בַּיּוֹם הַהוּא נִקְרָא בְּסֵפֶר מֹשֶׁה בְּאׇזְנֵי הָעָם וְנִמְצָא כָּתוּב בּוֹ אֲשֶׁר לֹא־יָבוֹא עַמֹּנִי וּמוֹאָבִי בִּקְהַל הָאֱלֹהִים עַד־עוֹלָֽם׃ | 1 |
شۇ كۈندە مۇسانىڭ كىتابى جامائەت ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى، كىتابتا: ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار مەڭگۈ خۇدانىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن، |
כִּי לֹא קִדְּמוּ אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל בַּלֶּחֶם וּבַמָּיִם וַיִּשְׂכֹּר עָלָיו אֶת־בִּלְעָם לְקַֽלְלוֹ וַיַּהֲפֹךְ אֱלֹהֵינוּ הַקְּלָלָה לִבְרָכָֽה׃ | 2 |
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللارنى ئوزۇقلۇق ۋە سۇ ئەكىلىپ قارشى ئالماي، ئەكسىچە ئۇلارنى قارغاشقا بالائامنى ياللىۋالغان؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز ئۇ قارغاشلارنى بەخت-بەرىكەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن، دەپ يېزىلغان سۆزلەر چىقتى. |
וַיְהִי כְּשׇׁמְעָם אֶת־הַתּוֹרָה וַיַּבְדִּילוּ כׇל־עֵרֶב מִיִּשְׂרָאֵֽל׃ | 3 |
شۇنداق بولدىكى، جامائەت بۇ قانۇن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بارلىق شالغۇت كىشىلەرنى ئىلغاپ چىقىرىۋەتتى. |
וְלִפְנֵי מִזֶּה אֶלְיָשִׁיב הַכֹּהֵן נָתוּן בְּלִשְׁכַּת בֵּית־אֱלֹהֵינוּ קָרוֹב לְטוֹבִיָּֽה׃ | 4 |
بۇ ئىشتىن ئاۋۋال، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كاھىن ئەلىياشىب توبىيانىڭ تۇغقىنى بولۇپ، |
וַיַּעַשׂ לוֹ לִשְׁכָּה גְדוֹלָה וְשָׁם הָיוּ לְפָנִים נֹתְנִים אֶת־הַמִּנְחָה הַלְּבוֹנָה וְהַכֵּלִים וּמַעְשַׂר הַדָּגָן הַתִּירוֹשׁ וְהַיִּצְהָר מִצְוַת הַלְוִיִּם וְהַמְשֹׁרְרִים וְהַשּׁוֹעֲרִים וּתְרוּמַת הַכֹּהֲנִֽים׃ | 5 |
ئۇنىڭغا كەڭرى بىر ئۆينى تەييارلاپ بەرگەنىدى. شۇ ئۆيدە ئىلگىرى ئاشلىق ھەدىيەلەر، مەستىكى، قاچا-قۇچا، شۇنىڭدەك لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە بېرىشكە بۇيرۇلغان ئاشلىق ئۆشرىلەر، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيى، شۇنداقلا كاھىنلارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە قۇربانلىق»لار ساقلىناتتى. |
וּבְכׇל־זֶה לֹא הָיִיתִי בִּֽירוּשָׁלָ͏ִם כִּי בִּשְׁנַת שְׁלֹשִׁים וּשְׁתַּיִם לְאַרְתַּחְשַׁסְתְּא מֶֽלֶךְ־בָּבֶל בָּאתִי אֶל־הַמֶּלֶךְ וּלְקֵץ יָמִים נִשְׁאַלְתִּי מִן־הַמֶּֽלֶךְ׃ | 6 |
بۇ ۋاقىتلاردا مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى ئارتاخشاشتانىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەنىدىم؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن يەنە پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ |
וָאָבוֹא לִֽירוּשָׁלָ͏ִם וָאָבִינָה בָרָעָה אֲשֶׁר עָשָׂה אֶלְיָשִׁיב לְטוֹבִיָּה לַעֲשׂוֹת לוֹ נִשְׁכָּה בְּחַצְרֵי בֵּית הָאֱלֹהִֽים׃ | 7 |
يېرۇسالېمغا قايتىپ بارسام، ئەلىياشىبنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا توبىياغا ئۆي ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدەك رەزىل ئىشنى ئۇقتۇم. |
וַיֵּרַֽע לִי מְאֹד וָֽאַשְׁלִיכָה אֶֽת־כׇּל־כְּלֵי בֵית־טוֹבִיָּה הַחוּץ מִן־הַלִּשְׁכָּֽה׃ | 8 |
بۇ ئىش مېنى قاتتىق ئازابلىدى، مەن توبىيانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى قويماي تالاغا تاشلاتقۇزىۋەتتىم. |
וָאֹמְרָה וַֽיְטַהֲרוּ הַלְּשָׁכוֹת וָאָשִׁיבָה שָּׁם כְּלֵי בֵּית הָאֱלֹהִים אֶת־הַמִּנְחָה וְהַלְּבוֹנָֽה׃ | 9 |
مەن يەنە ئەمر قىلىپ، ئۇ ئۆيلەرنى پاكلاتقۇزۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچا، ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن مەستىكنى ئۇ يەرگە ئەكىرگۈزۈپ قويدۇم. |
וָאֵדְעָה כִּֽי־מְנָיוֹת הַלְוִיִּם לֹא נִתָּנָה וַיִּבְרְחוּ אִישׁ־לְשָׂדֵהוּ הַלְוִיִּם וְהַמְשֹׁרְרִים עֹשֵׂי הַמְּלָאכָֽה׃ | 10 |
مەن يەنە خەقلەرنىڭ لاۋىيلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بەرمىگەنلىكىنى، ھەتتا ۋەزىپىگە قويۇلغان لاۋىيلار بىلەن غەزەلكەشلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز يەر-ئېتىزلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم؛ |
וָאָרִיבָה אֶת־הַסְּגָנִים וָאֹמְרָה מַדּוּעַ נֶעֱזַב בֵּית־הָאֱלֹהִים וָֽאֶקְבְּצֵם וָֽאַעֲמִדֵם עַל־עׇמְדָֽם׃ | 11 |
شۇڭا مەن ئەمەلدارلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆيى شۇنداق تاشلىۋېتىلدى؟! ــ دەپ، [لاۋىيلارنى] يىغىپ ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزدۇم. |
וְכׇל־יְהוּדָה הֵבִיאוּ מַעְשַׂר הַדָּגָן וְהַתִּירוֹשׁ וְהַיִּצְהָר לָאוֹצָרֽוֹת׃ | 12 |
ئاندىن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئاشلىق ئۆشرىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيىنى خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى. |
וָאוֹצְרָה עַל־אוֹצָרוֹת שֶׁלֶמְיָה הַכֹּהֵן וְצָדוֹק הַסּוֹפֵר וּפְדָיָה מִן־הַלְוִיִּם וְעַל־יָדָם חָנָן בֶּן־זַכּוּר בֶּן־מַתַּנְיָה כִּי נֶאֱמָנִים נֶחְשָׁבוּ וַעֲלֵיהֶם לַחֲלֹק לַאֲחֵיהֶֽם׃ | 13 |
مەن خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا خەزىنىچى-ئامبارچىلارنى تەيىنلىدىم؛ ئۇلار كاھىن شەلەمىيا، تەۋراتشۇناس زادوك بىلەن لاۋىيلاردىن بولغان پىدايا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ماتتانىيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى ھانان بار ئىدى؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى سادىق، ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىناتتى؛ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قېرىنداشلىرىغا تېگىشلىك ئۈلۈشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش ئىدى. |
זׇכְרָה־לִּי אֱלֹהַי עַל־זֹאת וְאַל־תֶּמַח חֲסָדַי אֲשֶׁר עָשִׂיתִי בְּבֵית אֱלֹהַי וּבְמִשְׁמָרָֽיו׃ | 14 |
ــ «ئاھ خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، خۇدايىمنىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرىمنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!» |
בַּיָּמִים הָהֵמָּה רָאִיתִי בִֽיהוּדָה ׀ דֹּֽרְכִֽים־גִּתּוֹת ׀ בַּשַּׁבָּת וּמְבִיאִים הָעֲרֵמוֹת וְֽעֹמְסִים עַל־הַחֲמֹרִים וְאַף־יַיִן עֲנָבִים וּתְאֵנִים וְכׇל־מַשָּׂא וּמְבִיאִים יְרוּשָׁלַ͏ִם בְּיוֹם הַשַּׁבָּת וָאָעִיד בְּיוֹם מִכְרָם צָֽיִד׃ | 15 |
شۇ كۈنلەردىمۇ مەن يەھۇدىيەدە بەزىلەرنىڭ شابات كۈنلىرىدە شاراب كۆلچەكلىرىنى چەيلەۋاتقىنىنى، ئۆنچىلەرنى باغلاپ، بۇلارنى ۋە شۇنىڭدەك شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەرخىل يۈكلەرنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، توشۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم؛ ئۇلار بۇلارنى يېرۇسالېمغا شابات كۈنىدە ئېلىپ كىردى؛ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئاش-تۈلۈكلەرنى سېتىپ يۈرگەن كۈنى مەن ئۇلارنى گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. |
וְהַצֹּרִים יָשְׁבוּ בָהּ מְבִיאִים דָּאג וְכׇל־מֶכֶר וּמוֹכְרִים בַּשַּׁבָּת לִבְנֵי יְהוּדָה וּבִירוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 16 |
يەنە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان بەزى تۇرلۇقلار بېلىق ۋە ھەرخىل مال-تاۋارلارنى توشۇپ كېلىپ شابات كۈنى يەھۇدىيەلىكلەرگە ساتىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇلارنى يېرۇسالېمدا ساتىدىكەن! |
וָאָרִיבָה אֵת חֹרֵי יְהוּדָה וָאֹמְרָה לָהֶם מָֽה־הַדָּבָר הָרָע הַזֶּה אֲשֶׁר אַתֶּם עֹשִׂים וּֽמְחַלְּלִים אֶת־יוֹם הַשַּׁבָּֽת׃ | 17 |
شۇ سەۋەبتىن مەن يەھۇدىيە ئەمىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەرنىڭ شابات كۈنىنى بۇلغاپ، رەزىل ئىش قىلغىنىڭلار نېمىسى؟ |
הֲלוֹא כֹה עָשׂוּ אֲבֹתֵיכֶם וַיָּבֵא אֱלֹהֵינוּ עָלֵינוּ אֵת כׇּל־הָרָעָה הַזֹּאת וְעַל הָעִיר הַזֹּאת וְאַתֶּם מוֹסִיפִים חָרוֹן עַל־יִשְׂרָאֵל לְחַלֵּל אֶת־הַשַּׁבָּֽת׃ | 18 |
ئىلگىرى ئاتا-بوۋاڭلار ئوخشاش ئىشنى قىلغان ئەمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بىزنىڭ بېشىمىزغا ۋە بۇ شەھەرگە ھازىرقى بۇ بالايىئاپەتنى ياغدۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر شابات كۈنىنى بۇلغاپ، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ياغدۇرىدىغان بولدۇڭلار، دېدىم. |
וַיְהִי כַּאֲשֶׁר צָֽלְלוּ שַׁעֲרֵי יְרוּשָׁלַ͏ִם לִפְנֵי הַשַּׁבָּת וָאֹֽמְרָה וַיִּסָּגְרוּ הַדְּלָתוֹת וָאֹמְרָה אֲשֶׁר לֹא יִפְתָּחוּם עַד אַחַר הַשַּׁבָּת וּמִנְּעָרַי הֶֽעֱמַדְתִּי עַל־הַשְּׁעָרִים לֹא־יָבוֹא מַשָּׂא בְּיוֹם הַשַּׁבָּֽת׃ | 19 |
شۇڭا، شۇنداق بولدىكى، شابات كۈنىدىن ئىلگىرى، گۇگۇم سايىسى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرىغا چۈشكەن ۋاقتىدا، مەن شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئېتىشنى بۇيرۇدۇم ۋە شۇنىڭدەك شابات كۈنى ئۆتۈپ كەتكۈچە قوۋۇقلارنى ئاچماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇم. مەن يەنە ھېچقانداق يۈكنىڭ توشۇلۇپ قوۋۇقلاردىن كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىمنىڭ بەزىلىرىنى شەھەر قوۋۇقلىرىغا كۆزەتچى قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. |
וַיָּלִינוּ הָרֹכְלִים וּמֹכְרֵי כׇל־מִמְכָּר מִחוּץ לִירוּשָׁלָ͏ִם פַּעַם וּשְׁתָּֽיִם׃ | 20 |
شۇنداق بولسىمۇ سودىگەرلەر ۋە ھەرخىل مال-تاۋار ساتىدىغانلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا تۈنىدى. |
וָאָעִידָה בָהֶם וָאֹמְרָה אֲלֵיהֶם מַדּוּעַ אַתֶּם לֵנִים נֶגֶד הַחוֹמָה אִם־תִּשְׁנוּ יָד אֶשְׁלַח בָּכֶם מִן־הָעֵת הַהִיא לֹא־בָאוּ בַּשַּׁבָּֽת׃ | 21 |
مەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ سىلەر نېمىشقا سېپىلنىڭ ئالدىدا تۈنەيسىلەر؟ يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، مەن ئۈستۈڭلارغا قول سالىمەن، دېۋىدىم، ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ شابات كۈنىدە كەلمىدى. |
וָאֹמְרָה לַלְוִיִּם אֲשֶׁר יִֽהְיוּ מִֽטַּהֲרִים וּבָאִים שֹׁמְרִים הַשְּׁעָרִים לְקַדֵּשׁ אֶת־יוֹם הַשַּׁבָּת גַּם־זֹאת זׇכְרָה־לִּי אֱלֹהַי וְחוּסָה עָלַי כְּרֹב חַסְדֶּֽךָ׃ | 22 |
ئاندىن شابات كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەن لاۋىيلارغا: ــ ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار؛ ئاندىن كېلىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى بېقىڭلار، دېدىم. ــ «ئى خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىنمۇ مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ زور ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى ئايىغايسەن!» |
גַּם ׀ בַּיָּמִים הָהֵם רָאִיתִי אֶת־הַיְּהוּדִים הֹשִׁיבוּ נָשִׁים (אשדודיות) [אַשְׁדֳּדִיּוֹת] (עמוניות) [עַמֳּנִיּוֹת] מוֹאֲבִיּֽוֹת׃ | 23 |
شۇ كۈنلەردە مەن يەنە ئاشدود، ئاممون ۋە موئاب قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغان بەزى يەھۇدالارنى بايقىدىم. |
וּבְנֵיהֶם חֲצִי מְדַבֵּר אַשְׁדּוֹדִית וְאֵינָם מַכִּירִים לְדַבֵּר יְהוּדִית וְכִלְשׁוֹן עַם וָעָֽם׃ | 24 |
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يېرىمى ئاشدودچە سۆزلەيدىكەن (ۋە ياكى يۇقىرىقى ئەللەرنىڭ بىرىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان) ۋە يەھۇدىي تىلىدا شۆزلىيەلمەيدىكەن. |
וָאָרִיב עִמָּם וָאֲקַֽלְלֵם וָאַכֶּה מֵהֶם אֲנָשִׁים וָֽאֶמְרְטֵם וָאַשְׁבִּיעֵם בֵּֽאלֹהִים אִם־תִּתְּנוּ בְנֹֽתֵיכֶם לִבְנֵיהֶם וְאִם־תִּשְׂאוּ מִבְּנֹתֵיהֶם לִבְנֵיכֶם וְלָכֶֽם׃ | 25 |
مەن ئۇلارنى [سوقۇشۇپ] ئەيىبلىدىم، ئۇلارنى قارغىدىم، بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ چاچ-ساقاللىرىنى يۇلدۇم، خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئوغۇللىرىڭلارغىمۇ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ئۇلاردىن قىز ئالمايسىلەر! |
הֲלוֹא עַל־אֵלֶּה חָטָֽא־שְׁלֹמֹה מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל וּבַגּוֹיִם הָרַבִּים לֹֽא־הָיָה מֶלֶךְ כָּמֹהוּ וְאָהוּב לֵֽאלֹהָיו הָיָה וַיִּתְּנֵהוּ אֱלֹהִים מֶלֶךְ עַל־כׇּל־יִשְׂרָאֵל גַּם־אוֹתוֹ הֶחֱטִיאוּ הַנָּשִׁים הַנׇּכְרִיּֽוֹת׃ | 26 |
ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشلاردا گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق پادىشاھ يوق ئىدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، خۇدا ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەتتا ئۇنىمۇ يات ئەللىك ئاياللار ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتقۇزغان. |
וְלָכֶם הֲנִשְׁמַע לַעֲשֹׂת אֵת כׇּל־הָרָעָה הַגְּדוֹלָה הַזֹּאת לִמְעֹל בֵּֽאלֹהֵינוּ לְהֹשִׁיב נָשִׁים נׇכְרִיּֽוֹת׃ | 27 |
ئەمدى سىلەرنىڭ گېپىڭلارغا كىرىپ بۇنداق چوڭ رەزىللىك قىلىپ، يات ئەللىك قىزلارنى ئېلىپ خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدىم. |
וּמִבְּנֵי יוֹיָדָע בֶּן־אֶלְיָשִׁיב הַכֹּהֵן הַגָּדוֹל חָתָן לְסַנְבַלַּט הַחֹרֹנִי וָאַבְרִיחֵהוּ מֵעָלָֽי׃ | 28 |
باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى، يويادانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھورونلۇق سانباللاتنىڭ كۈيئوغلى ئىدى؛ مەن ئۇنى يېنىمدىن قوغلىۋەتتىم. |
זׇכְרָה לָהֶם אֱלֹהָי עַל גׇּאֳלֵי הַכְּהֻנָּה וּבְרִית הַכְּהֻנָּה וְהַלְוִיִּֽם׃ | 29 |
ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!». |
וְטִֽהַרְתִּים מִכׇּל־נֵכָר וָאַעֲמִידָה מִשְׁמָרוֹת לַכֹּהֲנִים וְלַלְוִיִּם אִישׁ בִּמְלַאכְתּֽוֹ׃ | 30 |
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن نېرى قىلىپ پاكلاندۇردۇم ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىمۇ [يېڭىۋاشتىن] بەلگىلەپ، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلدىم. |
וּלְקֻרְבַּן הָעֵצִים בְּעִתִּים מְזֻמָּנוֹת וְלַבִּכּוּרִים זׇכְרָה־לִּי אֱלֹהַי לְטוֹבָֽה׃ | 31 |
مەن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ئوتۇن-ياغاچ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە دەسلەپكى ھوسۇلنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشقىمۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئاھ خۇدايىم، مېنى يادىڭدا تۇتۇپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!». |