וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה בְּעַֽרְבֹת מוֹאָב עַל־יַרְדֵּן יְרֵחוֹ לֵאמֹֽר׃ | 1 |
پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
צַו אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְנָתְנוּ לַלְוִיִּם מִֽנַּחֲלַת אֲחֻזָּתָם עָרִים לָשָׁבֶת וּמִגְרָשׁ לֶֽעָרִים סְבִיבֹתֵיהֶם תִּתְּנוּ לַלְוִיִּֽם׃ | 2 |
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق ئەمر قىل، ئۇلار مىراس قىلىپ ئېرىشكەن زېمىندىكى بەزى شەھەرلەرنى لاۋىيلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرسۇن؛ ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى يايلاقلارنىمۇ لاۋىيلارغا بەرسۇن. |
וְהָיוּ הֶֽעָרִים לָהֶם לָשָׁבֶת וּמִגְרְשֵׁיהֶם יִהְיוּ לִבְהֶמְתָּם וְלִרְכֻשָׁם וּלְכֹל חַיָּתָֽם׃ | 3 |
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان شەھەرلىرى بولىدۇ ۋە شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلارغا ئۇلارنىڭ چارپايلىرى، باشقا مال-مۈلۈكلىرى ھەمدە بارلىق ھايۋانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. |
וּמִגְרְשֵׁי הֶֽעָרִים אֲשֶׁר תִּתְּנוּ לַלְוִיִּם מִקִּיר הָעִיר וָחוּצָה אֶלֶף אַמָּה סָבִֽיב׃ | 4 |
سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەردىكى يايلاقلار سېپىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا مىڭ گەز بولسۇن. |
וּמַדֹּתֶם מִחוּץ לָעִיר אֶת־פְּאַת־קֵדְמָה אַלְפַּיִם בָּֽאַמָּה וְאֶת־פְּאַת־נֶגֶב אַלְפַּיִם בָּאַמָּה וְאֶת־פְּאַת־יָם ׀ אַלְפַּיִם בָּֽאַמָּה וְאֵת פְּאַת צָפוֹן אַלְפַּיִם בָּאַמָּה וְהָעִיר בַּתָּוֶךְ זֶה יִהְיֶה לָהֶם מִגְרְשֵׁי הֶעָרִֽים׃ | 5 |
سىلەر يەنە شەھەر سىرتىدىن كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز ئۆلچەڭلار، شەھەر ئوتتۇرىدا بولسۇن؛ شەھەرلەر ئەتراپىدىكى مۇشۇ يەرلەر ئۇلار ئۈچۈن يايلاقلار بولسۇن. |
וְאֵת הֶֽעָרִים אֲשֶׁר תִּתְּנוּ לַלְוִיִּם אֵת שֵׁשׁ־עָרֵי הַמִּקְלָט אֲשֶׁר תִּתְּנוּ לָנֻס שָׁמָּה הָרֹצֵחַ וַעֲלֵיהֶם תִּתְּנוּ אַרְבָּעִים וּשְׁתַּיִם עִֽיר׃ | 6 |
سىلەر لاۋىيلارغا بەرگەن شەھەرلەر ئىچىدە ئالتە شەھەر «پاناھلىق شەھىرى» بولسۇن؛ سىلەر شۇلارنى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىلەرنىڭ شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىكىتىڭلار؛ بۇلاردىن باشقا ئۇلارغا يەنە قىرىق ئىككى شەھەر بېرىڭلار. |
כׇּל־הֶעָרִים אֲשֶׁר תִּתְּנוּ לַלְוִיִּם אַרְבָּעִים וּשְׁמֹנֶה עִיר אֶתְהֶן וְאֶת־מִגְרְשֵׁיהֶֽן׃ | 7 |
سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز بولۇپ، شۇ شەھەرلەر بىلەن ئۇلارغا تەۋە يايلاقلار ئۇلارغا بېرىلسۇن. |
וְהֶֽעָרִים אֲשֶׁר תִּתְּנוּ מֵאֲחֻזַּת בְּנֵי־יִשְׂרָאֵל מֵאֵת הָרַב תַּרְבּוּ וּמֵאֵת הַמְעַט תַּמְעִיטוּ אִישׁ כְּפִי נַחֲלָתוֹ אֲשֶׁר יִנְחָלוּ יִתֵּן מֵעָרָיו לַלְוִיִּֽם׃ | 8 |
سىلەر ئۇلارغا بېرىدىغان شۇ شەھەرلەر ئىسرائىللار مىراس قىلغان تەۋەلىكلەردىن بولسۇن؛ ئادىمى كۆپرەك بولغانلاردىن كۆپرەك، ئادىمى ئازراق بولغانلاردىن ئازراق ئېلىڭلار؛ ھەربىر قەبىلە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان مىراسقا ئاساسەن شەھەرلەردىن بەزىلىرىنى ئېلىپ لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىپ بەرسۇن. |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹֽר׃ | 9 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
דַּבֵּר אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְאָמַרְתָּ אֲלֵהֶם כִּי אַתֶּם עֹבְרִים אֶת־הַיַּרְדֵּן אַרְצָה כְּנָֽעַן׃ | 10 |
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا، |
וְהִקְרִיתֶם לָכֶם עָרִים עָרֵי מִקְלָט תִּהְיֶינָה לָכֶם וְנָס שָׁמָּה רֹצֵחַ מַכֵּה־נֶפֶשׁ בִּשְׁגָגָֽה׃ | 11 |
تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىرنەچچە شەھەر تاللاپ بېكىتىڭلار. |
וְהָיוּ לָכֶם הֶעָרִים לְמִקְלָט מִגֹּאֵל וְלֹא יָמוּת הָרֹצֵחַ עַד־עׇמְדוֹ לִפְנֵי הָעֵדָה לַמִּשְׁפָּֽט׃ | 12 |
شۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلەر ئادەم ئۆلتۈرگۈچى تاكى جامائەت ئالدىدا سوراققا تارتىلغۇچە، قىساسكارنىڭ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر بولىدۇ. |
וְהֶעָרִים אֲשֶׁר תִּתֵּנוּ שֵׁשׁ־עָרֵי מִקְלָט תִּהְיֶינָה לָכֶֽם׃ | 13 |
سىلەر بېكىتكەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە پاناھلىنىدىغان ئالتە شەھەر بولىدۇ. |
אֵת ׀ שְׁלֹשׁ הֶעָרִים תִּתְּנוּ מֵעֵבֶר לַיַּרְדֵּן וְאֵת שְׁלֹשׁ הֶֽעָרִים תִּתְּנוּ בְּאֶרֶץ כְּנָעַן עָרֵי מִקְלָט תִּהְיֶֽינָה׃ | 14 |
پاناھلىق شەھىرى ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئۈچ شەھەر، قانائان زېمىنىدىمۇ ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ قويۇڭلار. |
לִבְנֵי יִשְׂרָאֵל וְלַגֵּר וְלַתּוֹשָׁב בְּתוֹכָם תִּהְיֶינָה שֵׁשׁ־הֶעָרִים הָאֵלֶּה לְמִקְלָט לָנוּס שָׁמָּה כׇּל־מַכֵּה־נֶפֶשׁ בִּשְׁגָגָֽה׃ | 15 |
بۇ ئالتە شەھەر ئىسرائىللار، يات ئەلدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىلىشىپ ئولتۇرغان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھلىق شەھەرلىرى بولسۇن؛ تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە قېچىشقا بولىدۇ. |
וְאִם־בִּכְלִי בַרְזֶל ׀ הִכָּהוּ וַיָּמֹת רֹצֵחַֽ הוּא מוֹת יוּמַת הָרֹצֵֽחַ׃ | 16 |
— ئەگەر بىراۋ تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. |
וְאִם בְּאֶבֶן יָד אֲשֶׁר־יָמוּת בָּהּ הִכָּהוּ וַיָּמֹת רֹצֵחַֽ הוּא מוֹת יוּמַת הָרֹצֵֽחַ׃ | 17 |
ئەگەر بىراۋ قول كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك تاش بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. |
אוֹ בִּכְלִי עֵֽץ־יָד אֲשֶׁר־יָמוּת בּוֹ הִכָּהוּ וַיָּמֹת רֹצֵחַֽ הוּא מוֹת יוּמַת הָרֹצֵֽחַ׃ | 18 |
ئەگەر بىراۋ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. |
גֹּאֵל הַדָּם הוּא יָמִית אֶת־הָרֹצֵחַ בְּפִגְעוֹ־בוֹ הוּא יְמִתֶֽנּוּ׃ | 19 |
قان قىساس ئالغۇچى كىشى شۇ قاتىلنى ئۆلتۈرسۇن؛ ئۇ قاتىلنى ئۇچراتقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن. |
וְאִם־בְּשִׂנְאָה יֶהְדֳּפֶנּוּ אֽוֹ־הִשְׁלִיךְ עָלָיו בִּצְדִיָּה וַיָּמֹֽת׃ | 20 |
ئەگەر بىراۋ ئۆچمەنلىك بىلەن بىرسىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىپ ياكى مۆكۈپ تۇرۇپ بىرەر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، |
אוֹ בְאֵיבָה הִכָּהוּ בְיָדוֹ וַיָּמֹת מֽוֹת־יוּמַת הַמַּכֶּה רֹצֵחַֽ הוּא גֹּאֵל הַדָּם יָמִית אֶת־הָרֹצֵחַ בְּפִגְעוֹ־בֽוֹ׃ | 21 |
ياكى ئۆچەكىشىپ مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئادەم ئۇرغۇچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇ قاتىل بولىدۇ؛ قان قىساس ئالغۇچى كىشى قاتىلنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈرۈۋەتسۇن. |
וְאִם־בְּפֶתַע בְּלֹא־אֵיבָה הֲדָפוֹ אוֹ־הִשְׁלִיךְ עָלָיו כׇּל־כְּלִי בְּלֹא צְדִיָּֽה׃ | 22 |
لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆچى يوق، تاسادىپىي ئىتتىرىۋېتىش ياكى مەقسەتسىزلا بىرەر نەرسە ئېتىپ، |
אוֹ בְכׇל־אֶבֶן אֲשֶׁר־יָמוּת בָּהּ בְּלֹא רְאוֹת וַיַּפֵּל עָלָיו וַיָּמֹת וְהוּא לֹא־אוֹיֵב לוֹ וְלֹא מְבַקֵּשׁ רָעָתֽוֹ׃ | 23 |
ياكى ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك ھەرقانداق بىر تاشنى ئادەمنى كۆرمەي ئېتىپ سېلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆچى بولمىسا، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىمۇ بولمىسا؛ |
וְשָֽׁפְטוּ הָֽעֵדָה בֵּין הַמַּכֶּה וּבֵין גֹּאֵל הַדָּם עַל הַמִּשְׁפָּטִים הָאֵֽלֶּה׃ | 24 |
بۇنداق ئەھۋالدا، جامائەت شۇ قانۇن-ھۆكۈملەرگە ئاساسەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى بىلەن قان قىساس ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا كېسىم قىلسۇن. |
וְהִצִּילוּ הָעֵדָה אֶת־הָרֹצֵחַ מִיַּד גֹּאֵל הַדָּם וְהֵשִׁיבוּ אֹתוֹ הָֽעֵדָה אֶל־עִיר מִקְלָטוֹ אֲשֶׁר־נָס שָׁמָּה וְיָשַׁב בָּהּ עַד־מוֹת הַכֹּהֵן הַגָּדֹל אֲשֶׁר־מָשַׁח אֹתוֹ בְּשֶׁמֶן הַקֹּֽדֶשׁ׃ | 25 |
جامائەت تاسادىپىي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قان قىساس ئالغۇچى كىشىنىڭ قولىدىن جەزمەن قۇتقۇزۇۋالسۇن؛ ئۇلار ئۇنى قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىگە [ئامان-ئېسەن] قايتۇرۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن مۇقەددەس ماي بىلەن مەسىھلەنگەن باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇ شۇ شەھەردە تۇرسۇن. |
וְאִם־יָצֹא יֵצֵא הָרֹצֵחַ אֶת־גְּבוּל עִיר מִקְלָטוֹ אֲשֶׁר יָנוּס שָֽׁמָּה׃ | 26 |
لېكىن تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەگەر قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىنىڭ تەۋەسىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، |
וּמָצָא אֹתוֹ גֹּאֵל הַדָּם מִחוּץ לִגְבוּל עִיר מִקְלָטוֹ וְרָצַח גֹּאֵל הַדָּם אֶת־הָרֹצֵחַ אֵין לוֹ דָּֽם׃ | 27 |
شۇنداقلا قان قىساس ئالغۇچى كىشى ئۇنى پاناھلىق شەھىرىنىڭ پاسىللىرىنىڭ سىرتىدا ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا قان قىساس ئالغۇچى قان تۆكۈش گۇناھىنى تارتمايدۇ؛ |
כִּי בְעִיר מִקְלָטוֹ יֵשֵׁב עַד־מוֹת הַכֹּהֵן הַגָּדֹל וְאַחֲרֵי מוֹת הַכֹּהֵן הַגָּדֹל יָשׁוּב הָרֹצֵחַ אֶל־אֶרֶץ אֲחֻזָּתֽוֹ׃ | 28 |
چۈنكى تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەسلىدە باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە پاناھلىق شەھىرىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى؛ باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆز تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قايتىپ بارسا بولىدۇ. |
וְהָיוּ אֵלֶּה לָכֶם לְחֻקַּת מִשְׁפָּט לְדֹרֹתֵיכֶם בְּכֹל מוֹשְׁבֹתֵיכֶֽם׃ | 29 |
— بۇلار سىلەر تۇرۇشلۇق ھەممە يەردە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قانۇن-بەلگىلىمىلەر بولسۇن. |
כׇּל־מַכֵּה־נֶפֶשׁ לְפִי עֵדִים יִרְצַח אֶת־הָרֹצֵחַ וְעֵד אֶחָד לֹא־יַעֲנֶה בְנֶפֶשׁ לָמֽוּת׃ | 30 |
باشقا بىرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بولسا، بىرنەچچە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ؛ لېكىن پەقەت بىرلا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولمايدۇ. |
וְלֹֽא־תִקְחוּ כֹפֶר לְנֶפֶשׁ רֹצֵחַ אֲשֶׁר־הוּא רָשָׁע לָמוּת כִּי־מוֹת יוּמָֽת׃ | 31 |
ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە، يەنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن سىلەر ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار؛ ئۇنداق كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. |
וְלֹא־תִקְחוּ כֹפֶר לָנוּס אֶל־עִיר מִקְלָטוֹ לָשׁוּב לָשֶׁבֶת בָּאָרֶץ עַד־מוֹת הַכֹּהֵֽן׃ | 32 |
شۇنىڭدەك پاناھلىق شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالغان كىشى ئۈچۈن باش كاھىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۆز يېرىگە قايتىپ كېلىۋېلىشىغا ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار. |
וְלֹֽא־תַחֲנִיפוּ אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם בָּהּ כִּי הַדָּם הוּא יַחֲנִיף אֶת־הָאָרֶץ וְלָאָרֶץ לֹֽא־יְכֻפַּר לַדָּם אֲשֶׁר שֻׁפַּךְ־בָּהּ כִּי־אִם בְּדַם שֹׁפְכֽוֹ׃ | 33 |
شۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار تۇرغان زېمىننى بۇلغىغان بولمايسىلەر، چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ؛ زېمىندا تۆكۈلگەن قانغا دەل شۇ قاننى تۆككەن كىشىنىڭ ئۆز قېنىدىن باشقا ھېچقانداق كافارەت كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ. |
וְלֹא תְטַמֵּא אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם יֹשְׁבִים בָּהּ אֲשֶׁר אֲנִי שֹׁכֵן בְּתוֹכָהּ כִּי אֲנִי יְהֹוָה שֹׁכֵן בְּתוֹךְ בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 34 |
ئۆزۈڭلار ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى مەن ئۆزۈم ماكان قىلغان زېمىننى بۇلغىماڭلار؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ئارىسىدا ماكان تۇتقۇچىدۇرمەن. |