וְהָרָעָ֖ב כָּבֵ֥ד בָּאָֽרֶץ׃ | 1 |
ئاچارچىلىق زېمىننى ئىنتايىن ئېغىر باسقانىدى. |
וַיְהִ֗י כַּאֲשֶׁ֤ר כִּלּוּ֙ לֶאֱכֹ֣ל אֶת־הַשֶּׁ֔בֶר אֲשֶׁ֥ר הֵבִ֖יאוּ מִמִּצְרָ֑יִם וַיֹּ֤אמֶר אֲלֵיהֶם֙ אֲבִיהֶ֔ם שֻׁ֖בוּ שִׁבְרוּ־לָ֥נוּ מְעַט־אֹֽכֶל׃ | 2 |
بۇ سەۋەبتىن ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقنى يەپ تۈگەتكەندە، ئاتىسى ئۇلارغا: ــ يەنە بېرىپ بىزگە ئازغىنا ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. |
וַיֹּ֧אמֶר אֵלָ֛יו יְהוּדָ֖ה לֵאמֹ֑ר הָעֵ֣ד הֵעִד֩ בָּ֨נוּ הָאִ֤ישׁ לֵאמֹר֙ לֹֽא־תִרְא֣וּ פָנַ֔י בִּלְתִּ֖י אֲחִיכֶ֥ם אִתְּכֶֽם׃ | 3 |
لېكىن يەھۇدا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھېلىقى كىشى بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن. |
אִם־יֶשְׁךָ֛ מְשַׁלֵּ֥חַ אֶת־אָחִ֖ינוּ אִתָּ֑נוּ נֵרְדָ֕ה וְנִשְׁבְּרָ֥ה לְךָ֖ אֹֽכֶל׃ | 4 |
ئەگەر ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسەڭ، بىز بېرىپ ساڭا ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز. |
וְאִם־אֵינְךָ֥ מְשַׁלֵּ֖חַ לֹ֣א נֵרֵ֑ד כִּֽי־הָאִ֞ישׁ אָמַ֤ר אֵלֵ֙ינוּ֙ לֹֽא־תִרְא֣וּ פָנַ֔י בִּלְתִּ֖י אֲחִיכֶ֥ם אִתְּכֶֽם׃ | 5 |
ئەمما ئەۋەتىشكە ئۇنىمىساڭ، بىز بارمايمىز؛ چۈنكى ھېلىقى كىشى بىزگە: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن، ــ دېدى. |
וַיֹּ֙אמֶר֙ יִשְׂרָאֵ֔ל לָמָ֥ה הֲרֵעֹתֶ֖ם לִ֑י לְהַגִּ֣יד לָאִ֔ישׁ הַעֹ֥וד לָכֶ֖ם אָֽח׃ | 6 |
ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا ماڭا شۇنچە يامانلىق قىلىپ ئۇ كىشىگە: «يەنە بىر ئىنىمىزمۇ بار» دېدىڭلار، ــ دېدى. |
וַיֹּאמְר֡וּ שָׁאֹ֣ול שָֽׁאַל־הָ֠אִישׁ לָ֣נוּ וּלְמֹֽולַדְתֵּ֜נוּ לֵאמֹ֗ר הַעֹ֨וד אֲבִיכֶ֥ם חַי֙ הֲיֵ֣שׁ לָכֶ֣ם אָ֔ח וַנַ֨גֶּד־לֹ֔ו עַל־פִּ֖י הַדְּבָרִ֣ים הָאֵ֑לֶּה הֲיָדֹ֣ועַ נֵדַ֔ע כִּ֣י יֹאמַ֔ר הֹורִ֖ידוּ אֶת־אֲחִיכֶֽם׃ | 7 |
ئۇلار جاۋابەن: ــ ئۇ كىشى بىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كوچىلاپ: «ئاتاڭلار تېخى ھاياتمۇ؟ يەنە بىر ئىنىڭلار بارمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ شۇ سوئالىغا يارىشا جاۋاب بەردۇق. ئۇنىڭ بىزگە: «ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغىنىنى نەدىن بىلەيلى؟ ــ دېدى. |
וַיֹּ֨אמֶר יְהוּדָ֜ה אֶל־יִשְׂרָאֵ֣ל אָבִ֗יו שִׁלְחָ֥ה הַנַּ֛עַר אִתִּ֖י וְנָק֣וּמָה וְנֵלֵ֑כָה וְנִֽחְיֶה֙ וְלֹ֣א נָמ֔וּת גַּם־אֲנַ֥חְנוּ גַם־אַתָּ֖ה גַּם־טַפֵּֽנוּ׃ | 8 |
يەھۇدا ئاتىسى ئىسرائىلغا: ــ بالىنى مەن بىلەن ئەۋەتكىن؛ بىز دەرھال قوزغىلىپ يولغا چىقايلى؛ شۇنداقتا بىز ۋە سەن، بىزلەر ھەم بالىلىرىمىز ئۆلمەي، تىرىك قالىمىز. |
אָֽנֹכִי֙ אֽ͏ֶעֶרְבֶ֔נּוּ מִיָּדִ֖י תְּבַקְשֶׁ֑נּוּ אִם־לֹ֨א הֲבִיאֹתִ֤יו אֵלֶ֙יךָ֙ וְהִצַּגְתִּ֣יו לְפָנֶ֔יךָ וְחָטָ֥אתִֽי לְךָ֖ כָּל־הַיָּמִֽים׃ | 9 |
مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن؛ سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭدىن ھېساب ئالىسەن؛ ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا ئامان-ئېسەن ياندۇرۇپ كېلىپ، يۈزۈڭنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزمىسام، پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئالدىڭدا گۇناھكار بولاي. |
כִּ֖י לוּלֵ֣א הִתְמַהְמָ֑הְנוּ כִּֽי־עַתָּ֥ה שַׁ֖בְנוּ זֶ֥ה פַעֲמָֽיִם׃ | 10 |
چۈنكى ھايال بولمىغان بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، ــ دېدى. |
וַיֹּ֨אמֶר אֲלֵהֶ֜ם יִשְׂרָאֵ֣ל אֲבִיהֶ֗ם אִם־כֵּ֣ן ׀ אֵפֹוא֮ זֹ֣את עֲשׂוּ֒ קְח֞וּ מִזִּמְרַ֤ת הָאָ֙רֶץ֙ בִּכְלֵיכֶ֔ם וְהֹורִ֥ידוּ לָאִ֖ישׁ מִנְחָ֑ה מְעַ֤ט צֳרִי֙ וּמְעַ֣ט דְּבַ֔שׁ נְכֹ֣את וָלֹ֔ט בָּטְנִ֖ים וּשְׁקֵדִֽים׃ | 11 |
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ــ ئۇ كىشىگە قاچا-قۇچاڭلارغا زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلەردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار: يەنە ئازغىنا تۇتىيا، ئازراق ھەسەل، دورا-دەرمانلار، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداملارنى ئالغاچ بېرىڭلار. |
וְכֶ֥סֶף מִשְׁנֶ֖ה קְח֣וּ בְיֶדְכֶ֑ם וְאֶת־הַכֶּ֜סֶף הַמּוּשָׁ֨ב בְּפִ֤י אַמְתְּחֹֽתֵיכֶם֙ תָּשִׁ֣יבוּ בְיֶדְכֶ֔ם אוּלַ֥י מִשְׁגֶּ֖ה הֽוּא׃ | 12 |
قولۇڭلاردا ئىككى ھەسسە پۇل ئېلىپ، تاغارلىرىڭلارنىڭ ئاغزىدىكى ئۆزۈڭلارغا ياندۇرۇلغان پۇلنىمۇ ئالغاچ بېرىڭلار. ئېھتىمال، بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. |
וְאֶת־אֲחִיכֶ֖ם קָ֑חוּ וְק֖וּמוּ שׁ֥וּבוּ אֶל־הָאִֽישׁ׃ | 13 |
ئىنىڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ، قوزغىلىپ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا يەنە بېرىڭلار. |
וְאֵ֣ל שַׁדַּ֗י יִתֵּ֨ן לָכֶ֤ם רַחֲמִים֙ לִפְנֵ֣י הָאִ֔ישׁ וְשִׁלַּ֥ח לָכֶ֛ם אֶת־אֲחִיכֶ֥ם אַחֵ֖ר וְאֶת־בִּנְיָמִ֑ין וַאֲנִ֕י כַּאֲשֶׁ֥ר שָׁכֹ֖לְתִּי שָׁכָֽלְתִּי׃ | 14 |
ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى. |
וַיִּקְח֤וּ הָֽאֲנָשִׁים֙ אֶת־הַמִּנְחָ֣ה הַזֹּ֔את וּמִשְׁנֶה־כֶּ֛סֶף לָקְח֥וּ בְיָדָ֖ם וְאֶת־בִּנְיָמִ֑ן וַיָּקֻ֙מוּ֙ וַיֵּרְד֣וּ מִצְרַ֔יִם וַיַּֽעַמְד֖וּ לִפְנֵ֥י יֹוסֵֽף׃ | 15 |
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر شۇ سوۋغاتنى ئېلىپ، قوللىرىغا ئىككى ھەسسە پۇلنى تۇتۇپ، بىنيامىننى ئېلىپ قوزغىلىپ، مىسىرغا بېرىپ يۈسۈپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. |
וַיַּ֨רְא יֹוסֵ֣ף אִתָּם֮ אֶת־בִּנְיָמִין֒ וַיֹּ֙אמֶר֙ לַֽאֲשֶׁ֣ר עַל־בֵּיתֹ֔ו הָבֵ֥א אֶת־הָאֲנָשִׁ֖ים הַבָּ֑יְתָה וּטְבֹ֤חַ טֶ֙בַח֙ וְהָכֵ֔ן כִּ֥י אִתִּ֛י יֹאכְל֥וּ הָאֲנָשִׁ֖ים בַּֽצָּהֳרָֽיִם׃ | 16 |
يۈسۈپ بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ ئادەملەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىپ، مال سويۇپ تائام تەييار قىلغىن؛ چۈنكى بۇ كىشىلەر چۈشلۈك غىزانى مەن بىلەن يەيدۇ، ــ دېدى. |
וַיַּ֣עַשׂ הָאִ֔ישׁ כַּֽאֲשֶׁ֖ר אָמַ֣ר יֹוסֵ֑ף וַיָּבֵ֥א הָאִ֛ישׁ אֶת־הָאֲנָשִׁ֖ים בֵּ֥יתָה יֹוסֵֽף׃ | 17 |
ئۇ كىشى يۈسۈپنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئادەملەرنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. |
וַיִּֽירְא֣וּ הָֽאֲנָשִׁ֗ים כִּ֣י הֽוּבְאוּ֮ בֵּ֣ית יֹוסֵף֒ וַיֹּאמְר֗וּ עַל־דְּבַ֤ר הַכֶּ֙סֶף֙ הַשָּׁ֤ב בְּאַמְתְּחֹתֵ֙ינוּ֙ בַּתְּחִלָּ֔ה אֲנַ֖חְנוּ מֽוּבָאִ֑ים לְהִתְגֹּלֵ֤ל עָלֵ֙ינוּ֙ וּלְהִתְנַפֵּ֣ל עָלֵ֔ינוּ וְלָקַ֧חַת אֹתָ֛נוּ לַעֲבָדִ֖ים וְאֶת־חֲמֹרֵֽינוּ׃ | 18 |
ئۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىنگىنىدىن قورقۇشۇپ: ــ ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا ياندۇرۇلغان پۇلنىڭ سەۋەبىدىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىندۇق؛ ئۇنىڭ مەقسىتى بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈستىمىزدىن بېسىپ قۇل قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىش ئوخشايدۇ، ــ دېيىشتى. |
וַֽיִּגְּשׁוּ֙ אֶל־הָאִ֔ישׁ אֲשֶׁ֖ר עַל־בֵּ֣ית יֹוסֵ֑ף וַיְדַבְּר֥וּ אֵלָ֖יו פֶּ֥תַח הַבָּֽיִת׃ | 19 |
ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭغا: ــ |
וַיֹּאמְר֖וּ בִּ֣י אֲדֹנִ֑י יָרֹ֥ד יָרַ֛דְנוּ בַּתְּחִלָּ֖ה לִשְׁבָּר־אֹֽכֶל׃ | 20 |
ئەي خوجام، بىز ھەقىقەتەن ئەسلىدە مۇشۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق؛ |
וַֽיְהִ֞י כִּי־בָ֣אנוּ אֶל־הַמָּלֹ֗ון וַֽנִּפְתְּחָה֙ אֶת־אַמְתְּחֹתֵ֔ינוּ וְהִנֵּ֤ה כֶֽסֶף־אִישׁ֙ בְּפִ֣י אַמְתַּחְתֹּ֔ו כַּסְפֵּ֖נוּ בְּמִשְׁקָלֹ֑ו וַנָּ֥שֶׁב אֹתֹ֖ו בְּיָדֵֽנוּ׃ | 21 |
شۇنداق بولدىكى، بىز ئۆتەڭگە كېلىپ ئۆز تاغارلىرىمىزنى ئاچساق، مانا ھەربىرىمىزنىڭ پۇلى، ئەينى ئېغىرلىقى بويىچە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپتۇ؛ شۇڭا بىز بۇنى ياندۇرۇپ قولىمىزدا ئالغاچ كەلدۇق. |
וְכֶ֧סֶף אַחֵ֛ר הֹורַ֥דְנוּ בְיָדֵ֖נוּ לִשְׁבָּר־אֹ֑כֶל לֹ֣א יָדַ֔עְנוּ מִי־שָׂ֥ם כַּסְפֵּ֖נוּ בְּאַמְתְּחֹתֵֽינוּ׃ | 22 |
ئاشلىق ئالغىلى قولىمىزدا باشقا پۇلمۇ ئېلىپ كەلدۇق؛ ئەمما تاغارلىرىمىزغا پۇلنى كىمنىڭ سېلىپ قويغانلىقىنى بىلمىدۇق، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר֩ שָׁלֹ֨ום לָכֶ֜ם אַל־תִּירָ֗אוּ אֱלֹ֨הֵיכֶ֜ם וֽ͏ֵאלֹהֵ֤י אֲבִיכֶם֙ נָתַ֨ן לָכֶ֤ם מַטְמֹון֙ בְּאַמְתְּחֹ֣תֵיכֶ֔ם כַּסְפְּכֶ֖ם בָּ֣א אֵלָ֑י וַיֹּוצֵ֥א אֲלֵהֶ֖ם אֶת־שִׁמְעֹֽון׃ | 23 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بولۇڭلار، قورقماڭلار. سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ خۇداسى تاغارلىرىڭلاردا سىلەرگە بايلىق ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ؛ سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالدىم، ــ دېدى. ئاندىن ئۇ شىمېئوننى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ چىقتى. |
וַיָּבֵ֥א הָאִ֛ישׁ אֶת־הָאֲנָשִׁ֖ים בֵּ֣יתָה יֹוסֵ֑ף וַיִּתֶּן־מַ֙יִם֙ וַיִּרְחֲצ֣וּ רַגְלֵיהֶ֔ם וַיִּתֵּ֥ן מִסְפֹּ֖וא לַחֲמֹֽרֵיהֶֽם׃ | 24 |
ئۇ كىشى ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشىغا سۇ ئەكىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. |
וַיָּכִ֙ינוּ֙ אֶת־הַמִּנְחָ֔ה עַד־בֹּ֥וא יֹוסֵ֖ף בַּֽצָּהֳרָ֑יִם כִּ֣י שָֽׁמְע֔וּ כִּי־שָׁ֖ם יֹ֥אכְלוּ לָֽחֶם׃ | 25 |
ئۇلار يۈسۈپنىڭ چۈشتە كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ سوۋغاتنى تەييارلاپ قويدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەردە غىزا يەيدىغىنىنى ئاڭلىغانىدى. |
וַיָּבֹ֤א יֹוסֵף֙ הַבַּ֔יְתָה וַיָּבִ֥יאּוּ לֹ֛ו אֶת־הַמִּנְחָ֥ה אֲשֶׁר־בְּיָדָ֖ם הַבָּ֑יְתָה וַיִּשְׁתַּחֲווּ־לֹ֖ו אָֽרְצָה׃ | 26 |
يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئۇلار قوللىرىدىكى سوۋغاتنى ئۆيگە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى. |
וַיִּשְׁאַ֤ל לָהֶם֙ לְשָׁלֹ֔ום וַיֹּ֗אמֶר הֲשָׁלֹ֛ום אֲבִיכֶ֥ם הַזָּקֵ֖ן אֲשֶׁ֣ר אֲמַרְתֶּ֑ם הַעֹודֶ֖נּוּ חָֽי׃ | 27 |
ئۇ ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئاندىن: ــ سىلەر گېپىنى قىلغان قېرى ئاتاڭلار سالامەتمۇ؟ ئۇ ھاياتمۇ؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמְר֗וּ שָׁלֹ֛ום לְעַבְדְּךָ֥ לְאָבִ֖ינוּ עֹודֶ֣נּוּ חָ֑י וַֽיִּקְּד֖וּ וַיִּשְׁתַּחוּ (וַיִּֽשְׁתַּחֲוּֽוּ)׃ | 28 |
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ تېخى ھاياتتۇر، ــ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. |
וַיִּשָּׂ֣א עֵינָ֗יו וַיַּ֞רְא אֶת־בִּנְיָמִ֣ין אָחִיו֮ בֶּן־אִמֹּו֒ וַיֹּ֗אמֶר הֲזֶה֙ אֲחִיכֶ֣ם הַקָּטֹ֔ן אֲשֶׁ֥ר אֲמַרְתֶּ֖ם אֵלָ֑י וַיֹּאמַ֕ר אֱלֹהִ֥ים יָחְנְךָ֖ בְּנִֽי׃ | 29 |
يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: ــ سىلەر ماڭا گېپىنى قىلغان كىچىك ئىنىڭلار شۇمۇ؟ ــ دەپ سوراپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا شاپائەت كۆرسەتكەي! ــ دېدى. |
וַיְמַהֵ֣ר יֹוסֵ֗ף כִּֽי־נִכְמְר֤וּ רַחֲמָיו֙ אֶל־אָחִ֔יו וַיְבַקֵּ֖שׁ לִבְכֹּ֑ות וַיָּבֹ֥א הַחַ֖דְרָה וַיֵּ֥בְךְּ שָֽׁמָּה׃ | 30 |
يۈسۈپنىڭ ئۆز ئىنىسىغا بولغان سېغىنىش ئوتى قاتتىق كۈچىيىپ، يىغلىۋالغۇدەك خالىي جاي ئىزدەپ، ئالدىراپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ تازا بىر يىغلىۋالدى. |
וַיִּרְחַ֥ץ פָּנָ֖יו וַיֵּצֵ֑א וַיִּ֨תְאַפַּ֔ק וַיֹּ֖אמֶר שִׂ֥ימוּ לָֽחֶם׃ | 31 |
ئاندىن يۈزىنى يۇيۇپ چىقىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ: ــ تائاملارنى قويۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى. |
וַיָּשִׂ֥ימוּ לֹ֛ו לְבַדֹּ֖ו וְלָהֶ֣ם לְבַדָּ֑ם וְלַמִּצְרִ֞ים הָאֹכְלִ֤ים אִתֹּו֙ לְבַדָּ֔ם כִּי֩ לֹ֨א יוּכְל֜וּן הַמִּצְרִ֗ים לֶאֱכֹ֤ל אֶת־הָֽעִבְרִים֙ לֶ֔חֶם כִּי־תֹועֵבָ֥ה הִ֖וא לְמִצְרָֽיִם׃ | 32 |
خىزمەتكارلار يۈسۈپكە ئايرىم، ئۇلارغا ئايرىم ۋە يۈسۈپ بىلەن بىللە تاماققا كەلگەن مىسىرلىقلارغىمۇ ئايرىم تاماق قويدى؛ چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشنى يىرگىنچلىك دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېمەيتتى. |
וַיֵּשְׁב֣וּ לְפָנָ֔יו הַבְּכֹר֙ כִּבְכֹ֣רָתֹ֔ו וְהַצָּעִ֖יר כִּצְעִרָתֹ֑ו וַיִּתְמְה֥וּ הָאֲנָשִׁ֖ים אִ֥ישׁ אֶל־רֵעֵֽהוּ׃ | 33 |
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا، ھەربىرى چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزۇلدى؛ چوڭى چوڭلۇقىغا يارىشا، كىچىكى كىچىكلىكىگە يارىشا ئولتۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ ھەيران قېلىشتى. |
וַיִּשָּׂ֨א מַשְׂאֹ֜ת מֵאֵ֣ת פָּנָיו֮ אֲלֵהֶם֒ וַתֵּ֜רֶב מַשְׂאַ֧ת בִּנְיָמִ֛ן מִמַּשְׂאֹ֥ת כֻּלָּ֖ם חָמֵ֣שׁ יָדֹ֑ות וַיִּשְׁתּ֥וּ וַֽיִּשְׁכְּר֖וּ עִמֹּֽו׃ | 34 |
يۈسۈپ ئالدىدىكى داستىخاندىكى تاماقلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەردى. ئەمما بىنيامىنغا بەرگىنى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا بەش ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن خۇش كەيپ قىلىشتى. |