הֵ֛ן לֹֽא־קָצְרָ֥ה יַד־יְהוָ֖ה מֵֽהֹושִׁ֑יעַ וְלֹא־כָבְדָ֥ה אָזְנֹ֖ו מִשְּׁמֹֽועַ׃ | 1 |
ــ قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس؛ ياكى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغۇدەك ئېغىر بولۇپ قالغان ئەمەس؛ |
כִּ֤י אִם־עֲוֹנֹֽתֵיכֶם֙ הָי֣וּ מַבְדִּלִ֔ים בֵּינֵכֶ֕ם לְבֵ֖ין אֱלֹֽהֵיכֶ֑ם וְחַטֹּֽאותֵיכֶ֗ם הִסְתִּ֧ירוּ פָנִ֛ים מִכֶּ֖ם מִשְּׁמֹֽועַ׃ | 2 |
بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى. |
כִּ֤י כַפֵּיכֶם֙ נְגֹאֲל֣וּ בַדָּ֔ם וְאֶצְבְּעֹותֵיכֶ֖ם בֶּֽעָוֹ֑ן שִׂפְתֹֽותֵיכֶם֙ דִּבְּרוּ־שֶׁ֔קֶר לְשֹׁונְכֶ֖ם עַוְלָ֥ה תֶהְגֶּֽה׃ | 3 |
چۈنكى قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار قەبىھلىك بىلەن مىلەنگەن، لەۋلىرىڭلار يالغان گەپ ئېيتقان، تىلىڭلار كالدىرلاپ قېرىشىپ سۆزلىگەن؛ |
אֵין־קֹרֵ֣א בְצֶ֔דֶק וְאֵ֥ין נִשְׁפָּ֖ט בֶּאֱמוּנָ֑ה בָּטֹ֤וחַ עַל־תֹּ֙הוּ֙ וְדַבֶּר־שָׁ֔וְא הָרֹ֥ו עָמָ֖ל וְהֹולֵ֥יד אָֽוֶן׃ | 4 |
ھەققانىيلىق تەرەپتە سۆزلىگۈچى يوقتۇر، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىدىغان ھۆكۈم سورىغۇچى يوقتۇر؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىگە تايىنىپ، ئالدامچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكىسى زىيانداش، ئۇلارنىڭ تۇغۇۋاتقىنى قەبىھلىك؛ |
בֵּיצֵ֤י צִפְעֹונִי֙ בִּקֵּ֔עוּ וְקוּרֵ֥י עַכָּבִ֖ישׁ יֶאֱרֹ֑גוּ הָאֹכֵ֤ל מִבֵּֽיצֵיהֶם֙ יָמ֔וּת וְהַזּוּרֶ֖ה תִּבָּקַ֥ע אֶפְעֶֽה׃ | 5 |
ئۇلار چار يىلاننىڭ تۇخۇملىرىنى تۆرەلدۈرىدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى تورلايدۇ، كىم ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى يېسە ئۆلىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى چېقىلسا زەھەرلىك يىلان چىقىدۇ. |
קֽוּרֵיהֶם֙ לֹא־יִהְי֣וּ לְבֶ֔גֶד וְלֹ֥א יִתְכַּסּ֖וּ בְּמַֽעֲשֵׂיהֶ֑ם מַֽעֲשֵׂיהֶם֙ מַֽעֲשֵׂי־אָ֔וֶן וּפֹ֥עַל חָמָ֖ס בְּכַפֵּיהֶֽם׃ | 6 |
ئۇلارنىڭ تورلىرى كىيىم بولالمايدۇ؛ ئۆزلىرى ئىشلىگەنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ياپالمايدۇ؛ ئىشلىگەنلىرى بولسا قەبىھ ئىشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قولىدا زوراۋانلىق تۇرىدۇ؛ |
רַגְלֵיהֶם֙ לָרַ֣ע יָרֻ֔צוּ וִֽימַהֲר֔וּ לִשְׁפֹּ֖ךְ דָּ֣ם נָקִ֑י מַחְשְׁבֹֽותֵיהֶם֙ מַחְשְׁבֹ֣ות אָ֔וֶן שֹׁ֥ד וָשֶׁ֖בֶר בִּמְסִלֹּותָֽם׃ | 7 |
قەدەملىرى يامانلىق تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، گۇناھسىز قاننى تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىرى قەبىھلىك توغرىسىدىكى ئويلاردۇر؛ بارغانلا يەردە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت تېپىلىدۇ. |
דֶּ֤רֶךְ שָׁלֹום֙ לֹ֣א יָדָ֔עוּ וְאֵ֥ין מִשְׁפָּ֖ט בְּמַעְגְּלֹותָ֑ם נְתִיבֹֽותֵיהֶם֙ עִקְּשׁ֣וּ לָהֶ֔ם כֹּ֚ל דֹּרֵ֣ךְ בָּ֔הּ לֹ֥א יָדַ֖ע שָׁלֹֽום׃ | 8 |
تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇمايدۇ؛ يۈرۈشلىرىدە ھېچ ھەقىقەت-ئادالەت يوقتۇر؛ ئۇلار يوللىرىنى ئەگرى-توقاي قىلىۋالدى؛ كىم بۇلاردا ماڭغان بولسا تىنچ-ئاراملىقنى كۆرمەيدۇ. |
עַל־כֵּ֗ן רָחַ֤ק מִשְׁפָּט֙ מִמֶּ֔נּוּ וְלֹ֥א תַשִּׂיגֵ֖נוּ צְדָקָ֑ה נְקַוֶּ֤ה לָאֹור֙ וְהִנֵּה־חֹ֔שֶׁךְ לִנְגֹהֹ֖ות בָּאֲפֵלֹ֥ות נְהַלֵּֽךְ׃ | 9 |
ــ شۇڭا ھەقىقەت-ئادالەت بىزدىن يىراق تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق يېتىپ بىزنى چۈمكىگەن ئەمەس؛ نۇرنى كۈتىمىز، بىراق يەنىلا قاراڭغۇلۇق! بىرلا غىل-پال پارلىغان يورۇقلۇقنىمۇ كۈتىمىز، يەنىلا زۇلمەتتە ماڭىمىز. |
נְגַֽשְׁשָׁ֤ה כַֽעִוְרִים֙ קִ֔יר וּכְאֵ֥ין עֵינַ֖יִם נְגַשֵּׁ֑שָׁה כָּשַׁ֤לְנוּ בַֽצָּהֳרַ֙יִם֙ כַּנֶּ֔שֶׁף בָּאַשְׁמַנִּ֖ים כַּמֵּתִֽים׃ | 10 |
قارىغۇلاردەك بىز تامنى سىلاشتۇرۇپ ئىزدەيمىز، كۆزسىز بولغاندەك سىلاشتۇرىمىز؛ گۇگۇمدا تۇرغاندەك چۈشتىمۇ پۇتلىشىپ كېتىمىز، چەت ياقىلاردا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز. |
נֶהֱמֶ֤ה כַדֻּבִּים֙ כֻּלָּ֔נוּ וְכַיֹּונִ֖ים הָגֹ֣ה נֶהְגֶּ֑ה נְקַוֶּ֤ה לַמִּשְׁפָּט֙ וָאַ֔יִן לִֽישׁוּעָ֖ה רָחֲקָ֥ה מִמֶּֽנּוּ׃ | 11 |
ئېيىقلاردەك نەرە تارتىمىز، پاختەكلەردەك قاتتىق ئاھ ئۇرىمىز؛ بىز ھۆكۈم-ھەقىقەتنى كۈتۈپ قارايمىز، بىراق ئۇ يوق؛ نىجات-قۇتۇلۇشنى كۈتىمىز، بىراق ئۇ بىزدىن يىراقتۇر؛ |
כִּֽי־רַבּ֤וּ פְשָׁעֵ֙ינוּ֙ נֶגְדֶּ֔ךָ וְחַטֹּאותֵ֖ינוּ עָ֣נְתָה בָּ֑נוּ כִּֽי־פְשָׁעֵ֣ינוּ אִתָּ֔נוּ וַעֲוֹנֹתֵ֖ינוּ יְדַֽעֲנֽוּם׃ | 12 |
چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئالدىڭدا كۆپىيىپ كەتتى، گۇناھلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ھەردائىم بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قەبىھلىكلىرىمىز بولسا، بىزگە روشەندۇر: ــ |
פָּשֹׁ֤עַ וְכַחֵשׁ֙ בַּֽיהוָ֔ה וְנָסֹ֖וג מֵאַחַ֣ר אֱלֹהֵ֑ינוּ דַּבֶּר־עֹ֣שֶׁק וְסָרָ֔ה הֹרֹ֧ו וְהֹגֹ֛ו מִלֵּ֖ב דִּבְרֵי־שָֽׁקֶר׃ | 13 |
چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلماقتىمىز، ۋاپاسىزلىق قىلماقتىمىز، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەكتىمىز، زۇلۇمنى ھەم ئاسىيلىقنى تەرغىپ قىلماقتىمىز، يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، ئىچ-ئىچىمىزدىن سۆزلىمەكتىمىز؛ |
וְהֻסַּ֤ג אָחֹור֙ מִשְׁפָּ֔ט וּצְדָקָ֖ה מֵרָחֹ֣וק תַּעֲמֹ֑ד כִּֽי־כָשְׁלָ֤ה בָֽרְחֹוב֙ אֱמֶ֔ת וּנְכֹחָ֖ה לֹא־תוּכַ֥ל לָבֹֽוא׃ | 14 |
ئادالەت-خالىسلىق بولسا يولدىن يېنىپ كەتتى؛ ھەققانىيلىق يىراقتا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەقىقەت كوچىدا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ دۇرۇس-دىيانەتنىڭمۇ كىرگۈدەك يېرى يوقتۇر. |
וַתְּהִ֤י הָֽאֱמֶת֙ נֶעְדֶּ֔רֶת וְסָ֥ר מֵרָ֖ע מִשְׁתֹּולֵ֑ל וַיַּ֧רְא יְהוָ֛ה וַיֵּ֥רַע בְּעֵינָ֖יו כִּֽי־אֵ֥ין מִשְׁפָּֽט׃ | 15 |
شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت يوقاي دەپ قالدى؛ ئۆزۈمنى يامانلىقتىن نېرى قىلاي دېگەن ئادەم خەقنىڭ ئولجا نىشانى بولۇپ قالدى! |
וַיַּרְא֙ כִּֽי־אֵ֣ין אִ֔ישׁ וַיִּשְׁתֹּומֵ֖ם כִּ֣י אֵ֣ין מַפְגִּ֑יעַ וַתֹּ֤ושַֽׁע לֹו֙ זְרֹעֹ֔ו וְצִדְקָתֹ֖ו הִ֥יא סְמָכָֽתְהוּ׃ | 16 |
ھەم پەرۋەردىگار كۆردى؛ ھۆكۈم-ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يامان بىلىندى. ۋە ئۇ [ئامال قىلغۇدەك] بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى؛ [گۇناھكارلارغا] ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلغۇچى ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ كۆڭلى پاراكەندە بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز بىلىكى ئۆزىگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۇنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى ئۆزىنى قوللاپ چىداملىق قىلدى؛ |
וַיִּלְבַּ֤שׁ צְדָקָה֙ כַּשִּׁרְיָ֔ן וְכֹ֥ובַע יְשׁוּעָ֖ה בְּרֹאשֹׁ֑ו וַיִּלְבַּ֞שׁ בִּגְדֵ֤י נָקָם֙ תִּלְבֹּ֔שֶׁת וַיַּ֥עַט כַּמְעִ֖יל קִנְאָֽה׃ | 17 |
ئۇ ھەققانىيلىقنى قالقان-ساۋۇت قىلدى، بېشىغا نىجاتلىق دۇبۇلغىسىنى كىيدى؛ قىساس لىباسىنى كىيىم قىلدى، مۇھەببەتلىك قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيدى. |
כְּעַ֤ל גְּמֻלֹות֙ כְּעַ֣ל יְשַׁלֵּ֔ם חֵמָ֣ה לְצָרָ֔יו גְּמ֖וּל לְאֹֽיְבָ֑יו לָאִיִּ֖ים גְּמ֥וּל יְשַׁלֵּֽם׃ | 18 |
ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرى بويىچە، ئۇ ئۇلارغا قايتۇرىدۇ؛ رەقىبلىرىگە قەھر چۈشۈرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ، چەت ئاراللاردىكىلەرگىمۇ ئۇ ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ. |
וְיִֽירְא֤וּ מִֽמַּעֲרָב֙ אֶת־שֵׁ֣ם יְהוָ֔ה וּמִמִּזְרַח־שֶׁ֖מֶשׁ אֶת־כְּבֹודֹ֑ו כִּֽי־יָבֹ֤וא כַנָּהָר֙ צָ֔ר ר֥וּחַ יְהוָ֖ה נֹ֥סְסָה בֹֽו׃ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛ |
וּבָ֤א לְצִיֹּון֙ גֹּואֵ֔ל וּלְשָׁבֵ֥י פֶ֖שַׁע בְּיַֽעֲקֹ֑ב נְאֻ֖ם יְהוָֽה׃ | 20 |
شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ |
וַאֲנִ֗י זֹ֣את בְּרִיתִ֤י אֹותָם֙ אָמַ֣ר יְהוָ֔ה רוּחִי֙ אֲשֶׁ֣ר עָלֶ֔יךָ וּדְבָרַ֖י אֲשֶׁר־שַׂ֣מְתִּי בְּפִ֑יךָ לֹֽא־יָמ֡וּשׁוּ מִפִּיךָ֩ וּמִפִּ֨י זַרְעֲךָ֜ וּמִפִּ֨י זֶ֤רַע זַרְעֲךָ֙ אָמַ֣ר יְהוָ֔ה מֵעַתָּ֖ה וְעַד־עֹולָֽם׃ ס | 21 |
مەن بولسام، مانا، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئەھدەم شۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم، شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا قۇيغان سۆز-كالامىم بولسا، بۇنىڭدىن باشلاپ ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆز ئاغزىڭدىن، نەسلىڭنىڭ ئاغزىدىن ياكى نەسلىڭنىڭ نەسلىنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |