לֹֽא־יִ֠הְיֶה לַכֹּהֲנִ֨ים הַלְוִיִּ֜ם כָּל־שֵׁ֧בֶט לֵוִ֛י חֵ֥לֶק וְנַחֲלָ֖ה עִם־יִשְׂרָאֵ֑ל אִשֵּׁ֧י יְהוָ֛ה וְנַחֲלָתֹ֖ו יֹאכֵלֽוּן׃ | 1 |
لاۋىي كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق لاۋىيلار قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلدا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] مىراسىدىن يېيىشكە بولىدۇ، |
וְנַחֲלָ֥ה לֹא־יִֽהְיֶה־לֹּ֖ו בְּקֶ֣רֶב אֶחָ֑יו יְהוָה֙ ה֣וּא נַחֲלָתֹ֔ו כַּאֲשֶׁ֖ר דִּבֶּר־לֹֽו׃ ס | 2 |
بىراق ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. |
וְזֶ֡ה יִהְיֶה֩ מִשְׁפַּ֨ט הַכֹּהֲנִ֜ים מֵאֵ֣ת הָעָ֗ם מֵאֵ֛ת זֹבְחֵ֥י הַזֶּ֖בַח אִם־שֹׁ֣ור אִם־שֶׂ֑ה וְנָתַן֙ לַכֹּהֵ֔ן הַזְּרֹ֥עַ וְהַלְּחָיַ֖יִם וְהַקֵּבָֽה׃ | 3 |
كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ. |
רֵאשִׁ֨ית דְּגֽ͏ָנְךָ֜ תִּֽירֹשְׁךָ֣ וְיִצְהָרֶ֗ךָ וְרֵאשִׁ֛ית גֵּ֥ז צֹאנְךָ֖ תִּתֶּן־לֹּֽו׃ | 4 |
سىلەرنىڭ ئاشلىقىڭلاردىن، يېڭى شارابىڭلاردىن ۋە زەيتۇن مېيىڭلاردىن دەسلەپكى پىشقان ھوسۇلنى ۋە قويلىرىڭلاردىن دەسلەپكى قىرقىلغان يۇڭنى ئۇنىڭغا بېرىسىلەر؛ |
כִּ֣י בֹ֗ו בָּחַ֛ר יְהוָ֥ה אֱלֹהֶ֖יךָ מִכָּל־שְׁבָטֶ֑יךָ לַעֲמֹ֨ד לְשָׁרֵ֧ת בְּשֵׁם־יְהוָ֛ה ה֥וּא וּבָנָ֖יו כָּל־הַיָּמִֽים׃ ס | 5 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز نامىدا خىزمىتىدە دائىم تۇرۇشقا بارلىق قەبىلىلىرىڭلار ئىچىدىن تاللىۋالغان. |
וְכִֽי־יָבֹ֨א הַלֵּוִ֜י מֵאַחַ֤ד שְׁעָרֶ֙יךָ֙ מִכָּל־יִשְׂרָאֵ֔ל אֲשֶׁר־ה֖וּא גָּ֣ר שָׁ֑ם וּבָא֙ בְּכָל־אַוַּ֣ת נַפְשֹׁ֔ו אֶל־הַמָּקֹ֖ום אֲשֶׁר־יִבְחַ֥ר יְהוָֽה׃ | 6 |
ئەگەر لاۋىي بولغان بىر ئادەم پۈتكۈل ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق شەھەر-يېزىدىن، يەنى ئۆزى ماكانلاشقان جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلسە |
וְשֵׁרֵ֕ת בְּשֵׁ֖ם יְהוָ֣ה אֱלֹהָ֑יו כְּכָל־אֶחָיו֙ הַלְוִיִּ֔ם הָעֹמְדִ֥ים שָׁ֖ם לִפְנֵ֥י יְהוָֽה׃ | 7 |
ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئالدىدا تۇرغۇچى بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىدا خىزمەتتە تۇرغان بولسا، |
חֵ֥לֶק כְּחֵ֖לֶק יֹאכֵ֑לוּ לְבַ֥ד מִמְכָּרָ֖יו עַל־הָאָבֹֽות׃ ס | 8 |
ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك. |
כִּ֤י אַתָּה֙ בָּ֣א אֶל־הָאָ֔רֶץ אֲשֶׁר־יְהוָ֥ה אֱלֹהֶ֖יךָ נֹתֵ֣ן לָ֑ךְ לֹֽא־תִלְמַ֣ד לַעֲשֹׂ֔ות כְּתֹועֲבֹ֖ת הַגֹּויִ֥ם הָהֵֽם׃ | 9 |
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن شۇ يەردىكى ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىكىڭ كېرەك. |
לֹֽא־יִמָּצֵ֣א בְךָ֔ מַעֲבִ֥יר בְּנֹֽו־וּבִתֹּ֖ו בָּאֵ֑שׁ קֹסֵ֣ם קְסָמִ֔ים מְעֹונֵ֥ן וּמְנַחֵ֖שׁ וּמְכַשֵּֽׁף׃ | 10 |
ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك |
וְחֹבֵ֖ר חָ֑בֶר וְשֹׁאֵ֥ל אֹוב֙ וְיִדְּעֹנִ֔י וְדֹרֵ֖שׁ אֶל־הַמֵּתִֽים׃ | 11 |
ياكى دەمىدىچىلىك قىلغۇچى ياكى جىنكەش، سېھىرگەر ياكى ئۆلگەنلەردىن يول سورىغۇچى ھېچقانداق كىشى بولمىسۇن؛ |
כִּֽי־תֹועֲבַ֥ת יְהוָ֖ה כָּל־עֹ֣שֵׂה אֵ֑לֶּה וּבִגְלַל֙ הַתֹּועֵבֹ֣ת הָאֵ֔לֶּה יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֔יךָ מֹורִ֥ישׁ אֹותָ֖ם מִפָּנֶֽיךָ׃ | 12 |
چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى پەرۋەردىگارغا نەپرەتلىك بولىدۇ؛ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. |
תָּמִ֣ים תִּֽהְיֶ֔ה עִ֖ם יְהוָ֥ה אֱלֹהֶֽיךָ׃ ס | 13 |
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛ |
כִּ֣י ׀ הַגֹּויִ֣ם הָאֵ֗לֶּה אֲשֶׁ֤ר אַתָּה֙ יֹורֵ֣שׁ אֹותָ֔ם אֶל־מְעֹנְנִ֥ים וְאֶל־קֹסְמִ֖ים יִשְׁמָ֑עוּ וְאַתָּ֕ה לֹ֣א כֵ֔ן נָ֥תַן לְךָ֖ יְהוָ֥ה אֱלֹהֶֽיךָ׃ | 14 |
چۈنكى سەن زېمىندىن ھەيدەيدىغان بۇ ئەللەر رەمچىلەر ۋە پالچىلارغا قۇلاق سالىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ. |
נָבִ֨יא מִקִּרְבְּךָ֤ מֵאַחֶ֙יךָ֙ כָּמֹ֔נִי יָקִ֥ים לְךָ֖ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֑יךָ אֵלָ֖יו תִּשְׁמָעֽוּן׃ | 15 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. |
כְּכֹ֨ל אֲשֶׁר־שָׁאַ֜לְתָּ מֵעִ֨ם יְהוָ֤ה אֱלֹהֶ֙יךָ֙ בְּחֹרֵ֔ב בְּיֹ֥ום הַקָּהָ֖ל לֵאמֹ֑ר לֹ֣א אֹסֵ֗ף לִשְׁמֹ֙עַ֙ אֶת־קֹול֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהָ֔י וְאֶת־הָאֵ֨שׁ הַגְּדֹלָ֥ה הַזֹּ֛את לֹֽא־אֶרְאֶ֥ה עֹ֖וד וְלֹ֥א אָמֽוּת׃ | 16 |
بۇ سىلەر ھورەب تېغىدا يىغىلغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن: «پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ دەھشەتلىك ئوتنى كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز» دەپ تەلەپ قىلغىنىڭلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. |
וַיֹּ֥אמֶר יְהוָ֖ה אֵלָ֑י הֵיטִ֖יבוּ אֲשֶׁ֥ר דִּבֵּֽרוּ׃ | 17 |
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى ياخشى بولدى. |
נָבִ֨יא אָקִ֥ים לָהֶ֛ם מִקֶּ֥רֶב אֲחֵיהֶ֖ם כָּמֹ֑וךָ וְנָתַתִּ֤י דְבָרַי֙ בְּפִ֔יו וְדִבֶּ֣ר אֲלֵיהֶ֔ם אֵ֖ת כָּל־אֲשֶׁ֥ר אֲצַוֶּֽנּוּ׃ | 18 |
مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ. |
וְהָיָ֗ה הָאִישׁ֙ אֲשֶׁ֤ר לֹֽא־יִשְׁמַע֙ אֶל־דְּבָרַ֔י אֲשֶׁ֥ר יְדַבֵּ֖ר בִּשְׁמִ֑י אָנֹכִ֖י אֶדְרֹ֥שׁ מֵעִמֹּֽו׃ | 19 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن. |
אַ֣ךְ הַנָּבִ֡יא אֲשֶׁ֣ר יָזִיד֩ לְדַבֵּ֨ר דָּבָ֜ר בִּשְׁמִ֗י אֵ֣ת אֲשֶׁ֤ר לֹֽא־צִוִּיתִיו֙ לְדַבֵּ֔ר וַאֲשֶׁ֣ר יְדַבֵּ֔ר בְּשֵׁ֖ם אֱלֹהִ֣ים אֲחֵרִ֑ים וּמֵ֖ת הַנָּבִ֥יא הַהֽוּא׃ | 20 |
ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن. |
וְכִ֥י תֹאמַ֖ר בִּלְבָבֶ֑ךָ אֵיכָה֙ נֵדַ֣ע אֶת־הַדָּבָ֔ר אֲשֶׁ֥ר לֹא־דִבְּרֹ֖ו יְהוָֽה׃ | 21 |
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ، |
אֲשֶׁר֩ יְדַבֵּ֨ר הַנָּבִ֜יא בְּשֵׁ֣ם יְהוָ֗ה וְלֹֽא־יִהְיֶ֤ה הַדָּבָר֙ וְלֹ֣א יָבֹ֔וא ה֣וּא הַדָּבָ֔ר אֲשֶׁ֥ר לֹא־דִבְּרֹ֖ו יְהוָ֑ה בְּזָדֹון֙ דִּבְּרֹ֣ו הַנָּבִ֔יא לֹ֥א תָג֖וּר מִמֶּֽנּוּ׃ ס | 22 |
بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆز قىلغان بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن چىقمىغان؛ شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما. |