בָּנִ֣ים אַתֶּ֔ם לַֽיהוָ֖ה אֱלֹהֵיכֶ֑ם לֹ֣א תִתְגֹּֽדְד֗וּ וְלֹֽא־תָשִׂ֧ימוּ קָרְחָ֛ה בֵּ֥ין עֵינֵיכֶ֖ם לָמֵֽת׃ | 1 |
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى ھېچ كەسمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ياكى ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ |
כִּ֣י עַ֤ם קָדֹושׁ֙ אַתָּ֔ה לַיהוָ֖ה אֱלֹהֶ֑יךָ וּבְךָ֞ בָּחַ֣ר יְהוָ֗ה לִֽהְיֹ֥ות לֹו֙ לְעַ֣ם סְגֻלָּ֔ה מִכֹּל֙ הָֽעַמִּ֔ים אֲשֶׁ֖ר עַל־פְּנֵ֥י הָאֲדָמָֽה׃ ס | 2 |
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن؛ پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە گۆھىرى بولغان بىر خەلق بولۇشى ئۈچۈن سېنى تاللىغاندۇر. |
לֹ֥א תֹאכַ֖ל כָּל־תֹּועֵבָֽה׃ | 3 |
سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك. |
זֹ֥את הַבְּהֵמָ֖ה אֲשֶׁ֣ר תֹּאכֵ֑לוּ שֹׁ֕ור שֵׂ֥ה כְשָׂבִ֖ים וְשֵׂ֥ה עִזִּֽים׃ | 4 |
تۆۋەندىكىلەر سىلەر يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار: ــ كالا، قوي، ئۆچكە؛ |
אַיָּ֥ל וּצְבִ֖י וְיַחְמ֑וּר וְאַקֹּ֥ו וְדִישֹׁ֖ן וּתְאֹ֥ו וָזָֽמֶר׃ | 5 |
كېيىك، جەرەن، بۇغا، ياۋا ئۆچكە، ئاھۇ، بۆكەن، ياۋا قوي، |
וְכָל־בְּהֵמָ֞ה מַפְרֶ֣סֶת פַּרְסָ֗ה וְשֹׁסַ֤עַת שֶׁ֙סַע֙ שְׁתֵּ֣י פְרָסֹ֔ות מַעֲלַ֥ת גֵּרָ֖ה בַּבְּהֵמָ֑ה אֹתָ֖הּ תֹּאכֵֽלוּ׃ | 6 |
شۇنداقلا ھايۋانلار ئىچىدە تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەرخىلىنى يېسەڭلار بولىدۇ. |
אַ֣ךְ אֶת־זֶ֞ה לֹ֤א תֹֽאכְלוּ֙ מִמּֽ͏ַעֲלֵ֣י הַגֵּרָ֔ה וּמִמַּפְרִיסֵ֥י הַפַּרְסָ֖ה הַשְּׁסוּעָ֑ה אֶֽת־הַ֠גָּמָל וְאֶת־הָאַרְנֶ֨בֶת וְאֶת־הַשָּׁפָ֜ן כִּֽי־מַעֲלֵ֧ה גֵרָ֣ה הֵ֗מָּה וּפַרְסָה֙ לֹ֣א הִפְרִ֔יסוּ טְמֵאִ֥ים הֵ֖ם לָכֶֽם׃ | 7 |
لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇر (چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ). |
וְאֶת־הַ֠חֲזִיר כִּֽי־מַפְרִ֨יס פַּרְסָ֥ה הוּא֙ וְלֹ֣א גֵרָ֔ה טָמֵ֥א ה֖וּא לָכֶ֑ם מִבְּשָׂרָם֙ לֹ֣א תֹאכֵ֔לוּ וּבְנִבְלָתָ֖ם לֹ֥א תִגָּֽעוּ׃ ס | 8 |
چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. شۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ھەم ئۆلۈكلىرىگە تەگمەسلىكىڭلار كېرەك. |
אֶת־זֶה֙ תֹּֽאכְל֔וּ מִכֹּ֖ל אֲשֶׁ֣ר בַּמָּ֑יִם כֹּ֧ל אֲשֶׁר־לֹ֛ו סְנַפִּ֥יר וְקַשְׂקֶ֖שֶׂת תֹּאכֵֽלוּ׃ | 9 |
سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ، |
וְכֹ֨ל אֲשֶׁ֧ר אֵֽין־לֹ֛ו סְנַפִּ֥יר וְקַשְׂקֶ֖שֶׂת לֹ֣א תֹאכֵ֑לוּ טָמֵ֥א ה֖וּא לָכֶֽם׃ ס | 10 |
لېكىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولمىغانلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ. |
כָּל־צִפֹּ֥ור טְהֹרָ֖ה תֹּאכֵֽלוּ׃ | 11 |
بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ |
וְזֶ֕ה אֲשֶׁ֥ר לֹֽא־תֹאכְל֖וּ מֵהֶ֑ם הַנֶּ֥שֶׁר וְהַפֶּ֖רֶס וְהָֽעָזְנִיָּֽה׃ | 12 |
بىراق تۆۋەندىكى ئۇچار-قاناتلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: يەنى بۈركۈت، تاپقۇش-غېچىرلار، دېڭىز بۈركۈتى، |
וְהָרָאָה֙ וְאֶת־הָ֣אַיָּ֔ה וְהַדַּיָּ֖ה לְמִינָֽהּ׃ | 13 |
قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن، قورۇلتاز-تاپقۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، |
וְאֵ֥ת כָּל־עֹרֵ֖ב לְמִינֹֽו׃ | 14 |
ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، |
וְאֵת֙ בַּ֣ת הַֽיַּעֲנָ֔ה וְאֶת־הַתַּחְמָ֖ס וְאֶת־הַשָּׁ֑חַף וְאֶת־הַנֵּ֖ץ לְמִינֵֽהוּ׃ | 15 |
مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، |
אֶת־הַכֹּ֥וס וְאֶת־הַיַּנְשׁ֖וּף וְהַתִּנְשָֽׁמֶת׃ | 16 |
ھۇۋقۇش، ئىبىس، ئاق قۇ، |
וְהַקָּאָ֥ת וְאֶֽת־הָרָחָ֖מָה וְאֶת־הַשָּׁלָֽךְ׃ | 17 |
ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، قارنا، |
וְהַ֣חֲסִידָ֔ה וְהָאֲנָפָ֖ה לְמִינָ֑הּ וְהַדּוּכִיפַ֖ת וְהָעֲטַלֵּֽף׃ | 18 |
لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ بىلەن شەپەرەڭ دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن. |
וְכֹל֙ שֶׁ֣רֶץ הָעֹ֔וף טָמֵ֥א ה֖וּא לָכֶ֑ם לֹ֖א יֵאָכֵֽלוּ׃ | 19 |
ھەربىر قاناتلىق ئۆمۈلىگۈچى ھاشارەتلەر بولسا سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك. |
כָּל־עֹ֥וף טָהֹ֖ור תֹּאכֵֽלוּ׃ | 20 |
سىلەر بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. |
לֹ֣א תֹאכְל֣וּ כָל־נְ֠בֵלָה לַגֵּ֨ר אֲשֶׁר־בִּשְׁעָרֶ֜יךָ תִּתְּנֶ֣נָּה וַאֲכָלָ֗הּ אֹ֤ו מָכֹר֙ לְנָכְרִ֔י כִּ֣י עַ֤ם קָדֹושׁ֙ אַתָּ֔ה לַיהוָ֖ה אֱלֹהֶ֑יךָ לֹֽא־תְבַשֵּׁ֥ל גְּדִ֖י בַּחֲלֵ֥ב אִמֹּֽו׃ פ | 21 |
سىلەر ھېچقانداق ئۆلۈك جانۋارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنداق نەرسىنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بېرىڭلار؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ ياكى ئۇنى يات ئەللىكلەركە سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن. سەن ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ. |
עַשֵּׂ֣ר תְּעַשֵּׂ֔ר אֵ֖ת כָּל־תְּבוּאַ֣ת זַרְעֶ֑ךָ הַיֹּצֵ֥א הַשָּׂדֶ֖ה שָׁנָ֥ה שָׁנָֽה׃ | 22 |
سەن جەزمەن ھەر يىلى ئېتىزدىكى ھەممە تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىشىڭ كېرەك؛ |
וְאָכַלְתָּ֞ לִפְנֵ֣י ׀ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֗יךָ בַּמָּקֹ֣ום אֲשֶׁר־יִבְחַר֮ לְשַׁכֵּ֣ן שְׁמֹ֣ו שָׁם֒ מַעְשַׂ֤ר דְּגָֽנְךָ֙ תִּֽירֹשְׁךָ֣ וְיִצְהָרֶ֔ךָ וּבְכֹרֹ֥ת בְּקָרְךָ֖ וְצֹאנֶ֑ךָ לְמַ֣עַן תִּלְמַ֗ד לְיִרְאָ֛ה אֶת־יְהוָ֥ה אֱלֹהֶ֖יךָ כָּל־הַיָּמִֽים׃ | 23 |
سەن شۇلارنى، يەنى ئاشلىقىڭ، يېڭى شارابىڭ، زەيتۇن مېيىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللايدىغان جايدا يە، شۇنداقلا كالا-قوي پادىلىرىدىن ئايرىلغان تۇنجى بالىلىرىنى شۇ يەردە يە؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن دائىم قورقۇشنى ئۆگىنىسەن. |
וְכִֽי־יִרְבֶּ֨ה מִמְּךָ֜ הַדֶּ֗רֶךְ כִּ֣י לֹ֣א תוּכַל֮ שְׂאֵתֹו֒ כִּֽי־יִרְחַ֤ק מִמְּךָ֙ הַמָּקֹ֔ום אֲשֶׁ֤ר יִבְחַר֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֔יךָ לָשׂ֥וּם שְׁמֹ֖ו שָׁ֑ם כִּ֥י יְבָרֶכְךָ֖ יְהוָ֥ה אֱלֹהֶֽיךָ׃ | 24 |
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگەندە، ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللىغان شۇ جاي سەندىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىڭنى شۇ يەرگە ئاپىرالمىغۇدەك بولساڭ، |
וְנָתַתָּ֖ה בַּכָּ֑סֶף וְצַרְתָּ֤ הַכֶּ֙סֶף֙ בְּיָ֣דְךָ֔ וְהָֽלַכְתָּ֙ אֶל־הַמָּקֹ֔ום אֲשֶׁ֥ר יִבְחַ֛ר יְהוָ֥ה אֱלֹהֶ֖יךָ בֹּֽו׃ | 25 |
سەن شۇ چاغدا ئۇنى پۇلغا سېتىپ، پۇلنى قولۇڭغا تېڭىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللىغان جايغا بارغىن |
וְנָתַתָּ֣ה הַכֶּ֡סֶף בְּכֹל֩ אֲשֶׁר־תְּאַוֶּ֨ה נַפְשְׁךָ֜ בַּבָּקָ֣ר וּבַצֹּ֗אן וּבַיַּ֙יִן֙ וּבַשֵּׁכָ֔ר וּבְכֹ֛ל אֲשֶׁ֥ר תִּֽשְׁאָלְךָ֖ נַפְשֶׁ֑ךָ וְאָכַ֣לְתָּ שָּׁ֗ם לִפְנֵי֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֔יךָ וְשָׂמַחְתָּ֖ אַתָּ֥ה וּבֵיתֶֽךָ׃ | 26 |
ۋە كۆڭلۈڭ نېمە تارتسا، مەيلى كالا، قوي، مەي-شاراب، مۇسەللەس بولسۇن، ياكى شۇنىڭدەك كۆڭلۈڭ تارتقان ھەرقانداق نەرسىنى شۇ پۇلغا ئالساڭ بولىدۇ؛ ئاندىن سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر شۇ يەردە ئۇنىڭدىن يەپ-ئىچىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا شاد-خۇرام بولىسىلەر. |
וְהַלֵּוִ֥י אֲשֶׁר־בִּשְׁעָרֶ֖יךָ לֹ֣א תֽ͏ַעַזְבֶ֑נּוּ כִּ֣י אֵ֥ין לֹ֛ו חֵ֥לֶק וְנַחֲלָ֖ה עִמָּֽךְ׃ ס | 27 |
شەھەر-يېزىلىرىڭدا تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك، چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق. |
מִקְצֵ֣ה ׀ שָׁלֹ֣שׁ שָׁנִ֗ים תֹּוצִיא֙ אֶת־כָּל־מַעְשַׂר֙ תְּבוּאָ֣תְךָ֔ בַּשָּׁנָ֖ה הַהִ֑וא וְהִנַּחְתָּ֖ בִּשְׁעָרֶֽיךָ׃ | 28 |
ھەر ئۈچ يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن شۇ يىلدىكى مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ چىقار؛ سەن ئۇنى شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە توپلا؛ |
וּבָ֣א הַלֵּוִ֡י כִּ֣י אֵֽין־לֹו֩ חֵ֨לֶק וְנַחֲלָ֜ה עִמָּ֗ךְ וְ֠הַגֵּר וְהַיָּתֹ֤ום וְהָֽאַלְמָנָה֙ אֲשֶׁ֣ר בִּשְׁעָרֶ֔יךָ וְאָכְל֖וּ וְשָׂבֵ֑עוּ לְמַ֤עַן יְבָרֶכְךָ֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֔יךָ בְּכָל־מַעֲשֵׂ֥ה יָדְךָ֖ אֲשֶׁ֥ר תַּעֲשֶֽׂה׃ ס | 29 |
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار (چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق)، مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار كېلىپ ئۇنىڭدىن يەپ تويۇنسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قولۇڭدىكى بارلىق مېۋىنى بەرىكەتلەيدۇ. |