תְּהִלָּה לְדָוִד אֲרוֹמִמְךָ אֱלוֹהַי הַמֶּלֶךְ וַאֲבָרְכָה שִׁמְךָ לְעוֹלָם וָעֶֽד׃ | 1 |
مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن. |
בְּכׇל־יוֹם אֲבָֽרְכֶךָּ וַאֲהַֽלְלָה שִׁמְךָ לְעוֹלָם וָעֶֽד׃ | 2 |
ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن! |
גָּדוֹל יְהֹוָה וּמְהֻלָּל מְאֹד וְלִגְדֻלָּתוֹ אֵין חֵֽקֶר׃ | 3 |
ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛ |
דּוֹר לְדוֹר יְשַׁבַּח מַעֲשֶׂיךָ וּגְבוּרֹתֶיךָ יַגִּֽידוּ׃ | 4 |
بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛ |
הֲדַר כְּבוֹד הוֹדֶךָ וְדִבְרֵי נִפְלְאֹתֶיךָ אָשִֽׂיחָה׃ | 5 |
مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛ |
וֶעֱזוּז נֽוֹרְאֹתֶיךָ יֹאמֵרוּ (וגדלותיך) [וּגְדֻלָּתְךָ] אֲסַפְּרֶֽנָּה׃ | 6 |
: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن! |
זֵכֶר רַב־טוּבְךָ יַבִּיעוּ וְצִדְקָתְךָ יְרַנֵּֽנוּ׃ | 7 |
ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ. |
חַנּוּן וְרַחוּם יְהֹוָה אֶרֶךְ אַפַּיִם וּגְדׇל־חָֽסֶד׃ | 8 |
پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ |
טוֹב־יְהֹוָה לַכֹּל וְרַחֲמָיו עַל־כׇּל־מַעֲשָֽׂיו׃ | 9 |
پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛ |
יוֹדוּךָ יְהֹוָה כׇּל־מַעֲשֶׂיךָ וַחֲסִידֶיךָ יְבָרְכֽוּכָה׃ | 10 |
سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ. |
כְּבוֹד מַלְכוּתְךָ יֹאמֵרוּ וּגְבוּרָתְךָ יְדַבֵּֽרוּ׃ | 11 |
ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛ |
לְהוֹדִיעַ ׀ לִבְנֵי הָאָדָם גְּבוּרֹתָיו וּכְבוֹד הֲדַר מַלְכוּתֽוֹ׃ | 12 |
شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ. |
מַֽלְכוּתְךָ מַלְכוּת כׇּל־עֹלָמִים וּמֶֽמְשַׁלְתְּךָ בְּכׇל־דּוֹר וָדֹֽר׃ | 13 |
سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. |
סוֹמֵךְ יְהֹוָה לְכׇל־הַנֹּפְלִים וְזוֹקֵף לְכׇל־הַכְּפוּפִֽים׃ | 14 |
پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ. |
עֵֽינֵי־כֹל אֵלֶיךָ יְשַׂבֵּרוּ וְאַתָּה נֽוֹתֵן־לָהֶם אֶת־אׇכְלָם בְּעִתּֽוֹ׃ | 15 |
ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛ |
פּוֹתֵחַ אֶת־יָדֶךָ וּמַשְׂבִּיעַ לְכׇל־חַי רָצֽוֹן׃ | 16 |
قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن. |
צַדִּיק יְהֹוָה בְּכׇל־דְּרָכָיו וְחָסִיד בְּכׇל־מַעֲשָֽׂיו׃ | 17 |
پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر، ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر. |
קָרוֹב יְהֹוָה לְכׇל־קֹרְאָיו לְכֹל אֲשֶׁר יִקְרָאֻהוּ בֶֽאֱמֶֽת׃ | 18 |
پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر، ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛ |
רְצוֹן־יְרֵאָיו יַעֲשֶׂה וְֽאֶת־שַׁוְעָתָם יִשְׁמַע וְיוֹשִׁיעֵֽם׃ | 19 |
ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. |
שׁוֹמֵר יְהֹוָה אֶת־כׇּל־אֹהֲבָיו וְאֵת כׇּל־הָרְשָׁעִים יַשְׁמִֽיד׃ | 20 |
پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. |
תְּהִלַּת יְהֹוָה יְֽדַבֶּר ־ פִּי וִיבָרֵךְ כׇּל־בָּשָׂר שֵׁם קׇדְשׁוֹ לְעוֹלָם וָעֶֽד׃ | 21 |
ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛ بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي! |