וַיֵּאָסְפוּ כׇל־הָעָם כְּאִישׁ אֶחָד אֶל־הָרְחוֹב אֲשֶׁר לִפְנֵי שַֽׁעַר־הַמָּיִם וַיֹּֽאמְרוּ לְעֶזְרָא הַסֹּפֵר לְהָבִיא אֶת־סֵפֶר תּוֹרַת מֹשֶׁה אֲשֶׁר־צִוָּה יְהֹוָה אֶת־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. بۇ چاغدا پۈتۈن خالايىق خۇددى بىر ئادەمدەك بولۇپ «سۇ قوۋۇقى» ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، تەۋراتشۇناس ئەزرادىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىلغا تاپىلىغان تەۋرات-قانۇن كىتابىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. |
וַיָּבִיא עֶזְרָא הַכֹּהֵן אֶֽת־הַתּוֹרָה לִפְנֵי הַקָּהָל מֵאִישׁ וְעַד־אִשָּׁה וְכֹל מֵבִין לִשְׁמֹעַ בְּיוֹם אֶחָד לַחֹדֶשׁ הַשְּׁבִיעִֽי׃ | 2 |
يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كاھىن ئەزرا تەۋرات-قانۇن كىتابىنى جامائەتكە، يەنى ئەر-ئاياللار، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى؛ |
וַיִּקְרָא־בוֹ לִפְנֵי הָרְחוֹב אֲשֶׁר ׀ לִפְנֵי שַֽׁעַר־הַמַּיִם מִן־הָאוֹר עַד־מַחֲצִית הַיּוֹם נֶגֶד הָאֲנָשִׁים וְהַנָּשִׁים וְהַמְּבִינִים וְאׇזְנֵי כׇל־הָעָם אֶל־סֵפֶר הַתּוֹרָֽה׃ | 3 |
«سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئەتىگەندىن چۈشكىچە، ئەر-ئاياللارغا، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەرگە ئوقۇپ بەردى. پۈتكۈل جامائەتنىڭ قۇلاقلىرى تەۋرات-قانۇن كىتابىدىكى سۆزلەردە ئىدى. |
וַֽיַּעֲמֹד עֶזְרָא הַסֹּפֵר עַֽל־מִגְדַּל־עֵץ אֲשֶׁר עָשׂוּ לַדָּבָר וַיַּֽעֲמֹד אֶצְלוֹ מַתִּתְיָה וְשֶׁמַע וַעֲנָיָה וְאוּרִיָּה וְחִלְקִיָּה וּמַעֲשֵׂיָה עַל־יְמִינוֹ וּמִשְּׂמֹאלוֹ פְּדָיָה וּמִֽישָׁאֵל וּמַלְכִּיָּה וְחָשֻׁם וְחַשְׁבַּדָּנָה זְכַרְיָה מְשֻׁלָּֽם׃ | 4 |
تەۋراتشۇناس ئەزرا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ھازىرلانغان ياغاچ مۇنبەرگە چىقىپ تۇردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ماتتىتىيا، شېما، ئاناياھ، ئۇرىيا، ھىلقىيا بىلەن مائاسېياھلار ئىدى؛ سول تەرىپىدە تۇرغىنى پىدايا، مىشائەل، مالكىيا، ھاشوم، ھاشباددانا، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام ئىدى. |
וַיִּפְתַּח עֶזְרָא הַסֵּפֶר לְעֵינֵי כׇל־הָעָם כִּֽי־מֵעַל כׇּל־הָעָם הָיָה וּכְפִתְחוֹ עָֽמְדוּ כׇל־הָעָֽם׃ | 5 |
ئەزرا پۈتكۈل خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابنى ئاچتى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن خالايىقتىن ئېگىزدە تۇراتتى؛ ئۇ كىتابنى ئاچقاندا، بارلىق خالايىق ئورنىدىن قوپتى. |
וַיְבָרֶךְ עֶזְרָא אֶת־יְהֹוָה הָאֱלֹהִים הַגָּדוֹל וַיַּֽעֲנוּ כׇל־הָעָם אָמֵן ׀ אָמֵן בְּמֹעַל יְדֵיהֶם וַיִּקְּדוּ וַיִּֽשְׁתַּחֲווּ לַיהֹוָה אַפַּיִם אָֽרְצָה׃ | 6 |
ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. |
וְיֵשׁוּעַ וּבָנִי וְשֵׁרֵבְיָה ׀ יָמִין עַקּוּב שַׁבְּתַי ׀ הֽוֹדִיָּה מַעֲשֵׂיָה קְלִיטָא עֲזַרְיָה יוֹזָבָד חָנָן פְּלָאיָה וְהַלְוִיִּם מְבִינִים אֶת־הָעָם לַתּוֹרָה וְהָעָם עַל־עׇמְדָֽם׃ | 7 |
ئاندىن كېيىن لاۋىيلاردىن يەشۇيا، بانى، شەرەبىيا، يامىن، ئاككۇب، شاببىتاي، خودىيا، مائاسېياھ، كېلىتا، ئازارىيا، يوزاباد، ھانان ۋە پېلايالار خالايىققا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈردى؛ جامائەت ئۆرە تۇراتتى. |
וַֽיִּקְרְאוּ בַסֵּפֶר בְּתוֹרַת הָאֱלֹהִים מְפֹרָשׁ וְשׂוֹם שֶׂכֶל וַיָּבִינוּ בַּמִּקְרָֽא׃ | 8 |
ئۇلار جامائەتكە كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ بەردى ۋە ئوقۇلغاننى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى. |
וַיֹּאמֶר נְחֶמְיָה הוּא הַתִּרְשָׁתָא וְעֶזְרָא הַכֹּהֵן ׀ הַסֹּפֵר וְהַלְוִיִּם הַמְּבִינִים אֶת־הָעָם לְכׇל־הָעָם הַיּוֹם קָדֹֽשׁ־הוּא לַיהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם אַל־תִּֽתְאַבְּלוּ וְאַל־תִּבְכּוּ כִּי בוֹכִים כׇּל־הָעָם כְּשׇׁמְעָם אֶת־דִּבְרֵי הַתּוֹרָֽה׃ | 9 |
ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرا ۋە خەلققە قانۇننىڭ مەنىسىنى ئۆگىتىدىغان لاۋىيلار پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بۈگۈن خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈندۇر، يىغا-زار قىلماڭلار! ــ دېدى. چۈنكى خالايىقنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ يىغا-زار قىلىپ كېتىشكەنىدى. |
וַיֹּאמֶר לָהֶם לְכוּ אִכְלוּ מַשְׁמַנִּים וּשְׁתוּ מַֽמְתַקִּים וְשִׁלְחוּ מָנוֹת לְאֵין נָכוֹן לוֹ כִּֽי־קָדוֹשׁ הַיּוֹם לַאֲדֹנֵינוּ וְאַל־תֵּעָצֵבוּ כִּֽי־חֶדְוַת יְהֹוָה הִיא מָֽעֻזְּכֶֽם׃ | 10 |
ئاندىن [نەھەمىيا] ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، شەربەتلەرنى ئىچىڭلار، ئۆزىگە [يىمەك-ئىچمەك] تەييارلىيالمىغانلارغا يېمەك-ئىچمەك بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، دېدى. |
וְהַלְוִיִּם מַחְשִׁים לְכׇל־הָעָם לֵאמֹר הַסּוּ כִּי הַיּוֹם קָדֹשׁ וְאַל־תֵּעָצֵֽבוּ׃ | 11 |
لاۋىيلارمۇ: ــ بۈگۈن مۇقەددەس كۈن بولغاچقا، تىنچلىنىڭلار، غەمكىن بولماڭلار! ــ دەپ جامائەتنى تىنچلاندۇردى. |
וַיֵּלְכוּ כׇל־הָעָם לֶאֱכֹל וְלִשְׁתּוֹת וּלְשַׁלַּח מָנוֹת וְלַעֲשׂוֹת שִׂמְחָה גְדוֹלָה כִּי הֵבִינוּ בַּדְּבָרִים אֲשֶׁר הוֹדִיעוּ לָהֶֽם׃ | 12 |
جامائەت قايتىپ بېرىپ، يەپ-ئىچىشتى، باشقىلارغىمۇ يىمەك-ئىچمەك ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، شاد-خۇراملىققا چۆمدى؛ چۈنكى ئۇلار بېرىلگەن تەلىم سۆزلىرىنى چۈشەنگەنىدى. |
וּבַיּוֹם הַשֵּׁנִי נֶאֶסְפוּ רָאשֵׁי הָאָבוֹת לְכׇל־הָעָם הַכֹּֽהֲנִים וְהַלְוִיִּם אֶל־עֶזְרָא הַסֹּפֵר וּלְהַשְׂכִּיל אֶל־דִּבְרֵי הַתּוֹרָֽה׃ | 13 |
ئەتىسى خالايىق ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىۋاشلىرى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تەۋراتشۇناس ئەزرانىڭ يېنىغا يىغىلىپ، تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىپ پەم-پاراسەتكە ئېرىشمەكچى بولدى. |
וַֽיִּמְצְאוּ כָּתוּב בַּתּוֹרָה אֲשֶׁר צִוָּה יְהֹוָה בְּיַד־מֹשֶׁה אֲשֶׁר יֵשְׁבוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל בַּסֻּכּוֹת בֶּחָג בַּחֹדֶשׁ הַשְּׁבִיעִֽי׃ | 14 |
ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىللارغا يەتتىنچى ئايدىكى ھېيتتا كەپىلەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇقتى، |
וַאֲשֶׁר יַשְׁמִיעוּ וְיַעֲבִירוּ קוֹל בְּכׇל־עָרֵיהֶם וּבִירוּשָׁלַ͏ִם לֵאמֹר צְאוּ הָהָר וְהָבִיאוּ עֲלֵי־זַיִת וַעֲלֵי־עֵץ שֶׁמֶן וַעֲלֵי הֲדַס וַעֲלֵי תְמָרִים וַעֲלֵי עֵץ עָבֹת לַעֲשֹׂת סֻכֹּת כַּכָּתֽוּב׃ | 15 |
شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەرلەردە ۋە يېرۇسالېمدا: «سىلەر تاغقا چىقىپ، زەيتۇن شېخى بىلەن ياۋا زەيتۇن شاخلىرىنى، خاداس ئۆجمە شاخلىرىنى، خورما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان دەرەخ شاخلىرىنى ئەكىلىپ، تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى. |
וַיֵּצְאוּ הָעָם וַיָּבִיאוּ וַיַּעֲשׂוּ לָהֶם סֻכּוֹת אִישׁ עַל־גַּגּוֹ וּבְחַצְרֹתֵיהֶם וּבְחַצְרוֹת בֵּית הָאֱלֹהִים וּבִרְחוֹב שַׁעַר הַמַּיִם וּבִרְחוֹב שַׁעַר אֶפְרָֽיִם׃ | 16 |
شۇنىڭ بىلەن خالايىق چىقىپ شاخ ئەكىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ھەربىرى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىدە، ھويلىلىرىدا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا، «سۇ قوۋۇقى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا ۋە «ئەفرائىم دەرۋازىسى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا كەپىلەرنى ياساپ تىكتى. |
וַיַּֽעֲשׂוּ כׇֽל־הַקָּהָל הַשָּׁבִים מִן־הַשְּׁבִי ׀ סֻכּוֹת וַיֵּשְׁבוּ בַסֻּכּוֹת כִּי לֹֽא־עָשׂוּ מִימֵי יֵשׁוּעַ בִּן־נוּן כֵּן בְּנֵי יִשְׂרָאֵל עַד הַיּוֹם הַהוּא וַתְּהִי שִׂמְחָה גְּדוֹלָה מְאֹֽד׃ | 17 |
سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن پۈتكۈل جامائەت كەپىلەرنى ياساپ تىكتى ۋە شۇنداقلا كەپىلەرگە جايلاشتى؛ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى. ھەممەيلەن قاتتىق خۇشال بولۇشتى. |
וַיִּקְרָא בְּסֵפֶר תּוֹרַת הָאֱלֹהִים יוֹם ׀ בְּיוֹם מִן־הַיּוֹם הָֽרִאשׁוֹן עַד הַיּוֹם הָאַחֲרוֹן וַיַּֽעֲשׂוּ־חָג שִׁבְעַת יָמִים וּבַיּוֹם הַשְּׁמִינִי עֲצֶרֶת כַּמִּשְׁפָּֽט׃ | 18 |
بىرىنچى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە [ئەزرا] ھەركۈنى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى. ئۇلار يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى؛ سەككىزىنچى كۈنى بەلگىلىمە بويىچە تەنتەنىلىك ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. |