שִׁיר הַֽמַּעֲלוֹת הַבֹּטְחִים בַּיהֹוָה כְּֽהַר־צִיּוֹן לֹא־יִמּוֹט לְעוֹלָם יֵשֵֽׁב׃ | 1 |
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛ ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ. |
יְֽרוּשָׁלַ͏ִם הָרִים סָבִיב לָהּ וַיהֹוָה סָבִיב לְעַמּוֹ מֵעַתָּה וְעַד־עוֹלָֽם׃ | 2 |
يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان، ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ. |
כִּי לֹא יָנוּחַ שֵׁבֶט הָרֶשַׁע עַל גּוֹרַל הַֽצַּדִּיקִים לְמַעַן לֹא־יִשְׁלְחוּ הַצַּדִּיקִים בְּעַוְלָתָה יְדֵיהֶֽם׃ | 3 |
چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛ بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن. |
הֵיטִיבָה יְהֹוָה לַטּוֹבִים וְלִישָׁרִים בְּלִבּוֹתָֽם׃ | 4 |
پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛ كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن. |
וְהַמַּטִּים עֲֽקַלְקַלּוֹתָם יוֹלִיכֵם יְהֹוָה אֶת־פֹּעֲלֵי הָאָוֶן שָׁלוֹם עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 5 |
بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! |