קְרָ֤א בְגָרֹון֙ אַל־תַּחְשֹׂ֔ךְ כַּשֹּׁופָ֖ר הָרֵ֣ם קֹולֶ֑ךָ וְהַגֵּ֤ד לְעַמִּי֙ פִּשְׁעָ֔ם וּלְבֵ֥ית יַעֲקֹ֖ב חַטֹּאתָֽם׃ | 1 |
ــ نىدا قىلىپ جاكارلىغىن، ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ بولۇشىچە توۋلا، ئاۋازىڭنى كانايدەك كۆتۈر، مېنىڭ خەلقىمگە ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى، ياقۇپنىڭ جەمەتىگە گۇناھلىرىنى بايان قىلغىن. |
וְאֹותִ֗י יֹ֥ום יֹום֙ יִדְרֹשׁ֔וּן וְדַ֥עַת דְּרָכַ֖י יֶחְפָּצ֑וּן כְּגֹ֞וי אֲשֶׁר־צְדָקָ֣ה עָשָׂ֗ה וּמִשְׁפַּ֤ט אֱלֹהָיו֙ לֹ֣א עָזָ֔ב יִשְׁאָל֙וּנִי֙ מִשְׁפְּטֵי־צֶ֔דֶק קִרְבַ֥ת אֱלֹהִ֖ים יֶחְפָּצֽוּן׃ | 2 |
بىراق ئۇلار مېنى ھەر كۈنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىدىغان، مېنىڭ يوللىرىمنى بىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان بىر ئەلگە ئوخشايدۇ؛ ئۇلار مەندىن ھەققانىيلىقنى بېكىتىدىغان ھۆكۈم-پەرمانلارنى سورايدۇ؛ ئۇلار خۇداغا يېقىنلىشىشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. |
לָ֤מָּה צַּ֙מְנוּ֙ וְלֹ֣א רָאִ֔יתָ עִנִּ֥ינוּ נַפְשֵׁ֖נוּ וְלֹ֣א תֵדָ֑ע הֵ֣ן בְּיֹ֤ום צֹֽמְכֶם֙ תִּמְצְאוּ־חֵ֔פֶץ וְכָל־עַצְּבֵיכֶ֖ם תִּנְגֹּֽשׂוּ׃ | 3 |
[ئاندىن ئۇلار]: ــ «بىز روزا تۇتتۇق، ئەمدى نېمىشقا سەن كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ؟ بىز جېنىمىزنى قىينىدۇق، ئەمدى نېمىشقا بۇنىڭدىن خەۋىرىڭ يوق؟» ــ [دەپ سورايدۇ]. ــ قاراڭلار، روزا كۈنى ئۆز كۆڭلۈڭلاردىكىنى قىلىۋېرىسىلەر، خىزمەتچىلىرىڭلارنى قاتتىق ئىشلىتىسىلەر؛ |
הֵ֣ן לְרִ֤יב וּמַצָּה֙ תָּצ֔וּמוּ וּלְהַכֹּ֖ות בְּאֶגְרֹ֣ף רֶ֑שַׁע לֹא־תָצ֣וּמוּ כַיֹּ֔ום לְהַשְׁמִ֥יעַ בַּמָּרֹ֖ום קֹולְכֶֽם׃ | 4 |
سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشلىرىڭلار جەڭگى-جېدەل چىقىرىش ئۈچۈنمۇ؟ قەبىھ قوللىرىڭلار مۇشت بىلەن ئادەم ئۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ ھازىرقى روزا تۇتۇشلىرىڭلارنىڭ مەقسىتى ئاۋازىڭلارنى ئەرشلەردە ئاڭلىتىش ئەمەستۇر! |
הֲכָזֶ֗ה יִֽהְיֶה֙ צֹ֣ום אֶבְחָרֵ֔הוּ יֹ֛ום עַנֹּ֥ות אָדָ֖ם נַפְשֹׁ֑ו הֲלָכֹ֨ף כְּאַגְמֹ֜ן רֹאשֹׁ֗ו וְשַׂ֤ק וָאֵ֙פֶר֙ יַצִּ֔יעַ הֲלָזֶה֙ תִּקְרָא־צֹ֔ום וְיֹ֥ום רָצֹ֖ון לַיהוָֽה׃ | 5 |
مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ــ ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟ |
הֲלֹ֣וא זֶה֮ צֹ֣ום אֶבְחָרֵהוּ֒ פַּתֵּ֙חַ֙ חַרְצֻבֹּ֣ות רֶ֔שַׁע הַתֵּ֖ר אֲגֻדֹּ֣ות מֹוטָ֑ה וְשַׁלַּ֤ח רְצוּצִים֙ חָפְשִׁ֔ים וְכָל־מֹוטָ֖ה תְּנַתֵּֽקוּ׃ | 6 |
مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: ــ رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش، بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش، ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش، ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟ |
הֲלֹ֨וא פָרֹ֤ס לָֽרָעֵב֙ לַחְמֶ֔ךָ וַעֲנִיִּ֥ים מְרוּדִ֖ים תָּ֣בִיא בָ֑יִת כִּֽי־תִרְאֶ֤ה עָרֹם֙ וְכִסִּיתֹ֔ו וּמִבְּשָׂרְךָ֖ לֹ֥א תִתְעַלָּֽם׃ | 7 |
ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ |
אָ֣ז יִבָּקַ֤ע כַּשַּׁ֙חַר֙ אֹורֶ֔ךָ וַאֲרֻכָתְךָ֖ מְהֵרָ֣ה תִצְמָ֑ח וְהָלַ֤ךְ לְפָנֶ֙יךָ֙ צִדְקֶ֔ךָ כְּבֹ֥וד יְהוָ֖ה יַאַסְפֶֽךָ׃ | 8 |
شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ، سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛ ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ، ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ. |
אָ֤ז תִּקְרָא֙ וַיהוָ֣ה יַעֲנֶ֔ה תְּשַׁוַּ֖ע וְיֹאמַ֣ר הִנֵּ֑נִי אִם־תָּסִ֤יר מִתֹּֽוכְךָ֙ מֹוטָ֔ה שְׁלַ֥ח אֶצְבַּ֖ע וְדַבֶּר־אָֽוֶן׃ | 9 |
سەن چاقىرساڭ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ؛ نىدا قىلىسەن، ئۇ: «مانا مەن!» دەيدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىن بويۇنتۇرۇقنى، تەڭلەيدىغان بارماقنى، ھەم تۆھمەت گەپلىرىنى يوق قىلساڭ، |
וְתָפֵ֤ק לָֽרָעֵב֙ נַפְשֶׁ֔ךָ וְנֶ֥פֶשׁ נַעֲנָ֖ה תַּשְׂבִּ֑יעַ וְזָרַ֤ח בַּחֹ֙שֶׁךְ֙ אֹורֶ֔ךָ וַאֲפֵלָתְךָ֖ כַּֽצָּהֳרָֽיִם׃ | 10 |
جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ، شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛ زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛ |
וְנָחֲךָ֣ יְהוָה֮ תָּמִיד֒ וְהִשְׂבִּ֤יעַ בְּצַחְצָחֹות֙ נַפְשֶׁ֔ךָ וְעַצְמֹתֶ֖יךָ יַחֲלִ֑יץ וְהָיִ֙יתָ֙ כְּגַ֣ן רָוֶ֔ה וּכְמֹוצָ֣א מַ֔יִם אֲשֶׁ֥ר לֹא־יְכַזְּב֖וּ מֵימָֽיו׃ | 11 |
ھەم پەرۋەردىگار سېنىڭ دائىملىق يېتەكلىگۈچىڭ بولىدۇ، جېنىڭنى قۇرغاقچىلىق بولغان ۋاقتىدىمۇ قامدايدۇ، ئۇستىخانلىرىڭنى كۈچەيتىدۇ؛ سەن سۇغىرىلىدىغان بىر باغ، سۇلىرى ئۇرغۇپ تۈگىمەيدىغان، ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق بولىسەن؛ |
וּבָנ֤וּ מִמְּךָ֙ חָרְבֹ֣ות עֹולָ֔ם מֹוסְדֵ֥י דֹור־וָדֹ֖ור תְּקֹומֵ֑ם וְקֹרָ֤א לְךָ֙ גֹּדֵ֣ר פֶּ֔רֶץ מְשֹׁבֵ֥ב נְתִיבֹ֖ות לָשָֽׁבֶת׃ | 12 |
سەندىن تۆرەلگەنلەر كونا خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ نۇرغۇن دەۋرلەر قالدۇرغان ئۇللارنى قايتىدىن كۆتۈرىسەن، شۇنىڭ بىلەن «بۆسۈلگەن تاملارنى قايتىدىن ياسىغۇچى، كوچا-يول ۋە تۇرالغۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى» دەپ ئاتىلىسەن. |
אִם־תָּשִׁ֤יב מִשַּׁבָּת֙ רַגְלֶ֔ךָ עֲשֹׂ֥ות חֲפָצֶ֖יךָ בְּיֹ֣ום קָדְשִׁ֑י וְקָרָ֨אתָ לַשַּׁבָּ֜ת עֹ֗נֶג לִקְדֹ֤ושׁ יְהוָה֙ מְכֻבָּ֔ד וְכִבַּדְתֹּו֙ מֵעֲשֹׂ֣ות דְּרָכֶ֔יךָ מִמְּצֹ֥וא חֶפְצְךָ֖ וְדַבֵּ֥ר דָּבָֽר׃ | 13 |
ئەگەر سەن شابات كۈنىدە قەدەملىرىڭنى ساناپ ماڭساڭ، يەنى مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆزۈڭنىڭكى كۆڭلۈڭدىكىلەرنى قىلماي، شاباتنى «خۇشاللىق»، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى «ھۆرمەتلىك كۈن» دەپ بىلسەڭ، ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي، ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي، قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ، |
אָ֗ז תִּתְעַנַּג֙ עַל־יְהוָ֔ה וְהִרְכַּבְתִּ֖יךָ עַל־בָּמֹותֵי (בָּ֣מֳתֵי) אָ֑רֶץ וְהַאֲכַלְתִּ֗יךָ נַחֲלַת֙ יַעֲקֹ֣ב אָבִ֔יךָ כִּ֛י פִּ֥י יְהוָ֖ה דִּבֵּֽר׃ ס | 14 |
ئۇنداقتا پەرۋەردىگارنى كۆڭلۈڭنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىسەن، ھەم مەن سېنى يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن؛ ئاتاڭ ياقۇپنىڭ مىراسى بىلەن سېنى ئوزۇقلاندۇرىمەن ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق سۆز قىلدى. |