אֵ֣לֶּה הַדְּבָרִ֗ים אֲשֶׁ֨ר דִּבֶּ֤ר מֹשֶׁה֙ אֶל־כָּל־יִשְׂרָאֵ֔ל בְּעֵ֖בֶר הַיַּרְדֵּ֑ן בַּמִּדְבָּ֡ר בָּֽעֲרָבָה֩ מֹ֨ול ס֜וּף בֵּֽין־פָּארָ֧ן וּבֵֽין־תֹּ֛פֶל וְלָבָ֥ן וַחֲצֵרֹ֖ת וְדִ֥י זָהָֽב׃ | 1 |
تۆۋەندە خاتىرىلەنگىنى مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پاران بىلەن توفەل، لابان، ھازىروت، دى-زاھابنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنى سۇفنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆل-تۈزلەڭلىكتە، پۈتكۈل ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ــ |
אַחַ֨ד עָשָׂ֥ר יֹום֙ מֵֽחֹרֵ֔ב דֶּ֖רֶךְ הַר־שֵׂעִ֑יר עַ֖ד קָדֵ֥שׁ בַּרְנֵֽעַ׃ | 2 |
ھورەب تېغىدىن چىقىپ، سېئىر تېغىنىڭ يولى بىلەن قادەش-بارنېئاغا بارغۇچە جەمئىي ئون بىر كۈنلۈك يول ئىدى. |
וַיְהִי֙ בְּאַרְבָּעִ֣ים שָׁנָ֔ה בְּעַשְׁתֵּֽי־עָשָׂ֥ר חֹ֖דֶשׁ בְּאֶחָ֣ד לַחֹ֑דֶשׁ דִּבֶּ֤ר מֹשֶׁה֙ אֶל־בְּנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֔ל כְּ֠כֹל אֲשֶׁ֨ר צִוָּ֧ה יְהוָ֛ה אֹתֹ֖ו אֲלֵהֶֽם׃ | 3 |
ھالبۇكى، مۇسا بۇ بارلىق سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى دەپ ئۆزىگە تاپىلىغىنى بويىچە ئىسرائىللارغا ئېيتقان ۋاقتى قىرىقىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بولدى؛ |
אַחֲרֵ֣י הַכֹּתֹ֗ו אֵ֚ת סִיחֹן֙ מֶ֣לֶךְ הָֽאֱמֹרִ֔י אֲשֶׁ֥ר יֹושֵׁ֖ב בְּחֶשְׁבֹּ֑ון וְאֵ֗ת עֹ֚וג מֶ֣לֶךְ הַבָּשָׁ֔ן אֲשֶׁר־יֹושֵׁ֥ב בְּעַשְׁתָּרֹ֖ת בְּאֶדְרֶֽעִי׃ | 4 |
بۇ ۋاقىت مۇسا ھەشبوننى پايتەخت قىلغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ۋە ئاشتاروت ۋە ئەدرەينى پايتەخت قىلغان باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىل ئىدى. |
בְּעֵ֥בֶר הַיַּרְדֵּ֖ן בְּאֶ֣רֶץ מֹואָ֑ב הֹואִ֣יל מֹשֶׁ֔ה בֵּאֵ֛ר אֶת־הַתֹּורָ֥ה הַזֹּ֖את לֵאמֹֽר׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى موئاب زېمىنىدا مۇسا [پەيغەمبەر] بۇ قانۇن-تەلىمنى شەرھلەشكە باشلاپ، مۇنداق دېدى: ــ |
יְהוָ֧ה אֱלֹהֵ֛ינוּ דִּבֶּ֥ר אֵלֵ֖ינוּ בְּחֹרֵ֣ב לֵאמֹ֑ר רַב־לָכֶ֥ם שֶׁ֖בֶת בָּהָ֥ר הַזֶּֽה׃ | 6 |
«پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھورەب تېغىدا بىزگە سۆز قىلىپ: ــ «سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغ ئەتراپىدا تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ |
פְּנ֣וּ ׀ וּסְע֣וּ לָכֶ֗ם וּבֹ֨אוּ הַ֥ר הָֽאֱמֹרִי֮ וְאֶל־כָּל־שְׁכֵנָיו֒ בָּעֲרָבָ֥ה בָהָ֛ר וּבַשְּׁפֵלָ֥ה וּבַנֶּ֖גֶב וּבְחֹ֣וף הַיָּ֑ם אֶ֤רֶץ הַֽכְּנַעֲנִי֙ וְהַלְּבָנֹ֔ון עַד־הַנָּהָ֥ר הַגָּדֹ֖ל נְהַר־פְּרָֽת׃ | 7 |
ئەمدى بۇرۇلۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئامورىيلار تۇرۇۋاتقان ئېگىزلىككە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان بارلىق جايلارغا، جۈملىدىن ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە، تاغلىقلارغا، ئويمانلىققا، جەنۇبقا، دېڭىز بويلىرىغا، ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ھەم لىۋان زېمىنىغا بېرىڭلار. |
רְאֵ֛ה נָתַ֥תִּי לִפְנֵיכֶ֖ם אֶת־הָאָ֑רֶץ בֹּ֚אוּ וּרְשׁ֣וּ אֶת־הָאָ֔רֶץ אֲשֶׁ֣ר נִשְׁבַּ֣ע יְ֠הוָה לַאֲבֹ֨תֵיכֶ֜ם לְאַבְרָהָ֨ם לְיִצְחָ֤ק וּֽלְיַעֲקֹב֙ לָתֵ֣ת לָהֶ֔ם וּלְזַרְעָ֖ם אַחֲרֵיהֶֽם׃ | 8 |
مانا، مەن شۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويدۇم؛ كىرىڭلار، پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا: «سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەنىدى. |
וָאֹמַ֣ר אֲלֵכֶ֔ם בָּעֵ֥ת הַהִ֖וא לֵאמֹ֑ר לֹא־אוּכַ֥ל לְבַדִּ֖י שְׂאֵ֥ת אֶתְכֶֽם׃ | 9 |
شۇڭا مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ «مەن يۈكۈڭلارنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن. |
יְהוָ֥ה אֱלֹהֵיכֶ֖ם הִרְבָּ֣ה אֶתְכֶ֑ם וְהִנְּכֶ֣ם הַיֹּ֔ום כְּכֹוכְבֵ֥י הַשָּׁמַ֖יִם לָרֹֽב׃ | 10 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى كۆپەيتتى؛ مانا، بۈگۈن سىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇنسىلەر. |
יְהוָ֞ה אֱלֹהֵ֣י אֲבֹֽותֵכֶ֗ם יֹסֵ֧ף עֲלֵיכֶ֛ם כָּכֶ֖ם אֶ֣לֶף פְּעָמִ֑ים וִיבָרֵ֣ךְ אֶתְכֶ֔ם כַּאֲשֶׁ֖ר דִּבֶּ֥ר לָכֶֽם׃ | 11 |
ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرنى ھازىرقىدىن يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، شۇنداقلا ۋەدە قىلغىنىدەك سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! |
אֵיכָ֥ה אֶשָּׂ֖א לְבַדִּ֑י טָרְחֲכֶ֥ם וּמַֽשַּׂאֲכֶ֖ם וְרִֽיבְכֶֽם׃ | 12 |
لېكىن مەن ئۆزۈم يالغۇز قانداقمۇ سىلەرنىڭ جاپالىرىڭلارنى، يۈكۈڭلارنى ۋە تالاش-تارتىشىڭلارنى كۆتۈرەلەيمەن؟ |
הָב֣וּ לָ֠כֶם אֲנָשִׁ֨ים חֲכָמִ֧ים וּנְבֹנִ֛ים וִידֻעִ֖ים לְשִׁבְטֵיכֶ֑ם וַאֲשִׂימֵ֖ם בְּרָאשֵׁיכֶֽם׃ | 13 |
ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلاردىن دانىشمەن، يورۇتۇلغان مۆتىۋەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىمەن» ــ دېدىم. |
וַֽתַּעֲנ֖וּ אֹתִ֑י וַתֹּ֣אמְר֔וּ טֹֽוב־הַדָּבָ֥ר אֲשֶׁר־דִּבַּ֖רְתָּ לַעֲשֹֽׂות׃ | 14 |
سىلەر بولساڭلار ماڭا: ــ «سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ياخشى گەپ بولدى»، دېدىڭلار. |
וָאֶקַּ֞ח אֶת־רָאשֵׁ֣י שִׁבְטֵיכֶ֗ם אֲנָשִׁ֤ים חֲכָמִים֙ וִֽידֻעִ֔ים וָאֶתֵּ֥ן אֹתָ֛ם רָאשִׁ֖ים עֲלֵיכֶ֑ם שָׂרֵ֨י אֲלָפִ֜ים וְשָׂרֵ֣י מֵאֹ֗ות וְשָׂרֵ֤י חֲמִשִּׁים֙ וְשָׂרֵ֣י עֲשָׂרֹ֔ת וְשֹׁטְרִ֖ים לְשִׁבְטֵיכֶֽם׃ | 15 |
شۇنىڭ بىلەن مەن قەبىلىلىرىڭلاردىن مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى، يەنى دانىشمەن ھەم مۆتىۋەر ئادەملەرنى تاللاپ، ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلەپ، قەبىلىلىرىڭلار ئۈچۈن ھەرخىل ئەمەللەرنى تۇتۇشقا تىكلىدىم. |
וָאֲצַוֶּה֙ אֶת־שֹׁ֣פְטֵיכֶ֔ם בָּעֵ֥ת הַהִ֖וא לֵאמֹ֑ר שָׁמֹ֤עַ בֵּין־אֲחֵיכֶם֙ וּשְׁפַטְתֶּ֣ם צֶ֔דֶק בֵּֽין־אִ֥ישׁ וּבֵין־אָחִ֖יו וּבֵ֥ין גֵּרֹֽו׃ | 16 |
شۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى سوراقچىلارغا: «قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىكى ئەرز-دەۋالارنى سوراڭلار، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە پۇقرايىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار؛ |
לֹֽא־תַכִּ֨ירוּ פָנִ֜ים בַּמִּשְׁפָּ֗ט כַּקָּטֹ֤ן כַּגָּדֹל֙ תִּשְׁמָע֔וּן לֹ֤א תָג֙וּרוּ֙ מִפְּנֵי־אִ֔ישׁ כִּ֥י הַמִּשְׁפָּ֖ט לֵאלֹהִ֣ים ה֑וּא וְהַדָּבָר֙ אֲשֶׁ֣ר יִקְשֶׁ֣ה מִכֶּ֔ם תַּקְרִב֥וּן אֵלַ֖י וּשְׁמַעְתִּֽיו׃ | 17 |
ھۆكۈم چىقارغاندا ھېچقانداق كىشىنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلماڭلار؛ مەيلى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن سىلەر ھەممىسىنىڭلا ئىشلىرىنى سوراڭلار. سىلەر ئىنسانلارنىڭ سۆلىتىدىن قورقماسلىقىڭلار كېرەك، چۈنكى مۇشۇ ھۆكۈم چىقىرىش ئىشى خۇداغا تەۋە ئىشتۇر. سىلەرگە تەس چۈشىدىغان ئىش بولسا، مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن» ــ دېدىم. |
וָאֲצַוֶּ֥ה אֶתְכֶ֖ם בָּעֵ֣ת הַהִ֑וא אֵ֥ת כָּל־הַדְּבָרִ֖ים אֲשֶׁ֥ר תַּעֲשֽׂוּן׃ | 18 |
ئەينى چاغدا مەن قىلىشقا كېرەك بولغان بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تاپىلىغانمەن. |
וַנִּסַּ֣ע מֵחֹרֵ֗ב וַנֵּ֡לֶךְ אֵ֣ת כָּל־הַמִּדְבָּ֣ר הַגָּדֹול֩ וְהַנֹּורָ֨א הַה֜וּא אֲשֶׁ֣ר רְאִיתֶ֗ם דֶּ֚רֶךְ הַ֣ר הֽ͏ָאֱמֹרִ֔י כַּאֲשֶׁ֥ר צִוָּ֛ה יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ אֹתָ֑נוּ וַנָּבֹ֕א עַ֖ד קָדֵ֥שׁ בַּרְנֵֽעַ׃ | 19 |
بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغاندەك ھورەبتىن چىقىپ، ئامورىيلارنىڭ تاغلىقىغا باردۇق ۋە سىلەر شۇ يولدىكى بىپايان، دەھشەتلىك چۆلنى كۆردۇڭلار؛ بىز ئۇنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ، قادەش-بارنېئاغا كەلدۇق. |
וָאֹמַ֖ר אֲלֵכֶ֑ם בָּאתֶם֙ עַד־הַ֣ר הָאֱמֹרִ֔י אֲשֶׁר־יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ נֹתֵ֥ן לָֽנוּ׃ | 20 |
ۋە مەن سىلەرگە: ــ «سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە ئاتا قىلىدىغان، ئامورىيلارنىڭ تېغىغا يېتىپ كەلدۇق. |
רְ֠אֵה נָתַ֨ן יְהוָ֧ה אֱלֹהֶ֛יךָ לְפָנֶ֖יךָ אֶת־הָאָ֑רֶץ עֲלֵ֣ה רֵ֗שׁ כַּאֲשֶׁר֩ דִּבֶּ֨ר יְהוָ֜ה אֱלֹהֵ֤י אֲבֹתֶ֙יךָ֙ לָ֔ךְ אַל־תִּירָ֖א וְאַל־תֵּחָֽת׃ | 21 |
مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ زېمىننى ئالدىڭلارغا قويدى؛ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقاندەك، شۇ يەرگە چىقىپ ئۇنى ئىگىلەڭلار؛ قورقماڭلار، ھېچ ھودۇقماڭلار» ــ دېدىم. |
וַתִּקְרְב֣וּן אֵלַי֮ כֻּלְּכֶם֒ וַתֹּאמְר֗וּ נִשְׁלְחָ֤ה אֲנָשִׁים֙ לְפָנֵ֔ינוּ וְיַחְפְּרוּ־לָ֖נוּ אֶת־הָאָ֑רֶץ וְיָשִׁ֤בוּ אֹתָ֙נוּ֙ דָּבָ֔ר אֶת־הַדֶּ֙רֶךְ֙ אֲשֶׁ֣ר נַעֲלֶה־בָּ֔הּ וְאֵת֙ הֶֽעָרִ֔ים אֲשֶׁ֥ר נָבֹ֖א אֲלֵיהֶֽן׃ | 22 |
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا: ــ «بىز زېمىنغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئالدىن ئادەملەرنى ئەۋەتەيلى؛ ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۇ يەرنى كۆزىتىپ، چىقىشىمىز كېرەك بولغان يول ۋە بىز ئۇچرايدىغان شەھەرلەر توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزسۇن» ــ دېدىڭلار. |
וַיִּיטַ֥ב בְּעֵינַ֖י הַדָּבָ֑ר וָאֶקַּ֤ח מִכֶּם֙ שְׁנֵ֣ים עָשָׂ֣ר אֲנָשִׁ֔ים אִ֥ישׁ אֶחָ֖ד לַשָּֽׁבֶט׃ | 23 |
بۇ ئىش نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنۈپ، مەن ئاراڭلاردىن ئون ئىككى ئادەمنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى تاللىدىم. |
וַיִּפְנוּ֙ וַיַּעֲל֣וּ הָהָ֔רָה וַיָּבֹ֖אוּ עַד־נַ֣חַל אֶשְׁכֹּ֑ל וַֽיְרַגְּל֖וּ אֹתָֽהּ׃ | 24 |
ئۇلار يولغا ئاتلىنىپ تاغقا بېرىپ، ئەشكول جىلغىسىغا چۈشۈپ ئۇ يەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتى. |
וַיִּקְח֤וּ בְיָדָם֙ מִפְּרִ֣י הָאָ֔רֶץ וַיֹּורִ֖דוּ אֵלֵ֑ינוּ וַיָּשִׁ֨בוּ אֹתָ֤נוּ דָבָר֙ וַיֹּ֣אמְר֔וּ טֹובָ֣ה הָאָ֔רֶץ אֲשֶׁר־יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ נֹתֵ֥ן לָֽנוּ׃ | 25 |
ئۇلار قوللىرىغا شۇ زېمىندىكى مېۋىلەردىن ئېلىپ بىزگە كەلتۈردى ۋە مەلۇمات بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىن ياخشىدۇر» ــ دېدى. |
וְלֹ֥א אֲבִיתֶ֖ם לַעֲלֹ֑ת וַתַּמְר֕וּ אֶת־פִּ֥י יְהוָ֖ה אֱלֹהֵיכֶֽם׃ | 26 |
ھالبۇكى، سىلەر زېمىنغا چىقىشقا ئۇنىمىدىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار |
וַתֵּרָגְנ֤וּ בְאָהֳלֵיכֶם֙ וַתֹּ֣אמְר֔וּ בְּשִׂנְאַ֤ת יְהוָה֙ אֹתָ֔נוּ הֹוצִיאָ֖נוּ מֵאֶ֣רֶץ מִצְרָ֑יִם לָתֵ֥ת אֹתָ֛נוּ בְּיַ֥ד הָאֱמֹרִ֖י לְהַשְׁמִידֵֽנוּ׃ | 27 |
ۋە ئۆز چېدىرىڭلاردا قاقشاپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغانلىقىدىن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان. |
אָנָ֣ה ׀ אֲנַ֣חְנוּ עֹלִ֗ים אַחֵינוּ֩ הֵמַ֨סּוּ אֶת־לְבָבֵ֜נוּ לֵאמֹ֗ר עַ֣ם גָּדֹ֤ול וָרָם֙ מִמֶּ֔נּוּ עָרִ֛ים גְּדֹלֹ֥ת וּבְצוּרֹ֖ת בַּשָּׁמָ֑יִם וְגַם־בְּנֵ֥י עֲנָקִ֖ים רָאִ֥ינוּ שָֽׁם׃ | 28 |
ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز: «شۇ يەردىكى ئادەملەر بىزدىن چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز شۇ يەردە ئاناكىيلارنى بايقىدۇق»، دەپ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى» ــ دېدىڭلار. |
וָאֹמַ֖ר אֲלֵכֶ֑ם לֹא־תֽ͏ַעַרְצ֥וּן וְֽלֹא־תִֽירְא֖וּן מֵהֶֽם׃ | 29 |
شۇڭا مەن سىلەرگە: «قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ |
יְהוָ֤ה אֱלֹֽהֵיכֶם֙ הַהֹלֵ֣ךְ לִפְנֵיכֶ֔ם ה֖וּא יִלָּחֵ֣ם לָכֶ֑ם כְּ֠כֹל אֲשֶׁ֨ר עָשָׂ֧ה אִתְּכֶ֛ם בְּמִצְרַ֖יִם לְעֵינֵיכֶֽם׃ | 30 |
سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ماڭىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىسىر زېمىنىدا كۆز ئالدىڭلاردا بارلىق قىلغانلىرىدەك سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ؛ |
וּבַמִּדְבָּר֙ אֲשֶׁ֣ר רָאִ֔יתָ אֲשֶׁ֤ר נְשָׂאֲךָ֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֔יךָ כַּאֲשֶׁ֥ר יִשָּׂא־אִ֖ישׁ אֶת־בְּנֹ֑ו בְּכָל־הַדֶּ֙רֶךְ֙ אֲשֶׁ֣ר הֲלַכְתֶּ֔ם עַד־בֹּאֲכֶ֖ם עַד־הַמָּקֹ֥ום הַזֶּֽה׃ | 31 |
سىلەر يەنە چۆل-باياۋاندىمۇ بارلىق ماڭغان يوللىرىڭلاردا مۇشۇ يەرگە يېتىپ كەلگۈچە ئىنسان ئۆز ئوغلىنى قۇچىقىدا كۆتۈرگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭمۇ سىلەرنى كۆتۈرگىنىنى كۆردۇڭلار. |
וּבַדָּבָ֖ר הַזֶּ֑ה אֵֽינְכֶם֙ מַאֲמִינִ֔ם בַּיהוָ֖ה אֱלֹהֵיכֶֽם׃ | 32 |
شۇنىڭدەك گەرچە ئۇ يەنە كېچىدە ئوتتا، كۈندۈزدە بۇلۇت ئىچىدە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، بارگاھ تىككۈدەك يەرلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئىشەنمىدىڭلار. |
הַהֹלֵ֨ךְ לִפְנֵיכֶ֜ם בַּדֶּ֗רֶךְ לָת֥וּר לָכֶ֛ם מָקֹ֖ום לֽ͏ַחֲנֹֽתְכֶ֑ם בָּאֵ֣שׁ ׀ לַ֗יְלָה לַרְאֹֽתְכֶם֙ בַּדֶּ֙רֶךְ֙ אֲשֶׁ֣ר תֵּֽלְכוּ־בָ֔הּ וּבֶעָנָ֖ן יֹומָֽם׃ | 33 |
וַיִּשְׁמַ֥ע יְהוָ֖ה אֶת־קֹ֣ול דִּבְרֵיכֶ֑ם וַיִּקְצֹ֖ף וַיִּשָּׁבַ֥ע לֵאמֹֽר׃ | 34 |
پەرۋەردىگار بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ: |
אִם־יִרְאֶ֥ה אִישׁ֙ בָּאֲנָשִׁ֣ים הָאֵ֔לֶּה הַדֹּ֥ור הָרָ֖ע הַזֶּ֑ה אֵ֚ת הָאָ֣רֶץ הַטֹּובָ֔ה אֲשֶׁ֣ר נִשְׁבַּ֔עְתִּי לָתֵ֖ת לַאֲבֹתֵיכֶֽם׃ | 35 |
«بۇ رەزىل دەۋردىكىلەردىن ھېچبىر ئادەم ھەرقانداق يول بىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىشنى قەسەم قىلغان بۇ ياخشى زېمىننى كۆرگۈچى بولمايدۇ! |
זֽוּלָתִ֞י כָּלֵ֤ב בֶּן־יְפֻנֶּה֙ ה֣וּא יִרְאֶ֔נָּה וְלֹֽו־אֶתֵּ֧ן אֶת־הָאָ֛רֶץ אֲשֶׁ֥ר דָּֽרַךְ־בָּ֖הּ וּלְבָנָ֑יו יַ֕עַן אֲשֶׁ֥ר מִלֵּ֖א אַחֲרֵ֥י יְהוָֽה׃ | 36 |
پەقەت يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب پۈتۈن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەچكە، شۇلا زېمىننى كۆرىدۇ ۋە ئۇ ئۆز پۇتى بىلەن كېزىپ چىققان بارلىق يەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا بېرىمەن» ــ دەپ قەسەم قىلدى. |
גַּם־בִּי֙ הִתְאַנַּ֣ף יְהוָ֔ה בִּגְלַלְכֶ֖ם לֵאמֹ֑ר גַּם־אַתָּ֖ה לֹא־תָבֹ֥א שָֽׁם׃ | 37 |
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەندىنمۇ ئاچچىقلاندى ۋە: «سەنمۇ شۇ يەرگە كىرگۈچى بولمايسەن. |
יְהֹושֻׁ֤עַ בִּן־נוּן֙ הָעֹמֵ֣ד לְפָנֶ֔יךָ ה֖וּא יָ֣בֹא שָׁ֑מָּה אֹתֹ֣ו חַזֵּ֔ק כִּי־ה֖וּא יַנְחִלֶ֥נָּה אֶת־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 38 |
لېكىن ئالدىڭدا خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كىرەلەيدۇ. ئۇنى كۈچلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭغا مىراس قىلدۇرىدۇ. |
וְטַפְּכֶם֩ אֲשֶׁ֨ר אֲמַרְתֶּ֜ם לָבַ֣ז יִהְיֶ֗ה וּ֠בְנֵיכֶם אֲשֶׁ֨ר לֹא־יָדְע֤וּ הַיֹּום֙ טֹ֣וב וָרָ֔ע הֵ֖מָּה יָבֹ֣אוּ שָׁ֑מָּה וְלָהֶ֣ם אֶתְּנֶ֔נָּה וְהֵ֖ם יִירָשֽׁוּהָ׃ | 39 |
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ: «ئۇلار [دۈشمەنلەرنىڭ] ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان بالىلىرىڭلار بولسا، كىرىدۇ؛ مەن ئۇ يەرنى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن ۋە ئۇلار ئۇنى ئىگىلەيدۇ. |
וְאַתֶּ֖ם פְּנ֣וּ לָכֶ֑ם וּסְע֥וּ הַמִּדְבָּ֖רָה דֶּ֥רֶךְ יַם־סֽוּף׃ | 40 |
لېكىن سىلەر بولساڭلار، بۇرۇلۇپ قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن چۆل-باياۋانغا قايتتىڭلار» ــ دېدى. |
וַֽתַּעֲנ֣וּ ׀ וַתֹּאמְר֣וּ אֵלַ֗י חָטָאנוּ֮ לַֽיהוָה֒ אֲנַ֤חְנוּ נַעֲלֶה֙ וְנִלְחַ֔מְנוּ כְּכֹ֥ל אֲשֶׁר־צִוָּ֖נוּ יְהוָ֣ה אֱלֹהֵ֑ינוּ וַֽתַּחְגְּר֗וּ אִ֚ישׁ אֶת־כְּלֵ֣י מִלְחַמְתֹּ֔ו וַתָּהִ֖ינוּ לַעֲלֹ֥ת הָהָֽרָה׃ | 41 |
شۇ چاغدا سىلەر ماڭا جاۋاب بېرىپ: «بىز دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە جەڭ قىلغىلى چىقىمىز» ــ دېدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قورال-ياراقلىرىڭلارنى ئېسىپ، تاغقا چىقماقچى بولدۇڭلار. |
וַיֹּ֨אמֶר יְהוָ֜ה אֵלַ֗י אֱמֹ֤ר לָהֶם֙ לֹ֤א תֽ͏ַעֲלוּ֙ וְלֹא־תִלָּ֣חֲמ֔וּ כִּ֥י אֵינֶ֖נִּי בְּקִרְבְּכֶ֑ם וְלֹא֙ תִּנָּֽגְפ֔וּ לִפְנֵ֖י אֹיְבֵיכֶֽם׃ | 42 |
لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ئۇلارغا: ــ «چىقماڭلار، جەڭ قىلماڭلار، چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەمەسمەن؛ سىلەر چوقۇم دۈشمەنلىرىڭلار ئالدىدا مەغلۇپ بولىسىلەر»، دېگىن، دېدى. |
וָאֲדַבֵּ֥ר אֲלֵיכֶ֖ם וְלֹ֣א שְׁמַעְתֶּ֑ם וַתַּמְרוּ֙ אֶת־פִּ֣י יְהוָ֔ה וַתָּזִ֖דוּ וַתַּעֲל֥וּ הָהָֽרָה׃ | 43 |
مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ تاغقا چىقتىڭلار. |
וַיֵּצֵ֨א הָאֱמֹרִ֜י הַיֹּשֵׁ֨ב בָּהָ֤ר הַהוּא֙ לִקְרַאתְכֶ֔ם וַיִּרְדְּפ֣וּ אֶתְכֶ֔ם כַּאֲשֶׁ֥ר תַּעֲשֶׂ֖ינָה הַדְּבֹרִ֑ים וֽ͏ַיַּכְּת֥וּ אֶתְכֶ֛ם בְּשֵׂעִ֖יר עַד־חָרְמָֽה׃ | 44 |
لېكىن تاغدا تۇرغان ئامورىيلار سىلەرگە قارشى ئاتلىنىپ، بىر توپ ھەرىلەردەك سىلەرنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، سېئىردا سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. |
וַתָּשֻׁ֥בוּ וַתִּבְכּ֖וּ לִפְנֵ֣י יְהוָ֑ה וְלֹֽא־שָׁמַ֤ע יְהוָה֙ בְּקֹ֣לְכֶ֔ם וְלֹ֥א הֶאֱזִ֖ין אֲלֵיכֶֽם׃ | 45 |
سىلەر قايتىپ كېلىپ پەرۋەردىگار ئالدىدا يىغا-زار كۆتۈردۈڭلار، ئەمما پەرۋەردىگار پەريادىڭلارنى ئاڭلىمىدى، يا ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. |
וַתֵּשְׁב֥וּ בְקָדֵ֖שׁ יָמִ֣ים רַבִּ֑ים כַּיָּמִ֖ים אֲשֶׁ֥ר יְשַׁבְתֶּֽם׃ | 46 |
شۇنىڭ بىلەن سىلەر قادەشتە نۇرغۇن كۈنلەر تۇرۇپ قالدىڭلار ــ سىلەر قانچە كۈنلەر شۇ يەردە تۇردۇڭلار! |