וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה וְאֶֽל־אַהֲרֹן לֵאמֹֽר׃ | 1 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
נָשֹׂא אֶת־רֹאשׁ בְּנֵי קְהָת מִתּוֹךְ בְּנֵי לֵוִי לְמִשְׁפְּחֹתָם לְבֵית אֲבֹתָֽם׃ | 2 |
سەن لاۋىيلار ئىچىدىن ئاتا جەمەتى بويىچە كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تىزىملىغىن، |
מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמַעְלָה וְעַד בֶּן־חֲמִשִּׁים שָׁנָה כׇּל־בָּא לַצָּבָא לַעֲשׂוֹת מְלָאכָה בְּאֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 3 |
ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا ئىش-خىزمەت قىلىشقا كېلەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملاپ چىق. |
זֹאת עֲבֹדַת בְּנֵי־קְהָת בְּאֹהֶל מוֹעֵד קֹדֶשׁ הַקֳּדָשִֽׁים׃ | 4 |
كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بولىدۇ. |
וּבָא אַהֲרֹן וּבָנָיו בִּנְסֹעַ הַֽמַּחֲנֶה וְהוֹרִדוּ אֵת פָּרֹכֶת הַמָּסָךְ וְכִסּוּ־בָהּ אֵת אֲרֹן הָעֵדֻֽת׃ | 5 |
بارگاھكۆچۈرۈلىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ «[ئەڭ مۇقەددەس جاي]»دىكى «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى يۆگىسۇن؛ |
וְנָתְנוּ עָלָיו כְּסוּי עוֹר תַּחַשׁ וּפָרְשׂוּ בֶֽגֶד־כְּלִיל תְּכֵלֶת מִלְמָעְלָה וְשָׂמוּ בַּדָּֽיו׃ | 6 |
ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىنى دېلفىننىڭ تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە كۆك بىر رەختنى يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزسۇن. |
וְעַל ׀ שֻׁלְחַן הַפָּנִים יִפְרְשׂוּ בֶּגֶד תְּכֵלֶת וְנָתְנוּ עָלָיו אֶת־הַקְּעָרֹת וְאֶת־הַכַּפֹּת וְאֶת־הַמְּנַקִּיֹּת וְאֵת קְשׂוֹת הַנָּסֶךְ וְלֶחֶם הַתָּמִיד עָלָיו יִהְיֶֽה׃ | 7 |
تەقدىم نان [تىزىلغان] شىرەگە كۆك بىر رەخت سېلىنىپ، ئۈستىگە لېگەن، تەخسە، پىيالە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى چاچىدىغان قەدەھلەر تىزىپ قويۇلسۇن؛ شىرەدىمۇ «دائىمىي نان» تىزىلىپ تۇرىۋەرسۇن؛ |
וּפָרְשׂוּ עֲלֵיהֶם בֶּגֶד תּוֹלַעַת שָׁנִי וְכִסּוּ אֹתוֹ בְּמִכְסֵה עוֹר תָּחַשׁ וְשָׂמוּ אֶת־בַּדָּֽיו׃ | 8 |
بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستى قىزىل رەخت بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىلىپ، ئاندىن كۆتىرىدىغان بالداقلار ئۆتكۈزۈپ قويۇلسۇن. |
וְלָקְחוּ ׀ בֶּגֶד תְּכֵלֶת וְכִסּוּ אֶת־מְנֹרַת הַמָּאוֹר וְאֶת־נֵרֹתֶיהָ וְאֶת־מַלְקָחֶיהָ וְאֶת־מַחְתֹּתֶיהָ וְאֵת כׇּל־כְּלֵי שַׁמְנָהּ אֲשֶׁר יְשָׁרְתוּ־לָהּ בָּהֶֽם׃ | 9 |
ئۇلار كۆك رەخت ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چىراغدان بىلەن ئۈستىدىكى چىراغلارنى، پىلىك قىسقۇچلارنى، كۈلدانلارنى ۋە چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان، بارلىق ماي قاچىلايدىغان قاچىلارنى يېپىپ قويسۇن. |
וְנָתְנוּ אֹתָהּ וְאֶת־כׇּל־כֵּלֶיהָ אֶל־מִכְסֵה עוֹר תָּחַשׁ וְנָתְנוּ עַל־הַמּֽוֹט׃ | 10 |
ئۇلار يەنە چىراغدان بىلەن چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان ھەممە قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى دېلفىن تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. |
וְעַל ׀ מִזְבַּח הַזָּהָב יִפְרְשׂוּ בֶּגֶד תְּכֵלֶת וְכִסּוּ אֹתוֹ בְּמִכְסֵה עוֹר תָּחַשׁ וְשָׂמוּ אֶת־בַּדָּֽיו׃ | 11 |
ئالتۇن خۇشبۇيگاھقا كۆك بىر رەخت سېلىپ، يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرگۈچكە قوش بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. |
וְלָקְחוּ אֶת־כׇּל־כְּלֵי הַשָּׁרֵת אֲשֶׁר יְשָֽׁרְתוּ־בָם בַּקֹּדֶשׁ וְנָֽתְנוּ אֶל־בֶּגֶד תְּכֵלֶת וְכִסּוּ אוֹתָם בְּמִכְסֵה עוֹר תָּחַשׁ וְנָתְנוּ עַל־הַמּֽוֹט׃ | 12 |
مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچىلارنى كۆك بىر رەخت بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئۈستىگە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى يېپىپ، ئاندىن بىر ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. |
וְדִשְּׁנוּ אֶת־הַמִּזְבֵּחַ וּפָרְשׂוּ עָלָיו בֶּגֶד אַרְגָּמָֽן׃ | 13 |
ئۇلار قۇربانگاھنى كۈلىدىن تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك بىر رەختنى يېيىپ قويسۇن. |
וְנָתְנוּ עָלָיו אֶֽת־כׇּל־כֵּלָיו אֲשֶׁר יְֽשָׁרְתוּ עָלָיו בָּהֶם אֶת־הַמַּחְתֹּת אֶת־הַמִּזְלָגֹת וְאֶת־הַיָּעִים וְאֶת־הַמִּזְרָקֹת כֹּל כְּלֵי הַמִּזְבֵּחַ וּפָרְשׂוּ עָלָיו כְּסוּי עוֹר תַּחַשׁ וְשָׂמוּ בַדָּֽיו׃ | 14 |
ئاندىن يەنە قۇربانگاھتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار —كۈلدان، ئىلمەك، بەلگۈرجەك، چىنىلەر، شۇنداقلا بارلىق ئەسۋابلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە تىزىپ، ئاندىن دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. |
וְכִלָּה אַֽהֲרֹן־וּבָנָיו לְכַסֹּת אֶת־הַקֹּדֶשׁ וְאֶת־כׇּל־כְּלֵי הַקֹּדֶשׁ בִּנְסֹעַ הַֽמַּחֲנֶה וְאַחֲרֵי־כֵן יָבֹאוּ בְנֵי־קְהָת לָשֵׂאת וְלֹֽא־יִגְּעוּ אֶל־הַקֹּדֶשׁ וָמֵתוּ אֵלֶּה מַשָּׂא בְנֵֽי־קְהָת בְּאֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 15 |
پۈتۈن بارگاھتىكىلەر يولغا چىقىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جاي ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىپ كۆتۈرسۇن؛ لېكىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇقەددەس بۇيۇملارغا قول تەگكۈزمىسۇن. جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن شۇلارنى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. |
וּפְקֻדַּת אֶלְעָזָר ׀ בֶּן־אַהֲרֹן הַכֹּהֵן שֶׁמֶן הַמָּאוֹר וּקְטֹרֶת הַסַּמִּים וּמִנְחַת הַתָּמִיד וְשֶׁמֶן הַמִּשְׁחָה פְּקֻדַּת כׇּל־הַמִּשְׁכָּן וְכׇל־אֲשֶׁר־בּוֹ בְּקֹדֶשׁ וּבְכֵלָֽיו׃ | 16 |
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارنىڭ ۋەزىپىسى چىراغ مېيى، خۇشبۇي ئەتىر، دائىمىي تەقدىم قىلىنىدىغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن مەسىھلەش مېيىغا قاراش، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر، مۇقەددەس جاي ھەم مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا قاراشتىن ئىبارەت. |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה וְאֶֽל־אַהֲרֹן לֵאמֹֽר׃ | 17 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
אַל־תַּכְרִיתוּ אֶת־שֵׁבֶט מִשְׁפְּחֹת הַקְּהָתִי מִתּוֹךְ הַלְוִיִּֽם׃ | 18 |
سىلەر كوھات جەمەتىدىكىلەرنى لاۋىيلار ئارىسىدىن قەتئىي يوقىتىپ قويماڭلار؛ |
וְזֹאת ׀ עֲשׂוּ לָהֶם וְחָיוּ וְלֹא יָמֻתוּ בְּגִשְׁתָּם אֶת־קֹדֶשׁ הַקֳּדָשִׁים אַהֲרֹן וּבָנָיו יָבֹאוּ וְשָׂמוּ אוֹתָם אִישׁ אִישׁ עַל־עֲבֹדָתוֹ וְאֶל־מַשָּׂאֽוֹ׃ | 19 |
بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆلمەي، ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇلار «ئەڭ مۇقەددەس» بۇيۇملارغا يېقىنلاشقان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىلىدىغان ۋە كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسۇن؛ |
וְלֹא־יָבֹאוּ לִרְאוֹת כְּבַלַּע אֶת־הַקֹּדֶשׁ וָמֵֽתוּ׃ | 20 |
ئۇلار پەقەت مۇقەددەس جايغا كىرگەندە مۇقەددەس بۇيۇملارغا بىر دەقىقىمۇ قارىمىسۇن، ئۇنداق قىلىپ قويسا ئۆلۈپ كېتىدۇ. |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹֽר׃ | 21 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
נָשֹׂא אֶת־רֹאשׁ בְּנֵי גֵרְשׁוֹן גַּם־הֵם לְבֵית אֲבֹתָם לְמִשְׁפְּחֹתָֽם׃ | 22 |
گەرشون ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئاتا جەمەتى ۋە ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. |
מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמַעְלָה עַד בֶּן־חֲמִשִּׁים שָׁנָה תִּפְקֹד אוֹתָם כׇּל־הַבָּא לִצְבֹא צָבָא לַעֲבֹד עֲבֹדָה בְּאֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 23 |
זֹאת עֲבֹדַת מִשְׁפְּחֹת הַגֵּרְשֻׁנִּי לַעֲבֹד וּלְמַשָּֽׂא׃ | 24 |
گەرشون ئائىلىلىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ۋە ئۇلار كۆتۈرىدىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: |
וְנָשְׂאוּ אֶת־יְרִיעֹת הַמִּשְׁכָּן וְאֶת־אֹהֶל מוֹעֵד מִכְסֵהוּ וּמִכְסֵה הַתַּחַשׁ אֲשֶׁר־עָלָיו מִלְמָעְלָה וְאֶת־מָסַךְ פֶּתַח אֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 25 |
— ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئۆزىنى، يەنى ئاستىدىكى ئىچكى پەردىلىرى ۋە سىرتقى پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ ياپقۇچىنى، شۇنداقلا ئۈستىگە ياپقان دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى ۋە جامائەت چېدىرىنىڭكىرىش ئىشىكىنىڭ پەردىسىنى، |
וְאֵת קַלְעֵי הֶֽחָצֵר וְאֶת־מָסַךְ ׀ פֶּתַח ׀ שַׁעַר הֶחָצֵר אֲשֶׁר עַל־הַמִּשְׁכָּן וְעַל־הַמִּזְבֵּחַ סָבִיב וְאֵת מֵֽיתְרֵיהֶם וְאֶֽת־כׇּל־כְּלֵי עֲבֹדָתָם וְאֵת כׇּל־אֲשֶׁר יֵעָשֶׂה לָהֶם וְעָבָֽדוּ׃ | 26 |
ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تارتىلغان ھويلىدىكى پەردىلەر بىلەن كىرىش دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى، شۇلارغا خاس تانىلىرىنى ۋە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرسۇن؛ بۇ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلسۇن. |
עַל־פִּי אַהֲרֹן וּבָנָיו תִּהְיֶה כׇּל־עֲבֹדַת בְּנֵי הַגֵּרְשֻׁנִּי לְכׇל־מַשָּׂאָם וּלְכֹל עֲבֹדָתָם וּפְקַדְתֶּם עֲלֵהֶם בְּמִשְׁמֶרֶת אֵת כׇּל־מַשָּׂאָֽם׃ | 27 |
گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىپىسى، يەنى ئۇلار كۆتۈرىدىغان ۋە بېجىرىدىغان بارلىق ئىشلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ نېمە كۆتۈرىدىغانلىقىنى سىلەر بەلگىلەپ بېرىڭلار. |
זֹאת עֲבֹדַת מִשְׁפְּחֹת בְּנֵי הַגֵּרְשֻׁנִּי בְּאֹהֶל מוֹעֵד וּמִשְׁמַרְתָּם בְּיַד אִֽיתָמָר בֶּֽן־אַהֲרֹן הַכֹּהֵֽן׃ | 28 |
گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە قىلىدىغان خىزمىتى شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. |
בְּנֵי מְרָרִי לְמִשְׁפְּחֹתָם לְבֵית־אֲבֹתָם תִּפְקֹד אֹתָֽם׃ | 29 |
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ، ئۇلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈز؛ |
מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמַעְלָה וְעַד בֶּן־חֲמִשִּׁים שָׁנָה תִּפְקְדֵם כׇּל־הַבָּא לַצָּבָא לַעֲבֹד אֶת־עֲבֹדַת אֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 30 |
ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. |
וְזֹאת מִשְׁמֶרֶת מַשָּׂאָם לְכׇל־עֲבֹדָתָם בְּאֹהֶל מוֹעֵד קַרְשֵׁי הַמִּשְׁכָּן וּבְרִיחָיו וְעַמּוּדָיו וַאֲדָנָֽיו׃ | 31 |
ئۇلارنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى بارلىق خىزمىتى، يەنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى مۇنداق: — ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، |
וְעַמּוּדֵי הֶחָצֵר סָבִיב וְאַדְנֵיהֶם וִיתֵֽדֹתָם וּמֵיתְרֵיהֶם לְכׇל־כְּלֵיהֶם וּלְכֹל עֲבֹדָתָם וּבְשֵׁמֹת תִּפְקְדוּ אֶת־כְּלֵי מִשְׁמֶרֶת מַשָּׂאָֽם׃ | 32 |
ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلار، ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇقلىرى، تانالىرى، بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ھەم شۇلارغا كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش بولسۇن؛ ئۇلار كۆتۈرىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى نامىنى ئاتاپ بىر-بىرلەپ ھەر ئادەمگە كۆرسىتىپ بېرىڭلار. |
זֹאת עֲבֹדַת מִשְׁפְּחֹת בְּנֵי מְרָרִי לְכׇל־עֲבֹדָתָם בְּאֹהֶל מוֹעֵד בְּיַד אִֽיתָמָר בֶּֽן־אַהֲרֹן הַכֹּהֵֽן׃ | 33 |
مەرارى جەمەت-ئائىلىلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدە قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى ئەنە شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. |
וַיִּפְקֹד מֹשֶׁה וְאַהֲרֹן וּנְשִׂיאֵי הָעֵדָה אֶת־בְּנֵי הַקְּהָתִי לְמִשְׁפְּחֹתָם וּלְבֵית אֲבֹתָֽם׃ | 34 |
مۇسا بىلەن ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزدى. |
מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמַעְלָה וְעַד בֶּן־חֲמִשִּׁים שָׁנָה כׇּל־הַבָּא לַצָּבָא לַעֲבֹדָה בְּאֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 35 |
וַיִּהְיוּ פְקֻדֵיהֶם לְמִשְׁפְּחֹתָם אַלְפַּיִם שְׁבַע מֵאוֹת וַחֲמִשִּֽׁים׃ | 36 |
ئۇلاردىن جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ چىقتى. |
אֵלֶּה פְקוּדֵי מִשְׁפְּחֹת הַקְּהָתִי כׇּל־הָעֹבֵד בְּאֹהֶל מוֹעֵד אֲשֶׁר פָּקַד מֹשֶׁה וְאַהֲרֹן עַל־פִּי יְהֹוָה בְּיַד־מֹשֶֽׁה׃ | 37 |
مۇشۇلار كوھات جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. |
וּפְקוּדֵי בְּנֵי גֵרְשׁוֹן לְמִשְׁפְּחוֹתָם וּלְבֵית אֲבֹתָֽם׃ | 38 |
گەرشونلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ |
מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמַעְלָה וְעַד בֶּן־חֲמִשִּׁים שָׁנָה כׇּל־הַבָּא לַצָּבָא לַעֲבֹדָה בְּאֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 39 |
וַיִּֽהְיוּ פְּקֻדֵיהֶם לְמִשְׁפְּחֹתָם לְבֵית אֲבֹתָם אַלְפַּיִם וְשֵׁשׁ מֵאוֹת וּשְׁלֹשִֽׁים׃ | 40 |
ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولۇپ چىقتى. |
אֵלֶּה פְקוּדֵי מִשְׁפְּחֹת בְּנֵי גֵרְשׁוֹן כׇּל־הָעֹבֵד בְּאֹהֶל מוֹעֵד אֲשֶׁר פָּקַד מֹשֶׁה וְאַהֲרֹן עַל־פִּי יְהֹוָֽה׃ | 41 |
مۇشۇلار گەرشون جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. |
וּפְקוּדֵי מִשְׁפְּחֹת בְּנֵי מְרָרִי לְמִשְׁפְּחֹתָם לְבֵית אֲבֹתָֽם׃ | 42 |
مەرارىلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ |
מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמַעְלָה וְעַד בֶּן־חֲמִשִּׁים שָׁנָה כׇּל־הַבָּא לַצָּבָא לַעֲבֹדָה בְּאֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 43 |
וַיִּהְיוּ פְקֻדֵיהֶם לְמִשְׁפְּחֹתָם שְׁלֹשֶׁת אֲלָפִים וּמָאתָֽיִם׃ | 44 |
ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولۇپ چىقتى. |
אֵלֶּה פְקוּדֵי מִשְׁפְּחֹת בְּנֵי מְרָרִי אֲשֶׁר פָּקַד מֹשֶׁה וְאַהֲרֹן עַל־פִּי יְהֹוָה בְּיַד־מֹשֶֽׁה׃ | 45 |
مۇشۇلار مەرارى جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. |
כׇּֽל־הַפְּקֻדִים אֲשֶׁר פָּקַד מֹשֶׁה וְאַהֲרֹן וּנְשִׂיאֵי יִשְׂרָאֵל אֶת־הַלְוִיִּם לְמִשְׁפְּחֹתָם וּלְבֵית אֲבֹתָֽם׃ | 46 |
ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار مانا شۇلار ئىدى؛ مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئەمىرلىرى ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە يۈك كۈتۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرەلەيدىغانلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەن. |
מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמַעְלָה וְעַד בֶּן־חֲמִשִּׁים שָׁנָה כׇּל־הַבָּא לַעֲבֹד עֲבֹדַת עֲבֹדָה וַעֲבֹדַת מַשָּׂא בְּאֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 47 |
וַיִּהְיוּ פְּקֻדֵיהֶם שְׁמֹנַת אֲלָפִים וַחֲמֵשׁ מֵאוֹת וּשְׁמֹנִֽים׃ | 48 |
ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي سەككىز مىڭ بەش يۈز سەكسەن ئادەم بولۇپ چىقتى. |
עַל־פִּי יְהֹוָה פָּקַד אוֹתָם בְּיַד־מֹשֶׁה אִישׁ אִישׁ עַל־עֲבֹדָתוֹ וְעַל־מַשָּׂאוֹ וּפְקֻדָיו אֲשֶׁר־צִוָּה יְהֹוָה אֶת־מֹשֶֽׁה׃ | 49 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار مۇسا تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ ھەركىم ئۆزى قىلىدىغان ئىشى ۋە كۆتۈرىدىغان يۈكىگە ئاساسەن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك بولدى. |