר הֲלֹ֤א מִמִּצְרַ֙יִם֙ הֶעֱלָ֣נוּ יְהוָ֔ה וְעַתָּה֙ נְטָשָׁ֣נוּ יְהוָ֔ה וַֽיִּתְּנֵ֖נוּ בְּכַף־מִדְיָֽן׃ | 13 |
گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، ئەگەر پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولغان بولسا، بۇ كۆرگۈلۈكلەر نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىز: «مانا، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ كەلمىگەنمىدى؟» ــ دېدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلاپ، مىدىياننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى! ــ دېدى. |
וַיִּ֤פֶן אֵלָיו֙ יְהוָ֔ה וַיֹּ֗אמֶר לֵ֚ךְ בְּכֹחֲךָ֣ זֶ֔ה וְהֹושַׁעְתָּ֥ אֶת־יִשְׂרָאֵ֖ל מִכַּ֣ף מִדְיָ֑ן הֲלֹ֖א שְׁלַחְתִּֽיךָ׃ | 14 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قاراپ: ــ سەن مۇشۇ كۈچۈڭگە تايىنىپ، بېرىپ ئىسرائىلنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن! مانا، مەن سېنى ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. |
וַיֹּ֤אמֶר אֵלָיו֙ בִּ֣י אֲדֹנָ֔י בַּמָּ֥ה אֹושִׁ֖יעַ אֶת־יִשְׂרָאֵ֑ל הִנֵּ֤ה אַלְפִּי֙ הַדַּ֣ל בִּמְנַשֶּׁ֔ה וְאָנֹכִ֥י הַצָּעִ֖יר בְּבֵ֥ית אָבִֽי׃ | 15 |
گىدېئون ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، مەن ئىسرائىلنى قانداق قۇتقۇزالايمەن؟ مېنىڭ ئائىلەم بولسا ماناسسەھ قەبىلىسى ئىچىدە ئەڭ نامرىتى، ئۆزۈم ئاتامنىڭ جەمەتىدە ئەڭ كىچىكىدۇرمەن، ــ دېدى. |
וַיֹּ֤אמֶר אֵלָיו֙ יְהוָ֔ה כִּ֥י אֶהְיֶ֖ה עִמָּ֑ךְ וְהִכִּיתָ֥ אֶת־מִדְיָ֖ן כְּאִ֥ישׁ אֶחָֽד׃ | 16 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مەن جەزمەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ شۇڭا سەن مىدىيانلارنى بىر ئادەمنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ قىرىسەن، ــ دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר אֵלָ֔יו אִם־נָ֛א מָצָ֥אתִי חֵ֖ן בְּעֵינֶ֑יךָ וְעָשִׂ֤יתָ לִּי֙ אֹ֔ות שָׁאַתָּ֖ה מְדַבֵּ֥ר עִמִּֽי׃ | 17 |
گىدېئون ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ: ــ مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، مەن بىلەن سۆزلەشكۈچىنىڭ ھەقىقەتەن سەن ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسەن؛ |
אַל־נָ֨א תָמֻ֤שׁ מִזֶּה֙ עַד־בֹּאִ֣י אֵלֶ֔יךָ וְהֹֽצֵאתִי֙ אֶת־מִנְחָתִ֔י וְהִנַּחְתִּ֖י לְפָנֶ֑יךָ וַיֹּאמַ֕ר אָנֹכִ֥י אֵשֵׁ֖ב עַ֥ד שׁוּבֶֽךָ׃ | 18 |
ئۆتۈنىمەن، مەن يېنىپ كېلىپ ئۆز ھەدىيە-قۇربانلىقىمنى ئالدىڭغا قويغۇچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسەن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سەن يېنىپ كەلگۈچە كۈتىمەن، دېدى. |
וְגִדְעֹ֣ון בָּ֗א וַיַּ֤עַשׂ גְּדִֽי־עִזִּים֙ וְאֵיפַת־קֶ֣מַח מַצֹּ֔ות הַבָּשָׂר֙ שָׂ֣ם בַּסַּ֔ל וְהַמָּרַ֖ק שָׂ֣ם בַּפָּר֑וּר וַיֹּוצֵ֥א אֵלָ֛יו אֶל־תַּ֥חַת הָאֵלָ֖ה וַיַּגַּֽשׁ׃ ס | 19 |
گىدېئون بېرىپ [ئۆيگە] كىرىپ بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئەفاھ ئېسىل ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە سېلىپ، شورپىسىنى كورىغا ئۇسۇپ بۇلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى (ئۇ تېخىچە دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى). |
וַיֹּ֨אמֶר אֵלָ֜יו מַלְאַ֣ךְ הָאֱלֹהִ֗ים קַ֣ח אֶת־הַבָּשָׂ֤ר וְאֶת־הַמַּצֹּות֙ וְהַנַּח֙ אֶל־הַסֶּ֣לַע הַלָּ֔ז וְאֶת־הַמָּרַ֖ק שְׁפֹ֑וךְ וַיַּ֖עַשׂ כֵּֽן׃ | 20 |
ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ يەردىكى [قورام] تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى تۆككىن، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇنداق قىلدى. |
וַיִּשְׁלַ֞ח מַלְאַ֣ךְ יְהוָ֗ה אֶת־קְצֵ֤ה הַמִּשְׁעֶ֙נֶת֙ אֲשֶׁ֣ר בְּיָדֹ֔ו וַיִּגַּ֥ע בַּבָּשָׂ֖ר וּבַמַּצֹּ֑ות וַתַּ֨עַל הָאֵ֜שׁ מִן־הַצּ֗וּר וַתֹּ֤אכַל אֶת־הַבָּשָׂר֙ וְאֶת־הַמַּצֹּ֔ות וּמַלְאַ֣ךְ יְהוָ֔ה הָלַ֖ךְ מֵעֵינָֽיו׃ | 21 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، [قورام] تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى. |
וַיַּ֣רְא גִּדְעֹ֔ון כִּֽי־מַלְאַ֥ךְ יְהוָ֖ה ה֑וּא ס וַיֹּ֣אמֶר גִּדְעֹ֗ון אֲהָהּ֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה כִּֽי־עַל־כֵּ֤ן רָאִ֙יתִי֙ מַלְאַ֣ךְ יְהוָ֔ה פָּנִ֖ים אֶל־פָּנִֽים׃ | 22 |
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: ــ ئاپلا، ئى رەب پەرۋەردىگار! چاتاق بولدى، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ قالدىم...! ــ دېدى. |
וַיֹּ֨אמֶר לֹ֧ו יְהוָ֛ה שָׁלֹ֥ום לְךָ֖ אַל־תִּירָ֑א לֹ֖א תָּמֽוּת׃ | 23 |
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ خاتىرجەم بولغىن! قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. |
וַיִּבֶן֩ שָׁ֨ם גִּדְעֹ֤ון מִזְבֵּ֙חַ֙ לַֽיהוָ֔ה וַיִּקְרָא־לֹ֥ו יְהוָ֖ה שָׁלֹ֑ום עַ֚ד הַיֹּ֣ום הַזֶּ֔ה עֹודֶ֕נּוּ בְּעָפְרָ֖ת אֲבִ֥י הָעֶזְרִֽי׃ פ | 24 |
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ياھۋەھ-شالوم» دەپ ئاتىدى. بۇ قۇربانگاھ تا بۈگۈنگىچە ئابىئېزەر جەمەتىنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا بار. |
וַיְהִי֮ בַּלַּ֣יְלָה הַהוּא֒ וַיֹּ֧אמֶר לֹ֣ו יְהוָ֗ה קַ֤ח אֶת־פַּר־הַשֹּׁור֙ אֲשֶׁ֣ר לְאָבִ֔יךָ וּפַ֥ר הַשֵּׁנִ֖י שֶׁ֣בַע שָׁנִ֑ים וְהָרַסְתָּ֗ אֶת־מִזְבַּ֤ח הַבַּ֙עַל֙ אֲשֶׁ֣ר לְאָבִ֔יךָ וְאֶת־הָאֲשֵׁרָ֥ה אֲשֶׁר־עָלָ֖יו תִּכְרֹֽת׃ | 25 |
ئۇ كېچىسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن ئاتاڭنىڭ [چوڭ] بۇقىسى ۋە يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ ئاتاڭغا تەۋە بولغان بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشەراھ بۇتىنى كېسىۋەتكىن. |
וּבָנִ֨יתָ מִזְבֵּ֜חַ לַיהוָ֣ה אֱלֹהֶ֗יךָ עַ֣ל רֹ֧אשׁ הַמָּעֹ֛וז הַזֶּ֖ה בַּמַּֽעֲרָכָ֑ה וְלָֽקַחְתָּ֙ אֶת־הַפָּ֣ר הַשֵּׁנִ֔י וְהַעֲלִ֣יתָ עֹולָ֔ה בַּעֲצֵ֥י הָאֲשֵׁרָ֖ה אֲשֶׁ֥ר תִּכְרֹֽת׃ | 26 |
ئاندىن مۇشۇ قورغاننىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان، بەلگىلەنگەن رەسىم بويىچە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئىككىنچى بىر بۇقىنى ئېلىپ، ئۆزۈڭ كېسىۋەتكەن ئاشەراھنىڭ پارچىلىرىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، ــ دېدى. |
וַיִּקַּ֨ח גִּדְעֹ֜ון עֲשָׂרָ֤ה אֲנָשִׁים֙ מֵֽעֲבָדָ֔יו וַיַּ֕עַשׂ כַּאֲשֶׁ֛ר דִּבֶּ֥ר אֵלָ֖יו יְהוָ֑ה וַיְהִ֡י כַּאֲשֶׁ֣ר יָרֵא֩ אֶת־בֵּ֨ית אָבִ֜יו וְאֶת־אַנְשֵׁ֥י הָעִ֛יר מֵעֲשֹׂ֥ות יֹומָ֖ם וַיַּ֥עַשׂ לָֽיְלָה׃ | 27 |
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن ئون ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقىنىدەك قىلدى؛ لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ۋە شەھەر ئادەملىرىدىن قورققىنى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلماي، كېچىسى قىلدى. |
וַיַּשְׁכִּ֜ימוּ אַנְשֵׁ֤י הָעִיר֙ בַּבֹּ֔קֶר וְהִנֵּ֤ה נֻתַּץ֙ מִזְבַּ֣ח הַבַּ֔עַל וְהָאֲשֵׁרָ֥ה אֲשֶׁר־עָלָ֖יו כֹּרָ֑תָה וְאֵת֙ הַפָּ֣ר הַשֵּׁנִ֔י הֹֽעֲלָ֔ה עַל־הַמִּזְבֵּ֖חַ הַבָּנֽוּי׃ | 28 |
ئەتىسى سەھەردە شەھەر خەلقى قوپۇپ قارىسا، مانا، بائال قۇربانگاھى ئۆرۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھ بۇتى كېسىۋېتىلگەنىدى ۋە يېڭى ياسالغان قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئىككىنچى بۇقا قۇربانلىق قىلىنغانىدى. |
וַיֹּֽאמְרוּ֙ אִ֣ישׁ אֶל־רֵעֵ֔הוּ מִ֥י עָשָׂ֖ה הַדָּבָ֣ר הַזֶּ֑ה וַֽיִּדְרְשׁוּ֙ וַיְבַקְשׁ֔וּ וַיֹּ֣אמְר֔וּ גִּדְעֹון֙ בֶּן־יֹואָ֔שׁ עָשָׂ֖ה הַדָּבָ֥ר הַזֶּֽה׃ | 29 |
بۇنى كۆرۈپ ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ ــ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرىۋىدى، بۇنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. |
וַיֹּ֨אמְר֜וּ אַנְשֵׁ֤י הָעִיר֙ אֶל־יֹואָ֔שׁ הֹוצֵ֥א אֶת־בִּנְךָ֖ וְיָמֹ֑ת כִּ֤י נָתַץ֙ אֶת־מִזְבַּ֣ח הַבַּ֔עַל וְכִ֥י כָרַ֖ת הָאֲשֵׁרָ֥ה אֲשֶׁר־עָלָֽיו׃ | 30 |
شۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئادەملىرى يوئاشقا: ــ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەرگىن! ئۇ بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھنى كېسىۋەتكىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن! ــ دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר יֹואָ֡שׁ לְכֹל֩ אֲשֶׁר־עָמְד֨וּ עָלָ֜יו הַאַתֶּ֣ם ׀ תְּרִיב֣וּן לַבַּ֗עַל אִם־אַתֶּם֙ תֹּושִׁיע֣וּן אֹותֹ֔ו אֲשֶׁ֨ר יָרִ֥יב לֹ֛ו יוּמַ֖ת עַד־הַבֹּ֑קֶר אִם־אֱלֹהִ֥ים הוּא֙ יָ֣רֶב לֹ֔ו כִּ֥י נָתַ֖ץ אֶֽת־מִזְבְּחֹֽו׃ | 31 |
بىراق يوئاش ئۆزىگە قارشىلىشىشقا تۇرغان كۆپچىلىككە جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بائال ئۈچۈن دەۋالاشماقچىمۇسىلەر؟ سىلەر ئۇنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟ كىمكى ئۇنىڭ توغرىسىدا دەۋالاشسا ئەتىگە قالماي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن! ئەگەر بائال دەرۋەقە بىر خۇدا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قۇربانگاھىنى بىرسى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، ئۇ شۇ ئادەم بىلەن ئۆزى دەۋالاشسۇن! ــ دېدى. |
וַיִּקְרָא־לֹ֥ו בַיֹּום־הַה֖וּא יְרֻבַּ֣עַל לֵאמֹ֑ר יָ֤רֶב בֹּו֙ הַבַּ֔עַל כִּ֥י נָתַ֖ץ אֶֽת־מִזְבְּחֹֽו׃ פ | 32 |
بۇ سەۋەبتىن [ئاتىسى] گىدېئوننى «يەرۇببائال» دەپ ئاتىدى، چۈنكى [ئاتىسى]: «ئۇ بائالنىڭ قۇربانگاھىنى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، بائال ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالاشسۇن!» دېگەنىدى. |
וְכָל־מִדְיָ֧ן וַעֲמָלֵ֛ק וּבְנֵי־קֶ֖דֶם נֶאֶסְפ֣וּ יַחְדָּ֑ו וַיַּעַבְר֥וּ וַֽיַּחֲנ֖וּ בְּעֵ֥מֶק יִזְרְעֶֽאל׃ | 33 |
ئەمما مىدىيان، ئامالەكلەر ۋە مەشرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، [ئىئوردان] دەرياسىدىن ئۆتۈپ يىزرەئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. |
וְר֣וּחַ יְהוָ֔ה לָבְשָׁ֖ה אֶת־גִּדְעֹ֑ון וַיִּתְקַע֙ בַּשֹּׁופָ֔ר וַיִּזָּעֵ֥ק אֲבִיעֶ֖זֶר אַחֲרָֽיו׃ | 34 |
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدېئوننىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ كاناي چېلىۋىدى، ئابىئېزەر جەمەتىدىكىلەر يىغىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. |
וּמַלְאָכִים֙ שָׁלַ֣ח בְּכָל־מְנַשֶּׁ֔ה וַיִּזָּעֵ֥ק גַּם־ה֖וּא אַחֲרָ֑יו וּמַלְאָכִ֣ים שָׁלַ֗ח בְּאָשֵׁ֤ר וּבִזְבֻלוּן֙ וּבְנַפְתָּלִ֔י וַֽיַּעֲל֖וּ לִקְרָאתָֽם׃ | 35 |
ئاندىن ئۇ ئەلچىلەرنى ماناسسەھنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەرنى ئايلىنىپ كېلىشكە ئەۋەتىۋىدى، ماناسسەھلەر يىغىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئاشىرلارغا، زەبۇلۇنلارغا ۋە نافتالىلارغا ئەلچى ئەۋەتىۋىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشتى. |
וַיֹּ֥אמֶר גִּדְעֹ֖ון אֶל־הָאֱלֹהִ֑ים אִם־יֶשְׁךָ֞ מֹושִׁ֧יעַ בְּיָדִ֛י אֶת־יִשְׂרָאֵ֖ל כַּאֲשֶׁ֥ר דִּבַּֽרְתָּ׃ | 36 |
گىدېئون خۇداغا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغان بولساڭ، |
הִנֵּ֣ה אָנֹכִ֗י מַצִּ֛יג אֶת־גִּזַּ֥ת הַצֶּ֖מֶר בַּגֹּ֑רֶן אִ֡ם טַל֩ יִהְיֶ֨ה עַֽל־הַגִּזָּ֜ה לְבַדָּ֗הּ וְעַל־כָּל־הָאָ֙רֶץ֙ חֹ֔רֶב וְיָדַעְתִּ֗י כִּֽי־תֹושִׁ֧יעַ בְּיָדִ֛י אֶת־יִשְׂרָאֵ֖ל כַּאֲשֶׁ֥ר דִּבַּֽרְתָּ׃ | 37 |
ئۇنداقتا مانا، مەن خامانغا بىر پارچە قوي تېرىسى قويۇپ قويىمەن؛ ئەگەر پەقەت تېرىنىڭ ئۈستىگىلا شەبنەم چۈشۈپ، چۆرىسىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تۇرسا، مەن ئۆزۈڭ ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭنى بىلىمەن، ــ دېدى. |
וַיְהִי־כֵ֕ן וַיַּשְׁכֵּם֙ מִֽמָּחֳרָ֔ת וַיָּ֖זַר אֶת־הַגִּזָּ֑ה וַיִּ֤מֶץ טַל֙ מִן־הַגִּזָּ֔ה מְלֹ֥וא הַסֵּ֖פֶל מָֽיִם׃ | 38 |
ئىش دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ئەتىسى سەھەردە گىدېئون قوپۇپ، يۇڭنى سىقىۋىدى، لىق بىر پىيالە شەبنەم سۈيى چىقتى. |
וַיֹּ֤אמֶר גִּדְעֹון֙ אֶל־הָ֣אֱלֹהִ֔ים אַל־יִ֤חַר אַפְּךָ֙ בִּ֔י וַאֲדַבְּרָ֖ה אַ֣ךְ הַפָּ֑עַם אֲנַסֶּ֤ה נָּא־רַק־הַפַּ֙עַם֙ בַּגִּזָּ֔ה יְהִי־נָ֨א חֹ֤רֶב אֶל־הַגִּזָּה֙ לְבַדָּ֔הּ וְעַל־כָּל־הָאָ֖רֶץ יִֽהְיֶה־טָּֽל׃ | 39 |
ئاندىن گىدېئون خۇداغا يەنە: غەزىپىڭنى ماڭا قوزغىمىغايسەن، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا دەيمەن! سەندىن ئۆتۈنەي، مەن پەقەت يەنە بۇ قېتىم بۇ تېرە بىلەن سىناپ باقاي؛ ئىلتىجا قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ قېتىم پەقەت تېرە قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەي، ــ دېدى. |
וַיַּ֧עַשׂ אֱלֹהִ֛ים כֵּ֖ן בַּלַּ֣יְלָה הַה֑וּא וַיְהִי־חֹ֤רֶב אֶל־הַגִּזָּה֙ לְבַדָּ֔הּ וְעַל־כָּל־הָאָ֖רֶץ הָ֥יָה טָֽל׃ פ | 40 |
بۇ كېچىسىمۇ خۇدا شۇنداق قىلدى؛ دەرۋەقە پەقەت تېرىلا قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. |