עַל־מִשְׁמַרְתִּ֣י אֶעֱמֹ֔דָה וְאֶֽתְיַצְּבָ֖ה עַל־מָצֹ֑ור וַאֲצַפֶּ֗ה לִרְאֹות֙ מַה־יְדַבֶּר־בִּ֔י וּמָ֥ה אָשִׁ֖יב עַל־תֹּוכַחְתִּֽי׃ | 1 |
«ئەمدى مەن ئۆز كۆزىتىمدە تۇرىۋېرىمەن، ئۆزۈمنى مۇنار ئۈستىدە دەس تىكلەيمەن، ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن». |
וַיַּעֲנֵ֤נִי יְהוָה֙ וַיֹּ֔אמֶר כְּתֹ֣וב חָזֹ֔ון וּבָאֵ֖ר עַל־הַלֻּחֹ֑ות לְמַ֥עַן יָר֖וּץ קֹ֥ורֵא בֹֽו׃ | 2 |
ھەم پەرۋەردىگار جاۋابەن ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن، بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال؛ ئۇنى تاختايلار ئۈستىگە ئېنىق ئويۇپ چىق؛ |
כִּ֣י עֹ֤וד חָזֹון֙ לַמֹּועֵ֔ד וְיָפֵ֥חַ לַקֵּ֖ץ וְלֹ֣א יְכַזֵּ֑ב אִם־יִתְמַהְמָהּ֙ חַכֵּה־לֹ֔ו כִּֽי־בֹ֥א יָבֹ֖א לֹ֥א יְאַחֵֽר׃ | 3 |
چۈنكى بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن، ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ، ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ؛ ئۇزۇنغىچە كەلمەي قالسىمۇ، ئۇنى كۈتكىن؛ چۈنكى ئۇ جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ، ھېچ كېچىكمەيدۇ. |
הִנֵּ֣ה עֻפְּלָ֔ה לֹא־יָשְׁרָ֥ה נַפְשֹׁ֖ו בֹּ֑ו וְצַדִּ֖יק בֶּאֱמוּנָתֹ֥ו יִחְיֶֽה׃ | 4 |
قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ. |
וְאַף֙ כִּֽי־הַיַּ֣יִן בֹּוגֵ֔ד גֶּ֥בֶר יָהִ֖יר וְלֹ֣א יִנְוֶ֑ה אֲשֶׁר֩ הִרְחִ֨יב כִּשְׁאֹ֜ול נַפְשֹׁ֗ו וְה֤וּא כַמָּ֙וֶת֙ וְלֹ֣א יִשְׂבָּ֔ע וַיֶּאֱסֹ֤ף אֵלָיו֙ כָּל־הַגֹּויִ֔ם וַיִּקְבֹּ֥ץ אֵלָ֖יו כָּל־הָעַמִּֽים׃ (Sheol h7585) | 5 |
بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. (Sheol h7585) |
הֲלֹוא־אֵ֣לֶּה כֻלָּ֗ם עָלָיו֙ מָשָׁ֣ל יִשָּׂ֔אוּ וּמְלִיצָ֖ה חִידֹ֣ות לֹ֑ו וְיֹאמַ֗ר הֹ֚וי הַמַּרְבֶּ֣ה לֹּא־לֹ֔ו עַד־מָתַ֕י וּמַכְבִּ֥יד עָלָ֖יו עַבְטִֽיט׃ | 6 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئۇ توغرۇلۇق تەمسىلنى سۆزلەپ، كىنايىلىك بىر تېپىشماقنى تىلغا ئالىدۇ: ــ «ئۆزىنىڭ ئەمەسنى مېنىڭ دەپ قوشۇۋالغۇچىغا ۋاي! ([بۇنداق ئىشلار] قاچانغىچە بولىدۇ؟!) گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!» |
הֲלֹ֣וא פֶ֗תַע יָק֙וּמוּ֙ נֹשְׁכֶ֔יךָ וְיִקְצ֖וּ מְזַעְזְעֶ֑יךָ וְהָיִ֥יתָ לִמְשִׁסֹּ֖ות לָֽמֹו׃ | 7 |
سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟ سېنى تىترەتكۈچىلەر بىراقلا ئويغانمامدۇ؟ ئاندىن سەن ئۇلارغا ئولجا بولمامسەن؟ |
כִּֽי אַתָּ֤ה שַׁלֹּ֙ותָ֙ גֹּויִ֣ם רַבִּ֔ים יְשָׁלּ֖וּךָ כָּל־יֶ֣תֶר עַמִּ֑ים מִדְּמֵ֤י אָדָם֙ וַחֲמַס־אֶ֔רֶץ קִרְיָ֖ה וְכָל־יֹ֥שְׁבֵי בָֽהּ׃ פ | 8 |
سەن نۇرغۇن ئەللەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ھەم كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ساقلىنىپ قالغان ئەللەر سېنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛ |
הֹ֗וי בֹּצֵ֛עַ בֶּ֥צַע רָ֖ע לְבֵיתֹ֑ו לָשׂ֤וּם בַּמָּרֹום֙ קִנֹּ֔ו לְהִנָּצֵ֖ל מִכַּף־רָֽע׃ | 9 |
ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇۋامنى يۇقىرىغا سالاي دەپ، نەپسى يوغىناپ ئۆز جەمەتىگە ھارام مەنپەئەت يىغقۇچىغا ۋاي! |
יָעַ֥צְתָּ בֹּ֖שֶׁת לְבֵיתֶ֑ךָ קְצֹות־עַמִּ֥ים רַבִּ֖ים וְחֹוטֵ֥א נַפְשֶֽׁךָ׃ | 10 |
نۇرغۇن خەلقلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۆز جەمەتىڭگە ئاھانەت كەلتۈردۈڭ، ئۆز جېنىڭغا قارشى گۇناھ سادىر قىلدىڭ. |
כִּי־אֶ֖בֶן מִקִּ֣יר תִּזְעָ֑ק וְכָפִ֖יס מֵעֵ֥ץ יַעֲנֶֽנָּה׃ פ | 11 |
چۈنكى تامدىن تاش نىدا قىلىدۇ، ياغاچلاردىن لىم جاۋاب بېرىدۇ: ــ |
הֹ֛וי בֹּנֶ֥ה עִ֖יר בְּדָמִ֑ים וְכֹונֵ֥ן קִרְיָ֖ה בְּעַוְלָֽה׃ | 12 |
يۇرتنى قان بىلەن، شەھەرنى قەبىھلىك بىلەن قۇرغۇچىغا ۋاي!» |
הֲלֹ֣וא הִנֵּ֔ה מֵאֵ֖ת יְהוָ֣ה צְבָאֹ֑ות וְיִֽיגְע֤וּ עַמִּים֙ בְּדֵי־אֵ֔שׁ וּלְאֻמִּ֖ים בְּדֵי־רִ֥יק יִעָֽפוּ׃ | 13 |
مانا، خەلقلەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتىنىڭ پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ قىلىنغانلىقى، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ھالسىراتقانلىقى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئەمەسمۇ؟ |
כִּ֚י תִּמָּלֵ֣א הָאָ֔רֶץ לָדַ֖עַת אֶת־כְּבֹ֣וד יְהוָ֑ה כַּמַּ֖יִם יְכַסּ֥וּ עַל־יָֽם׃ ס | 14 |
چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ. |
הֹ֚וי מַשְׁקֵ֣ה רֵעֵ֔הוּ מְסַפֵּ֥חַ חֲמָתְךָ֖ וְאַ֣ף שַׁכֵּ֑ר לְמַ֥עַן הַבִּ֖יט עַל־מְעֹורֵיהֶֽם׃ | 15 |
ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي! |
שָׂבַ֤עְתָּ קָלֹון֙ מִכָּבֹ֔וד שְׁתֵ֥ה גַם־אַ֖תָּה וְהֵֽעָרֵ֑ל תִּסֹּ֣וב עָלֶ֗יךָ כֹּ֚וס יְמִ֣ין יְהוָ֔ה וְקִיקָלֹ֖ון עַל־כְּבֹודֶֽךָ׃ | 16 |
شان-شەرەپنىڭ ئورنىدا شەرمەندىچىلىككە تولىسەن؛ ئۆزۈڭمۇ ئىچ، خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ سەن تەرەپكە بۇرۇلىدۇ، شان-شەرىپىڭنىڭ ئۈستىنى رەسۋايىپەسلىك باسىدۇ. |
כִּ֣י חֲמַ֤ס לְבָנֹון֙ יְכַסֶּ֔ךָּ וְשֹׁ֥ד בְּהֵמֹ֖ות יְחִיתַ֑ן מִדְּמֵ֤י אָדָם֙ וַחֲמַס־אֶ֔רֶץ קִרְיָ֖ה וְכָל־יֹ֥שְׁבֵי בָֽהּ׃ ס | 17 |
لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق، شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ، كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن، بۇلار سېنىڭ مىجىقىڭنى چىقىرىدۇ. |
מָֽה־הֹועִ֣יל פֶּ֗סֶל כִּ֤י פְסָלֹו֙ יֹֽצְרֹ֔ו מַסֵּכָ֖ה וּמֹ֣ורֶה שָּׁ֑קֶר כִּ֣י בָטַ֞ח יֹצֵ֤ר יִצְרֹו֙ עָלָ֔יו לַעֲשֹׂ֖ות אֱלִילִ֥ים אִלְּמִֽים׃ ס | 18 |
ئويما مەبۇدنىڭ نېمە پايدىسى، ئۇنى ئۇنىڭ ياسىغۇچىسى ئويۇپ چىققان تۇرسا؟ قۇيما مەبۇدنىڭمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىنىڭ نېمە پايدىسى ــ ــ چۈنكى ئۇنى ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا تايىنىدۇ، دېمەك، زۇۋانسىز «يوق بولغان نەرسىلەر»نى ياسايدۇ؟ |
הֹ֣וי אֹמֵ֤ר לָעֵץ֙ הָקִ֔יצָה ע֖וּרִי לְאֶ֣בֶן דּוּמָ֑ם ה֣וּא יֹורֶ֔ה הִנֵּה־ה֗וּא תָּפוּשׂ֙ זָהָ֣ב וָכֶ֔סֶף וְכָל־ר֖וּחַ אֵ֥ין בְּקִרְבֹּֽו׃ | 19 |
ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! ئۇ ۋەز ئېيتامدۇ؟ مانا، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەندى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر. |
וַֽיהוָ֖ה בְּהֵיכַ֣ל קָדְשֹׁ֑ו הַ֥ס מִפָּנָ֖יו כָּל־הָאָֽרֶץ׃ פ | 20 |
بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر! پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! |