וַיַּ֗עַל נָחָשׁ֙ הָֽעַמֹּונִ֔י וַיִּ֖חַן עַל־יָבֵ֣שׁ גִּלְעָ֑ד וַיֹּ֨אמְר֜וּ כָּל־אַנְשֵׁ֤י יָבֵישׁ֙ אֶל־נָחָ֔שׁ כְּרָת־לָ֥נוּ בְרִ֖ית וְנַעַבְדֶֽךָּ׃ | 1 |
شۇ ۋاقىتتا ئاممونىي ناھاش چىقىپ يابەش-گىلېئادنى مۇھاسىرىگە ئالدى. يابەشنىڭ ھەممە ئادەملىرى ناھاشقا: ــ ئەگەر بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭ، ساڭا بويسۇنىمىز، دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר אֲלֵיהֶ֗ם נָחָשׁ֙ הָעַמֹּונִ֔י בְּזֹאת֙ אֶכְרֹ֣ת לָכֶ֔ם בִּנְקֹ֥ור לָכֶ֖ם כָּל־עֵ֣ין יָמִ֑ין וְשַׂמְתִּ֥יהָ חֶרְפָּ֖ה עַל־כָּל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 2 |
لېكىن ئاممونىي ناھاش ئۇلارغا: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلغا دەشنەم قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇپ ئاندىن سىلەر بىلەن ئەھدە قىلاي، دېدى. |
וַיֹּאמְר֨וּ אֵלָ֜יו זִקְנֵ֣י יָבֵ֗ישׁ הֶ֤רֶף לָ֙נוּ֙ שִׁבְעַ֣ת יָמִ֔ים וְנִשְׁלְחָה֙ מַלְאָכִ֔ים בְּכֹ֖ל גְּב֣וּל יִשְׂרָאֵ֑ל וְאִם־אֵ֥ין מֹושִׁ֛יעַ אֹתָ֖נוּ וְיָצָ֥אנוּ אֵלֶֽיךָ׃ | 3 |
يابەشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: ــ بىزگە يەتتە كۈن مۆھلەت بەرگىن؛ بىز ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل يۇرتىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ ئاندىن كېيىن بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۆزىمىز چىقىپ ساڭا تەسلىم بولىمىز، دېدى. |
וַיָּבֹ֤אוּ הַמַּלְאָכִים֙ גִּבְעַ֣ת שָׁא֔וּל וַיְדַבְּר֥וּ הַדְּבָרִ֖ים בְּאָזְנֵ֣י הָעָ֑ם וַיִּשְׂא֧וּ כָל־הָעָ֛ם אֶת־קֹולָ֖ם וַיִּבְכּֽוּ׃ | 4 |
ئەمدى ئەلچىلەر سائۇلنىڭ شەھىرى گىبېئاھغا كېلىپ مۇشۇ سۆزلەرنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى؛ ھەممە خەلق پەرياد كۆتۈرۈپ يىغىلدى. |
וְהִנֵּ֣ה שָׁא֗וּל בָּ֣א אַחֲרֵ֤י הַבָּקָר֙ מִן־הַשָּׂדֶ֔ה וַיֹּ֣אמֶר שָׁא֔וּל מַה־לָּעָ֖ם כִּ֣י יִבְכּ֑וּ וַיְסַ֨פְּרוּ־לֹ֔ו אֶת־דִּבְרֵ֖י אַנְשֵׁ֥י יָבֵֽישׁ׃ | 5 |
ۋە مانا، سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ كالىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ: ــ خەلق نېمە دەپ يىغلايدۇ، دەپ سورىدى. ئۇلار يابەشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. |
וַתִּצְלַ֤ח רֽוּחַ־אֱלֹהִים֙ עַל־שָׁא֔וּל בְּשָׁמְעֹו (כְּשָׁמְעֹ֖ו) אֶת־הַדְּבָרִ֣ים הָאֵ֑לֶּה וַיִּ֥חַר אַפֹּ֖ו מְאֹֽד׃ | 6 |
سائۇل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى. |
וַיִּקַּח֩ צֶ֨מֶד בָּקָ֜ר וַֽיְנַתְּחֵ֗הוּ וַיְשַׁלַּ֞ח בְּכָל־גְּב֣וּל יִשְׂרָאֵל֮ בְּיַ֣ד הַמַּלְאָכִ֣ים ׀ לֵאמֹר֒ אֲשֶׁר֩ אֵינֶ֨נּוּ יֹצֵ֜א אַחֲרֵ֤י שָׁאוּל֙ וְאַחַ֣ר שְׁמוּאֵ֔ל כֹּ֥ה יֵעָשֶׂ֖ה לִבְקָרֹ֑ו וַיִּפֹּ֤ל פַּֽחַד־יְהוָה֙ עַל־הָעָ֔ם וַיֵּצְא֖וּ כְּאִ֥ישׁ אֶחָֽד׃ | 7 |
ئۇ بىر جۈپ ئۇينى چېپىپ پارچىلاپ، پارچىلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىغا تارقىتىپ: ــ ھەر كىم كېلىپ سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگەشمىسە، ئۇلارنىڭ ئۇيلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىنىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئادەمدەك جەڭگە چىقتى. |
וַֽיִּפְקְדֵ֖ם בְּבָ֑זֶק וַיִּהְי֤וּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל֙ שְׁלֹ֣שׁ מֵאֹ֣ות אֶ֔לֶף וְאִ֥ישׁ יְהוּדָ֖ה שְׁלֹשִׁ֥ים אָֽלֶף׃ | 8 |
سائۇل ئۇلارنى بېزەك [دېگەن جايدا] سانىغاندا ئىسرائىللار ئۈچ يۈز مىڭ، يەھۇدانىڭ ئادەملىرى بولسا ئوتتۇز مىڭ چىقتى. |
וַיֹּאמְר֞וּ לַמַּלְאָכִ֣ים הַבָּאִ֗ים כֹּ֤ה תֹֽאמְרוּן֙ לְאִישׁ֙ יָבֵ֣ישׁ גִּלְעָ֔ד מָחָ֛ר תִּהְיֶֽה־לָכֶ֥ם תְּשׁוּעָ֖ה בְּחֹם (כְּחֹ֣ם) הַשָּׁ֑מֶשׁ וַיָּבֹ֣אוּ הַמַּלְאָכִ֗ים וַיַּגִּ֛ידוּ לְאַנְשֵׁ֥י יָבֵ֖ישׁ וַיִּשְׂמָֽחוּ׃ | 9 |
ئۇلار كەلگەن ئەلچىلەرگە: ــ گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىگە شۇنداق ئېيتىڭلاركى، ئەتە كۈن چۈش بولغاندا نىجات سىلەرگە كېلىدۇ، دېدى. ئەلچىلەر بېرىپ شۇنى گىلېئادتىكى يابەشلىقلارغا يەتكۈزدى؛ ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. |
וַֽיֹּאמְרוּ֙ אַנְשֵׁ֣י יָבֵ֔ישׁ מָחָ֖ר נֵצֵ֣א אֲלֵיכֶ֑ם וַעֲשִׂיתֶ֣ם לָּ֔נוּ כְּכָל־הַטֹּ֖וב בְּעֵינֵיכֶֽם׃ ס | 10 |
شۇنىڭ بىلەن يابەشتىكىلەر: ــ ئەتە بىز قېشىڭلارغا چىقىپ [تەسلىم بولىمىز]، سىلەر بىزنى قانداق قىلىشقا لايىق كۆرسەڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. |
וַיְהִ֣י מִֽמָּחֳרָ֗ת וַיָּ֨שֶׂם שָׁא֣וּל אֶת־הָעָם֮ שְׁלֹשָׁ֣ה רָאשִׁים֒ וַיָּבֹ֤אוּ בְתֹוךְ־הַֽמַּחֲנֶה֙ בְּאַשְׁמֹ֣רֶת הַבֹּ֔קֶר וַיַּכּ֥וּ אֶת־עַמֹּ֖ון עַד־חֹ֣ם הַיֹּ֑ום וַיְהִ֤י הַנִּשְׁאָרִים֙ וַיָּפֻ֔צוּ וְלֹ֥א נִשְׁאֲרוּ־בָ֖ם שְׁנַ֥יִם יָֽחַד׃ | 11 |
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، سائۇل خەلقنى ئۈچ بۆلەك قىلدى؛ ئۇلار كېچە تۆتىنچى جېسەكتە لەشكەرگاھغا كىرىپ ئاممونىيلارنى كۈن چۈش بولغۇچە ئۇرۇپ قىردى. تىرىك قالغانلار بولسا شۇنداق پاراكەندە بولدىكى، ئۇلاردىن ئىككى ئادەممۇ بىر يەرگە كېلەلمىدى. |
וַיֹּ֤אמֶר הָעָם֙ אֶל־שְׁמוּאֵ֔ל מִ֣י הָאֹמֵ֔ר שָׁא֖וּל יִמְלֹ֣ךְ עָלֵ֑ינוּ תְּנ֥וּ הָאֲנָשִׁ֖ים וּנְמִיתֵֽם׃ | 12 |
خەلق ئەمدى سامۇئىلغا: ــ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە سائۇل پادىشاھ بولمىسۇن دەپ ئېيتقانلار كىملەر؟ بۇ كىشىلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר שָׁא֔וּל לֹֽא־יוּמַ֥ת אִ֖ישׁ בַּיֹּ֣ום הַזֶּ֑ה כִּ֥י הַיֹּ֛ום עָשָֽׂה־יְהוָ֥ה תְּשׁוּעָ֖ה בְּיִשְׂרָאֵֽל׃ ס | 13 |
لېكىن سائۇل: ــ بۈگۈن ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمىسۇن. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى، دېدى. |
וַיֹּ֤אמֶר שְׁמוּאֵל֙ אֶל־הָעָ֔ם לְכ֖וּ וְנֵלְכָ֣ה הַגִּלְגָּ֑ל וּנְחַדֵּ֥שׁ שָׁ֖ם הַמְּלוּכָֽה׃ | 14 |
سامۇئىل خەلققە: ــ قېنى، گىلېئادقا بېرىپ ئۇ يەردە پادىشاھلىقنى يېڭىباشتىن تىكلەيلى، دەپ ئېيتتى. |
וַיֵּלְכ֨וּ כָל־הָעָ֜ם הַגִּלְגָּ֗ל וַיַּמְלִכוּ֩ שָׁ֨ם אֶת־שָׁא֜וּל לִפְנֵ֤י יְהוָה֙ בַּגִּלְגָּ֔ל וַיִּזְבְּחוּ־שָׁ֛ם זְבָחִ֥ים שְׁלָמִ֖ים לִפְנֵ֣י יְהוָ֑ה וַיִּשְׂמַ֨ח שָׁ֥ם שָׁא֛וּל וְכָל־אַנְשֵׁ֥י יִשְׂרָאֵ֖ל עַד־מְאֹֽד׃ פ | 15 |
شۇنى دېۋىدى، ھەممە خەلق گىلېئادقا بېرىپ گىلېئادتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سائۇلنى پادىشاھ قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈردى. سائۇل ھەم شۇنىڭدەك بارلىق ئىسرائىل شۇ يەردە زور خۇشاللىققا چۆمدى. |