מִזְמוֹר שִׁיר לְיוֹם הַשַּׁבָּֽת׃ טוֹב לְהֹדוֹת לַיהֹוָה וּלְזַמֵּר לְשִׁמְךָ עֶלְיֽוֹן׃ | 1 |
شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى! |
לְהַגִּיד בַּבֹּקֶר חַסְדֶּךָ וֶאֱמוּנָתְךָ בַּלֵּילֽוֹת׃ | 2 |
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش، |
עֲֽלֵי־עָשׂוֹר וַעֲלֵי־נָבֶל עֲלֵי הִגָּיוֹן בְּכִנּֽוֹר׃ | 3 |
ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ، چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر! |
כִּי שִׂמַּחְתַּנִי יְהֹוָה בְּפׇעֳלֶךָ בְּֽמַעֲשֵׂי יָדֶיךָ אֲרַנֵּֽן׃ | 4 |
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن. |
מַה־גָּדְלוּ מַעֲשֶׂיךָ יְהֹוָה מְאֹד עָמְקוּ מַחְשְׁבֹתֶֽיךָ׃ | 5 |
پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر! |
אִֽישׁ־בַּעַר לֹא יֵדָע וּכְסִיל לֹא־יָבִין אֶת־זֹֽאת׃ | 6 |
بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس، |
בִּפְרֹחַ רְשָׁעִים ׀ כְּמוֹ־עֵשֶׂב וַיָּצִיצוּ כׇּל־פֹּעֲלֵי אָוֶן לְהִשָּׁמְדָם עֲדֵי־עַֽד׃ | 7 |
رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر! |
וְאַתָּה מָרוֹם לְעֹלָם יְהֹוָֽה׃ | 8 |
لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن. |
כִּי הִנֵּה אֹיְבֶיךָ יְֽהֹוָה כִּֽי־הִנֵּה אֹיְבֶיךָ יֹאבֵדוּ יִתְפָּרְדוּ כׇּל־פֹּעֲלֵי אָֽוֶן׃ | 9 |
چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛ بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ! |
וַתָּרֶם כִּרְאֵים קַרְנִי בַּלֹּתִי בְּשֶׁמֶן רַעֲנָֽן׃ | 10 |
مۈڭگۈزۈمنى ياۋايى بۇقىنىڭكىدەك كۆتۈرىسەن؛ بېشىم يېڭى ماي سۈركەپ، مەسىھ قىلىنىدۇ. |
וַתַּבֵּט עֵינִי בְּשׁוּרָי בַּקָּמִים עָלַי מְרֵעִים תִּשְׁמַעְנָה אׇזְנָֽי׃ | 11 |
مېنى قەست قىلغانلارنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] ئۆز كۆزۇم كۆرىدۇ؛ ماڭا قارشىلىشىشقا قوزغالغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ [تەن بەرگەنلىكىنىمۇ] قۇلىقىم ئاڭلايدۇ. |
צַדִּיק כַּתָּמָר יִפְרָח כְּאֶרֶז בַּלְּבָנוֹן יִשְׂגֶּֽה׃ | 12 |
ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛ ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ. |
שְׁתוּלִים בְּבֵית יְהֹוָה בְּחַצְרוֹת אֱלֹהֵינוּ יַפְרִֽיחוּ׃ | 13 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تىكىلگەنلەر، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا گۈللىنىدۇ؛ |
עוֹד יְנוּבוּן בְּשֵׂיבָה דְּשֵׁנִים וְֽרַעֲנַנִּים יִהְיֽוּ׃ | 14 |
ئۇلار قېرىغاندىمۇ يەنە مېۋە بېرىدۇ، سۇلۇق ھەم يېشىل ئۇلار؛ |
לְהַגִּיד כִּֽי־יָשָׁר יְהֹוָה צוּרִי וְֽלֹא־[עַוְלָתָה] (עלתה) בּֽוֹ׃ | 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگار دۇرۇستۇر، دەپ ئىسپاتلايدۇ؛ ئۇ مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ ناھەقلىك يوقتۇر! |