וַיִּקָּבְצ֧וּ כָֽל־יִשְׂרָאֵ֛ל אֶל־דָּוִ֖יד חֶבְרֹ֣ונָה לֵאמֹ֑ר הִנֵּ֛ה עַצְמְךָ֥ וּֽבְשָׂרְךָ֖ אֲנָֽחְנוּ׃ | 1 |
ئۇ چاغدا بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ھېبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلىشىپ: «قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! |
גַּם־תְּמֹ֣ול גַּם־שִׁלְשֹׁ֗ום גַּ֚ם בִּהְיֹ֣ות שָׁא֣וּל מֶ֔לֶךְ אַתָּ֛ה הַמֹּוצִ֥יא וְהַמֵּבִ֖יא אֶת־יִשְׂרָאֵ֑ל וַיֹּאמֶר֩ יְהוָ֨ה אֱלֹהֶ֜יךָ לְךָ֗ אַתָּ֨ה תִרְעֶ֤ה אֶת־עַמִּי֙ אֶת־יִשְׂרָאֵ֔ל וְאַתָּה֙ תִּהְיֶ֣ה נָגִ֔יד עַ֖ל עַמִּ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 2 |
بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا. ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئۆزلىرىگە: ــ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ ئۇلارنى باقىسەن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى» ــ دېدى. |
וַ֠יָּבֹאוּ כָּל־זִקְנֵ֨י יִשְׂרָאֵ֤ל אֶל־הַמֶּ֙לֶךְ֙ חֶבְרֹ֔ונָה וַיִּכְרֹת֩ לָהֶ֨ם דָּוִ֥יד בְּרִ֛ית בְּחֶבְרֹ֖ון לִפְנֵ֣י יְהוָ֑ה וַיִּמְשְׁח֨וּ אֶת־דָּוִ֤יד לְמֶ֙לֶךְ֙ עַל־יִשְׂרָאֵ֔ל כִּדְבַ֥ר יְהוָ֖ה בְּיַד־שְׁמוּאֵֽל׃ ס | 3 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى ھېبرونغا كېلىپ پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىشتى؛ داۋۇت ھېبروندا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقىنى بويىچە، داۋۇتنى مەسىھ قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. |
וַיֵּ֨לֶךְ דָּוִ֧יד וְכָל־יִשְׂרָאֵ֛ל יְרוּשָׁלַ֖͏ִם הִ֣יא יְב֑וּס וְשָׁם֙ הַיְבוּסִ֔י יֹשְׁבֵ֖י הָאָֽרֶץ׃ | 4 |
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا كەلدى (يېرۇسالېم شۇ چاغدا «يەبۇس» دەپ ئاتىلاتتى، زېمىندىكى ئاھالە بولغان يەبۇسىيلار شۇ يەردە تۇراتتى). |
וַיֹּ֨אמְר֜וּ יֹשְׁבֵ֤י יְבוּס֙ לְדָוִ֔יד לֹ֥א תָבֹ֖וא הֵ֑נָּה וַיִּלְכֹּ֤ד דָּוִיד֙ אֶת־מְצֻדַ֣ת צִיֹּ֔ון הִ֖יא עִ֥יר דָּוִֽיד׃ | 5 |
يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). |
וַיֹּ֣אמֶר דָּוִ֔יד כָּל־מַכֵּ֤ה יְבוּסִי֙ בָּרִ֣אשֹׁונָ֔ה יִהְיֶ֥ה לְרֹ֖אשׁ וּלְשָׂ֑ר וַיַּ֧עַל בָּרִאשֹׁונָ֛ה יֹואָ֥ב בֶּן־צְרוּיָ֖ה וַיְהִ֥י לְרֹֽאשׁ׃ | 6 |
داۋۇت: «كىم ئالدى بىلەن يەبۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ كىشى يولباشچى ۋە سەردار بولىدۇ» دېدى. زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئالدى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ، يولباشچى بولدى. |
וַיֵּ֥שֶׁב דָּוִ֖יד בַּמְצָ֑ד עַל־כֵּ֥ן קָרְאוּ־לֹ֖ו עִ֥יר דָּוִֽיד׃ | 7 |
داۋۇت قورغاندا تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇ قورغاننى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتاشتى. |
וַיִּ֤בֶן הָעִיר֙ מִסָּבִ֔יב מִן־הַמִּלֹּ֖וא וְעַד־הַסָּבִ֑יב וְיֹואָ֕ב יְחַיֶּ֖ה אֶת־שְׁאָ֥ר הָעִֽיר׃ | 8 |
داۋۇت شەھەرنى مىللودىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە يېڭىۋاشتىن ياساتتى؛ شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب ياساتتى. |
וַיֵּ֥לֶךְ דָּוִ֖יד הָלֹ֣וךְ וְגָדֹ֑ול וַיהוָ֥ה צְבָאֹ֖ות עִמֹּֽו׃ פ | 9 |
داۋۇت كۈندىن كۈنگە قۇدرەت تاپتى، چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. |
וְאֵ֨לֶּה רָאשֵׁ֤י הַגִּבֹּורִים֙ אֲשֶׁ֣ר לְדָוִ֔יד הַמִּתְחַזְּקִ֨ים עִמֹּ֧ו בְמַלְכוּתֹ֛ו עִם־כָּל־יִשְׂרָאֵ֖ל לְהַמְלִיכֹ֑ו כִּדְבַ֥ר יְהוָ֖ה עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ ס | 10 |
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرى ئىچىدە يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزى بويىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن بىرلىشىپ، داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىكتە ئۇنى پادىشاھ قىلىشقا كۈچىدى. |
וְאֵ֛לֶּה מִסְפַּ֥ר הַגִּבֹּרִ֖ים אֲשֶׁ֣ר לְדָוִ֑יד יָשָׁבְעָ֣ם בֶּן־חַכְמֹונִ֗י רֹ֚אשׁ הַשְּׁלֹושִׁים (הַשָּׁ֣לִישִׁ֔ים) הֽוּא־עֹורֵ֧ר אֶת־חֲנִיתֹ֛ו עַל־שְׁלֹשׁ־מֵאֹ֥ות חָלָ֖ל בְּפַ֥עַם אֶחָֽת׃ | 11 |
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر: ــ ھاكمونىيلاردىن بولغان ياشوبىئام يولباشچىلار ئىچىدە بېشى ئىدى؛ ئۇ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ بىر قېتىمدىلا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. |
וְאַחֲרָ֛יו אֶלְעָזָ֥ר בֶּן־דֹּודֹ֖ו הָאֲחֹוחִ֑י ה֖וּא בִּשְׁלֹושָׁ֥ה הַגִּבֹּרִֽים׃ | 12 |
ئۇنىڭدىن قالسا ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار بولۇپ، ئۇ «ئۈچ پالۋان»نىڭ بىرى ئىدى؛ |
הֽוּא־הָיָ֨ה עִם־דָּוִ֜יד בַּפַּ֣ס דַּמִּ֗ים וְהַפְּלִשְׁתִּים֙ נֶאֱסְפוּ־שָׁ֣ם לַמִּלְחָמָ֔ה וַתְּהִ֛י חֶלְקַ֥ת הַשָּׂדֶ֖ה מְלֵאָ֣ה שְׂעֹורִ֑ים וְהָעָ֥ם נָ֖סוּ מִפְּנֵ֥י פְלִשְׁתִּֽים׃ | 13 |
ئىلگىرى فىلىستىيلەر پاس-داممىمدا جەڭ قىلىشقا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن ئۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەردە ئارپا ئۆسۈپ كەتكەن بىر ئېتىزلىق بولۇپ، خەلق فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچقانىدى؛ |
וַיִּֽתְיַצְּב֤וּ בְתֹוךְ־הַחֶלְקָה֙ וַיַּצִּיל֔וּהָ וַיַּכּ֖וּ אֶת־פְּלִשְׁתִּ֑ים וַיֹּ֥ושַׁע יְהוָ֖ה תְּשׁוּעָ֥ה גְדֹולָֽה׃ | 14 |
ئۇلار بولسا ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ، ھەم ئېتىزلىقنى قوغدىغان، ھەم فىلىستىيلەرنى تارمار قىلغان؛ پەرۋەردىگار ئەنە شۇ يول بىلەن ئۇلارنى غايەت زور غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن. |
וַיֵּרְד֡וּ שְֽׁלֹושָׁה֩ מִן־הַשְּׁלֹושִׁ֨ים רֹ֤אשׁ עַל־הַצֻּר֙ אֶל־דָּוִ֔יד אֶל־מְעָרַ֖ת עֲדֻלָּ֑ם וּמַחֲנֵ֣ה פְלִשְׁתִּ֔ים חֹנָ֖ה בְּעֵ֥מֶק רְפָאִֽים׃ | 15 |
ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن [يەنە] ئۈچەيلەن قورام تاشلىقتىكى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى بولسا «رەفايىم جىلغىسى»دا بارگاھ قۇرغانىدى. |
וְדָוִ֖יד אָ֣ז בַּמְּצוּדָ֑ה וּנְצִ֣יב פְּלִשְׁתִּ֔ים אָ֖ז בְּבֵ֥ית לָֽחֶם׃ | 16 |
بۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بەيت-لەھەمدە ئىدى. |
וַיִּתְאָו (וַיִּתְאָ֥יו) דָּוִ֖יד וַיֹּאמַ֑ר מִ֚י יַשְׁקֵ֣נִי מַ֔יִם מִבֹּ֥ור בֵּֽית־לֶ֖חֶם אֲשֶׁ֥ר בַּשָּֽׁעַר׃ | 17 |
داۋۇت ئۇسساپ: «ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى!» دېۋىدى، |
וַיִּבְקְע֨וּ הַשְּׁלֹשָׁ֜ה בְּמַחֲנֵ֣ה פְלִשְׁתִּ֗ים וַיִּֽשְׁאֲבוּ־מַ֙יִם֙ מִבֹּ֤ור בֵּֽית־לֶ֙חֶם֙ אֲשֶׁ֣ר בַּשַּׁ֔עַר וַיִּשְׂא֖וּ וַיָּבִ֣אוּ אֶל־דָּוִ֑יד וְלֹֽא־אָבָ֤ה דָוִיד֙ לִשְׁתֹּותָ֔ם וַיְנַסֵּ֥ךְ אֹתָ֖ם לַיהוָֽה׃ | 18 |
بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: |
וַיֹּ֡אמֶר חָלִילָה֩ לִּ֨י מֵאֱלֹהַ֜י מֵעֲשֹׂ֣ות זֹ֗את הֲדַ֣ם הָאֲנָשִׁים֩ הָאֵ֨לֶּה אֶשְׁתֶּ֤ה בְנַפְשֹׁותָם֙ כִּ֣י בְנַפְשֹׁותָ֣ם הֱבִיא֔וּם וְלֹ֥א אָבָ֖ה לִשְׁתֹּותָ֑ם אֵ֣לֶּה עָשׂ֔וּ שְׁלֹ֖שֶׁת הַגִּבֹּורִֽים׃ | 19 |
«خۇدايىم بۇ ئىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن! مەن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئىچسەم قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىماي ئېلىپ كەلگەن!» دېدى. شۇڭا داۋۇت بۇ سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. |
וְאַבְשַׁ֣י אֲחִֽי־יֹואָ֗ב ה֚וּא הָיָה֙ רֹ֣אשׁ הַשְּׁלֹושָׁ֔ה וְהוּא֙ עֹורֵ֣ר אֶת־חֲנִיתֹ֔ו עַל־שְׁלֹ֥שׁ מֵאֹ֖ות חָלָ֑ל וְלֹא־ (וְלֹו)־שֵׁ֖ם בַּשְּׁלֹושָֽׁה׃ | 20 |
يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى؛ ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. |
מִן־הַשְּׁלֹושָׁ֤ה בַשְּׁנַ֙יִם֙ נִכְבָּ֔ד וַיְהִ֥י לָהֶ֖ם לְשָׂ֑ר וְעַד־הַשְּׁלֹושָׁ֖ה לֹֽא־בָֽא׃ ס | 21 |
ئۇ مۇشۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. |
בְּנָיָ֨ה בֶן־יְהֹויָדָ֧ע בֶּן־אִֽישׁ־חַ֛יִל רַב־פְּעָלִ֖ים מִֽן־קַבְצְאֵ֑ל ה֣וּא הִכָּ֗ה אֵ֣ת שְׁנֵ֤י אֲרִיאֵל֙ מֹואָ֔ב וְ֠הוּא יָרַ֞ד וְהִכָּ֧ה אֶֽת־הָאֲרִ֛י בְּתֹ֥וךְ הַבֹּ֖ור בְּיֹ֥ום הַשָּֽׁלֶג׃ | 22 |
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. |
וְהֽוּא־הִכָּה֩ אֶת־הָאִ֨ישׁ הַמִּצְרִ֜י אִ֥ישׁ מִדָּ֣ה ׀ חָמֵ֣שׁ בָּאַמָּ֗ה וּבְיַ֨ד הַמִּצְרִ֤י חֲנִית֙ כִּמְנֹ֣ור אֹרְגִ֔ים וַיֵּ֥רֶד אֵלָ֖יו בַּשָּׁ֑בֶט וַיִּגְזֹ֤ל אֶֽת־הַחֲנִית֙ מִיַּ֣ד הַמִּצְרִ֔י וַיַּהַרְגֵ֖הוּ בַּחֲנִיתֹֽו׃ | 23 |
ئۇ يەنە قولىدا باپكارنىڭ ئوقىدەك بىر نەيزىسى بار، بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى قەتل قىلدى؛ ئۇ بىر ھاسا بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ نەيزىسىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۆلتۈردى. |
אֵ֣לֶּה עָשָׂ֔ה בְּנָיָ֖הוּ בֶּן־יְהֹויָדָ֑ע וְלֹו־שֵׁ֖ם בִּשְׁלֹושָׁ֥ה הַגִּבֹּרִֽים׃ | 24 |
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا مانا بۇ ئىشلارنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پالۋان ئىچىدە نام چىقارغانىدى. |
מִן־הַשְּׁלֹושִׁ֗ים הִנֹּ֤ו נִכְבָּד֙ ה֔וּא וְאֶל־הַשְּׁלֹושָׁ֖ה לֹא־בָ֑א וַיְשִׂימֵ֥הוּ דָוִ֖יד עַל־מִשְׁמַעְתֹּֽו׃ ס | 25 |
مانا، ئۇ ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاندىنمۇ بەكرەك شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن. |
וְגִבֹּורֵ֖י הַחֲיָלִ֑ים עֲשָׂה־אֵל֙ אֲחִ֣י יֹואָ֔ב אֶלְחָנָ֥ן בֶּן־דֹּודֹ֖ו מִבֵּ֥ית לָֽחֶם׃ ס | 26 |
قوشۇندىكى پالۋانلار بولسا: ــ يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلھانان، |
שַׁמֹּות֙ הַהֲרֹורִ֔י חֶ֖לֶץ הַפְּלֹונִֽי׃ ס | 27 |
ھارورلۇق شامموت، پىلونلۇق ھەلەز، |
עִירָ֤א בֶן־עִקֵּשׁ֙ הַתְּקֹועִ֔י אֲבִיעֶ֖זֶר הָעֲנְּתֹותִֽי׃ ס | 28 |
تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، |
סִבְּכַי֙ הַחֻ֣שָׁתִ֔י עִילַ֖י הָאֲחֹוחִֽי׃ ס | 29 |
خۇشاتلىق سىببەكاي، ئاخوھلۇق ئىلاي، |
מַהְרַי֙ הַנְּטֹ֣פָתִ֔י חֵ֥לֶד בֶּֽן־בַּֽעֲנָ֖ה הַנְּטֹופָתִֽי׃ ס | 30 |
نىتوفاتلىق ماھاراي، نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، |
אִיתַ֣י בֶּן־רִיבַ֗י מִגִּבְעַת֙ בְּנֵ֣י בִנְיָמִ֔ן ס בְּנָיָ֖ה הַפִּרְעָתֹנִֽי׃ | 31 |
بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، پىراتونلۇق بىنايا، |
חוּרַי֙ מִנַּ֣חֲלֵי גָ֔עַשׁ ס אֲבִיאֵ֖ל הָעַרְבָתִֽי׃ ס | 32 |
گائاش ۋادىلىرىدىن كەلگەن خۇراي، ئارباتلىق ئابىيەل، |
עַזְמָ֙וֶת֙ הַבַּ֣חֲרוּמִ֔י אֶלְיַחְבָּ֖א הַשַּׁעַלְבֹנִֽי׃ ס | 33 |
باھارۇملۇق ئازماۋەت، شالبونلۇق ئېلياھبا، |
בְּנֵ֗י הָשֵׁם֙ הַגִּ֣זֹונִ֔י יֹונָתָ֥ן בֶּן־שָׁגֵ֖ה הַהֲרָרִֽי׃ ס | 34 |
گىزونلۇق ھاشەمنىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شاگىنىڭ ئوغلى يوناتان، |
אֲחִיאָ֧ם בֶּן־שָׂכָ֛ר הַהֲרָרִ֖י אֱלִיפַ֥ל בֶּן־אֽוּר׃ ס | 35 |
ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال، |
חֵ֚פֶר הַמְּכֵ֣רָתִ֔י אֲחִיָּ֖ה הַפְּלֹנִֽי׃ ס | 36 |
مەكەراتلىق ھەفەر، پىلونلۇق ئاخىياھ، |
חֶצְרֹו֙ הַֽכַּרְמְלִ֔י נַעֲרַ֖י בֶּן־אֶזְבָּֽי׃ ס | 37 |
كارمەللىك ھەزرو، ئەزباينىڭ ئوغلى نائاراي، |
יֹואֵל֙ אֲחִ֣י נָתָ֔ן מִבְחָ֖ר בֶּן־הַגְרִֽי׃ ס | 38 |
ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبھار، |
צֶ֖לֶק הָעַמֹּונִ֑י נַחְרַי֙ הַבֵּ֣רֹתִ֔י נֹשֵׂ֕א כְּלֵ֖י יֹואָ֥ב בֶּן־צְרוּיָֽה׃ ס | 39 |
ئاممونلۇق زەلەك، زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان بەئەروتلۇق ناھاراي، |
עִירָא֙ הַיִּתְרִ֔י גָּרֵ֖ב הַיִּתְרִֽי׃ ס | 40 |
ئىترىلىق ئىرا، ئىترىلىق گارەب، |
אֽוּרִיָּה֙ הַחִתִּ֔י זָבָ֖ד בֶּן־אַחְלָֽי׃ ס | 41 |
ھىتتىي ئۇرىيا، ئاھلاينىڭ ئوغلى زاباد، |
עֲדִינָ֨א בֶן־שִׁיזָ֜א הָרֽאוּבֵנִ֗י רֹ֛אשׁ לָרֽאוּבֵנִ֖י וְעָלָ֥יו שְׁלֹושִֽׁים׃ ס | 42 |
رۇبەن قەبىلىسىدىن شىزانىڭ ئوغلى، رۇبەنلەر ئىچىدە يولباشچى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئوتتۇز ئادەم، |
חָנָן֙ בֶּֽן־מַעֲכָ֔ה וְיֹושָׁפָ֖ט הַמִּתְנִֽי׃ ס | 43 |
مائاكاھنىڭ ئوغلى ھانان، مىتنىلىق يوشافات، |
עֻזִיָּ֖א הָעֲשְׁתְּרָתִ֑י שָׁמָע֙ וִיעוּאֵל (וִֽיעִיאֵ֔ל) ס בְּנֵ֖י חֹותָ֥ם הָעֲרֹעֵרִֽי׃ ס | 44 |
ئاشتاراتلىق ئۇززىيا، ئاروئەرلىك خوتامنىڭ ئوغلى شاما بىلەن جەئىيەل، |
יְדִֽיעֲאֵל֙ בֶּן־שִׁמְרִ֔י וְיֹחָ֥א אָחִ֖יו הַתִּיצִֽי׃ ס | 45 |
شىمرىنىڭ ئوغلى يېدىيايەل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزىلىق يوخا، |
אֱלִיאֵל֙ הַֽמַּחֲוִ֔ים וִירִיבַ֥י וְיֹושַׁוְיָ֖ה בְּנֵ֣י אֶלְנָ֑עַם וְיִתְמָ֖ה הַמֹּואָבִֽי׃ | 46 |
ماھاۋىلىق ئەلىيەل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يەرىباي بىلەن يوشاۋىيا، موئابلىق يىتما، |
אֱלִיאֵ֣ל וְעֹובֵ֔ד וְיַעֲשִׂיאֵ֖ל הַמְּצֹבָיָֽה׃ פ | 47 |
ئەلىيەل، ئوبەد ۋە مەزوبالىق يائاسىيەللەردىن ئىبارەت ئىدى. |