לִבְנֵ֣י עַמֹּ֗ון כֹּ֚ה אָמַ֣ר יְהוָ֔ה הֲבָנִ֥ים אֵין֙ לְיִשְׂרָאֵ֔ל אִם־יֹורֵ֖שׁ אֵ֣ין לֹ֑ו מַדּ֗וּעַ יָרַ֤שׁ מַלְכָּם֙ אֶת־גָּ֔ד וְעַמֹּ֖ו בְּעָרָ֥יו יָשָֽׁב׃ | 1 |
ئاممونىيلار توغرۇلۇق. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ پەرزەنتلىرى يوقمىكەن؟ ئۇنىڭ مىراسخورلىرى يوقمىدۇ؟ ئەمدى نېمىشقا مىلكوم گادنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى، مىلكومغا تەۋە بولغان خەلق نېمىشقا گادنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرىدۇ؟ |
לָכֵ֡ן הִנֵּה֩ יָמִ֨ים בָּאִ֜ים נְאֻם־יְהוָ֗ה וְ֠הִשְׁמַעְתִּי אֶל־רַבַּ֨ת בְּנֵי־עַמֹּ֜ון תְּרוּעַ֣ת מִלְחָמָ֗ה וְהָֽיְתָה֙ לְתֵ֣ל שְׁמָמָ֔ה וּבְנֹתֶ֖יהָ בָּאֵ֣שׁ תִּצַּ֑תְנָה וְיָרַ֧שׁ יִשְׂרָאֵ֛ל אֶת־יֹרְשָׁ֖יו אָמַ֥ר יְהוָֽה׃ | 2 |
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە جەڭ سادالىرىنى ئاڭلىتىمەن؛ ئۇ خارابىلىك دۆڭ بولىدۇ؛ تەۋە شەھەرلىرى ئوت قويۇپ كۈيدۈرۈلىدۇ؛ ئىسرائىل قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
הֵילִ֨ילִי חֶשְׁבֹּ֜ון כִּ֣י שֻׁדְּדָה־עַ֗י צְעַקְנָה֮ בְּנֹ֣ות רַבָּה֒ חֲגֹ֣רְנָה שַׂקִּ֔ים סְפֹ֕דְנָה וְהִתְשֹׁוטַ֖טְנָה בַּגְּדֵרֹ֑ות כִּ֤י מַלְכָּם֙ בַּגֹּולָ֣ה יֵלֵ֔ךְ כֹּהֲנָ֥יו וְשָׂרָ֖יו יַחְדָּֽיו׃ | 3 |
ــ زارلاڭلار، ئى ھەشبون! چۈنكى ئايى شەھىرى خارابە قىلىنغان! رابباھ قىزلىرى، ئۆزۈڭلارغا بۆز رەختنى باغلاپ ماتەم تۇتۇڭلار؛ سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار؛ چۈنكى مىلكوم ۋە ئۇنىڭ كاھىنلىرى، ئۇنىڭغا تەۋەلىك ئەمىرلىرى سۈرگۈن بولىدۇ. |
מַה־תִּתְהַֽלְלִי֙ בָּֽעֲמָקִ֔ים זָ֣ב עִמְקֵ֔ךְ הַבַּ֖ת הַשֹּֽׁובֵבָ֑ה הַבֹּֽטְחָה֙ בְּאֹ֣צְרֹתֶ֔יהָ מִ֖י יָבֹ֥וא אֵלָֽי׃ | 4 |
نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز! |
הִנְנִי֩ מֵבִ֨יא עָלַ֜יִךְ פַּ֗חַד נְאֻם־אֲדֹנָ֧י יְהוִ֛ה צְבָאֹ֖ות מִכָּל־סְבִיבָ֑יִךְ וְנִדַּחְתֶּם֙ אִ֣ישׁ לְפָנָ֔יו וְאֵ֥ין מְקַבֵּ֖ץ לַנֹּדֵֽד׃ | 5 |
مانا، مەن بارلىق ئەتراپىڭدىكىلەردىن ۋەھشەت چىقىرىپ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىرىڭلار ھەيدىۋېتىلىسىلەر، ئالدى-كەيبىڭگە قارىماي قاچىسىلەر؛ قاچقانلارنى يەنە يىغغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. |
וְאַחֲרֵי־כֵ֗ן אָשִׁ֛יב אֶת־שְׁב֥וּת בְּנֵֽי־עַמֹּ֖ון נְאֻם־יְהוָֽה׃ ס | 6 |
لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئاممونىيلارنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
לֶאֱדֹ֗ום כֹּ֤ה אָמַר֙ יְהוָ֣ה צְבָאֹ֔ות הַאֵ֥ין עֹ֛וד חָכְמָ֖ה בְּתֵימָ֑ן אָבְדָ֤ה עֵצָה֙ מִבָּנִ֔ים נִסְרְחָ֖ה חָכְמָתָֽם׃ | 7 |
ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟! |
נֻ֤סוּ הָפְנוּ֙ הֶעְמִ֣יקוּ לָשֶׁ֔בֶת יֹשְׁבֵ֖י דְּדָ֑ן כִּ֣י אֵ֥יד עֵשָׂ֛ו הֵבֵ֥אתִי עָלָ֖יו עֵ֥ת פְּקַדְתִּֽיו׃ | 8 |
بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى دېداندا تۇرۇۋاتقانلار! چۈنكى مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن. |
אִם־בֹּֽצְרִים֙ בָּ֣אוּ לָ֔ךְ לֹ֥א יַשְׁאִ֖רוּ עֹֽולֵלֹ֑ות אִם־גַּנָּבִ֥ים בַּלַּ֖יְלָה הִשְׁחִ֥יתוּ דַיָּֽם׃ | 9 |
ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا بۇزۇپ، ئوغرىلايدۇ ئەمەسمۇ؟ |
כִּֽי־אֲנִ֞י חָשַׂ֣פְתִּי אֶת־עֵשָׂ֗ו גִּלֵּ֙יתִי֙ אֶת־מִסְתָּרָ֔יו וְנֶחְבָּ֖ה לֹ֣א יוּכָ֑ל שֻׁדַּ֥ד זַרְעֹ֛ו וְאֶחָ֥יו וּשְׁכֵנָ֖יו וְאֵינֶֽנּוּ׃ | 10 |
مەن ئەساۋنى يالىڭاچلىۋېتىمەن، ئۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمىغۇچە دالدا جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ئۇنىڭ نەسلى، قېرىنداشلىرى ھەم قوشنىلىرى يوقايدۇ؛ ئۇ ئۆزى يوق بولىدۇ. |
עָזְבָ֥ה יְתֹמֶ֖יךָ אֲנִ֣י אֲחַיֶּ֑ה וְאַלְמְנֹתֶ֖יךָ עָלַ֥י תִּבְטָֽחוּ׃ ס | 11 |
لېكىن يېتىم-يېسىرلىرىڭنى قالدۇر، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايمەن؛ تۇل خوتۇنىڭلار ماڭا تايانسۇن. |
כִּי־כֹ֣ה ׀ אָמַ֣ר יְהוָ֗ה הִ֠נֵּה אֲשֶׁר־אֵ֨ין מִשְׁפָּטָ֜ם לִשְׁתֹּ֤ות הַכֹּוס֙ שָׁתֹ֣ו יִשְׁתּ֔וּ וְאַתָּ֣ה ה֔וּא נָקֹ֖ה תִּנָּקֶ֑ה לֹ֣א תִנָּקֶ֔ה כִּ֥י שָׁתֹ֖ה תִּשְׁתֶּֽה׃ | 12 |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، [غەزىپىمنىڭ] قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچمەي قالمايدىغان يەردە، سەن جازالانماي قالامسەن؟ سەن جازالانماي قالمايسەن؛ سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچىسەن. |
כִּ֣י בִ֤י נִשְׁבַּ֙עְתִּי֙ נְאֻם־יְהוָ֔ה כִּֽי־לְשַׁמָּ֧ה לְחֶרְפָּ֛ה לְחֹ֥רֶב וְלִקְלָלָ֖ה תִּֽהְיֶ֣ה בָצְרָ֑ה וְכָל־עָרֶ֥יהָ תִהְיֶ֖ינָה לְחָרְבֹ֥ות עֹולָֽם׃ | 13 |
چۈنكى ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بوزراھ دەھشەت باسىدىغان ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكتى، خارابىلىك ۋە لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى دائىملىق خارابىلىك بولىدۇ. |
שְׁמוּעָ֤ה שָׁמַ֙עְתִּי֙ מֵאֵ֣ת יְהוָ֔ה וְצִ֖יר בַּגֹּויִ֣ם שָׁל֑וּחַ הִֽתְקַבְּצוּ֙ וּבֹ֣אוּ עָלֶ֔יהָ וְק֖וּמוּ לַמִּלְחָמָֽה׃ | 14 |
مەن پەرۋەردىگاردىن شۇ بىر خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ــ ۋە بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى ــ ئۇ: «ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىڭلار! ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ. |
כִּֽי־הִנֵּ֥ה קָטֹ֛ן נְתַתִּ֖יךָ בַּגֹּויִ֑ם בָּז֖וּי בָּאָדָֽם׃ | 15 |
مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك، ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن. |
תִּֽפְלַצְתְּךָ֞ הִשִּׁ֤יא אֹתָךְ֙ זְדֹ֣ון לִבֶּ֔ךָ שֹֽׁכְנִי֙ בְּחַגְוֵ֣י הַסֶּ֔לַע תֹּפְשִׂ֖י מְרֹ֣ום גִּבְעָ֑ה כִּֽי־תַגְבִּ֤יהַ כַּנֶּ֙שֶׁר֙ קִנֶּ֔ךָ מִשָּׁ֥ם אֹֽורִידְךָ֖ נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 16 |
سېنىڭ ئۆزگىلەرگە دەھشەت سالىدىغانلىقىڭ، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇقۇڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى؛ ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى، گەرچە سەن چاڭگاڭنى بۈركۈتنىڭكىدەك يۇقىرى ياسىساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرىۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
וְהָיְתָ֥ה אֱדֹ֖ום לְשַׁמָּ֑ה כֹּ֚ל עֹבֵ֣ר עָלֶ֔יהָ יִשֹּׁ֥ם וְיִשְׁרֹ֖ק עַל־כָּל־מַכֹּותֶֽהָ׃ | 17 |
ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛ ئېدومدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. |
כְּֽמַהְפֵּכַ֞ת סְדֹ֧ם וַעֲמֹרָ֛ה וּשְׁכֵנֶ֖יהָ אָמַ֣ר יְהוָ֑ה לֹֽא־יֵשֵׁ֥ב שָׁם֙ אִ֔ישׁ וְלֹֽא־יָג֥וּר בָּ֖הּ בֶּן־אָדָֽם׃ | 18 |
سودوم، گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئۆرۈۋېتىلگەندەك ئېدوممۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. |
הִ֠נֵּה כְּאַרְיֵ֞ה יַעֲלֶ֨ה מִגְּאֹ֣ון הַיַּרְדֵּן֮ אֶל־נְוֵ֣ה אֵיתָן֒ כִּֽי־אַרְגִּ֤יעָה אֲרִיצֶ֨נּוּ מֵֽעָלֶ֔יהָ וּמִ֥י בָח֖וּר אֵלֶ֣יהָ אֶפְקֹ֑ד כִּ֣י מִ֤י כָמֹ֙ונִי֙ וּמִ֣י יֹעִידֶ֔נִּי וּמִי־זֶ֣ה רֹעֶ֔ה אֲשֶׁ֥ר יַעֲמֹ֖ד לְפָנָֽי׃ ס | 19 |
مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى [قويلارنى] تارقاتقان بىر شىردەك مەن [ئېدومدىكىلەرنى] بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ |
לָכֵ֞ן שִׁמְע֣וּ עֲצַת־יְהוָ֗ה אֲשֶׁ֤ר יָעַץ֙ אֶל־אֱדֹ֔ום וּמַ֨חְשְׁבֹותָ֔יו אֲשֶׁ֥ר חָשַׁ֖ב אֶל־יֹשְׁבֵ֣י תֵימָ֑ן אִם־לֹ֤א יִסְחָבוּם֙ צְעִירֵ֣י הַצֹּ֔אן אִם־לֹ֥א יַשִּׁ֛ים עֲלֵיהֶ֖ם נְוֵהֶֽם׃ | 20 |
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېدومنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك تېماندىكىلەرنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. |
מִקֹּ֣ול נִפְלָ֔ם רָעֲשָׁ֖ה הָאָ֑רֶץ צְעָקָ֕ה בְּיַם־ס֖וּף נִשְׁמַ֥ע קֹולָֽהּ׃ | 21 |
ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ساداسىنى ئاڭلاپ يەر يۈزىدىكىلەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ نالە-پەريادلىرى «قىزىل دېڭىز»غىچە ئاڭلىنىدۇ. |
הִנֵּ֤ה כַנֶּ֙שֶׁר֙ יַעֲלֶ֣ה וְיִדְאֶ֔ה וְיִפְרֹ֥שׂ כְּנָפָ֖יו עַל־בָּצְרָ֑ה וְֽ֠הָיָה לֵ֞ב גִּבֹּורֵ֤י אֱדֹום֙ בַּיֹּ֣ום הַה֔וּא כְּלֵ֖ב אִשָּׁ֥ה מְצֵרָֽה׃ ס | 22 |
مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. |
לְדַמֶּ֗שֶׂק בֹּ֤ושָֽׁה חֲמָת֙ וְאַרְפָּ֔ד כִּי־שְׁמֻעָ֥ה רָעָ֛ה שָׁמְע֖וּ נָמֹ֑גוּ בַּיָּ֣ם דְּאָגָ֔ה הַשְׁקֵ֖ט לֹ֥א יוּכָֽל׃ | 23 |
دەمەشق توغرۇلۇق: ــ خامات، ئارپاد شەھىرىدىكىلەر خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار شۇم خەۋەر ئاڭلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ. |
רָפְתָ֥ה דַמֶּ֛שֶׂק הִפְנְתָ֥ה לָנ֖וּס וְרֶ֣טֶט ׀ הֶחֱזִ֑יקָה צָרָ֧ה וַחֲבָלִ֛ים אֲחָזַ֖תָּה כַּיֹּולֵדָֽה׃ | 24 |
دەمەشق زەئىپلەشتى، قېچىشقا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئازابلار تولغاققا چۈشكەن ئايالنى تۇتقاندەك، ئازاب ۋە دەرد-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ. |
אֵ֥יךְ לֹֽא־עֻזְּבָ֖ה עִ֣יר תְּהִלָּה (תְּהִלָּ֑ת) קִרְיַ֖ת מְשֹׂושִֽׂי׃ | 25 |
نام-داڭقى چىققان يۇرت، مەن ھۇزۇر ئالغان شەھەر شۇ دەرىجىدە تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ! |
לָכֵ֛ן יִפְּל֥וּ בַחוּרֶ֖יהָ בִּרְחֹבֹתֶ֑יהָ וְכָל־אַנְשֵׁ֨י הַמִּלְחָמָ֤ה יִדַּ֙מּוּ֙ בַּיֹּ֣ום הַה֔וּא נְאֻ֖ם יְהוָ֥ה צְבָאֹֽות׃ | 26 |
شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ، جەڭگىۋار پالۋانلار شۇ كۈنى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ |
וְהִצַּ֥תִּי אֵ֖שׁ בְּחֹומַ֣ת דַּמָּ֑שֶׂק וְאָכְלָ֖ה אַרְמְנֹ֥ות בֶּן־הֲדָֽד׃ ס | 27 |
ــ ھەم مەن دەمەشقنىڭ سېپىلىگە بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. |
לְקֵדָ֣ר ׀ וּֽלְמַמְלְכֹ֣ות חָצֹ֗ור אֲשֶׁ֤ר הִכָּה֙ נְבוּכַדְרֶאצֹּור (נְבֽוּכַדְרֶאצַּ֣ר) מֶֽלֶךְ־בָּבֶ֔ל כֹּ֖ה אָמַ֣ר יְהוָ֑ה ק֚וּמוּ עֲל֣וּ אֶל־קֵדָ֔ר וְשָׁדְד֖וּ אֶת־בְּנֵי־קֶֽדֶם׃ | 28 |
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى تۇغۇلۇق سۆز: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ دېيىلىدۇ؛ |
אָהֳלֵיהֶ֤ם וְצֹאנָם֙ יִקָּ֔חוּ יְרִיעֹותֵיהֶ֧ם וְכָל־כְּלֵיהֶ֛ם וּגְמַלֵּיהֶ֖ם יִשְׂא֣וּ לָהֶ֑ם וְקָרְא֧וּ עֲלֵיהֶ֛ם מָגֹ֖ור מִסָּבִֽיב׃ | 29 |
ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. |
נֻסוּ֩ נֻּ֨דוּ מְאֹ֜ד הֶעְמִ֧יקוּ לָשֶׁ֛בֶת יֹשְׁבֵ֥י חָצֹ֖ור נְאֻם־יְהוָ֑ה כִּֽי־יָעַ֨ץ עֲלֵיכֶ֜ם נְבוּכַדְרֶאצַּ֤ר מֶֽלֶךְ־בָּבֶל֙ עֵצָ֔ה וְחָשַׁ֥ב עֲלֵיהֶם (עֲלֵיכֶ֖ם) מַחֲשָׁבָֽה׃ | 30 |
قېچىپ كېتىڭلار، بەدەر تىكىپ پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى ھازوردىكىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار سىلەرگە جەڭ قىلىشقا قەست قىلغان، سىلەرگە قاراپ نىيىتى بۇزۇلغان. |
ק֣וּמוּ עֲל֗וּ אֶל־גֹּ֥וי שְׁלֵ֛יו יֹושֵׁ֥ב לָבֶ֖טַח נְאֻם־יְהוָ֑ה לֹא־דְלָתַ֧יִם וְלֹֽא־בְרִ֛יחַ לֹ֖ו בָּדָ֥ד יִשְׁכֹּֽנוּ׃ | 31 |
ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، |
וְהָי֨וּ גְמַלֵּיהֶ֜ם לָבַ֗ז וַהֲמֹ֤ון מִקְנֵיהֶם֙ לְשָׁלָ֔ל וְזֵרִתִ֥ים לְכָל־ר֖וּחַ קְצוּצֵ֣י פֵאָ֑ה וּמִכָּל־עֲבָרָ֛יו אָבִ֥יא אֶת־אֵידָ֖ם נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 32 |
ــ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئولجا، توپ-توپ مال-ۋارانلىرى غەنىيمەت بولىدۇ؛ مەن چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەرنى تۆت شامالغا تارقىتىمەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر ئەتراپىدىن كۈلپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ |
וְהָיְתָ֨ה חָצֹ֜ור לִמְעֹ֥ון תַּנִּ֛ים שְׁמָמָ֖ה עַד־עֹולָ֑ם לֹֽא־יֵשֵׁ֥ב שָׁם֙ אִ֔ישׁ וְלֹֽא־יָג֥וּר בָּ֖הּ בֶּן־אָדָֽם׃ ס | 33 |
ــ ھازور بولسا چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، مەڭگۈگە ۋەيرانە بولىدۇ. ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. |
אֲשֶׁ֨ר הָיָ֧ה דְבַר־יְהוָ֛ה אֶל־יִרְמְיָ֥הוּ הַנָּבִ֖יא אֶל־עֵילָ֑ם בְּרֵאשִׁ֗ית מַלְכ֛וּת צִדְקִיָּ֥ה מֶֽלֶךְ־יְהוּדָ֖ה לֵאמֹֽר׃ | 34 |
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: ــ |
כֹּ֤ה אָמַר֙ יְהוָ֣ה צְבָאֹ֔ות הִנְנִ֥י שֹׁבֵ֖ר אֶת־קֶ֣שֶׁת עֵילָ֑ם רֵאשִׁ֖ית גְּבוּרָתָֽם׃ | 35 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن. |
וְהֵבֵאתִ֨י אֶל־עֵילָ֜ם אַרְבַּ֣ע רוּחֹ֗ות מֵֽאַרְבַּע֙ קְצֹ֣ות הַשָּׁמַ֔יִם וְזֵ֣רִתִ֔ים לְכֹ֖ל הָרֻחֹ֣ות הָאֵ֑לֶּה וְלֹֽא־יִהְיֶ֣ה הַגֹּ֔וי אֲשֶׁ֛ר לֹֽא־יָבֹ֥וא שָׁ֖ם נִדְּחֵ֥י עֹולָם (עֵילָֽם)׃ | 36 |
ئاسمانلارنىڭ تۆت چېتىدىن تۆت شامالنى چىقىرىپ ئېلامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنى بۇ تۆت شامالغا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېلامدىن ھەيدەلگەنلەرنىڭ بارمايدىغان ئەل-مەملىكەتلەر قالمايدۇ. |
וְהַחְתַּתִּ֣י אֶת־עֵ֠ילָם לִפְנֵ֨י אֹיְבֵיהֶ֜ם וְלִפְנֵ֣י ׀ מְבַקְשֵׁ֣י נַפְשָׁ֗ם וְהֵבֵאתִ֨י עֲלֵיהֶ֧ם ׀ רָעָ֛ה אֶת־חֲרֹ֥ון אַפִּ֖י נְאֻם־יְהוָ֑ה וְשִׁלַּחְתִּ֤י אַֽחֲרֵיהֶם֙ אֶת־הַחֶ֔רֶב עַ֥ד כַּלֹּותִ֖י אֹותָֽם׃ | 37 |
مەن ئېلامنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەم جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشۈرىمەن؛ دەھشەتلىك غەزىپىمنى بېشىغا تۆكۈپ، كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ ئۇلارنى بەربات قىلغۇچە مەن قىلىچنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىمەن. |
וְשַׂמְתִּ֥י כִסְאִ֖י בְּעֵילָ֑ם וְהַאֲבַדְתִּ֥י מִשָּׁ֛ם מֶ֥לֶךְ וְשָׂרִ֖ים נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 38 |
مەن ئۆز تەختىمنى ئېلامدا تىكلەيمەن، شۇ يەردىن پادىشاھى ۋە شاھزادىلىرىنى يوق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
וְהָיָ֣ה ׀ בְּאַחֲרִ֣ית הַיָּמִ֗ים אָשׁוּב (אָשִׁ֛יב) אֶת־שְׁבִית (שְׁב֥וּת) עֵילָ֖ם נְאֻם־יְהוָֽה׃ ס | 39 |
ــ لېكىن ئاخىرقى زامانلاردا، مەن ئېلامنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |