וַיָּקׇם אֶלְיָשִׁיב הַכֹּהֵן הַגָּדוֹל וְאֶחָיו הַכֹּהֲנִים וַיִּבְנוּ אֶת־שַׁעַר הַצֹּאן הֵמָּה קִדְּשׁוּהוּ וַֽיַּעֲמִידוּ דַּלְתֹתָיו וְעַד־מִגְדַּל הַמֵּאָה קִדְּשׁוּהוּ עַד מִגְדַּל חֲנַנְאֵֽל׃ | 1 |
شۇ چاغدا باش كاھىن ئەلىياشىب ۋە ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى قوپۇپ «قوي قوۋۇقى»نى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقتى؛ ئۇلار قوۋۇقنىڭ قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتاپ مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ ئۇلار «يۈزنىڭ مۇنارى» بىلەن «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى سېپىلنى ئوڭشاپ، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ |
וְעַל־יָדוֹ בָנוּ אַנְשֵׁי יְרֵחוֹ וְעַל־יָדוֹ בָנָה זַכּוּר בֶּן־אִמְרִֽי׃ | 2 |
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى يېرىخولۇقلار ياسىدى؛ يەنە ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى. |
וְאֵת שַׁעַר הַדָּגִים בָּנוּ בְּנֵי הַסְּנָאָה הֵמָּה קֵרוּהוּ וַֽיַּעֲמִידוּ דַּלְתֹתָיו מַנְעוּלָיו וּבְרִיחָֽיו׃ | 3 |
«بېلىق قوۋۇقى»نى سەنائاھنىڭ ئوغۇللىرى ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. |
וְעַל־יָדָם הֶחֱזִיק מְרֵמוֹת בֶּן־אוּרִיָּה בֶּן־הַקּוֹץ וְעַל־יָדָם הֶחֱזִיק מְשֻׁלָּם בֶּן־בֶּרֶכְיָה בֶּן־מְשֵׁיזַבְאֵל וְעַל־יָדָם הֶֽחֱזִיק צָדוֹק בֶּֽן־בַּעֲנָֽא׃ | 4 |
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت ياسىدى؛ ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى مەشەزابەلنىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى بائاناھنىڭ ئوغلى زادوك ياسىدى. |
וְעַל־יָדָם הֶחֱזִיקוּ הַתְּקוֹעִים וְאַדִּֽירֵיהֶם לֹא־הֵבִיאוּ צַוָּרָם בַּעֲבֹדַת אֲדֹנֵיהֶֽם׃ | 5 |
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى تەكوئالىقلار ياسىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئۆز خوجىسىنىڭ ئىشىنى زىممىسىگە ئىلىشقا ئۇنىمىدى. |
וְאֵת שַׁעַר הַיְשָׁנָה הֶחֱזִיקוּ יֽוֹיָדָע בֶּן־פָּסֵחַ וּמְשֻׁלָּם בֶּן־בְּסֽוֹדְיָה הֵמָּה קֵרוּהוּ וַֽיַּעֲמִידוּ דַּלְתֹתָיו וּמַנְעֻלָיו וּבְרִיחָֽיו׃ | 6 |
«كونا قوۋۇق»نى پاسىيانىڭ ئوغلى يەھودا بىلەن بېسودىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. |
וְעַל־יָדָם הֶחֱזִיק מְלַטְיָה הַגִּבְעֹנִי וְיָדוֹן הַמֵּרֹנֹתִי אַנְשֵׁי גִבְעוֹן וְהַמִּצְפָּה לְכִסֵּא פַּחַת עֵבֶר הַנָּהָֽר׃ | 7 |
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى گىبېئونلۇق مەلاتىيا، مېرونوتلۇق يادون ھەمدە دەريانىڭ بۇ غەربىي تەرىپىدىكى ۋالىيلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى گىبېئونلۇقلار بىلەن مىزپاھلىقلار ياسىدى. |
עַל־יָדוֹ הֶחֱזִיק עֻזִּיאֵל בֶּֽן־חַרְהֲיָה צֽוֹרְפִים וְעַל־יָדוֹ הֶחֱזִיק חֲנַנְיָה בֶּן־הָרַקָּחִים וַיַּֽעַזְבוּ יְרוּשָׁלַ͏ִם עַד הַחוֹמָה הָרְחָבָֽה׃ | 8 |
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى زەرگەرلەردىن بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىيەل ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى خۇشبۇي بۇيۇم ياسايدىغان ئەتىرچىلەردىن ھانانىيا ياسىدى. ئۇلار يېرۇسالېم [سېپىلىنى] تاكى «قېلىن تام»غىچە ئوڭشاپ ياسىدى. |
וְעַל־יָדָם הֶחֱזִיק רְפָיָה בֶן־חוּר שַׂר חֲצִי פֶּלֶךְ יְרוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 9 |
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان خۇرنىڭ ئوغلى رېفايا ياسىدى. |
וְעַל־יָדָם הֶחֱזִיק יְדָיָה בֶן־חֲרוּמַף וְנֶגֶד בֵּיתוֹ וְעַל־יָדוֹ הֶחֱזִיק חַטּוּשׁ בֶּן־חֲשַׁבְנְיָֽה׃ | 10 |
ئۇلارنىڭ يېنىدا، خارۇمافنىڭ ئوغلى يەدايا ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى خاشابنىيانىڭ ئوغلى ھاتتۇش ياسىدى. |
מִדָּה שֵׁנִית הֶחֱזִיק מַלְכִּיָּה בֶן־חָרִם וְחַשּׁוּב בֶּן־פַּחַת מוֹאָב וְאֵת מִגְדַּל הַתַּנּוּרִֽים׃ | 11 |
ھارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاھات-موئابنىڭ ئوغلى ھاششۇب سېپىلنىڭ باشقا بىر بۆلىكى بىلەن «خۇمدانلار مۇنارى»نى ياسىدى. |
וְעַל־יָדוֹ הֶחֱזִיק שַׁלּוּם בֶּן־הַלּוֹחֵשׁ שַׂר חֲצִי פֶּלֶךְ יְרוּשָׁלָ͏ִם הוּא וּבְנוֹתָֽיו׃ | 12 |
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى خاللوھەشنىڭ ئوغلى شاللوم ئۆزى ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ياسىدى. |
אֵת שַׁעַר הַגַּיְא הֶחֱזִיק חָנוּן וְיֹשְׁבֵי זָנוֹחַ הֵמָּה בָנוּהוּ וַֽיַּעֲמִידוּ דַּלְתֹתָיו מַנְעֻלָיו וּבְרִיחָיו וְאֶלֶף אַמָּה בַּחוֹמָה עַד שַׁעַר הָשְׁפֽוֹת׃ | 13 |
«جىلغا قوۋۇقى»نى ھانۇن بىلەن زانوئاھ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ياسىدى. ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە «تېزەك قوۋۇقى»غىچە مىڭ گەز سېپىلنىمۇ ياسىدى. |
וְאֵת ׀ שַׁעַר הָאַשְׁפּוֹת הֶחֱזִיק מַלְכִּיָּה בֶן־רֵכָב שַׂר פֶּלֶךְ בֵּית־הַכָּרֶם הוּא יִבְנֶנּוּ וְיַעֲמִיד דַּלְתֹתָיו מַנְעֻלָיו וּבְרִיחָֽיו׃ | 14 |
«تېزەك قوۋۇقى»نى بەيت-ھاككەرەم يۇرتىنىڭ باشلىقى رەكابنىڭ ئوغلى مالكىيا ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. |
וְאֵת שַׁעַר הָעַיִן הֶחֱזִיק שַׁלּוּן בֶּן־כׇּל־חֹזֶה שַׂר פֶּלֶךְ הַמִּצְפָּה הוּא יִבְנֶנּוּ וִיטַֽלְלֶנּוּ (ויעמידו) [וְיַעֲמִיד] דַּלְתֹתָיו מַנְעֻלָיו וּבְרִיחָיו וְאֵת חוֹמַת בְּרֵכַת הַשֶּׁלַח לְגַן־הַמֶּלֶךְ וְעַד־הַֽמַּעֲלוֹת הַיּוֹרְדוֹת מֵעִיר דָּוִֽיד׃ | 15 |
«بۇلاق قوۋۇقى»نى مىزپاھ يۇرتىنىڭ باشلىقى كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى شاللۇم ياسىدى. ئۇ ئۇنى ياساپ، ئۆگزىسىنى يېپىپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى سىلوئام كۆلىنىڭ سېپىلىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە يېڭىۋاشتىن ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיק נְחֶמְיָה בֶן־עַזְבּוּק שַׂר חֲצִי פֶּלֶךְ בֵּֽית־צוּר עַד־נֶגֶד קִבְרֵי דָוִיד וְעַד־הַבְּרֵכָה הָעֲשׂוּיָה וְעַד בֵּית הַגִּבֹּרִֽים׃ | 16 |
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى داۋۇتنىڭ قەبرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۈنئىي كۆلگە ھەم ئۇنىڭ كەينىدىكى «پالۋانلارنىڭ ئۆيى»گە قەدەر بەيت-زۇر يۇرتىنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ئازبۇكنىڭ ئوغلى نەھەمىيا ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיקוּ הַלְוִיִּם רְחוּם בֶּן־בָּנִי עַל־יָדוֹ הֶחֱזִיק חֲשַׁבְיָה שַׂר־חֲצִי־פֶלֶךְ קְעִילָה לְפִלְכּֽוֹ׃ | 17 |
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى لاۋىيلار ــ يەنى بانىنىڭ ئوغلى رەھۇم ياسىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى كېئىلاھنىڭ يېرىم يۇرتىنىڭ ھاكىمى ھاشابىيا ئۆز يۇرتىغا ۋاكالىتەن ياساپ چىقتى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיקוּ אֲחֵיהֶם בַּוַּי בֶּן־חֵנָדָד שַׂר חֲצִי פֶּלֶךְ קְעִילָֽה׃ | 18 |
ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ــ كېئىلاھنىڭ ئىككىنچى يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ھېنادادنىڭ ئوغلى باۋاي ياسىدى. |
וַיְחַזֵּק עַל־יָדוֹ עֵזֶר בֶּן־יֵשׁוּעַ שַׂר הַמִּצְפָּה מִדָּה שֵׁנִית מִנֶּגֶד עֲלֹת הַנֶּשֶׁק הַמִּקְצֹֽעַ׃ | 19 |
ئۇنىڭ يېنىدا، مىزپاھنىڭ ھاكىمى يەشۇيانىڭ ئوغلى ئېزەر قورال-ياراغ ئامبىرىغا چىقىش يولىنىڭ ئۇدۇلىدا، سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىكى يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱרָה הֶחֱזִיק בָּרוּךְ בֶּן־[זַכַּי] (זבי) מִדָּה שֵׁנִית מִן־הַמִּקְצוֹעַ עַד־פֶּתַח בֵּית אֶלְיָשִׁיב הַכֹּהֵן הַגָּדֽוֹל׃ | 20 |
زابباينىڭ ئوغلى بارۇق ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىن تاكى باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיק מְרֵמוֹת בֶּן־אוּרִיָּה בֶּן־הַקּוֹץ מִדָּה שֵׁנִית מִפֶּתַח בֵּית אֶלְיָשִׁיב וְעַד־תַּכְלִית בֵּית אֶלְיָשִֽׁיב׃ | 21 |
ئۇنىڭ يېنىدا ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت سېپىلنىڭ ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىدىن تاكى ئەلىياشىبنىڭ ھويلىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. |
וְאַחֲרָיו הֶחֱזִיקוּ הַכֹּהֲנִים אַנְשֵׁי הַכִּכָּֽר׃ | 22 |
بۇلاردىن كېيىنكى بىر قىسمىنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكىلەر، كاھىنلار ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיק בִּנְיָמִן וְחַשּׁוּב נֶגֶד בֵּיתָם אַחֲרָיו הֶחֱזִיק עֲזַרְיָה בֶן־מַעֲשֵׂיָה בֶּן־עֲנָֽנְיָה אֵצֶל בֵּיתֽוֹ׃ | 23 |
بۇلارنىڭ يېنىدا، بىنيامىن بىلەن ھاششۇب ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇلاردىن كېيىن ئانانىيانىڭ نەۋرىسى، مائاسېياھنىڭ ئوغلى ئازارىيا ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قىسىمنى ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיק בִּנּוּי בֶּן־חֵנָדָד מִדָּה שֵׁנִית מִבֵּית עֲזַרְיָה עַד־הַמִּקְצוֹעַ וְעַד־הַפִּנָּֽה׃ | 24 |
ئۇنىڭ يېنىدا، ئازارىيانىڭ ئۆيىدىن تاكى سېپىلنىڭ دوقمۇشىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ھېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇئىي ياسىدى. |
פָּלָל בֶּן־אוּזַי מִנֶּגֶד הַמִּקְצוֹעַ וְהַמִּגְדָּל הַיּוֹצֵא מִבֵּית הַמֶּלֶךְ הָֽעֶלְיוֹן אֲשֶׁר לַחֲצַר הַמַּטָּרָה אַחֲרָיו פְּדָיָה בֶן־פַּרְעֹֽשׁ׃ | 25 |
[ئۇنىڭ يېنىدا]، ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دوقمۇشى، شۇنىڭدەك ئوردىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان، زىندان ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئېگىز مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر بۆلىكىنى پاروشنىڭ ئوغلى پىدايا ياسىدى. |
וְהַנְּתִינִים הָיוּ יֹשְׁבִים בָּעֹפֶל עַד נֶגֶד שַׁעַר הַמַּיִם לַמִּזְרָח וְהַמִּגְדָּל הַיּוֹצֵֽא׃ | 26 |
ئەمدى ئوفەلدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە چوقچىيىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىلنى ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיקוּ הַתְּקֹעִים מִדָּה שֵׁנִית מִנֶּגֶד הַמִּגְדָּל הַגָּדוֹל הַיּוֹצֵא וְעַד חוֹמַת הָעֹֽפֶל׃ | 27 |
چوقچىيىپ تۇرغان چوڭ مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدا تەكوئالىقلار تاكى ئوفەل سېپىلىغىچە بولغان ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. |
מֵעַל ׀ שַׁעַר הַסּוּסִים הֶחֱזִיקוּ הַכֹּהֲנִים אִישׁ לְנֶגֶד בֵּיתֽוֹ׃ | 28 |
«ئات قوۋۇقى»نىڭ يۇقىرى بىر بۆلىكىنى كاھىنلار ھەربىرى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. |
אַחֲרָיו הֶחֱזִיק צָדוֹק בֶּן־אִמֵּר נֶגֶד בֵּיתוֹ וְאַחֲרָיו הֶחֱזִיק שְׁמַֽעְיָה בֶן־שְׁכַנְיָה שֹׁמֵר שַׁעַר הַמִּזְרָֽח׃ | 29 |
ئىممەرنىڭ ئوغلى زادوك ئۇلارنىڭ يېنىدا، كېيىنكى قىسمىنى، ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى «شەرقىي دەرۋازا»نىڭ دەرۋازىۋەنى شېكانىيانىڭ ئوغلى شېمايا ياسىدى. |
(אחרי) [אַחֲרָיו] הֶחֱזִיק חֲנַנְיָה בֶן־שֶׁלֶמְיָה וְחָנוּן בֶּן־צָלָף הַשִּׁשִּׁי מִדָּה שֵׁנִי אַחֲרָיו הֶחֱזִיק מְשֻׁלָּם בֶּן־בֶּרֶכְיָה נֶגֶד נִשְׁכָּתֽוֹ׃ | 30 |
ئۇنىڭ يېنىدا، شەلەمىيانىڭ ئوغلى ھانانىيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ھانۇن ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ يېنىدا، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ئۆز قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلەكنى ياسىدى. |
(אחרי) [אַחֲרָיו] הֶחֱזִיק מַלְכִּיָּה בֶּן־הַצֹּרְפִי עַד־בֵּית הַנְּתִינִים וְהָרֹכְלִים נֶגֶד שַׁעַר הַמִּפְקָד וְעַד עֲלִיַּת הַפִּנָּֽה׃ | 31 |
ئۇنىڭ يېنىدا، شۇ يەردىن تارتىپ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ قورۇلىرىدىن ئۆتۈپ، «تەكشۈرۈش قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىنىڭ بالىخانىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى زەرگەرلەردىن بولغان مالكىيا ياسىدى. |
וּבֵין עֲלִיַּת הַפִּנָּה לְשַׁעַר הַצֹּאן הֶחֱזִיקוּ הַצֹּרְפִים וְהָרֹכְלִֽים׃ | 32 |
دوقمۇشنىڭ بالىخانىسى بىلەن «قوي قوۋۇقى»نىڭ ئارىلىقىدىكى بۆلەكنى زەرگەرلەر بىلەن سودىگەرلەر ياسىدى. |