כִּי֩ יְרַחֵ֨ם יְהוָ֜ה אֶֽת־יַעֲקֹ֗ב וּבָחַ֥ר עֹוד֙ בְּיִשְׂרָאֵ֔ל וְהִנִּיחָ֖ם עַל־אַדְמָתָ֑ם וְנִלְוָ֤ה הַגֵּר֙ עֲלֵיהֶ֔ם וְנִסְפְּח֖וּ עַל־בֵּ֥ית יַעֲקֹֽב׃ | 1 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ. |
וּלְקָח֣וּם עַמִּים֮ וֶהֱבִיא֣וּם אֶל־מְקֹומָם֒ וְהִֽתְנַחֲל֣וּם בֵּֽית־יִשְׂרָאֵ֗ל עַ֚ל אַדְמַ֣ת יְהוָ֔ה לַעֲבָדִ֖ים וְלִשְׁפָחֹ֑ות וְהָיוּ֙ שֹׁבִ֣ים לְשֹֽׁבֵיהֶ֔ם וְרָד֖וּ בְּנֹגְשֵׂיהֶֽם׃ ס | 2 |
ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۇلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىدۇ؛ ئىسرائىل جەمەتى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا ئۇلارغا قۇل ۋە دېدەك سۈپىتىدە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنى تۇتىدۇ؛ ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. |
וְהָיָ֗ה בְּיֹ֨ום הָנִ֤יחַ יְהוָה֙ לְךָ֔ מֵֽעָצְבְּךָ֖ וּמֵרָגְזֶ֑ךָ וּמִן־הָעֲבֹדָ֥ה הַקָּשָׁ֖ה אֲשֶׁ֥ר עֻבַּד־בָּֽךְ׃ | 3 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئازابتىن، ساراسىمىدىن ۋە ئەسىر بولۇپ مەجبۇرلانغان مۇشەققەتلىك قۇللۇقتىن ئاراملىق بەرگەن كۈنىدە، |
וְנָשָׂ֜אתָ הַמָּשָׁ֥ל הַזֶּ֛ה עַל־מֶ֥לֶךְ בָּבֶ֖ל וְאָמָ֑רְתָּ אֵ֚יךְ שָׁבַ֣ת נֹגֵ֔שׂ שָׁבְתָ֖ה מַדְהֵבָֽה׃ | 4 |
سىلەر بابىل پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق ماقال-تەمسىلنى ئېيتىسىلەر: ــ «قارا، بۇ جازانىخور قانداق ھالاك بولدى، تالان-تاراج قىلىپ ئالتۇن توپلىغۇچى قانداق يوقالدى! |
שָׁבַ֥ר יְהוָ֖ה מַטֵּ֣ה רְשָׁעִ֑ים שֵׁ֖בֶט מֹשְׁלִֽים׃ | 5 |
پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ ھاسىسىنى، ھاكىملارنىڭ زاكون تايىقىنى، |
מַכֶּ֤ה עַמִּים֙ בְּעֶבְרָ֔ה מַכַּ֖ת בִּלְתִּ֣י סָרָ֑ה רֹדֶ֤ה בָאַף֙ גֹּויִ֔ם מֻרְדָּ֖ף בְּלִ֥י חָשָֽׂךְ׃ | 6 |
يەنى خەلق-مىللەتلەرنى ئاچچىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرغاننى، ئەللەرگە غەزەپ قىلىپ تىزگىنسىز زىيانكەشلىك قىلغاننى سۇندۇرۇۋەتتى. |
נָ֥חָה שָׁקְטָ֖ה כָּל־הָאָ֑רֶץ פָּצְח֖וּ רִנָּֽה׃ | 7 |
پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛ ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ. |
גַּם־בְּרֹושִׁ֛ים שָׂמְח֥וּ לְךָ֖ אַרְזֵ֣י לְבָנֹ֑ון מֵאָ֣ז שָׁכַ֔בְתָּ לֹֽא־יַעֲלֶ֥ה הַכֹּרֵ֖ת עָלֵֽינוּ׃ | 8 |
قارىغايلار بولسا ھالىڭدىن شادلىنىدۇ، لىۋاندىكى كېدىرلارمۇ: ــ «سەن گۆرۈڭدە ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ھېچبىر كەسكۈچى بىزنى قورقاتمايدۇ!» ــ دەيدۇ. |
שְׁאֹ֗ול מִתַּ֛חַת רָגְזָ֥ה לְךָ֖ לִקְרַ֣את בֹּואֶ֑ךָ עֹורֵ֨ר לְךָ֤ רְפָאִים֙ כָּל־עַתּ֣וּדֵי אָ֔רֶץ הֵקִים֙ מִכִּסְאֹותָ֔ם כֹּ֖ל מַלְכֵ֥י גֹויִֽם׃ (Sheol h7585) | 9 |
سەن چۈشۈشۈڭ بىلەن تەھتىسارادىكىلەر سېنى قارشى ئېلىشقا ساراسىمە بولۇپ كېتىدۇ؛ سەن ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى، جاھاندىكى جىمىكى «ئۆچكە جىنلار» قوزغىلىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى تەختلىرىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ؛ (Sheol h7585) |
כֻּלָּ֣ם יַֽעֲנ֔וּ וְיֹאמְר֖וּ אֵלֶ֑יךָ גַּם־אַתָּ֛ה חֻלֵּ֥יתָ כָמֹ֖ונוּ אֵלֵ֥ינוּ נִמְשָֽׁלְתָּ׃ | 10 |
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟ بىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىڭمۇسەن؟!» |
הוּרַ֥ד שְׁאֹ֛ול גְאֹונֶ֖ךָ הֶמְיַ֣ת נְבָלֶ֑יךָ תַּחְתֶּ֙יךָ֙ יֻצַּ֣ע רִמָּ֔ה וּמְכַסֶּ֖יךָ תֹּולֵעָֽה׃ (Sheol h7585) | 11 |
سېنىڭ شانۇ-ھەيۋىتىڭ چىلتارىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن بىللە تەھتىساراغا چۈشۈرۈلۈپ تۈگىدى؛ ئاستىڭدا چىۋىن قۇرتى مىژىلداپ كېتىدۇ، ئۈستۈڭنى سازاڭلار قاپلاپ كېتىدۇ. (Sheol h7585) |
אֵ֛יךְ נָפַ֥לְתָּ מִשָּׁמַ֖יִם הֵילֵ֣ל בֶּן־שָׁ֑חַר נִגְדַּ֣עְתָּ לָאָ֔רֶץ חֹולֵ֖שׁ עַל־גֹּויִֽם׃ | 12 |
ئى چولپان، سەھەر بالىسى، سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن! ئى تېخى ئۆتكەندىلا ئەللەرنى يەرگە يىقىتقۇچى، سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ! |
וְאַתָּ֞ה אָמַ֤רְתָּ בִֽלְבָבְךָ֙ הַשָּׁמַ֣יִם אֶֽעֱלֶ֔ה מִמַּ֥עַל לְכֹֽוכְבֵי־אֵ֖ל אָרִ֣ים כִּסְאִ֑י וְאֵשֵׁ֥ב בְּהַר־מֹועֵ֖ד בְּיַרְכְּתֵ֥י צָפֹֽון׃ | 13 |
سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛ |
אֶעֱלֶ֖ה עַל־בָּ֣מֳתֵי עָ֑ב אֶדַּמֶּ֖ה לְעֶלְיֹֽון׃ | 14 |
مەن بۇلۇتلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەيمەن؛ ھەممىدىن ئالىي بىلەن تەڭ بولىمەن!» ــ دېدىڭ. |
אַ֧ךְ אֶל־שְׁאֹ֛ול תּוּרָ֖ד אֶל־יַרְכְּתֵי־בֹֽור׃ (Sheol h7585) | 15 |
ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا، چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ». (Sheol h7585) |
רֹאֶ֙יךָ֙ אֵלֶ֣יךָ יַשְׁגִּ֔יחוּ אֵלֶ֖יךָ יִתְבֹּונָ֑נוּ הֲזֶ֤ה הָאִישׁ֙ מַרְגִּ֣יז הָאָ֔רֶץ מַרְעִ֖ישׁ מַמְלָכֹֽות׃ | 16 |
سېنى كۆرگەنلەر ساڭا يېقىندىن سىنچىلاپ قاراپ: ــ «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ئادەم مۇشۇمىدۇ؟ |
שָׂ֥ם תֵּבֵ֛ל כַּמִּדְבָּ֖ר וְעָרָ֣יו הָרָ֑ס אֲסִירָ֖יו לֹא־פָ֥תַח בָּֽיְתָה׃ | 17 |
يەر يۈزىنى چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى غۇلاتقان، تۇتقان ئەسىرلەرنى ئۆز يۇرتىغا ھېچ قويۇپ بەرمىگەن مۇشۇمىدۇ؟» ــ دېيىشىدۇ. |
כָּל־מַלְכֵ֥י גֹויִ֖ם כֻּלָּ֑ם שָׁכְב֥וּ בְכָבֹ֖וד אִ֥ישׁ בְּבֵיתֹֽו׃ | 18 |
مانا ئەللەرنىڭ شاھلىرى بىرىمۇ قالماي «شان-شەرەپ»تە، [قاراڭغۇلۇقتىكى] ئۆز ئۆيىدە يېتىشىدۇ، |
וְאַתָּ֞ה הָשְׁלַ֤כְתָּ מִֽקִּבְרְךָ֙ כְּנֵ֣צֶר נִתְעָ֔ב לְב֥וּשׁ הֲרֻגִ֖ים מְטֹ֣עֲנֵי חָ֑רֶב יֹורְדֵ֥י אֶל־אַבְנֵי־בֹ֖ור כְּפֶ֥גֶר מוּבָֽס׃ | 19 |
بىراق سەن كەمسىتىلگەن [چىرىگەن] بىر شاخ كەبى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ دۆۋىسى ئاستىدا، قىلىچ بىلەن سانجىلغان، ھاڭنىڭ تەھتىگە چۈشىدىغانلارغا ئوخشاش، ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ-چەيلەنگەن ئۆلۈكتەك، ئۆز گۆرۈڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلىۋېتىلدىڭ. |
לֹֽא־תֵחַ֤ד אִתָּם֙ בִּקְבוּרָ֔ה כִּֽי־אַרְצְךָ֥ שִׁחַ֖תָּ עַמְּךָ֣ הָרָ֑גְתָּ לֹֽא־יִקָּרֵ֥א לְעֹולָ֖ם זֶ֥רַע מְרֵעִֽים׃ | 20 |
سەن ئاشۇ پادىشاھلار بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى ئۆز يۇرتۇڭنى ۋەيران قىلغانسەن، ئۆز خەلقىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنسەن؛ رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ نەسلى ھەرگىز يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ. |
הָכִ֧ינוּ לְבָנָ֛יו מַטְבֵּ֖חַ בַּעֲוֹ֣ן אֲבֹותָ֑ם בַּל־יָקֻ֙מוּ֙ וְיָ֣רְשׁוּ אָ֔רֶץ וּמָלְא֥וּ פְנֵֽי־תֵבֵ֖ל עָרִֽים׃ | 21 |
ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قەتل قىلىشقا تەييار قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ، يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ. |
וְקַמְתִּ֣י עֲלֵיהֶ֔ם נְאֻ֖ם יְהוָ֣ה צְבָאֹ֑ות וְהִכְרַתִּ֨י לְבָבֶ֜ל שֵׁ֥ם וּשְׁאָ֛ר וְנִ֥ין וָנֶ֖כֶד נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 22 |
چۈنكى مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن بابىلدىن ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى، نەسىل-پەرزەنتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، |
וְשַׂמְתִּ֛יהָ לְמֹורַ֥שׁ קִפֹּ֖ד וְאַגְמֵי־מָ֑יִם וְטֵֽאטֵאתִ֙יהָ֙ בְּמַטְאֲטֵ֣א הַשְׁמֵ֔ד נְאֻ֖ם יְהוָ֥ה צְבָאֹֽות׃ פ | 23 |
ــ ۋە ئۇنى ھۇۋقۇشنىڭ ماكانىغا، سازلىقلارغا ئايلاندۇرىمەن؛ ھالاكەت سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
נִשְׁבַּ֛ע יְהוָ֥ה צְבָאֹ֖ות לֵאמֹ֑ר אִם־לֹ֞א כַּאֲשֶׁ֤ר דִּמִּ֙יתִי֙ כֵּ֣ן הָיָ֔תָה וְכַאֲשֶׁ֥ר יָעַ֖צְתִּי הִ֥יא תָקֽוּם׃ | 24 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، ــ مەن قانداق ئويلىسام، شۇنداق بولىدۇ؛ قانداق مەقسەتنى كۆڭلۈمگە پۈكسەم، شۇ تىكلىنىدۇ، |
לִשְׁבֹּ֤ר אַשּׁוּר֙ בְּאַרְצִ֔י וְעַל־הָרַ֖י אֲבוּסֶ֑נּוּ וְסָ֤ר מֵֽעֲלֵיהֶם֙ עֻלֹּ֔ו וְסֻ֨בֳּלֹ֔ו מֵעַ֥ל שִׁכְמֹ֖ו יָסֽוּר׃ | 25 |
مەقسىتىم ئۆز زېمىنىمدا ئاسۇرىيەلىكنى قىيما-چىيما قىلىشتىن ئىبارەت؛ ئۆز تاغلىرىمدا ئۇنى دەسسەپ-چەيلەيمەن؛ ئۇ سالغان بويۇنتۇرۇق خەلقىمنىڭ بوينىدىن، ئۇ ئارتقان يۈك مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. |
זֹ֛את הָעֵצָ֥ה הַיְּעוּצָ֖ה עַל־כָּל־הָאָ֑רֶץ וְזֹ֛את הַיָּ֥ד הַנְּטוּיָ֖ה עַל־כָּל־הַגֹּויִֽם׃ | 26 |
مانا بۇ پۈتكۈل يەر يۈزى توغرۇلۇق ئىرادە قىلىنغان مەقسەتتۇر، مانا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇزارتىلغان قولدۇر. |
כִּֽי־יְהוָ֧ה צְבָאֹ֛ות יָעָ֖ץ וּמִ֣י יָפֵ֑ר וְיָדֹ֥ו הַנְּטוּיָ֖ה וּמִ֥י יְשִׁיבֶֽנָּה׃ פ | 27 |
پەرۋەردىگار مۇنداق مەقسەتنى پۈككەنىكەن، كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنىڭ قولى ئۇزارتىلغانىكەن، كىم ئۇنى ياندۇرالىسۇن؟ |
בִּשְׁנַת־מֹ֖ות הַמֶּ֣לֶךְ אָחָ֑ז הָיָ֖ה הַמַּשָּׂ֥א הַזֶּֽה׃ | 28 |
ئاھاز پادىشاھ ئۆلگەن يىلىدا مۇنداق ۋەھىي يۈكلەندى: ــ |
אַֽל־תִּשְׂמְחִ֤י פְלֶ֙שֶׁת֙ כֻּלֵּ֔ךְ כִּ֥י נִשְׁבַּ֖ר שֵׁ֣בֶט מַכֵּ֑ךְ כִּֽי־מִשֹּׁ֤רֶשׁ נָחָשׁ֙ יֵ֣צֵא צֶ֔פַע וּפִרְיֹ֖ו שָׂרָ֥ף מְעֹופֵֽף׃ | 29 |
ئى فىلىستىيە، ھەممىڭلار، «بىزنى ئۇرغان تاياق سۇندى» دەپ شادلانماڭلار؛ چۈنكى يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ، ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ. |
וְרָעוּ֙ בְּכֹורֵ֣י דַלִּ֔ים וְאֶבְיֹונִ֖ים לָבֶ֣טַח יִרְבָּ֑צוּ וְהֵמַתִּ֤י בָֽרָעָב֙ שָׁרְשֵׁ֔ךְ וּשְׁאֵרִיתֵ֖ךְ יַהֲרֹֽג׃ | 30 |
شۇنىڭ بىلەن يوقسۇللارنىڭ تۇنجى بالىلىرى ئوزۇقلىنىدۇ، مۆمىنلەر بولسا تىنچ-ئامانلىقتا ياتىدۇ؛ بىراق مەن يىلتىزىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن يوقىتىمەن قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. |
הֵילִ֤ילִֽי שַׁ֙עַר֙ זַֽעֲקִי־עִ֔יר נָמֹ֖וג פְּלֶ֣שֶׁת כֻּלֵּ֑ךְ כִּ֤י מִצָּפֹון֙ עָשָׁ֣ן בָּ֔א וְאֵ֥ין בֹּודֵ֖ד בְּמֹועָדָֽיו׃ | 31 |
شۇڭا ئى قوۋۇق، نالە كۆتۈرگىن، ئى شەھەر، پەرياد چەككىن! ئى فىلىستىيە، سەن بولساڭ ئېرىپ كەتكەنسەن! چۈنكى شىمال تەرەپتىن ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنلىرىدا ھېچكىم سەپسىز قالمايدۇ. |
וּמַֽה־יַּעֲנֶ֖ה מַלְאֲכֵי־גֹ֑וי כִּ֤י יְהוָה֙ יִסַּ֣ד צִיֹּ֔ון וּבָ֥הּ יֶחֱס֖וּ עֲנִיֵּ֥י עַמֹּֽו׃ ס | 32 |
ئەمدى بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ــ «زىئوننى تىكلىگۈچى پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇنىڭ خەلقى ئىچىدىكى ئېزىلگۈچىلەر ئۇنىڭدىن باشپاناھ تاپىدۇ» ــ دېگىن!» |