וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹֽר׃ | 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
צַו אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְיִקְחוּ אֵלֶיךָ שֶׁמֶן זַיִת זָךְ כָּתִית לַמָּאוֹר לְהַעֲלֹת נֵר תָּמִֽיד׃ | 2 |
ئىسرائىللارغا چىراغ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى ساڭا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغىن. |
מִחוּץ לְפָרֹכֶת הָעֵדֻת בְּאֹהֶל מוֹעֵד יַעֲרֹךְ אֹתוֹ אַהֲרֹן מֵעֶרֶב עַד־בֹּקֶר לִפְנֵי יְהֹוָה תָּמִיד חֻקַּת עוֹלָם לְדֹרֹֽתֵיכֶֽם׃ | 3 |
ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنى شۇنداق پەرلەپ تۇرسۇن. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. |
עַל הַמְּנֹרָה הַטְּהֹרָה יַעֲרֹךְ אֶת־הַנֵּרוֹת לִפְנֵי יְהֹוָה תָּמִֽיד׃ | 4 |
ھارۇن ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ چىراغلارنى پاك چىراغداننىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويسۇن. |
וְלָקַחְתָּ סֹלֶת וְאָפִיתָ אֹתָהּ שְׁתֵּים עֶשְׂרֵה חַלּוֹת שְׁנֵי עֶשְׂרֹנִים יִהְיֶה הַֽחַלָּה הָאֶחָֽת׃ | 5 |
سەن يەنە ئېسىل بۇغداي ئۇنىدىن ئون ئىككى توقاچنى ئەتكىن. ھەربىر توقاچ بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىگە باراۋەر بولسۇن. |
וְשַׂמְתָּ אוֹתָם שְׁתַּיִם מַֽעֲרָכוֹת שֵׁשׁ הַֽמַּעֲרָכֶת עַל הַשֻּׁלְחָן הַטָּהֹר לִפְנֵי יְהֹוָֽה׃ | 6 |
ئاندىن سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پاك شىرەنىڭ ئۈستىگە ئالتىدىن ئىككى قاتار قىلىپ تىزغىن. |
וְנָתַתָּ עַל־הַֽמַּעֲרֶכֶת לְבֹנָה זַכָּה וְהָיְתָה לַלֶּחֶם לְאַזְכָּרָה אִשֶּׁה לַֽיהֹוָֽה׃ | 7 |
ھەربىر قاتارنىڭ ئۈستىگە ساپ مەستىكى قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە، ئەسلەتمە نان بولىدۇ. |
בְּיוֹם הַשַּׁבָּת בְּיוֹם הַשַּׁבָּת יַֽעַרְכֶנּוּ לִפְנֵי יְהֹוָה תָּמִיד מֵאֵת בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל בְּרִית עוֹלָֽם׃ | 8 |
بۇلارنى ئۇ ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر شابات كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزسۇن؛ بۇ ئەبەدىي بىر ئەھدىدۇر. |
וְהָֽיְתָה לְאַהֲרֹן וּלְבָנָיו וַאֲכָלֻהוּ בְּמָקוֹם קָדֹשׁ כִּי קֹדֶשׁ קׇֽדָשִׁים הוּא לוֹ מֵאִשֵּׁי יְהֹוָה חׇק־עוֹלָֽם׃ | 9 |
نانلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنى مۇقەددەس جايدا يېسۇن؛ چۈنكى بۇ نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان نەرسىلەر ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» دەپ سانىلىپ، ھارۇنغا تەۋە بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر. |
וַיֵּצֵא בֶּן־אִשָּׁה יִשְׂרְאֵלִית וְהוּא בֶּן־אִישׁ מִצְרִי בְּתוֹךְ בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וַיִּנָּצוּ בַּֽמַּחֲנֶה בֶּן הַיִּשְׂרְאֵלִית וְאִישׁ הַיִּשְׂרְאֵלִֽי׃ | 10 |
ئانىسى ئىسرائىلىي، ئاتىسى مىسىرلىق بىر ئوغۇل بار ئىدى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا باردى؛ ئۇ چېدىرگاھتا بىر ئىسرائىلىي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى. |
וַיִּקֹּב בֶּן־הָֽאִשָּׁה הַיִּשְׂרְאֵלִית אֶת־הַשֵּׁם וַיְקַלֵּל וַיָּבִיאוּ אֹתוֹ אֶל־מֹשֶׁה וְשֵׁם אִמּוֹ שְׁלֹמִית בַּת־דִּבְרִי לְמַטֵּה־דָֽן׃ | 11 |
ئۇلار سوقۇشقاندا ئىسرائىلىي ئايالنىڭ ئوغلى كۇپۇرلۇق قىلىپ، [مۇقەددەس] نامنى بۇلغاپ قارغىدى. خەلق ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شېلومىت بولۇپ، ئۇ دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى. |
וַיַּנִּיחֻהוּ בַּמִּשְׁמָר לִפְרֹשׁ לָהֶם עַל־פִּי יְהֹוָֽה׃ | 12 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە ئۇ كىشىنى سولاپ قويدى. |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹֽר׃ | 13 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
הוֹצֵא אֶת־הַֽמְקַלֵּל אֶל־מִחוּץ לַֽמַּחֲנֶה וְסָמְכוּ כׇֽל־הַשֹּׁמְעִים אֶת־יְדֵיהֶם עַל־רֹאשׁוֹ וְרָגְמוּ אֹתוֹ כׇּל־הָעֵדָֽה׃ | 14 |
قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار. ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن پۈتكۈل جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. |
וְאֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל תְּדַבֵּר לֵאמֹר אִישׁ אִישׁ כִּֽי־יְקַלֵּל אֱלֹהָיו וְנָשָׂא חֶטְאֽוֹ׃ | 15 |
ھەمدە سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىركىم ئۆز خۇداسىنى ھاقارەتلەپ قارغىسا ئۆز گۇناھىنى تارتىدۇ. |
וְנֹקֵב שֵׁם־יְהֹוָה מוֹת יוּמָת רָגוֹם יִרְגְּמוּ־בוֹ כׇּל־הָעֵדָה כַּגֵּר כָּֽאֶזְרָח בְּנׇקְבוֹ־שֵׁם יוּמָֽת׃ | 16 |
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ پۈتكۈل جامائەت چوقۇم بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ مەيلى ئۇ مۇساپىر بولسۇن ياكى يەرلىك بولسۇن، [مۇقەددەس] نامغا كۇپۇرلۇق قىلسا ئۆلتۈرۈلسۇن. |
וְאִישׁ כִּי יַכֶּה כׇּל־נֶפֶשׁ אָדָם מוֹת יוּמָֽת׃ | 17 |
ئەگەر بىرسى باشقا بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. |
וּמַכֵּה נֶֽפֶשׁ־בְּהֵמָה יְשַׁלְּמֶנָּה נֶפֶשׁ תַּחַת נָֽפֶשׁ׃ | 18 |
بىرسى بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋاننى تۆلەپ، جانغا-جان تۆلەپ بەرسۇن. |
וְאִישׁ כִּֽי־יִתֵּן מוּם בַּעֲמִיתוֹ כַּאֲשֶׁר עָשָׂה כֵּן יֵעָשֶׂה לּֽוֹ׃ | 19 |
بىركىم ئۆز قوشنىسىنى مېيىپ قىلسا، ئۇ ئۆزگىگە قانداق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىنسۇن. |
שֶׁבֶר תַּחַת שֶׁבֶר עַיִן תַּחַת עַיִן שֵׁן תַּחַת שֵׁן כַּאֲשֶׁר יִתֵּן מוּם בָּֽאָדָם כֵּן יִנָּתֶן בּֽוֹ׃ | 20 |
بىرەر ئەزاسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ سۇندۇرۇلسۇن؛ كۆزىگە-كۆز، چىشىغا-چىش ناكار قىلىنسۇن؛ باشقا كىشىنى قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلىنسۇن. |
וּמַכֵּה בְהֵמָה יְשַׁלְּמֶנָּה וּמַכֵּה אָדָם יוּמָֽת׃ | 21 |
كىمدەكىم بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، چارپاي تۆلەپ بەرسۇن؛ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى بولسا، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنسۇن. |
מִשְׁפַּט אֶחָד יִהְיֶה לָכֶם כַּגֵּר כָּאֶזְרָח יִהְיֶה כִּי אֲנִי יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶֽם׃ | 22 |
سىلەردە بىرلا قانۇن بولسۇن. مۇساپىر ياكى يەرلىك بولسۇن، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسۇن؛ چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
וַיְדַבֵּר מֹשֶׁה אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וַיּוֹצִיאוּ אֶת־הַֽמְקַלֵּל אֶל־מִחוּץ לַֽמַּחֲנֶה וַיִּרְגְּמוּ אֹתוֹ אָבֶן וּבְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל עָשׂוּ כַּֽאֲשֶׁר צִוָּה יְהֹוָה אֶת־מֹשֶֽׁה׃ | 23 |
مۇسا ئىسرائىللارغا شۇلارنى دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلدى. |