וַיְהִ֡י לְעֵת֩ תְּשׁוּבַ֨ת הַשָּׁנָ֜ה לְעֵ֣ת ׀ צֵ֣את הַמְּלָכִ֗ים וַיִּנְהַ֣ג יֹואָב֩ אֶת־חֵ֨יל הַצָּבָ֜א וַיַּשְׁחֵ֣ת ׀ אֶת־אֶ֣רֶץ בְּנֵֽי־עַמֹּ֗ון וַיָּבֹא֙ וַיָּ֣צַר אֶת־רַבָּ֔ה וְדָוִ֖יד יֹשֵׁ֣ב בִּירֽוּשָׁלָ֑͏ִם וַיַּ֥ךְ יֹואָ֛ב אֶת־רַבָּ֖ה וַיֶּֽהֶרְסֶֽהָ׃ | 1 |
شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا، يوئاب كۈچلۈك قىسىمنى باشلاپ كېلىپ، ئاممونلارنىڭ يەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن رابباھنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇ چاغدا داۋۇت يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتاتتى. يوئاب رابباھغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. |
וַיִּקַּ֣ח דָּוִ֣יד אֶת־עֲטֶֽרֶת־מַלְכָּם֩ מֵעַ֨ל רֹאשֹׁ֜ו וַֽיִּמְצָאָ֣הּ ׀ מִשְׁקַ֣ל כִּכַּר־זָהָ֗ב וּבָהּ֙ אֶ֣בֶן יְקָרָ֔ה וַתְּהִ֖י עַל־רֹ֣אשׁ דָּוִ֑יד וּשְׁלַ֥ל הָעִ֛יר הֹוצִ֖יא הַרְבֵּ֥ה מְאֹֽד׃ | 2 |
داۋۇت ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىن تاجنى ئېلىۋىدى (ئالتۇنىنىڭ ئېغىرلىقى بىر تالانت چىقتى، ئۇنىڭغا ياقۇتلار قوندۇرۇلغانىدى)، كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن جەڭ غەنىيمەتلىرىنى ئېلىپ كەتتى. |
וְאֶת־הָעָ֨ם אֲשֶׁר־בָּ֜הּ הֹוצִ֗יא וַיָּ֨שַׂר בַּמְּגֵרָ֜ה וּבַחֲרִיצֵ֤י הַבַּרְזֶל֙ וּבַמְּגֵרֹ֔ות וְכֵן֙ יַעֲשֶׂ֣ה דָוִ֔יד לְכֹ֖ל עָרֵ֣י בְנֵי־עַמֹּ֑ון וַיָּ֧שָׁב דָּוִ֛יד וְכָל־הָעָ֖ם יְרוּשָׁלָֽ͏ִם׃ פ | 3 |
ئۇ يەنە شەھەردىكى خەلقنى ئېلىپ چىقىپ ھەرە، جوتۇ ۋە پالتا بىلەن ئىشلەشكە سالدى؛ داۋۇت ئامموننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى خەلقلەرنىمۇ شۇنداق ئىشلەتتى؛ ئاندىن داۋۇت كۆپچىلىك بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. |
וַיְהִי֙ אַחֲרֵיכֵ֔ן וַתַּעֲמֹ֧ד מִלְחָמָ֛ה בְּגֶ֖זֶר עִם־פְּלִשְׁתִּ֑ים אָ֣ז הִכָּ֞ה סִבְּכַ֣י הַחֻֽשָׁתִ֗י אֶת־סִפַּ֛י מִילִדֵ֥י הָרְפָאִ֖ים וַיִּכָּנֵֽעוּ׃ | 4 |
شۇ ۋەقەدىن كېيىن [ئىسرائىللار] گەزەردە فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى؛ ئۇ چاغدا خۇشاتلىق سىببىكاي رەفايىيلاردىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، فىلىستىيلەر تىز پۈكتى. |
וַתְּהִי־עֹ֥וד מִלְחָמָ֖ה אֶת־פְּלִשְׁתִּ֑ים וַיַּ֞ךְ אֶלְחָנָ֣ן בֶּן־יָעוּר (יָעִ֗יר) אֶת־לַחְמִי֙ אֲחִי֙ גָּלְיָ֣ת הַגִּתִּ֔י וְעֵ֣ץ חֲנִיתֹ֔ו כִּמְנֹ֖ור אֹרְגִֽים׃ | 5 |
كېيىنچە [ئىسرائىللار] بىلەن فىلىستىيلەر يەنە سوقۇشتى؛ يائىرنىڭ ئوغلى ئەلھانەن گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسى لاخمىنى ئۆلتۈردى؛ بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى باپكارنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. |
וַתְּהִי־עֹ֥וד מִלְחָמָ֖ה בְּגַ֑ת וַיְהִ֣י ׀ אִ֣ישׁ מִדָּ֗ה וְאֶצְבְּעֹתָ֤יו שֵׁשׁ־וָשֵׁשׁ֙ עֶשְׂרִ֣ים וְאַרְבַּ֔ע וְגַם־ה֖וּא נֹולַ֥ד לְהָרָפָֽא׃ | 6 |
كېيىنكى ۋاقىتلاردا گاتتا يەنە سوقۇش بولدى؛ ئۇ يەردە ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىمۇ، پۇتىدىمۇ ئالتىدىن بارماق بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى؛ ئۇمۇ رەفايىيلاردىن ئىدى. |
וַיְחָרֵ֖ף אֶת־יִשְׂרָאֵ֑ל וַיַּכֵּ֙הוּ֙ יְהֹ֣ונָתָ֔ן בֶּן־שִׁמְעָ֖א אֲחִ֥י דָוִֽיד׃ | 7 |
بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى تىللىغىلى تۇرۇۋىدى، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان چىقىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. |
אֵ֛ל נוּלְּד֥וּ לְהָרָפָ֖א בְּגַ֑ת וַיִּפְּל֥וּ בְיַד־דָּוִ֖יד וּבְיַד־עֲבָדָֽיו׃ פ | 8 |
بۇلار گاتلىق رافانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلدى. |